شۇنداق قىلىپ ئۆيگە يېنىپ كېلىۋالدىم، ئايرۇپىلان بىلەن‹‹غورررىدەە›› ئۇچۇپ دىگەندەك، مەن كەلمىگەننىڭ ياقى ئۆي شۇنداق ياخشى تۇرۇپتۇ. پەقەت بىر تۇرۇبا سەل-پەل تامچىلاشقا تەييارلىق قىلىۋىتىپتىكەن، بىرلا ۋاقىراپ ئوڭشاپ قويدۇم.
بېرىپ، ئۇكامنىڭ تويى بولىشىغا قارىماي، ئانار، مەرىم، تىۋىشگۈل، نەئىمەلەر بىلەن بىر چاڭ خورگۇ يەپ ئۆزىمىزنىڭ پارىڭىزنى قىلىۋالدۇق. شۇ مەيداندا مەن ھېلىقىدەك مودا گەپلەرنى تولا قىلىپ ئۇلارنى كۈلدۈرۈپ دىگەندەك.
سىلەرمۇ كۈلۈڭلار بىكار تۇرماي، شۇڭا مەن بۇ مودا گەپلەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى يېزىپ قوياي دەۋاتىمەن. سىلەرمۇ ئۆيۈڭلەردە يۇڭ دەسمال ئىشلەتكەندەك مودا قىلىۋالارسىلەر.
1. كىچىك كېلىپ قالغان سومكا
مېنىڭ بىر نەۋرە سىڭلىم بار. ئىسمى رەئىسە . بىلىسىلەر بالىلار باغچا يېشىغا توشقاندا، باغچا مەكتەپنى بەك كۆڭۈللۈك جاي دەپ ئويلامدۇ ياكى مەكتەپكە بەك بارغۇسى كىلەمدۇ، ئىشقىلىپ ئۇ قىزغا مەكتەپ ئىشقى چۈشتى. ئاپىسىغا دەپ يۈرۈپ ئوماق ئېيىق رەسىمى بار سومكىدىن بىرنى ئالغۇزدى. ئۇ نەگىلا بارسا سومكىسىنى ئېسىپ يۈرەتتى. بىر كۈنى يەنە بىر نەۋرە سىڭلىمىزنىڭ قېشىغا بېرىپ:‹‹ئاچا، مەنمۇ مەكتەپكە باراي دەۋاتىمەن، كىچىك كىلىپ قالغان كىتابلىرىڭ بولسا بەرچۇ›› دەپتۇ. بۇ گەپنى دەسلەپ ئاڭلاپ كۆزۈمدىن ياش چىققۇدەك كۈلدۈم. نىمە دىگەن گۈزەل تەسەۋۋۇر ھە؟ رەئىسە كىتابلارنىمۇ كىيىم-كىچەككە ئوخشاش كىچىك كېلىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قاپتۇ.
شۇ ھېكايىنى ئانارنىڭ ئۆيىگە بارغاندا دەپ بەرسەم ئانار تازا كۈلدى. مەنمۇ تۆمۈرنى قىززىقىدا سوقۇپ ئانارغا :‹‹ئانار ئاي، سىزمۇ ماڭا كىچىك كېلىپ قالغان سومكىلىرىڭىزدىن بىرنى بىرىڭچۇ›› دەپ كۆكىرىپ تۇرىۋالدىم. ئانار كۈلگەچ شۇنداق ئوماق، كىچىك كېلىپ قالغان سومكىدىن بىرنى بەردى. ھازىر مودا قىلىپ ئېسىۋاتىمەن.
بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە مودا بولغان گەپ يەنە موشۇ كىچىك كېلىپ قالغان...دىگەن گەپنى بويلىدى. بۇ ئۈچ دۈشمەننىڭ ھەممىسى ئايفۇن بىلەن قۇراللىنىپ كەپتۇ. مەن ئۇلاردىن يەنە قىزارماي تۇرۇپ‹‹كىچىك كېلىپ قالغان ئايفۇنلار بولسا بىرىڭلارچۇ ؟›› دەپ تۇرىۋالدىم. مەرىمگۈل قولىدىكى ئايفۇن تۇغسا بىرنى بىرىدىغان بولدى.....
