يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1609 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 310|ئىنكاس: 52

ئايالىڭنى خورلىما!!!!!!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
528 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
671
يوللىغان ۋاقتى: 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                          ئايالىڭنى خورلىما

                                                     (مۇھەممەدئىمىن ھەسەن)
                                                  قاغىلىق ناھىيە شادلىق دوختۇرخانىسى


                                                    ئايال دېگەن ھاياتنىڭ يارىشغىدۇر خورلىما،
                                                    ئائىلىنىڭ بەرىكىتى- چىرىغىدۇر خورلىما.
                                                    ساڭا ھەمراھ بىر ئۆمۈر دىلكىشىڭدۇر ئۇ يەنە،
                                                   نېمەتلەرنىڭ جەۋھىرى ئايالىڭنى خورلىما.
   
        ئايالى يوق ئۆي دېگەن خۇددى ئوخشار مازارغا،
       ئايالى يوق ئەركىشى كۈندە قاترار بازارغا.
      ئوڭدىن كەلمەس ھېچ ئىشى يېقىن بولار قازاغا،
      كۆپتۇر يەنە دەرتلىرى ئايالىڭنى خورلىما.


                                                  توي قىلماستا سەن بىلەن ئەتىۋارلىق قىز ئىدى،
                                                  ئاتسىغا- ئانىسغا پەخرى ئىدى ئىز ئىدى.
                                                  تېنى ساغلام بېجىرىم شۇنداق ئەركە قىز ئىدى،
                                                  سېنىڭ ئىكەن تەقدىرى ئايالىڭنى خورلىما.


        دەرتلىرىڭگە تەسەللى بېرەر ساڭا ھەرقاچان،
        بىللە ياشاپ سەن بىلەن بىرگە قۇرار ئۆي ماكان.
       سەپەر قىلساڭ ھەمراھ بوپ بىرگە ئاشار ھەم داۋان،
       يالغۇزلۇقۇڭ ھەمرىيى ئايالىڭنى خورلىما.


                                             كىم رەنجىتسە، دەردىڭنى ئايالىڭدىن ئالىسەن،
                                           مەست بولساڭغۇ ھەرقاچان مۇشتۇڭ بىلەن سالىسەن.
                                           خىجىل بولماي بەزىدە قاپىقىنى يارىسەن،
                                          كەتسە ئۆتەر شۇ قەدىرى ئايالىڭنى خورلىما.


        بالىلىرىڭنىڭ ئانىسى پەرۋىشچىسى ئەمەسمۇ،
       سەن يىراققا كەتكەندە غەملىرىڭنى يېمەسمۇ.
       ۋاپاسىغا دەرت بەرسەڭ ھەممە لەنەت دېمەسمۇ،
       ۋاپادارنىڭ سەرخىلى ئايالىڭنى خورلىما.


                                        ھېرىپ- چارچاپ كەلگەندە ھاردۇق ئېشى بېرەر ئۇ،
                                       ئۇسساپ كەلسەڭ چاي دەملەپ، ياكى بىرەر سوغۇق سۇ.
                                       ئاناڭ كەبى كۆيۈنەر، ۋاپا دېگەن ئەنە شۇ،
                                      تەشنالىقنىڭ كەۋسىرى ئايالىڭنى خورلىما.


         قىرىغاندا، ھارغاندا، يۈرەكلىرىڭ سالغاندا،
        كېسەل بولۇپ ئاجىزلاپ، پۇت- قوللىرىڭ تالغاندا.
        ھاجەتكە ھەم بارالماي بىچارە بوپ قالغاندا،
        ئەسقاتىدۇ ئاخىرى ئايالىڭنى خورلىما.




                                               مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر مۇنبىرىدىن ئېلىندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈلئايىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى 19:53  


Rank: 2

توردا
30 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
1
يازما
52
يوللىغان ۋاقتى: 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدايىم ساقلىسۇن خورلاشتىن

ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى
www.makanmusic.com/bbs

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
194 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
479
يوللىغان ۋاقتى: 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ئەمەسمۇ،كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچىدۇ.گۈل دىگەنمۇ  پەرۋىش قىلسا ئاندىن ئېچىلىدۇ،پۇراق چاچالايدۇ.ئايال ۋاختى كەلگەندە ھەرقانداق نەرسە بۇلالايدۇ.........

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1210 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3169

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ خورلىغانلارمۇ ھامان بىر كۈنى جاجىسىنى يەيدۇ، ئايال كىشىنىڭ كۆزىدىن بىھۇدە ئاققان بىر تامچە ياشنىڭ بەدىلىنى ھامان تۆلەيدۇ، ئۇنداق نامەرتلەر

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 1

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
35
يوللىغان ۋاقتى: 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مايسىخان يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى 13:58
شۇ خورلىغانلارمۇ ھامان بىر كۈنى جاجىسىنى يەيدۇ، ئايال  ...

مايسىخان ھەدە سىز قايسى ئىنىستىتوتنى پۇتتۇرگەن بولغىيتىڭىز،ئەجەپ دانا سۆزلەرنى يوللاپسىز،ئانداق مەسىللەرگە بىر تەرەپلىمە باھا بەرمەڭ ،گەرچە مۇنبەر سىزنىڭ بولسىمۇ؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1210 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3169

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى 19:37
مايسىخان ھەدە سىز قايسى ئىنىستىتوتنى پۇتتۇرگەن بولغى ...

قايسى ئېنىستېتۇتنى پۈتتۈرۈش بىلەن، ئاجىزلارنى، ئاياللارنى خارلىغان شۇنداق نامەرتلەرگە ئېيتقان گېپىمنىڭ مۇناسىۋېتى بارمۇ؟  مۇنبەر مېنىڭ بولۇش بولماسلىق بىلەن ئىنكاسنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋېتى يوق، بۈگۈن قاتتىق ۋاقىت چىقىرىپ مېنىڭ ئىنكاسىمغىلا جاۋاپ يازغىلى كىرگەن ئوخشىمامسىز، تەشەككۈر سىزگە

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
389 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1711

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمەكچى , تېمىدىن چەتنەپ كېتىپسىزما مەرىم ?

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1210 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3169

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 16:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى 23:15
دىمەكچى , تېمىدىن چەتنەپ كېتىپسىزما مەرىم ?

مۇشۇ يېشىمغىچە مەكتەپ دەرۋازىسى كۆرمىگەن تۇرسام، تېمىدىن  چەتنەپ كەتتىممۇ ياكى بۇ ئالىي مەلۇماتلىق دوستىمىزغا گەپلىرىم ياقماي قالدىمۇ ئۆزۈممۇ بىلمىدىم ئانىرىم

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
389 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1711

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 16:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مايسىخان يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 16:19
مۇشۇ يېشىمغىچە مەكتەپ دەرۋازىسى كۆرمىگەن تۇرسام، تېم ...

‏مەنمۇ ئاڭقىرالماي قالدىم ،بولمىسا ئايالىنى خورلىغانلار جەننەتكە كىرسۇن دەپ بېقىڭە ، چەتنىمىگەن بولۇپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس 

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1210 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3169

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 16:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 16:22
‏مەنمۇ ئاڭقىرالماي قالدىم ،بولمىسا ئايالىنى خورلىغا ...

ھاھاھاھاھا~~ ئۇنداق دېسەم قالغانلار چالما- كېسەك قىلۋېتەرمىكىن، ئۆزۈمنىڭ ئۆيىدە ئۆزۈم گەپ قىلىشتىن قورققاندەكلا بىر ئىش بولىۋاتىدۇ ھازىر

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى 13:41 , Processed in 0.057140 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش