«كېلەر»گە يۇغۇرۇلغان ھېكمەتلەر
ئاتىدىن بىر يۈرەك كېــلەر،
ئانىدىن بىر تىلەك كېــلەر.
يۈرەكلەردە تىلەك يانـــسا ،
ئائىلىگە باھار كېـــــلەر .
ئەر ياخشىسى سادىق كېلەر،
ئايال ياخشىسى ئاددى كېلەر.
ئۇلار مەڭگۈياخشى ئۆتــسە،
پەرزەنتىگە بەخىت كېـــلەر.
ئاتام ماڭا كۈيۈپ كــــېلەر ،
ئاپام ئەقىل ئېلىپ كــــېلەر،
ئـۇلار بەرگەن كۈچ-قۇۋۋەتتىن،
قانات ياساپ ئۇچــقۇم كېلەر.
ياشــىغىــــلى ئـادەم كېلەر،
ئادەمگە ھــەرخىل ئىش كېلەر.
تــــــۆۋەندىكى ھېكايەتنى ،
ئاڭــلاڭ،سىزگە ئېيتقۇم كېلەر.
مــــۇقەددىمە تۈگەپ كېلەر،
نــــۆۋبەت ھېكايىگە كېلەر.
تـــــەپسىلىى ئوقۇپ بېقىڭ،
قېنـــى، نېمە دېگۈڭىز كېلەر؟
جـۈمە كېتىپ شــەنبە كېلەر ،
شەنبە ئۈتۈپ يـەكشەنبە كېلەر.
تــــاتلىققىنە ئىككى كۈندە،
جــەم بولۇشقا پۇرسەت كېلەر.
ئاي توشقاندا مـــائاش كېلەر،
يــانچۇقىغا بــــــايرام كېلەر.
ئۇزۇندىن بېرى ســــــولاشقان،
ھـــەمـــــيانىغىمۇ پۇل كېلەر.
ئولــــتۇرىشىغا تېلفۇن كېلەر،
ســـــاختا نازلىق ئاۋاز كېلەر.
پۇللېرىغا« مىكـــــىجىن»غا،
ئــــاران بىر قۇر كېيىم كېلەر.
كاللىغا ھەر ســــەۋەب كېلەر،
چىرايىغا شــــــۇملۇق كېلەر.
مــېھـرىبان شــۇ ئايالىنى ،
ئــالدىـــشىغا توغرا كېلەر.
«مىكىجىن»نى كۆرگۈسى كېلەر،
كـــــۆرسە كۆيگۈسى كېلەر .
ئـــــويلــىمىغان بولغىيتتى ،
ئۇياق ئۇنى جـــۆندەپ كېلەر.
ۋاقـــــىت توشسا ئۇ كېلەر ،
پۇلىنى ســـــــورۇپ كېلەر.
يانچۇقى تەتــــــۈر بولۇپ،
ئەمدى نادانغا غــــەم كېلەر.
كۈن ئولتۇرۇپ كـــەچ كېلەر،
مەسخىـــــرىلىك ئاي كېلەر.
پۇلى تۈگــــــەپ ناداننىڭ،
ئۆيىگە مېــــــڭىپ كېلەر.
ئالدىغا شۇ ئــــايال كېلەر،
مۇھـــەببەتلىك سۆزلەر كېلەر.
بىــــــراق ئۇ نادان ئەردىن ،
يـــىرگىنىشلىك ھىجاق كېلەر.
قولغا تـــەشنا كۆزلەر كېلەر،
بىراق ئاتا قـــــۇرۇق كېلەر.
ئـــەپسۇس ئۇماق بـــالىلار،
ســـــاقلاڭلار،ئەتــە كېلەر.
راســت ئورنىغا يالغان كېلەر،
تۈگىــگەن پۇل چۈشۈپ كېلەر.
ھەممىدىن بىـــــخەۋەر ئايال ،
بۇ سۆزلەرگە ئىـــشىنىپ كېلەر.
بۈگۈن ئــــۆتۈپ ئەتە كېلەر،
ئايالغىمۇ ئايـــــلىق كېلەر.
پاشـــشىچىلىك بەخىت قۇشى،
ئەر باشىغا قــــۇنۇپ كېلەر.
پــۇل كېلەر،ئۇن-ماي كېلەر،
گــۆش بىلەن كۆكتات كېلەر.
شۇنىڭ بىلەن ئـــەرگە ھەم،
تـــۆت تەڭگە رىزىق كېلەر.
تۆت تەڭگىگە شـــاراب كېلەر،
قـــەدەھنى رۇس لىقلاپ كېلەر.
شاراپ بىلەن قــــول تۇتۇشۇپ،
ئاتالمىش«كەيىـــــپ»كېلەر.
كەيىپ بىلەن مەســــلىك كېلەر،
مەسلىك بىلەن پەســـلىك كېلەر.
مــەسلىكتىكى پــــەسچىلىككە،
تـــــوۋۋا،يـــاقا تۇتقۇم كېلەر.
غالـــداڭ-غۇلدۇڭ ئۆيگە كېلەر،
بالىلارنىڭ قـــــورۇققۇسى كېلەر.
چـــارىــــسىز قالغان ئايالنىڭ،
ئۆكــــــسۈپ يىغلىغۇسى كېلەر.
ھەپتىگە بىـــــر بولۇپ كېلەر،
خىزمەتكە كېـــــچىكىپ كېلەر
تــــۈگـــــىتەلمىگەچ ئىشىنى،
ھـــــۆرپىيىپ بــاشلىقى كېلەر.
باشلىق كەلدى،دەكـــكە كېلەر،
غـايىپتىن تەڭ ئاچــچىق كېلەر.
خــــاتـــا بولغاچ ئۆزىدىكى،
ئاغزىغا نــە ســـــۆز كېلەر؟
ئىشتىن چــۈشۈپ ئۆيگە كېلەر،
پىــيادە مــــــېڭىپ كېلەر.
كاســتۇمىنى قاتـتــــۇرۇپ ،
دەردىنـى يوشــۇرۇپ كېلــەر.
يول بويـــى تىلفۇن كېلەر،
«مىكىجىن»دىن خەۋەر كېلەر.
يانچۇق قۇرۇق،ئامال يــوق،
ئــۇزاققىچە ئالداپ كېلەر.
دەرتكە دەرت قوشۇلۇپ كېلەر،
چـىدىغۇسىز ئـــازاب كېلەر.
ئـــەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن،
ئايالىغا مــــــۇش كېلەر.
مۇش كەينىدىن قان كېــلەر،
ئانا-بالىغا يىغا كېـــــلەر.
خەۋەر تاپقان قېيــــىنئانا،
قىزىنى ئالغىلى كېـــــلەر.
ئەمدى نە قىسمەت كېــلەر؟
خىيالىغا كىم كېــــــلەر؟
ۋەيرانلىققا ئۇل سېلىــــپ،
بىرمۇنچە قەرز ئېلىپ كېـلەر.
پۇلغا شېرىك دوست كېلەر،
مەئىشەتنى مىنىپ كېـــلەر.
بۇنى كۆرۈپ شەيتانـــچاق،
خۇشاللىقتىن ئۇچۇپ كېلەر.
ئەرگە ماختاشلار كېــلەر،
يالغان-ياۋداق گەپ كېلەر.
پەخىرلىنىپ بۇ نــــادان،
توننا مەي ئېلىپ كېـلەر.
.
ئۆتكىنى يادىمغا كېــــلەر،
ئاغزىمغا نېمە گەپ كېـلەر؟
بۇرنىڭغا سۇ كــــىرمىدى،
ئەتىلا ماتەم كېلــــــەر.
ھەي...سورۇنىغا ساز كېــلەر،
جاھالەتنى تاڭغـاچ كېـــلەر.
ھاراقكەشنىڭ جۆيلىشىــــگە،
ئاچچىق-ئاچچىق كۈلگۈڭ كېلەر.
پۇلى بارغا دوست كېـــلەر،
يوقىغا نېمە كېلـــــــەر؟
ئۇ بۇلارنى ئويــــــلىمىدى،
بېشىغا قانداق كۈن كېـــلەر؟
ھېساب ئۈچۈن دەپتەر كېلەر،
دوست تازىلىق ئۆيىگە كېلەر.
ماختاشلارنىڭ بەدىلــــىگە،
ئۇ مەيدىگە ئۇرۇپ كېـــلەر.
شارابتىن بەس تويۇپ كېـلەر،
پۇل پاكىزە تۇگەپ كېــلەر.
مـــــەسـلىكىدە ھاياتىنى،
قارا گۆرگە باشلاپ كېـــلەر.
ئالدىدىن چوڭ ماشىن كېلەر،
مېڭىشقا نە مادار كېــــلەر؟
ياتتى يولدا باغــــــرىداپ،
ئەلۋىــــــدا، ئۆلۈم كېلەر.
ھايات مىسالى جۈمـــلە كېلەر،
جۈملە تۈگىسە چېــكىت كېلەر.
ئـۆلدى،كـەتتى،يــــوقالدى،
قالغانلارغا ئــەلـــەم كېلەر.
ئوقۇساڭ ئاچچــىقىڭ كېلەر،
يا بـاش بارماق ئاچقۇڭ كېلەر.
بار دۇنيادا شــۇنداق كـىشىلەر،
ئۇنداق بولمىساڭ كۈلگۈڭ كېلەر.
ھېكايەت تۈگــەپ كېـــلەر،
ئورۇن« خاتـــىمە»گە كېلەر.
ئەسەر تۈگەپ ئاخىــــــرى،
ھەقىـــقـــەت سالامغا كېلەر.
كۈندۈزى قـــۇيــاش كېلەر،
ئاخشىمى يورۇق ئـــاي كېلەر.
ھەر ئىككىسى كەلـــــمىسە،
جاھانغا زۇلــــــمەت كېلەر.
خــۇشــاللىقتا كۈلكە كېلەر،
خــاپــىلىقتا يــىغـا كېلەر.
گــەر بـــەزىدە ئالماشسىمۇ،
بىرگە ئۇلاپ ئـــىككى كېلەر.
كېچەي دېسەڭ ئــازاپ كېلەر،
كەچمەي دېسەڭ غەملەر كېلەر.
ئــــوتتۇرسىدا تۇرۇپ قالساڭ،
پـــىتـتــىن تولا گەپ كېلەر.
شۇنداق سۆزنى ئېيتقۇم كېلەر،
سـاڭا ھـاۋا-ھــەۋەس كېلەر.
دەسسىسە ھېــسيات ئەقلىڭنى،
كۆزۈڭگە قـان-يــاش كېلەر.
ھــەقىقەت يىـغلىتىپ كېلەر،
يـالغىنى كــۈلدۈرۈپ كېلەر.
ئىنساندىكى بىر يـــــۈرەك،
ياشاش ئۈچۈن سوقۇپ كېلەر.
بىر كىملەر موھـــتاج كېلەر،
بەزىسىگە ئارتــــۇق كېلەر.
ئىشىنىپ قىلساڭ ئــــەقىدە،
سېنى ئوڭــــدا قويۇپ كېلەر.
كـۈلەي دېسەم يىـغام كېلەر،
يىـغلاي دېسەم كۈلگۈم كېلەر.
بولدى بـــەس توختا قەلەم!
يازسام يازسام يـازغۇم كېلەر.