
مىسىردىكى بىر ئارخىئولۇگىيە ئەترىتى قاھىرەدىن ئالەمدىن ئۆتكىلى 3000 يىلدىن ئاشقان چىرىشتىن ساقلاش دورىسى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان مومىيانى كولاپ چىققان.ئەمما مەزكۈر ئاكادىمىيىنىڭ مەسئۇلى سەيىردى يېقىندا ھەيران قالارلىق بىر بايقاشقا ئېرىشتى ۋە بۇ مومىيانىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى دەلىللىدى.

موزىيىدىكى مومىيا
قورساقتىكى ھامىلە قارماققا سەككىز ئايلىق بولغان بولۇپ،ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھامىلىنىڭ نورمال يېتىلگەنلىكىنى كۆرۇۋالغىلى بولىدۇ.مەزكۈر ئاكادىمىيىنىڭ قارىغۇچىسى شىتار ھامىلىنىڭ دادىسى دەپ كۆرسىتىلدى،ئەمما ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ئايال مومىيانىڭ گۈزەللىكىنى رەت قىلالمايدىغانلىقىغا ئىقرار بولدى.

بۇ پەرەز ئىككى ئايدىن كېيىن يەڭگىيدىغان بۇ مومىيا ھازىر ئىنىستېتۇت ئىچىگە قويۇپ قويۇلغان.
سەردى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
ئۇلار مومىيانىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان،ئەمما ئەمەلىيەت تەرەققى قىلىپ تەسەۋۋر قىلغىلى بولمايدىغا دەرىجىگە يەتتى.

سەردى باشچىلىقىدىكى تەتقىقاتچىلار بۇ ئايال مومىيا بايقالغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھامىلدار ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن، ئۇلار شىتارنى بۇ مومىياغا قاراشقا ئورۇنلاشتۇرغان. شىتار مۇنۇلارنى ئىقرار قىلدى:
بۇ ئايال مومىيا ناھايىتى جەلىپ قىلارلىق دەرىجىدە گۈزەل بولۇپ، ئۇ مېنىڭ قەلبىمدە ئەڭ سۆيۈملۈك ساھىپجامال.

تەھلىل قىلىشقا ئاساسلانغاندا، بۇ ئايال مومىيا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1206-يىلىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 924-يىللىرىغىچە بولغان دەۋىردە ياشىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تېرىسى، موسكۇلى ۋە قان تومۇرلىرى ھېلىمۇ ساقلىنىپ قالغان.سەردى بۇ ئايال 24 ياشلار ئۆپچۆرىسىدە ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن، يۇقىرى قاتلام جەمئىيىتىدىن ھەتتا ئاقسۆڭەك نەسلىدىن بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدى.

سەردى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ مومىيانىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە 3 مىڭ يىل بولغان ئەمما ئۇ ھامىلدارلىق ئۇرۇقىنى قوبۇل قىلالايدۇ ياكى بۇ مومىيانىڭ سۇيۇق جىسىمى ئاجايىپ ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ئۆلگىنىگە گەرچە نەچچە مىڭ يىل بولغان بولسىمۇ ھامىلە ساغلام تەرەققى قىلغان. مومىيانىڭ ھامىلىسىنىڭ يۈرەك سوقۇشى ئاڭلانغان. مومىياغا يەنە نۇرغۇن بۇۋاقلار بۇيۇملىرى قوشۇپ دەپنە قىلىنغان بولۇپ،گويا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ئانا بولۇشىنى ئۈمىد قىلغاندەكلا ئىدى .
مەنبە:ئۇلىنىش خەۋەر تۇرى