
جۈمە كۈنى قىز-كېلىنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرشىدىغان، ئائىلىسىدىن دەم ئالىدىغان خۇشاللىق كۈن ئىدى. لېكىن، قەلبىنۇر بۈگۈن خۇشاللىق ئەمەس تۇرمۇشقا چىققان تۆت يىلدىن بىرى تارتمىغان ئەڭ قاتتىق ئازاپنى تارتىۋالدى.
باققا چىقىپ ئولتۇرۇپ ئاۋازىنى قۇيۋېتىپ تازا يىغلىۋالغاندىن كىيىن قىزلىرىنى تەييارقىلىپ چوڭ ئۆيگە ماڭماقچى بولدىيۇ لېكىن ئەينەك ئالدىدا چىرايىنى كۆرۈپ توختاپ قالدى. نۇرمەمەتنىڭ تۆت بارمىقى سۇرۇخقا باسقاندەكلا چىققاننى ئازدەپ، كۆزلىرى ئىششىپ چىرايى نەشىكەشكىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
باللىرىنى ئويناپ كىرىشكە سىرتقا چىقىرۋېتىپ كىرىپ ياتتى. تىلىۋىزورغا قاراپ يېتىپ نۇرمەمەتنى ئەسلەپ قالدى. ئۆزىگە قول تەككۈزگىنىگە پۇشايمان قىلدىمۇ ياكى ئاچچىقى تېخى يانمىغانمۇ ئىشقىلىپ قەلبىنۇرنىڭ تەستىكىگە قاتتىق بىر شاپىلاق سالغاندىن كىيىن كۆزىگە لىققىدە ياش ئالغان پېتى ئۆرۈلۈپلا سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىدى.
چىقىپ كەتكىلىمۇ ئىككى يېرىم سائەت بۇلاپتۇ. نەگە بارغاندۇ ؟ نىمە ئىشلارنى قىلغاندۇ ؟ بىرەر ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويماس، ياق نۇرمەمەت ئۇنچىلىك ئىشلارغا ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان ئادەم ئەمەس.
ئەر خۇتۇنچىلىق جىدىلىدە كىم ئۆيدىن چىقىپ كەتسە شۇ نوچى. گۇناھ ئۆزىدە بولسىمۇ ئۆيدە قالغۇچى ئەنسىرەيدىغان گەپ. ۋاقىت ئۇزارغانسىرى تېخىمۇ شۇنداق بۇلىدۇ. ئايال كىشى بىرنى تۇغۇپ بولغۇچە ئۆيدىن چىققۇچى ئايال كىشى بۇلىدۇ. ئازراقلا ئىش چىقسا ئۆيدىن چىقىۋالسا ئەركىشى قايتۇرۇپ كىلەلمەي قىلمىغىنى قالمايدۇ. ئەمما، بىرنى تۇغۇپ بولدىمۇ ئەركىشى قاچقاق بولىۋالدۇ.
بۇلۇپمۇ قەلبىنۇردەك ئىككىنى تۇغۇپ بولغاندا چىداپ ئولتۇرماي ئامال يوق.ئىككى بالا بىلەن نەگە باراتتىڭ؟ ئاتا-ئاناڭنىڭ ئۆيى بولسىمۇ ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تۇرالمايسەن، گەرچە ئاتا-ئاناڭ ۋاي بالام دەپ تۇرسىمۇ ئەمما كىچىك بالىنىڭ پۇت-قۇلىنى باغلاپ قويغىلى بولمايدۇ.
بالىنى قۇيۇپ ماڭساڭ تېخى ئەنسىرەپ ئولتۇرغىلى بولمىغان. ئىشنىڭ يامىنى كىلىپ ئەركىشى يالۋرۇپ بارمىساتېخىمۇ چاتاق. شۇنىڭلىق بىلەنلا ئاجىرشىپ كەتكىلى بولمىغان، «ئۆزى كەلگەن يارەي، ئۆزى كەتكەن يارەي» دەپ ئۆزلىگىدىن يېنىپ كەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئىككى بالا بولغاندا يەنىلا يامانلىمىغان ياخشى.
قەلبىنۇر خىياللار بىلەن تۇرۇسقا قاراپ ياتقاندا يانفۇنى سايراپ كەتتى.
« ئەسسالامۇ ئەلەيكۇ م قەلبىنۇرخان بۇلامسىز ؟ قانداق ئەھۋالىڭىز ؟»
يات نۇمۇردىن كەلگەن بۇ ئۇچۇرغا قاراپ قەلبىنۇر سەل ھەيران قالدى، ئۇنىڭغا ئەزەلدىن يات تېلىفۇن ياكى يات ئۇچۇركىلىپ قالمايتتى، ئەزەلدىن بىرەسى خاتا تېلفۇنمۇ ئۇرۇپ قالمايتتى.
«ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ! ئۆزىڭىز كىم؟ نىمە ئىشىڭىز بار ؟»
«ئىسمىم ئادىل، يىڭى ھايات دوختۇرخانىسىدا ئىشلەيمەن. سىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالغۇم بارئىدى. خاتا چۈشەنمەڭ ! مەن پەقەت سىز بىلەن سىرداش دوست بولماقچى»
« مەن ئەركىشى بىلەن دوست بولمايمەن، مىنىڭ ئىرىم، ئىككى قىزىم بار»
« بىلىمەن ئەھۋالىڭىزنى ھەممىنى بىلىمەن. مەنمۇ سىزگە ئوخشاش تۇرمۇشنىڭ زەربىسىگە ئۇچۇرغان، بىرى-بىرىمىزگە تەسەللى بولالايدىغانلىقىغا ئىشنىمەن. شۇڭا مىنى چۈشۈنىشتىن ئىلگىرى رەت قىلىۋەتمىسڭىز»
قەلبىنۇر نىمە دېيىشنى بىلەلمەي قالدى. ھەممە ئەھۋالىمنى، ئىسمىمنىمۇ بىلدىكەن مەن تۇنۇيدىغان بىرەسىمىدۇ ؟ مىنىڭ بۇنداق ئازاپتا تۇرۋاتقىنىمدىنمۇ خەۋىرى بار ئىكەن، گەپلىرى سەمىمىيدەك قىلىدۇ. بىرپاراڭلىشىپ باقمايمەنمۇ ؟ ياكى بىرەسى كولدۇرلىتىۋاتقانمىدۇ؟ قانداق قىلىشنى بىلەلمىگەن قەلبىنۇر يانفۇننى تاشلاپ قۇيۇپ سىرتقا چىقىپ كەتتى.
داۋامىنى ئىنكاس شەكىلدە يازاي
روھچىن قەلب خاتىرسى