يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1921 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 472|نەقىل: 20

مەن مۇشۇنداق قىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كونا ئەزا

زۆھرەگۈل

Rank: 3Rank: 3

توردا
130 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
625
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى 17:50:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەن مانا مۇشۇنداق بىر قىز، تېنىمدىكى زەررىچىلىكمۇ كەلمەيدىغان شۇ پاكلىقىم بىلەن ئۆزۈم ئىنتىلگەن شۇ ئەركىنلىكنى ئۈچۈن ئىزدەپ كېتىۋاتىمەن. مەن 3 يىل ئىلگىرى ئۆيدىن چىقىپ مۇستەقىل ياشاشنى ئۆگەندىم، پۇل تېپىشنى ئۆگەندىم، ھېچنەرسىدىن قورقماي ياشاشنى ئۆگەندىم، ئەمما تا بۈگۈنگە قەدەر مەن ئۆزۈمنىڭ نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىمنى بىلەلمەي ياشاۋاتىمەن.

مېنىڭ ئىسمىم

.............................................................................................
مەن بۇ يىل 20 ياشقا كىردىم، ئەمما 50 ياشلىق بىر ئەر بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۋاتىمەن. تۇرمۇش ماڭا:
- سەن خاتالىشىۋاتىسەن، مۇشۇنداقلا خاتالىشىدىغان بولساڭ چوقۇم ئاخىرى گاڭگىراپ، نىمە قىلىشىڭنى بىلمەي قالىسەن-، دېدى.
مەن تۇرمۇشقا كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ياشاش ئۈچۈن باشقا يول بولمىسا، دەپ جاۋاپ بەردىم.
مەن مانا مۇشۇنداق بىر قىز، تېنىمدىكى زەررىچىلىكمۇ كەلمەيدىغان شۇ پاكلىقىم بىلەن ئۆزۈم ئىنتىلگەن شۇ ئەركىنلىكنى ئۈچۈن ئىزدەپ كېتىۋاتىمەن. مەن 3 يىل ئىلگىرى ئۆيدىن چىقىپ مۇستەقىل ياشاشنى ئۆگەندىم، پۇل تېپىشنى ئۆگەندىم، ھېچنەرسىدىن قورقماي ياشاشنى ئۆگەندىم، ئەمما تا بۈگۈنگە قەدەر مەن ئۆزۈمنىڭ نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىمنى بىلەلمەي ياشاۋاتىمەن.
بۇ يىل ياز تولىمۇ ئىسسىق كەلگەن ئىدى، شۇنچە نېپىز كوپتا ۋە قىسقا يوپىكىدىمۇ يەنە ئىسسىپ، تەرلەپ كېتىۋاتاتتىم.
مەن ئىشسسىز قالغىلى خېلى كۈنلەر بولغان ئىدى. مەن بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىدىغان يۇرتدىشىم تۈنۈگۈن كەچ ماڭا، مەلۇم بىر رېستۇراندا كۈتكۈچى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزى بىلەن بىللە بېرىپ سىناپ بېقىشىمنى ئېيتقان ئىدى، ئويغۇنۇپ قارىسام ئۇ يوق، < خەپ سېنى> دېگىنىمچە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئۇ بەرگەن ئادىرىسقا قاراپ ماڭدىم.
سىرتىدىن بۇ قانداقتۇر ئۇ ئېيتقاندەك ئۇ ئاددى رېستۇران بولماستىن كاتتا مېھمانساراي ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. مېنى بىر مۇلازىم خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش ئۆيىگە باشلاپ باردى، مەن بارغاندا ئىشىك ئالدىدا بىر مۇنچە قىزلار رەتلىك تىزىلىشىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇچىسىدا سۇ ئۈزۈش كىيمىگە ئوخشاش يېرىم يالىڭاچ كىيىم تۇراتتى. بۇلار كۈتكۈچى قۇبۇل قىلامدۇ ياكى........
-قىزچاق، قاراپ تۇرماي سىزمۇ كىيىم ئالماشتۇرۇپ چىقىڭ!
-نېمە، مەنمۇ ئاۋۇ قىزلاردەك كىيىم كىيەمدىم؟
- ئەلۋەتتە، بىزنىڭ بۇ قېتىملىق ئادەم تاللاشتىكى شەرتلىرىمىز بىر قەدەر يۇقۇرى.
- سىلەر كۈتكۈچى قۇبۇل قىلامسىلەر ياكى.........؟
ئۇ ئەر ماڭا تازا سەپ سېلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن:
- قىزچاق، بۇ قېتىم كۇۈتكۈچى قۇبۇل قىلىشتىكى شەرتلەر بەك يۇقۇرى، مۇلازىمەت تۈرىمىز كۆپ شۇڭا، ساپالىق،  ئىقتىدارلىقلارنى ئاۋال قۇبۇل قىلىمىز-دېدى.
- قارىغاندا مېنىڭ مېنىڭ ساپارىم سىلەرنىڭ شەرتىڭلارغا چۈشمىگىدەك، دېگىنىمچە يانچۇقۇمدىن توختىماي سايراۋاتقان تېلىفۇننى ئالدىمدە، سىرتقا قاراپ ماڭدىم.

داۋامىنى ئىنكاس سۈپىتىدە داۋاملىق يوللايمەن، دوستلارنىڭ پىكىر- تەلەپلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن!!!!


باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

كونا ئەزا

زۆھرەگۈل

Rank: 3Rank: 3

توردا
130 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
625
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى 18:21:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئومىقىم، سەن زادى قانچە ياشقا كىردىڭ، ئۇ بىر تەرەپتىن چاچلىرىمنى سىيلىغاچ بىر تەرەپتىن قۇلۇقۇمغا ئاستا شىۋىرلايتى. مەن ئۈندىمەستىن ئۇنىڭ قېرىلىقتىن يىرىكلىشىپ كەتكەن شۇ قوللىرىغا قارىغىنىمچە يېتىۋەردىم،.قەدىرلىكىم، بىز بىر ئۆيدە تۇرۋاتقىلى بىر ئايدىن ئاشتى، ھەر قېتىم يېشىڭنى سورىساملا ئۈندىمەيسەن، دىگىنىچە لېۋىنى ئاستا مۆرەمگە ياقتى.
- يېشىمنى ئېيتسام قورقۇپ كېتىپ ئىككىنچى ئىزدىمەي قېلىشىڭىزدىن قورقىمەن، سىز كەلمىسىڭىز مەن قەنداق قىلىمەن، كۈنۈمنى قانداق ئۆتكۈزىمەن.
- يەنە چاقچاق قىلغىلى تۇردۇڭ، سېنىڭ يېشىڭنى سورۇشۇم سېنىڭ يېشىڭنىڭ چوڭ بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرگىنىم ئەمەس، ئەگەر راستىنلا يېشىمىز ماس كەلگەن بولسا تېىىمۇ ياخشى بولاتتى، شۇنداق ئەمەسمۇ، ئۇ شۇنداق دېگىنىچە چاچلىرىمنى سىيلاشقا باشلىدى.
مېنىڭ ئۇنىڭدىن يېشىمنى يوشۇرشۇم قانداقتۇر ئۇنىڭ مېنىڭ ياراتماي قېلىشىدىن قورقۇپ ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنىڭ مېنىڭ بەكلا كىچىكلىكىمنى بىلىپ قېلىشنى خالىمىغانلىقىمدىن تا بۈگۈنگە قەدەر يېشىمنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتاتتىم، مەن يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن 20 ياشقا كىرەتتىم.
- قەدىرلىكىم، مەن بۇ قېتىم چەتئەلگە كاماندۇرۇپكىغا چىقىمەن، قاچان كېلىدىغانلىقىم ئېنىق ئەمەس، مەن يوق چاغلاردا مېنى سېغنىمانسەن-، دېدى، ئۇ ئېڭكىمنى كۆتۈرۈپ ئۆزىگە قارىتىپ تۇرۇپ.
- كىم سىزنى سېغىنىدىكەن، سىزنى يولغا سېلۋېتىپلا باشقا ئەرلەرنى تېپىۋالىمەن، تازا-، دېدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ.
نېمىشقىكىن ھەر قېتىم بۇ ئەر كىشى بىلەن بىر يەردە تۇرغىنىمدا ئۆزۈمنى زادىلا ئەركىن ھېس قىلالمايتىم، ئۇنىڭ دائىم  خۇددى مەندىن بىر نەرسىنى ئۆتۈنىۋاتقاندەك تولىمۇ بىچارە قىياپەتتە:
- مەن سېنى مەڭگۈ قوغدايمەن، دېگەن گەپلىرىنى ئويلىساملا، ئۆزۈمنىڭ بۇنداق رەھىمسىزلىكىمگە نەپىرەتلىنەتتىم.

ئەركىن ئەمدىلا جەمىيئەتكە قەدەم باسقان 17 ياشلىق بالا، مەن بولسام ئەشۇ كىچىككىنە بالىنى ئالداپ كۈن ئۆتكۈزۋاتقان ئالدامچى. مەن قانداقمۇ بۇنداق ساپ مۇھەببەتنى ئالدىيالايمەن؟
- مەن پۇلغا، ھېسىياتقا، كۆز ياشقا ئالدامچىلىق قىلغان بىلەن ساپ مۇھەببەتكە ئالدامچىلىق ئارلاشتۇرسام بولمايدۇ، مەن ھەر قېتىم ئەركىننىڭ ئەشۇ قاراشلىرىنى ئەسلىگىنىمدە مۇشۇنداق ئويلايتتىم.



باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

كونا ئەزا

زۆھرەگۈل

Rank: 3Rank: 3

توردا
130 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
625
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى 10:39:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېلىفۇنۇمنڭ سايرىشى بىلەن ئۆزۈمنىڭ باشقا بىر ئەر بىلەن ئىكەنلىكىمنى ئېسىمگە ئالدىم، مەن ئۇنىڭ چىرايىغىمۇ قارىماستىن تېلىفۇنغا قول ئۇزۇتۇشۇمغا، ئۇ تېلىفۇننى ئېلىپلابېسىۋەتتى.
- نىمە ئۈچۈن مېنىڭ تېلىفۇنۇمنى مەندىن سورىماي بېسىۋېتىسىز-، دېدىممەن ناھايتى ئاچچىقلانغان ھالدا.
-مەن سېنىڭ يېنىڭغا كەلسەملا تېلىفۇنلىرىمنى تاقىۋېتىمەن، ئەجىبا سەن بىرەر قېتىم تېلىفۇن قۇبۇل قىلمىساڭ زادى بولمامدا؟
-سىزنىڭ تېلىفۇنىڭىزنى تاقىۋېلىشىڭىزدا سەۋەپ بار، چۈنكى سىز خوتۇنىڭىزنىڭ تېلىفۇن ئۇرۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ تاقىۋالىسىز، مېنىڭ يوشۇرغىدەك ئادىمىممۇ يوق، شۇڭا تېلىفۇننى تاقىمايمەن ھەم كەلگەن ھەر قانداق تېلىفۇننى قورقماي ئالالايمەن، دىدىم ئۇنىڭغا تىكىلپ تۇرۇپ.
تېلىفۇنۇم يەنە سايرىدى، ناتونۇش بۇ نومۇردىن كەلگەن تېلىفۇنغا خېلى قارىۋەتكەندىن كېيىن قۇبۇل قىلىش كۇنۇپكىسىنى باستىم.
- ۋەي...زۆھرەمۇ، قارشى تەرەپتىن ناتونۇش بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئاۋازى كەلدى.
-شۇنداق، مەن زۆھرە سىز..؟
-مەن ئەركىننىڭ ساۋاقدىشى، ئۇ بۈگۈن مەكتەپ بىناسىدىن ئۆزىنى تاشلىۋاپتۇ، ھازىر دوختۇرخانىدا جىددى قۇتقۇزلىۋاتىدۇ، ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىشى نامەلۇم، ئۇنىڭ سىزگە قالدۇرغان بىر خېتى مەندە ئىدى، ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا دوختۇرخانىغا بىر كەلگەن بولسىڭىز.
-بېشىم قايغاندەك بولۇپ تېلىفۇننى تۇتقان پېتى ئولتۇرۇپ قالدىم، ئەمدىلا ياشلىققا قەدەم قويغان ئاشۇ بالا...قانداق بولۇپ؟؟
- ساڭا نىمە بولدى ئامرىقىم؟
مېنىڭ ئۇنىڭغا چۈشەندۈرگىدەك ھالىممۇ يوق ئىدى، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ تازلىق ئۆيىگە كىرىپ ئۆزۈمنى بىرەر قۇر تۈزەشتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قاراپ <جىددى ئىشىم چىقىپ قالدى> دەپ قويۇپلا چىقىپ كەتتىم.
مەن جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمى ئالدىغا كېلىشىمگە، ئەركىن بىلەن تەڭ دېمەتلىك كېلىدىغان بىر يىگىت ئالدىمغا كەلدى.
- سىز زۆھرە بولامسىز؟ مەن ئەركىننىڭ ساۋاقدىشى، ئۇ شۇنداق دېگىنىچە يانچۇقىدىن بىر پارچە خەتنى ئېلىپ ماڭا سۇندى.
خەتكە سۇنۇلغا قوللىرىم تىتىرەيتى، مەن خەتنى ئالغاچ ئۇنىڭدىن:
-ئەركىن ، ئەركىن ھازىر قانداقراق؟
-دوختۇرخانىغا كەلگەندىلا جان ئۈچۈپ بوپتىكەن.
-تېخى تۈنۈگۈنلا بىز بىللە ئەمەسمىدۇق، نەپىسىم توختاپ قالغاندەك، يەر- جاھان پىرقىراۋاتقاندەك، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى.
ئۇ شۇنداق پاكىز، ئەخلاقلىق ياخشى بالا ئىدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن توردا تونۇشقان ئىدىم. ھېلىمۇ ئېسىمدە مەن ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن چېغىمدا ئۇ كۆزىنى يەردىن ئالماي ئولتۇرغان ئىدى، كۆزلىرىمىز تاسادىبىي ئۇچۇرۇشۇپ قالغۇدەك بولسا، تېخىمۇ قىزىرىپ كېتەتتى.
مەن ئۇ كۈنى تولىمۇ ئاددى ياسانغان ئىدىم. شۇ ئۇچۇرشۇشتىن كېيىن بىر دائىم كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان بولدۇق، بۇ تارتىنچاق يىگىت بارا- بارا مېنىڭ ئالدىمدا ئۆزىنى خېلى ئەركىن ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدى.
- ئەجىبا مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئۆلىۋالغاندىمۇ؟ بۇ ئۆلۈمنىڭ سەۋەپچىسى مەنمۇ؟
قولۇمدىكى خەتتە چوقۇم بۇ ئۆلۈمنىڭ سەۋەبى يېزىلغان، ئەركىن چوقۇم مېنىڭ ئىشلىرىمنى بىلگەن، ئۇ رەت قىلىشىمنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ قالغان شۇ سەۋەپلىك.......پۇت- قوللۇرۇم بوشىشىپ تۇرغىدەكمۇ ھالىم قالمىغان ئىدى.
-مەن سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويايمۇ، چىرايىڭىز بەكلا تاتىرىپ كەتتى، قارىسام تۇرغىدەك ھالىڭىزمۇ قالمىغاندەك قىلىدۇ، ھېلى ئەركىننىڭ ئاتا- ئانىسى، ئۇرۇق- تۇغقانلىرى كەلسە بۇ يەر قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، ئۇ چاغدا سىز تېخىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيسىز.
-بولدى رەھمەت، ئۆزۈم كېتەلەيمەن.
يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىدا قولۇمدا ئەركىننىڭ قالدۇرغان خېتىنى سىقىمدىغىنىمچە چوڭ يولدا نىشانسىزلا ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم، قانچىلىك ماڭغىنىمنى ئۇقمايمەن، ئاخىرى يول بويىدىكى بىر ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرغىنىمدا ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك چارچىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. مەن قولۇمدىكى خەتكە قارىدىم. <ئەركىن سىز ئەجىبا مۇشۇنداق كېتىپ قالدىڭىزمۇ؟ سىز مېنىڭ بىر ئۆمۈر قوغدايمەن دېگەن ئىدىڭىزغۇ؟ يىگىت دېگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشنى كېرەك ئىدى، سىز نېمىشقا، نېمىشقا> كۆزلىرىدىن ئاققان ياش كانۋېرىت سىرتىنى ھۆل قىلۋەتتى.
مەن خۇددى ئۆزۈمنىڭ ئۆلۈم قەغىزىمنى تۇتۇپ ئولتۇغاندەك، بۇ خەتنى ئېچىشقا زادىلا جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتىم. مېنىڭ ئىسمىمدىن بۆلەك خەت يېزىلمىغان بۇ كانۋېرتقا ئۇزۇندىن- ئۇزۇن قارىۋەتكەندىن كېيىن، كانۋېرتنى ئاستا يىرتتىم.
شۇنچە چوڭ بىر ۋاراق قەغەزگە پەقەت ئىككى قۇرلا خەت يېزىلغان ئىدى.<زۆھرە مەن ئاخىرى قۇتۇلۇش يولىنى تاپتىم، سىزنى ئۇ دۇنيادا ساقلايمەن، مېنىڭ ئۇنتۇپ قالماڭ. ئەركىن>
بۇ نىمە گەپ ئەمدى؟ ئۇ نىمىدىن قۇتۇلدى؟ ئۇ قۇتۇلغان بىلەن مەن قانداق قىلىمەن؟ كۆز ئالدىمدا يەنىلا ئۇنىڭ شۇ سىماسى. كۆزۈمدىن ئېقىۋاتقان ياشلىرىمنى سۈرتۈمدە ئورنۇمدىن تۇردۇم، مەن نېمىشقا يىغىلىغۇدەكمەن، ئۇ مېنىڭ نىمەم ئىدى، مەن يا ئۇنى ياخشى كۆرمىسەم، راست مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان، بۇ گەپنى ئۇنىڭغىمۇ نەچچە رەت دېگەن ئىدىم. مەن ھەر قېتىم <سىزنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان> دېگىنىمدە ئۇنىڭ چىرايى بىر خىل بولۇپ كېتەتتى.
ئەمسە يەنە نىمىگە بۇنچە قايغۇرىمەن، نېمىشقا بۇنچە ئازاپلىنىمەن. مەن خەتنى كانۋېرتقا قايتۇرۇپ سېلىپ ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرىگىنىمچە ئۆيگە قاراپ ماڭدىم.
ئىشىكنى ئېچىشىمغا گۈزەلنىڭ ياتىقى تەرەپتىن بىر ئەرنىڭ ئاۋازى كەلدى.

داۋامى بار....


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۆھرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى 10:43  


باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1703
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى 10:59:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۆھرە ، تىما يوللاپتىغۇ ! باركەنلا ھە خانىم . ئەدەمنى سىغىندۇرۇپ يۇقاپلا كەتكەنتىلە . مەن ئۇقۇپ باقاي ، قانداق قىزكەنلا زادى .

كونا ئەزا

زۆھرەگۈل

Rank: 3Rank: 3

توردا
130 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
625
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى 11:01:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسمەتۇللاھ يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى 10:59
زۆھرە ، تىما يوللاپتىغۇ ! باركەنلا ھە خانىم . ئەدەمنى سى ...

ئىشقىپ ياخشى قىز ئەمەس

باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

Rank: 1

توردا
568 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
748
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى 12:44:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىنى ئاخىرنى بىر كۆرۇپ باقايلى، ياخشى يىزىۋاتىسىز جۇمۇ ، تىزرەك!!!!!!!!!!

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى 15:45:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي بەكمياخشى  چىقىۋاتىدۇ.....ھە  قىنى  ساقلىدۇق ئەمسە

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
426 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
886

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى 18:39:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن سەل ھاياجىنى يامان بالىمۇ قانداق ؟ ئىھتىمال زۆھرە رەت قىلىۋىرىپ زۆھرەنى ئۇنىتالماي شۇندا قىلدىمۇ ؟ زۆھرەنىڭ مۇھەببىتىدىن قۇتۇلۇش يۇلىنى تاپتىمۇ ؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
287 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى 22:47:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ زادى قانداق قىز؟

مەن زادى قانداق قىز؟بۇ سۇئالنى نۇرغۇن قىزلىرىمىز ئۆزىگە قۇيۇپ باقسا بۇلاتتى.......بىز كۈتكەندەك جاۋاپ بىرىدىغانلىرى قانچىلىك چىقاركىن؟

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

كونا ئەزا

زۆھرەگۈل

Rank: 3Rank: 3

توردا
130 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
625
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى 11:08:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلخان يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى 22:47
ئۇ زادى قانداق قىز؟

مەن زادى قانداق قىز؟بۇ سۇئالنى نۇر ...

داۋامىنى ئوقۇغاندا يا نەپىرەتلىنىسىز، ياكى ئىچ ئاغىرتىسىز، بۇ سىزنىڭ قارىشىڭىزغا باغلىق...قانداق قىز ئىكەنلىكىگە قىزىقسىڭىز كۈندە يوقلاپ تۇرۇڭ بۇ ئەرزىمەس يازمامنى

باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 18:22 , Processed in 0.098305 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش