يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1920 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 239|نەقىل: 4

ئېرىشكەننى قەدىرلەڭ… [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
69
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى 10:27:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

       دۇنيادا ياخشىراق تۇرمۇشقا ئىرىشىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقانلارغا نىسبەتەن ئىيتقاندا، ئېرىشىش، مەھرۇم بولۇش توغرىسىدىكى ئۇقۇملار ئانچە يات بولمىسا كىرەك. ئىنسان ھاياتىدا نۇرغۇن سىناققا دۇچ كىلىدۇ. بەزىدە ئادەمگە ئامەت كۈلۈپ باقسا، بەزىدە پىشكەللىك يىپىشىدۇ. ھاياتلىقتا ئىنساننىڭ ئىرىشكىنىدىن يوقاتقىنى كۆپرەك بولىدۇ، بۇ بىر ھەقىقەت. ئەمما، كىشىلەر ئارىسىدا بۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس. بەزىلەر بۇنىڭ بىر خىل قانۇنىيەت ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، پىشكەللىك ، مەھرۇم قىلىشلارغا ئارتۇقچە قايغۇرۇپ كەتمەي، يوقاتقانلىرىغا تەن بىرىپ ھاياتلىقنى داۋام ئىتىدۇ، يەنە بەزىلەر ئېرىشكەنلىرى ئۈچۈن زىيادە خۇش بولۇپ، يوقاتقانلىرى ئۈچۈن ئىزتىراپ چېكىپ، ئۆزىگە قانداق تەسەللى بېرىشنى بىلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھاياتلىقتا يوقاتقانلىرىغا قايغۇرغاندىن كۆرە، قولىدا بارىنى قەدىرلەش ھەممىدىن موھىم.
بىر داڭلىق كارخانىچى بىر كۈنى دادىسى بىلەن ئالى دەرىجىلىك ئاشپۇزۇلدا تاماق يېگەچ بىر ئىسكىرىپكىچىنىڭ ئۇلارغا چىلىپ بەرگەن موزىكىسىدىن ھوزۇرلىنىپتۇ. بۇ كارخانىچى يىقىملىق ئىسكىرىپكا موزىكىسىنى ئاڭلىغاچ ئۆزىنىڭمۇ ئىلگىرى ئىسكىرىپكا چىلىشنى ئۈگەنگەنلىكىنى يادىغا ئىلىپ، دادىسىغا : ئەگەر مەن شۇ چاغدا ئىسكىرىپكا چىلىشنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەنگەن بولسام، بەلكىم مۇشۇ جايدا ئىسكىرىپكا چالغان بولاتتىم، دەپتۇ. دادىسى ئوغلىغا : ئەگەر ئەينى چاغدا شۇنداق قىلغان بولساڭ، ھازىر بۇ جايدا ئولتۇرۇپ تاماق يىگەچ، بۇ موزىكىدىن ھوزۇر ئالمىغان بولاتتىڭ، دەپتۇ.
كىشلىك تۇرمۇشتا، بىر دائىم دىگۈدەك قولدىن كىتىپ قالغان ئاشۇ پۇرسەتلەر ئۈچۈن ئاھ ئۇرىمىز-يۇ، ھاياتتىىن ئىرىشكەنلىرىمىزگە ئانچە ئىرەن قىلمايمىز. بىلسەك، تېنىمىزنىڭ ساقلىقى، بەختلىك ئائىلىمىز، تۇرمۇش كەچۈرەلىگۈدەك ئىمتىيازىمىزنىڭ بارلىقى بىر ئۈچۈن ناھايتى قىممەتلىك، گەپ بۇنى قەدىرلەشنى بىلىشتە.
يىقىندا توردا ئىككىلا قولى يوق بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ كىشى باشقىلارغا تايانماي، نورمال كىشىلەر قىلالايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدىكەن. چۈنكى، ئۇ ئىككى قولى بولمىسىمۇ ئىككى پۇتىغا تايىنىپ، خىزمەت، تۇرمۇش، ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىكەن. كىشلىك تۇرمۇشتا يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. تىخى ئەتىگەندىلا يۈز كۆرۈشۈپ، ھالام – سەھەت قىلىشقان، بىر – بىرىگە ئامان – ئىسەنلىك تىلەشكەن كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى بىزدىن چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، بىر كىچىدىلا ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىدۇ. مۇشۇنداق چاغلاردا سىز قانداق تۇيغۇغا كىلىسىز ؟ مىنىڭچە، نۇرغۇن كىشى ھاياتنى قولدىن كەتكەن پۇرسەت، يوقاتقان نەرسە، ئۆتۈپ كەتكەن كۆڭۈلسىز ئىش ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇش بىلەن ئەمەس، بەلكى ھاياتنىڭ سىزگە ئاتا قىلغانلىرىنى قەدىرلەش بىلەن ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىدۇ.
قىسقىغىنا ھايات يولىمىزدا قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولايلى، قانچىلىك مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئېرىشەيلى، ئالدى بىلەن ئۆتۈۋاتقان ھەر بىر كۈنىمىزنى قەدىرلەپ، ھاياتىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىشىمىز، قىيىنچىلىق، مەغلوبىيەت ئالدىدا باش ئەگمەسلىكىمىز لازىم. شۇنى تىخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشىمىز كىرەككى، شۇ قىسقا ھاياتىمىزدا تىرىشىپ – تىرمىشىپ، ئالغا ئىنتىلىپ ھالال ياشىشىمىز، ئىلكىمىزدىكى ھەر بىر نەرسىنى قەدىرلەشنى ئۈگۈنىۋىلىشىمىز لازىم. شۇندىلا بۇ ھايات تولىمۇ گۈزەل، تولىمۇ كۆڭۈللۈك بولىدۇ. تۇرمۇش سىزگە شۇنى تەۋسىيە قىلىدۇ : ئىرىشكەنلىرىڭىزنى قەدىرلەشنى، يوقاتقانلىرىڭىز ئۈچۈن قايغۇرماسلىقنى ئىسىڭىزدە ھەر ۋاقىت چىڭ ساقلاڭ. قايغۇ ئاجىزلارنىڭ كۆز يىشىدۇر. ھاياتلىق سەپىرى گويا بىر ئەينەك، سىز ھەر كۈنى ئۇنىڭغا كۈلۈپ قاراڭ.
مەنبە : تۇرمۇش خاتىرىسىدىن


ئەمدى سىز يوق شەھەرماڭاتارلاشتى...مەن كۈتىمەن...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1430 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى 14:11:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھايات تولىمۇ گۈزەل، تولىمۇ كۆڭۈللۈك بولىدۇ. تۇرمۇش سىزگە شۇنى تەۋسىيە قىلىدۇ : ئىرىشكەنلىرىڭىزنى قەدىرلەشنى، يوقاتقانلىرىڭىز ئۈچۈن قايغۇرماسلىقنى ئىسىڭىزدە ھەر ۋاقىت چىڭ ساقلاڭ. قايغۇ ئاجىزلارنىڭ كۆز يىشىدۇر. ھاياتلىق سەپىرى گويا بىر ئەينەك، سىز ھەر كۈنى ئۇنىڭغا كۈلۈپ قاراڭ.

................................
ئاخىرقى بۇ جۈملىلەرنى ئوقۇپ ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرۇپ ئېيتىدىغان ۋە نەچچە يىللاردىن بېرى ئۆزۈمگە ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ناخشىنىڭ مۇنۇ مىسرالىرى يادىمدىن كەچتى.

ھايات يولى تۈز ئەمەس، چۈشەنسەڭ ئەگەر،
باردۇر ئۇنىڭ قايغۇسى شاتلىقىمۇ ھەم.
ئۈمىد بىلەن ياشىساڭ بەخت ساڭا يار،
بۇ دۇنيادا تۈگىمەس مەڭگۈلۈك ئەلەم.

ئاھ ئۇرۇپلا يۈرمىگىن ھەسىرەت- پىراقتا،
سەن كۈلۈپ باق ھاياتقا، ھايات كۈلمىسە.
مەغرۇر ياشا، شات ياشا، ئىگىلمىسۇن باش،
ئۆزەڭ يارات بەختنى، بەخت كەلمىسە.


مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى 16:25:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسىت بەزىدە بىز ئۆزىمىزنىڭ شۇنچە بەخىت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى بىلەلمەي قالىمىز،ياخشى ئويلىساق بىز شۇنداق بەختلىك ھەم شۇنچە خاتىرجەم......ئويلاپ قالىمەن تۇرمۇشتا ئاز تولا غەملەرمۇ بوپ تۇرىدۇ لىكىن بۇ كىچىك ئىشلار.....ھەر كۈنىمىزنى خوشال مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشايلى چۈنكى بۇ ھايات چەكلىك

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى 17:09:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏نىمە ئۈچبن مەن شۇ چەكلىك ھاياتىمنى چەكسىز خوشال ئۆتكۈزەلمەيمەن ؟ دائىم قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرايلى دەپ شوئارنى توۋلاپ قويۇپ ئۆزۈم ئەمىلىيلەشتۈرەلمەيمەن 

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 1

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
178
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى 00:16:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلمىساقتىن ياندا يوقتۇر قەردى بارى،
ئىنسان شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى.

ئەي قىز،سۆزى،كۈلكىسى،يىغىسى ئەرزان قىز بولۇشتىن ساقلىنىڭ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 12:50 , Processed in 0.084222 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش