يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 149|نەقىل: 2

يەر شارىنىڭ تېخى ئېچىلمىغان سىرلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
237 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
642

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 11:29:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەر شارىنىڭ تېخى ئېچىلمىغان سىرلىرى
يەر شارىغا توك نەدىن كېلىدۇ؟
1917 – يىلى ئالىملار يەر شارى يۈزىدە مەنپىي توكنىڭ بارلىقىنى بايقىغان، ئەمما يەر شارى يۈزىدە نېمە ئۈچۈن توك بولىدىغانلىقى، بۇ توكنىڭ نەدىن كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچكىم ئېنىق بىر نېمە دېيەلمىگەن. يەر شارىغا ئوخشاش غايەت زور ‹‹ئېلېكتىر ئەسۋابى›› ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئېلېكتىر ئېقىمى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە خوراپ تۈگەيدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا بۇ توكنىڭ يەر شارىغا نەدىن كېلىۋاتقانلىقى ھازىرغىچە ئىنسانلار ئۈچۈن سىر.

خەتەرلىك ۋان ئاللېن رادىياتسىيە بەلبېغى
يەر شارىدىن 432 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى بوشلۇقتا يەرشارى جەنۇب – شىمال ماگنىت قۇتۇپىنىڭ ئالەم نۇرى زەررىچىلىرىنى سۈمۈرۈشىدىن شەكىللەنگەن رادىياتسىيەلىك رايون بار. ئامېرىكا 1962 – يىلى تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا 400 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ھاۋا بوشلۇقىدا يادرو بومبىسىنى پارتلاتقان. بۇنىڭدىكى مەقسەت دەل مۇشۇ ۋان ئاللىن رادىياتسىيە بەلبېغىنى پارتلىتىپ بىر يوچۇق ئېچىپ ئالەم كېمىسىنى ئۆتكۈزۈش ئىدى. ئەپسۇسكى، پارتلىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمايلا قالماي، يەنە بىر سۈنئىي رادىياتسىيە بەلبېغى شەكىللىنىپ قالغان. بۇ بەلباغنىڭ رادىيوئاكتىپلىقى ۋان ئاللېن رادىياتسىيە بەلبېغىنىڭكىدىن ئون ھەسسە كۈچلۈك ئىكەن.

يەرشارىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭ ئۆزگىرىشى
يەر شارىنىڭ بۇلۇڭلۇق ئايلىنىش تېزلىكى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭ سەۋەبى تېخى تېپىلمىدى. مۇناسىۋەتلىك كۆزىتىش نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، يەر شارىنىڭ 1 – ۋە 2 – ئايلاردىكى ئايلىنىش سۈرئىتى ئەڭ ئاستا ئىكەن.

ئاي شارىنىڭ يەر شارىدىن يىراقلىشىشى
ئالىملار 25 يىل كۆزىتىش ئارقىلىق ئاي شارىنىڭ يەر شارىنى ئايلىنىش ئوربىتىسىنىڭ يىلىغا تۆت سانتىمېتىردىن كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، يەنى ئاي شارىنىڭ يەر شارىدىن داۋاملىق يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، 5 مىليارد يىلدىن كېيىن قۇياشنىڭ قىزىل گىگانت يۇلتۇز دەۋرىگە كىرىدىغانلىقى، قۇياش ئاتموسفېراسىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، شۇ چاغدا يەر شارى بىلەن ئاي شارىنىڭ قايتىدىن يېقىنلىشىپ، ئاخىرىدا يوقىلىپ كېتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان.

يەر شارى ئاتموسفېراسىنىڭ ئۆزگىرىشى
ئاي شارى تارتىش كۈچىنىڭ يەر شارىغا بولغان تەسىرى تىروپىك بەلباغ رايونلىرىدا بىر قەدەر روشەن ئىپادىلىنىدىكەن. بۇ جايلاردا ھاۋا تېخىمۇ شالاڭلىشىدىكەن، ئەمما بۇنىڭ تەسىرى يەر شارىدىكى سۇغا بولغان تەسىردىن ئاجىز بولىدىكەن.

چاندلېر تەۋرىنىشى
بۇ يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش جەريانىدا يۈز بەرگەن ئەركىن تەۋرىنىشتۇر. بۇ تەۋرىنىشنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەب ئېنىق بولمىسىمۇ، 2000 – يىلى 7–ئايدا ئالىملار چاندلېر تەۋرىنىشىنى دېڭىز تېگى تېمپېراتۇرىسى بىلەن تۇز مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشى، شۇنداقلا شامال ھەرىكىتىنىڭ دېڭىز قىنىغا چۈشۈرگەن بېسىمى پەيدا قىلغان، دەپ قىياس قىلغان. ئەمما 2006 – يىلى يەر شارىنىڭ چاندلېر تەۋرىنىشى تۇيۇقسىز توختاپ قالغان بولۇپ، ھازىرغىچە بۇنىڭ سەۋەبى ئېنىقلانمىغان.

يەر مەركىزىنىڭ تارتىش كۈچى ئوخشاش ئەمەس ئىكەن
ئەمەلىيەتتە، بىر ئادەم ھىندىستاننىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىدا تۇرغاندا بەدەن ئېغىرلىقى يېنىك، تىنچ ئوكياننىڭ جەنۇبىي قىسمىدا تۇرغاندا بولسا ئېغىر بولىدىكەن. بۇنداق پەرقنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى تېخى تەتقىقات باسقۇچىدا تۇرۇۋېتىپتۇ.

زور مىقداردىكى چاڭ – توزاننىڭ يەرشارىغا قونۇشى
ھەر يىلى قۇياش سىستېمىسىدىن كەلگەن 30 مىڭ توننا چاڭ–توزان يەر شارىغا قونىدىكەن، بۇنىڭ كۆپ قىسمى مارس ۋە ساتۇرن ئوتتۇرىسىدىكى كىچىك سەييارە بەلبېغىدىن كەلگەن چاڭ – توزانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ قۇياشقا ئۇچۇشى ھەم سىرتقا قاراپ ئۇچۇپ يەر يۈزىگە قونۇشى مۇمكىن ئىكەن. زور مىقداردىكى چاڭ – توزاننىڭ ھەرىكىتى ناھايىتى تېز بولغاچقا، يەر شارى ئاتموسفېرا قاتلىمىدا سۈركىلىش جەريانىدا ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدىكەن، ئاخىرىدا كۆيۈپ تۈگەيدىكەن. كۆيۈپ بولالمىغان پارچىلىرى يەر شارىغا قونۇپ مېتېئورىت تاشقا ئايلىنىدىكەن.

ئىككى قۇتۇبنىڭ ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتىدىكى ئۆزئارا ئالمىشىش ھادىسىسى
تارىختا يەر شارى ئىككى قۇتۇپىنىڭ ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتىدە ئالمىشىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن. شىمالىي ماگنىت قۇتۇپى 1831 – يىلى تۇنجى قېتىم بايقالغان بولۇپ، 1904 – يىلى قايتا تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭ ئورنىنىڭ 50 كىلومېتىر يۆتكەلگەنلىكى بايقالغان. ماگنىت قۇتۇپى نېمە ئۈچۈن ئالمىشىدۇ ۋە ئېغىيدۇ؟ بۇ سىر تا ھازىرغىچە يېشىلمىگەن.
« ئۆسمۈرلەر تورى » دىن ئېلىندى




Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 23:37:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يەر شارى يادروسىغا ساياھەت»    « دېڭىز ئاستىدىكى 80 مىڭ كىلومىتىرلىق سەپەر»  لەرنى ئۇقۇپ كاللام پىقىرتىپ قۇيۇۋەتكەندەك  بۇلۇپ قالغانىدى،ئەمدى  مۇنۇ گەپلەرنى ئۇقۇپ  يەنە پىقىراپ كەتتىم.......
ئۆتكەن كۈنلەر ئەپەندى يۇقاپ  كىتىۋىدى.ناسا غا  بېرىپ ئىلمى تەتقىقاتتا بولغاندەكلا گەپلەرنى كۈتۈرۈپ كەپتا...

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 16:50:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ....بۇلارنى ئۇقۇپ كاللام  قىيىپ  كەتتى....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 02:03 , Processed in 0.049207 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش