يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1921 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 100|نەقىل: 0

ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىغا قىلغان تۇنجى سەپىرىگە نەزەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
237 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
642

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 11:31:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىغا قىلغان تۇنجى سەپىرىگە نەزەر


بۇنىڭدىن 40 يىل مۇقەددەم، ئامېرىكىلىق ئۇچقۇچى ئارمستروڭ تۇنجى بولۇپ ئايشارىغا قەدەم باسقانىدى ھەمدە ‹‹بۇ مەن ئۈچۈن كىچىككىنە بىر قەدەم بولسىمۇ، ئەمما ئىنسانىيەت ئۈچۈن قۇتلۇق قەدەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ››، دېگەن مەشھۇر سۆزنى قىلغانىدى. تۆۋەندە بىز ئارمستروڭ ۋاپات بولۇپ كەتكەن بۇ كۈنلەردە ئىنسانىيەتنىڭ بۇنىڭدىن 40 يىل بۇرۇنقى ئاي شارىغا سەپەر قىلىش تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتىمىز. ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 1969-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 9:32 دە، غايەت زور ‹‹ساتۇرن 5›› ناملىق راكېتا توشۇغۇچى ‹‹ئاپوللو 11-نومۇر›› ناملىق ئالەم كېمىسى پەلەككە كۆتۈرۈلدى. ‹‹ئاپوللو 11-نومۇر›› ناملىق ئالەم كېمىسىدە نىل ئارمستروڭ، ئېدۋىن ئەيدرىن، مايكىل كىلنس قاتارلىق ئۈچ نەپەر ئۇچقۇچى بار ئىدى. شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاي شارىغا چىقىش بۆلۈمى ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ئالدىن بەلگىلەنگەن قونۇش نۇقتىسىغا يېقىنلاشقان. قونۇش نۇقتىسىدا بىرمۇنچە شېغىل تاشلار بار بولۇپ، قونۇشقا قولايسىز ئىدى. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى قونىدىغانتەكشى بىر جاينى ئىزدەۋاتقان چاغدا، كومپيۇتېر تۇيۇقسىز سىگىنال بېرىدۇ. ئىنتايىنخەتەرلىك پەيتتە ئەيدرىن تەمكىنلىك بىلەن قونۇش بۆلۈمچىسىنى قولىدا كونتىرول قىلىپئاي يۈزىدىكى ‹‹تىنچ دېڭىز››غا مۇقىم قونىدۇ. بۇ چاغدا پەقەت 30 سېكونت يەتكۈدەكلايېقىلغۇ ئېشىپ قالىدۇ.


ئاي شارىغا تۇنجى بولۇپ قەدەم باسقان ئامېرىكىلىق ئالەم ئۇچقۇچىسى ئارمستروڭ ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچ سائەت 10:56 دە،ئارمستروڭ قونۇش بۆلۈمچىسىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، پەلەمپەيدىن ئاستا پەسكە چۈشۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئاي شارىدىكى تۇنجى قەدىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا باسىدۇ ھەمدە ‹‹بۇ مەن ئۈچۈن كىچىككىنە بىر قەدەم ھېسابلانسىمۇ، ئەمما ئىنسانىيەت ئۈچۈن قۇتلۇق بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ››، دېگەن مەشھۇر سۆزنى قىلىدۇ. ئارمستروڭغا سېلىشتۇرغاندا ئەيرىننىڭ تەسىراتى تېخىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇ ئاي شارىنى ‹‹ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان قاقاس چۆلكەن››، دەپ سۈپەتلەيدۇ. ئىككىيلەن ئاي شارىدا ‹‹سەكرەپ ئويناپ›› ئىككى يېرىم سائەتتەك ‹‹كوچا ئايلىنىدۇ››. يەنە سۈرەتكە تارتىدۇ، ئەۋرىشكە توپلايدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار بىر تەرەپكە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى قادايدۇ، يەنە قونۇش بۆلۈمچىسىنىڭ ئاستىغا بىر پارچە مېتالدىن ياسالغان خاتىرە تاختىيىنى ئورنىتىدۇ ھەمدە ئۈستىگە: ‹‹1969-يىلى 7-ئاي، بۇ يەر شارىلىقلارنىڭ ئاي شارىغا تۇنجى قېتىم قەدەم باسقان جايى، بىز ئىنسانىيەتنىڭ بۇجايغا ئامان-ئېسەن يېتىپ كەلگەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىمىز››، دېگەن خەتلەرنى ئويۇپ قويىدۇ. 1969-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەردە، ئۈچ نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى دېڭىز يۈزىگە ئامان-ئېسەن قونىدۇ. بۇنىڭ بىلەنئىنسانىيەتنىڭ ئاي شارىغا قىلغان تۇنجى قېتىملىق سەپىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقى جاكارلىنىدۇ.


‹‹ئاپوللۇ 11-نومۇر›› ئاي شارىغا قوندى، ئارمستروڭ ئاي شارىغا قەدەم بېسىش ئالدىدا






ئالەم ئۇچقۇچىسى ئارمستروڭ


ئالەم ئۇچقۇچىسى ئېدۋىن ئەيدرىن


ئالەم ئۇچقۇچىسى مايكىل كىلنس


ئۈچەيلەن بىللە



تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 21:14 , Processed in 0.113651 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش