يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 249|نەقىل: 8

ھاياتلىقنىڭ بىرتەرپى . . .R [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
424 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
886

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:56:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ھاياتلىق ھەربىر ئادەمگە بىرلا قېتىملىق بىرلىدىغان پۇرسەت. ھەربىرىمىز ھاياتلىق سەپىرىدە باشقىلارنىڭ كەينىدە قېلىشنى خالىمايمىز. ئەمما، ھەممىدىن بۇرۇن ئاخىرقى نوقتىغا بېرۋېلىشنىمۇ خالىمايمىز . . .


بىر ۋاقىتتا سۆگەت چىۋىقلىرىدا تاج ئىتىپ تاقاپ يۈرگەن، يول بۇيىدىكى ئېرىقلارغا بۇدۇكلىرىمىزنى چىلاپ يۈرگەن بالا ئىدۇق. بۈگۈنكى قورۇق باسقان چىرايلاردا ھېلىمۇ بالىلىقتىكى نىپىز، سۈزۈك تېرىلەرنى ئەسلىيەلەيمىز . . . قانداق ھايات بەك تىز ئۆتەمدىكەن ؟ «ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان توختاپ قالغان يامان» دىگەن گەپ بار. ھاياتلىق قارىماققا بەك ئاستا ماڭغان ئەمما زادى توختاپ قالمىغان . . .


بۈگۈن ئەينەك ئالدىدا تۇرۇپ يىغلىۋەتتىم ؟ نىمىشقا دەمسىز ؟ مەن ھلىغىچە ئۆزۈمنى كىچىك، ياش چاغلايتتىم ئەمما قورۇقلاشقان يۈز تىرىللىرىم، بۇيان، زاڭاق، قۇلاقلىرىمغىچە باسقان ساقاللار «ئويغان ئەخمەق !»دەۋەتاتتى . . . مەن نەگە كىتىۋەتىمەن . . . بىلەمسىز ؟ مەن ئۆلۈمنىڭ ئالدىغا كىتىۋاتىمەن. ماۋۇ دەسسەپ ئۆتكەن ھەربىر قەدەم، تىنىپ ئۆتكەن ھەربىر تىنىق، كۆرۈپ ئۆتكەن ھەربىر زەررىنىڭ ھىسابىنى بەرگىلى كىتىۋاتىمەن. . . ئەمما مەن شەيتانغا ئەگىشىپ كەتكەن . . . نىمە دەيمەن زادى نىمە دەيمەن ؟


قەغەزدىن موللا قوپقاپ ياساپ پارتىنىڭ ئىچىگە تىقىۋېلىپ تازا ئويناۋاتسام كاپپىدە قۇلۇقۇمدىن تۇتۇپ « ۋۇ كەپسىز ، ئۇيۇن قېپى، تۇرە ئورنۇڭدىن » دەپ سۆرەيدىغان خانىمىمنى بۈگۈن ئۇچۇرتىپ قالدىم. قۇلۇقۇمنى يۇلىدىغان قوللىرى تىتىرەپ تۇرىدۇ، پەرزىمچە بىرتال تۇخۇمنى ساق تۇتالمايدۇ، پارقىراپ تۇردىغان يۈزلىرىنىڭ نۇرى ئۆچۈپتۇ، يول،يول قورۇقلار، چىكىت،چىكىت داغلار، قومچاقنىڭ تىرىسىدەك قۇلىشىپ كەتكەن تىرىلەر ئەي مۇئەللىمە تىرەڭنىڭ ۋاقتى ئۆتتى، نۆۋەت تىنىقىڭغا كەلدى دەۋاتقاندەك قىلاتتى.




1200 كويغا بىر قۇتا ماي ئېلىپ ئاسرىغان چىرايلار، بۇغداي ئۆڭلۈك تىرىلىك ئاياللارنىڭ ئىرىنى تارتىپ كىتەلىگەن ئاپئاق چىرايلار مىڭ ئەپسوس . . . ئۆزگىلەرنىڭ كۆزيېشىنى شاراپ قىلىپ قاقاھلىغان كۈلكىلەر بىلەن ھوزۇر سۈرگەن نازىنىنلار نەق ۋاقىتتىكى نەچچە مىنۇتلۇق ھوزۇرنى قۇيۇپ تۇرۇپ ئاز ۋاقىتتىن كىيىنكى نەتىجىنى ئويلىغان بولسىچۇ ؟ دەۋزەخ ئۇتىنى نىمە تۇسۇپ قالار ؟

ئۆمەر بىر ئادەمگە كۈنلۈكى مىنىڭ ئۆيۈمگە كىلىپ «ئەي ئۆمەر ئالدىڭدا ئۆلۈم بار » دەپ ئەسكەرتىپ قويساڭ مەن ساڭا بىر دىنار بىرىمەن دەپتۇ، دىگەندەك ئۇ ئادەم ھەركۈنى كىلىپ بىر ئېغىز گەپ بىلەن بىر دىناردىن پۇلنى ئېلىپ مىڭىۋىرىپتۇ.
بىركۈنى ئۆمەر «ئەمدى كەلمىگىن دەپتۇ»، «نىمىشقا» دەپتۇ ئۇ ئادەم ھەيران بۇلۇپ «ئەتتىگەن تاھارەت ئېلىۋاتقاندا بىرنەچچە تال ئاق چاچنى بايقاپ قالدىم، ئەمدى سەن ئەسكەرتمىسەڭمۇ بۇلىدۇ »دەپتۇ ئۆمەر جاۋابەن. ئەزىزلىرىم ئاقارغان چاچلار، قارىدىغان تېرىلەر، تۈكۈلگەن چىشلار، تىتىرگەن قوللار ئۇلار پەقەت بىرلا ئېغىز گەپ قىلماقچى «بىز سىنى ئاخىرەتكە ئەكەتكىلى كەلدۇق»












بالىلىقىدا ئات ئويناپتۇ، ياشلىقىدا شەدە ئويناپتۇ، ئوتتۇرا ياشلىقىدا قاۋاقخانا، مىھمانخانىلاردا ئويناپتۇ، قېرلىقىدا شاھمات، تاختىسىدا ئويناپتۇ. ئۆلگەندە دەۋزەخكە ھۈكۈم قىلنىپتۇ، بىرى قاقشاپتۇ« ئەي رەببىم بىخۇتلىشىپتۇق، ئۆلۈمنى ئۇنتۇپتۇق بىرە ئەلچى، خەۋەرلەندۈرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەڭ بولماسمىدى» پەرىشتىلەر ئېيتىپتۇ. « ئاقارغان چاچ-ساقاللار ئەلچى ئەمەسمىدى ؟ سۇلاشقان تېرىلەر، تۆكۈلگەن چىشلار ، خەۋەرلەندۈرگۈچى ئەمەسمىدى ؟ بۇشاشقان پۇت-قوللار، ئىگىلگەن قەددىڭ ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەمەسمىدى ؟ كۆمۈلۈۋاتقان قېرىنداشلىرىڭ ! ئۆلۈۋاتقان ئەل-جامائەت ئېبرەت ئەمەسمىدى ؟











مۇسكۇللۇق بەدىنىڭىزگە، ئەقىللىق كاللىڭىزغا، پۇلاتتەك قەددى-قامىتىڭىزگە، ئايدەك ھۆسۈن-جامالىڭىزغا ئىشەنمەڭ ! بۇ لارنىڭ ھەممىسى سىزنى بىخۇتلاشتۇرغۇچى، مەس قىلغۇچىلار، ئاخىرەتنى، ئۆلۈمنى، ئاللەنى ئۇنۇتتۇرغۇچىلاردۇر، بۇلارنىڭ ھەممىسى پانىيدۇر، ئاللاھنىڭ زاتىدىن باشقا ھەممە، ھەممە پانىيدۇر.

مەنبە: روھچىن قەلب خاتىرسى


Rank: 3Rank: 3

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
442
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى 19:45:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ۋاقىتتا سۆگەت چىۋىقلىرىدا تاج ئىتىپ تاقاپ يۈرگەن، يول بۇيىدىكى ئېرىقلارغا بۇدۇكلىرىمىزنى چىلاپ يۈرگەن بالا ئىدۇق. بۈگۈنكى قورۇق باسقان چىرايلاردا ھېلىمۇ بالىلىقتىكى نىپىز، سۈزۈك تېرىلەرنى ئەسلىيەلەيمىز . . . قانداق ھايات بەك تىز ئۆتەمدىكەن ؟ «ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان توختاپ قالغان يامان» دىگەن گەپ بار. ھاياتلىق قارىماققا بەك ئاستا ماڭغان ئەمما زادى توختاپ قالمىغان . .
مۇشۇ كۈنلەردە يالغۇزلۇقنى بەكلا خالايدىغان، يالغۇز ئولتۇرۇپ بالىلىقىمنى، ياشلىقىمنى ۋە ھازىرىمنى كۆپ ئويلايدىغان بوپ قالدىم. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى شۇ سۈرەتتىكى ئۆزۈم ۋە ھازىرقى ئۆزۈمگە قاراپ ھاياتنىڭ ھەقىقەتەن ناھايتى تېز ئۆتكەنلىكىنى ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.
كۆز ئەتتىراپىمغا ۋاقىتسىز چۈشكەن شۇ قورۇقلارنىڭ بەزىلىرىدىن سۆيۈنسەممۇ، بەزىلىرىگە قاراپ دىماقلىرىم ئېچىشىپ كېتىدۇ، قايسى بىر كورىيە فىلىمىدە ئايالى يولدىشىنىڭ يۈزىدىكى قورۇقلارنى سىلاپ ئولتۇرۇپ، چۈشكەن سەۋەپ ۋە ۋاقىتلىرىنى ئېيتىپ بەرگەن شۇ كۆرۈنىشىنى ئەسلەپ، ئۆزۈمچە قورۇقلىرىمنى سىيلىغاچ قايسىسى قاچان، نېمە سەۋەپتىن چۈشكەن قورۇقلار بولغۇيتتى دەپ ئەسلەپ باقىمەن، ئەمما ئەسلىيەلمەيمەن، خۇددى 50-60 يىل ياشىغاندەك بۇ قىسقىغىنە ھاياتىمدا بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلىرىم يېشىمغا نىسبەتەن خېلىلا جىق ئىكەن.
مەن بۇ قىسقىغىنە ھاياتىمنى خۇلاسىلەپ باقماقچى بولۇپ ئولتۇرغىنىمدا، ئاچچىق ئەسلىمىلىرىمنىڭ خۇشال كۈنلىرىمدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ بەكمۇ ئازاپلىنىمەن، مەن ھاياتىلىق سەپىرىمدە تىرىشىپتىمەن، تىرىشۋېتىپتىمەن، شۇ تىرىشچانلىقىلىرىمغا چۇشلۇق نىمىلەرگە ئېرىشتىم؟
ئېرىشكىنىمدىن يوقاتقانلىرىم بەك جىق، ئەمما ئۆكۈنىشنى خالىمايمەن، چۈنكى ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ئارقىغا قايتۇرغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئەمدى تېخىمۇ ياخشى ياشاش ئۈچۈن، يەنىمۇ تىرىشىشىم كېرەك!

كەيپىم بەك چاغ

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى 20:53:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاپ،دائىم خوشال- خورام ئۆتسەم دەيمەن

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى 20:57:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتۇرچەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى 20:53
ھەممە ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاپ،دائىم خوشال- خورام  ...

ئەگەر شۇنداق قىلغىلى بولىدىغان ياخشىراق چارە تېپىلىپ قالسا، ھايت دەۋېتەرسىز ماقۇلمۇ
روھچىن، بىر نەرسە يازمايدۇ، يازسا ئادەمنى ئويغا سالغۇدەك نەرسە يازىدۇ، شۇڭىمۇ سېغىنىپ تۇرىمىز يازمىلىرىنى، گەرچە دەبدەبىلىك گەپلەر بىلەن ئىنكاس يازالمىساقمۇ سەۋىيەگە چۇشلۇق بىر نەرسە يازىمىز

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى 20:59:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مايسىخان يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى 20:57
ئەگەر شۇنداق قىلغىلى بولىدىغان ياخشىراق چارە تېپىلىپ ...

ئىنكاسنى دەھشششەت يېزىڭ دىمەكچىمۇ

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
176
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى 23:02:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھ،نىمىمۇ دەيمەن،بۇ تېمىغا بىرىنچى بولۇپ ئىنكاس يازسام...مانا يوق،ھەممە نەرسەم يوق بولدى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   غۇنچەقىز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى 23:03  


ئەي قىز،سۆزى،كۈلكىسى،يىغىسى ئەرزان قىز بولۇشتىن ساقلىنىڭ!

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
424 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
886

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى 23:34:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غۇنچەقىز يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى 23:02
ئەھ،نىمىمۇ دەيمەن،بۇ تېمىغا بىرىنچى بولۇپ ئىنكاس يازس ...

مەن ئىنكاسىڭىزنى ئۆزىڭىزنى ئۆچۈرۋەتتىمىكى دەپتىمەنغۇ ؟ ئىنكاسىڭىزغا باھا بىرىپ بولغۇچە يۇقاپ كىتىپتىكەن

Rank: 1

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
176
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى 20:09:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتۇللاھ يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى 23:34
مەن ئىنكاسىڭىزنى ئۆزىڭىزنى ئۆچۈرۋەتتىمىكى دەپتىمەنغ ...

نەدىكىنى،تېما،ئىنكاس ھەممە نەرسەم يوقلا

ئەي قىز،سۆزى،كۈلكىسى،يىغىسى ئەرزان قىز بولۇشتىن ساقلىنىڭ!

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى 16:14:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر چاغلاردا ئۆي ياساپ،قونچاقلارنى بالام ئېتىپ ئوينايدىغان،مەھەللىمىزدىكى ئۆستەڭگە سۇغا چۈشكىلى قىچىپ كېتىپ ئاپامنى ئەنسىرتىپ يۈرۈيدىغان،ئۈژمە  يەيمەن دەپ كۆينىكىمنى يىرتىپ ئاپامدىن تىل ئاڭلىغان .....مانا شۇنداق غەمسىز بىر  قىز  ئىدىم.......مانا  ئەمدىچۇ......تۇرمۇش  ھەلەكچىلىكى ...... خىزمەت،ئۆي...بالىلار......

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 00:19 , Processed in 0.066682 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش