يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 185|نەقىل: 9

قوياشنىڭ «ئىگىسى» چىقتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
69
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 16:12:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مىليارد يىللاردىن بۇيان ئاسماندا تۇرۇپ، يەرشارىنى پۈتمەس-تۈگۈمەس يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق بىلەن ھەققىسىز تەمىنلەپ كېلىۋاتقان قۇياشنىڭ يېقىندا ئىگىسى چىقىپ قالدى. يېقىندا ئىسپانىيەلىك بىر ئايال ئۆزىنىڭ قۇياشنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىگىنى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن باشقىلاردىن «قۇياش ئىشلىتىش ھەققى» ئالىدىغانلىغىنى ئېيتتى. ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، چوڭ گەپ قىلغان بۇ ئايال 49 ياشلىق ئەنجىلىس. دۇلەن بولۇپ، ئۇ ئىسپانىيە «دۇنيا گېزىتى» مۇخبىرىغا ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قۇياشنى ئۆز مۈلكىگە ئايلاندۇرغانلىغىنى ئېيتقان ھەمدە شۇ يەردىكى جامائەت گۇۋاھلىقى ئورگىنى بەرگەن ھۆججەتنى ئىسپات قىلىپ كۆرسەتكەن.

ئۇنىڭ ئيېتىشىچە، قۇياشقا ئىگە بولۇش - ھەرگىز خام خىيال ئەمەسكەن. ئۇ بىر ئامېرىكىلىقتىن ئىلھام ئالغان. ئۇ ئامىرىكىلىق ئاي ۋە قۇياش سىستېمىسىدىكى زور كۆپ قىسىم پىلانىتانى رويخەتكە ئالدۇرىۋالغان. گەرچە ئالاقىدار خەلقئارالىق كىلىشىملەردە، ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ سەييارە ۋە تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىگىنى جاكالاشقا بولمايدىغانلىغى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن شەخىسلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھەرىكەتلىرىگە قارىتا، مۇناسىپ چەكلىمە قويۇلمىغان. شۇڭا دۇلەن بۇ يىل 9-ئايدا، شۇ يەردىكى جامائەت گۇۋاھلىقى ئورگىنىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، بارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ، قۇياشنىڭ ئىگىسى بولىۋالغان.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن ھەرگىزمۇ ئەخمىقانە ئىش قىلمايمەن، مەن بۇ جەھەتتىكى قانۇنلارنى ئاللا-قاچان تەپسىلى كۆرۈپ چىققان. ئەمەلىيەتتە باشقىلارمۇ ماڭا ئوخشاش قىلسا بولىۋېرەتتى، پەقەت مەن ئۇلاردىن بىر قەدەم چاققان چىققتىم خالاس.

دۇلەننىڭ بۇ «قۇياشنىڭ ئىگىسى» گۇۋاھلىق ھۆججىتىگە: ” دۇلەن قۇياشنىڭ ئىگىسى، بۇ تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ سپېكتىر تۈرى G2، قۇياش سىستېمىسىنىڭ مەركىزىي رايونىغا جايلاشقان، يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 149 مىليون 600 مىڭ كىلومېتىر “ دەپ يېزىلغان.
دۇلەن ھازىردىن باشلاپ، قۇياش نۇرى ئىشلىتىدىغان بارلىق كىشىدىن ھەق ئالىدىغانلىغىنى، بۇنىڭدىن قىلغان كىرىمنىڭ يېرىمىنى ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرىدىغانلىغىنى، %20نى قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئىسپانىيە ياشانغانلار كۈتۈنۈش فوندىغا بېرىدىغانلىقىنى، %10نى تەتقىقات راسخوتى قىلىدىغانلىغىنى، %10نى چىقىرىپ يەر شارىدىكى ئاچارچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىغىنى، ئەڭ ئاخىرىقى%10نى ئۆزى خىراجەت قىلىدىغانلىغىنى ئېيتقان. ئەمما ئۇ ھازىرچە تېخى كونكرىت ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ۋە بۇ ھەقنى قانداق يىغىۋېلىشنى بېكىتمىگەن.
ۋاھالەنكى، قۇياشنى ئىشلىتىش ھەققى يىغىش ئۇنداق ئاسانغا توختىمايدىغان ئوخشايدۇ. ھازىر دۇلەن تېخى كىرىم قىلماي تۇرۇپلا، بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرىماقتا. ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى گور بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا، دەرھال دۇلەننى سوتقا ئەرز قىلغان، گور دۇلەندىن قۇياشنىڭ يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. گور 27-نويابىر ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دىگەن: مەن ھازىر ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىمۇ جاۋاپكار قاتارىغا كىرگۈزۈشنى جىددىي ئويلىشىۋاتىمەن. دۇلەن قۇياش نۇرى ئىشلەتكۈچىلەردىن ھەق ئالىمەن ھەمدە كىرىمنىڭ يېرىمىنى ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرىمەن، دەپتۇ، ئۇنىڭ بۇ پۇللارنى ئۇنداق ئاسانلا يانچۇقىغا سالالىشى مۇمكىن ئەمەس.
بىر قىسىم تورداشلارمۇ سۆز قالدۇرۇپ، تېرىمىزنى ئاپتاپ زەخمىلەندۈرگەن، ھەتتا تېرە راكى بولۇپ قالغان، بۇنى
كىمگە تۆلىتىشنى ئەمدى بىلىۋالدۇق، دېيىشتى.

مەنبە  ؛ سەئىدىيە تورى.
مەنبە:ئالمىزار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قاراكۆز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 16:14  


ئەمدى سىز يوق شەھەرماڭاتارلاشتى...مەن كۈتىمەن...

Rank: 1

توردا
13 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
31
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 20:01:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشنى قىلسۇن ئۇ خۇتۇن ...ئەگەر قۇياشقا ئىگە بۇلسا تاپقان پۇلىمۇ قۇياش كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تۆلەشكىمۇ يەتمەيدۇ...كىم بىلدۇ ،باي بولمەن دەپ قەلەندە بولۇپ قالامدۇ تىخى...

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 20:02:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما نىمە گەپ بوپ كەتتە ئەمدە
    كۈيۈپ كەتكەن تېرىلىرىمىزنىڭ ئاسراش ھەققىنى قاچان ئەمىللەشتۈرە

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 20:43:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىلغىلى ئىشى يوقتە ئاشۇ خەخلەرنىڭ

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
424 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
886

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 20:54:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن كۆتۈرۈپ كەلگەندەكلا گەپ قىلىدىكەنغۇ . . .  ساراڭ

Rank: 3Rank: 3

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
442
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 10:40:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ياخشى، نەچچە يىللاردىن بېرى يازدا ئاپتاپتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئاشۇ تېرە ئاسىراش مايلىرىمنىڭ پۇلىنى تۆلەتكىلى ئادەم چىقىپتۇ

كەيپىم بەك چاغ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
972 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 10:49:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈكەمىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىپتۇ بۇ تىمىغا . ئىككى كۈننىڭياغى تويدا خىزمەت قىلىپ بۇلالماي مەنمۇ كۈيۈپ قالدىم . قۇشۇپ تۈلىسۇن ئۇ خۇتۇن .

Rank: 3Rank: 3

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
442
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 10:50:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسمەتۇللاھ يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 10:49
كۈكەمىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىپتۇ بۇ تىمىغا . ئىككى كۈننى ...

شۇنداق....شۇنداقلا ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى يولغا قويسۇنا، قۇياشقا ئىگە بولغانغا تويىدۇ بۇ ساراڭ خوتۇن

كەيپىم بەك چاغ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
972 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 10:52:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلسەنەم يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 10:50
شۇنداق....شۇنداقلا ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى يولغا قويسۇنا،  ...

بىزمۇ زىيانلىرىمىزنى باھالاتقاچ تۇرايلى . دەۋاغا چۈشۈپ قالساق كىكەچلەپ قالمايلى ماخما ؟

Rank: 3Rank: 3

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
442
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 10:57:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسمەتۇللاھ يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 10:52
بىزمۇ زىيانلىرىمىزنى باھالاتقاچ تۇرايلى . دەۋاغا چۈش ...

شۇنداق قىلىمىز، تەييارلىقىمىزنى پۇختا قىلىپ ھەر دائىم ھەربىي ھالەتتە تۇرىمىز خاتىرجەم بولسىلا ماخما

كەيپىم بەك چاغ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 04:21 , Processed in 0.068573 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش