يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1872 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 560|ئىنكاس: 3

دەرت تارتقان ئايال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى 06:12:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                    دەرت تارتقان ئايال

        تۇيۇقسىز قەشقەر تەۋەلىكىدىكى تېلفۇن نۇمۇرى تېلفۇنۇمنى سايراتتى، كىملىكىنى بىلىپ بولالماي تېلفۇننى ئالدىم. تېلفۇننى خېلى بۇرۇن تۇنۇشقان توردىشىمنىڭ ئايالى ئۇرغان ئىدى. تىچ-ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئاشۇ توردىشىمنى، يەنى يولدىشىنى داۋالاتقىلى ئۈرۈمچىگە كەلگەنلىكىنى بىلدىم، كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ كىسىلى زادى قانچىلىك ئېغىرلىشىپ كەتكەندۇ دەپ ئويلىدىم، پۈتۈن خىيالىم ئۇنىڭدا قالدى. ئۇ كۈنى ئىشلەيدىغان بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئەتىسى بارىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ، خوشلاشتىم. ئەتىسى ئۈتەر يولۇمدا ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات يىرىگە جايلاشقان بۇ چوڭ دوختۇرخانىغا قاراپ يول ئالدىم، ئاۋال بىمارغا ئازراق مىۋە-چىۋىلەرنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قانچىنچى قەۋەت، قانچىنچى كارۋاتتا ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن تېلفۇن قىلدىم، ئەمما تېلفۇن ئىتىك چىقتى، شۇنچىلىك تەقەززا بولدۇم، قانداق تېپىشىمنى بىلەلمەي، تەۋەككۈلگە لىفىتكە چىقىپ، يارتا پارالىچ بولغان كىسەلنىڭ قانچىنچى قەۋەتتە ئىكەنلىكىنى ئۇدۇل كەلگەن بىر ئاق خالاتلىق پەرىشتىدىن سورىدىم، ئۇ يەتتىنچى قەۋەت دىگەندىن كېيىن، ئاۋال يەتتىنچى قەۋەتكە چىقىپ، سىستېرالار مۇلازىمەت ئورنىدىن ئۇنىڭ كارۋات نۇمۇرىنى بىلدىم، تەلىيىمگە ئۇ دەل مۇشۇ قەۋەتتە ئىكەن. يولۇمنى ئاسان قىلغان ئاللاھقا شۈكرىلەر ئېيتتىم. ۋە ياتاققا كىردىم، ئۇ كارۋاتتا ياتاتتى، ئايالى يېنىدا ئىدى. قولىدا ئاسما ئۇكۇل چۈشىۋاتاتتى، ئۇنىڭ نىمجان ھالىتىگە قاراپ، كۆڭلۈم يېرىم بولدى، قوللىرىنى چىڭ سىقىپ كۈرۈشتۈم، ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر خىل مەمنۇن بولغانلىق ئىپادىنى كۈرۈپ، ئۈزەممۇ خۇرسەن بولدۇم. ئاز تولا ئەھۋالنى سوراشقاندىن كېيىن ئايالى ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن قىسقىچە سۆزلەپ بەردى. بۇ كىسەلگە ھازىرغىچە 6 يىل ئەتراپىدا بۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ھالىدىن تەستە خەۋەر ئالىدىكەن، بىمار بارغانسىرى تەرسا، جاھىل، قوپال، ھە دىسىلا ئۇرۇپ سۇقىدىغان، كىچىك باللىرىنىمۇ كەلسە كەلمەس ئۇرۇپ، دۆشكەلەپ، تىپىپ ئۇرۇپ، ھارغىچە دەسسەيدىغان  ھالەتكە چۈشۈپ قاپتۇ.... بىر تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئاشۇ ھالىتىگە ئىچ ئاغرىتسام، ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن بىھۇدە ئايالىغا، پەرزەنتلىرىگە قول تەككۈزۈپ، ئۇلارنىڭ دىلىنى چىگىشلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى بىسەرەمجان قىلغانلىقىغا ئەقلىم يەتمەي قالدى.
      ئايالىنىڭ بەلكىم ئىچىدىكى دەرتلىرى تۇشۇپ كەتكەن، ئېيتارغا ھالى يوق، ھال ئېيتىشقا زار بولغان ئاشۇ مىنۇتلاردا بەلكىم مىنى ئاشۇ يولدىشىنىڭ يېقىنى كۈرۈپ، كۆڭلىدىكى دەرتلىرىنى دىگۈسى بولغاي،  بولغان ئىشلارنى دەرتلىرىنى ماڭا سۆزلەپ بىرىشكە باشلىدى.  توردا گەرچە مەن ئاۋال ئاشۇ ئەر بىلەن ئاۋال تۇنۇشقان بولساممۇ، لېكىن، ئايالىنى (بىز تۇنۇشقان چاغدا ئۇلار تېخى توي قىلمىغان ئىدى) ئاۋال كۆرگەن ئىدىم، چۈنكى ئۇ ھازىرقى ئاشۇ ئايالىدىن يۇرتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئاتايىتەن ماڭا ئەۋەتىپتىكەن، كۆڭلۈم شۇنچىلىك سۈيۈنگەن ئىدى. كېيىن، دەم ئېلىشىمنى ئېلىپ، يۇرتقا ۋە ساۋاقداشلار بىلەن كۈرۈشكەچ خوتەنگە دوستۇمنىڭ تويىغا قاتناشقىلى ماڭغان ۋاقتىمدا،  سەپەر يولۇمدا،  ئۇنىڭ يۇرتىدىن ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشكىلى (ساۋاقداشلىرىممۇ بار ئىدى، ھەم ساۋاقداشلىرىم بىلەن كۈرۈشكەچ ) پۇرسەت چىقتى. كۈرۈشتۇق، ساۋاقداشلار قاتارىدا بىرگە مېھمان بۇلۇشۇپ، قىزغىن سۆھبەتتە بۇلۇشتۇق.  شۇ چاغدا ئۇلار توي قىلىشقا ئاز قالغان ۋاقىتلار ئىكەنتۇق. كېيىن، توي قىلدىم دىدى، مۇبارەك ئەيلىدىم تېلفۇندا،  بۇ تويى ئۇنىڭ ئىككىنچى تويى بولغاچقا،  ھەم ئالدىنقى ئايالىدىن بالىسى ئەمدى 12 ئايلىق بولغاندا ئاجرىشىپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇلار خېلى بىر مەزگىلگىچە بالىلىق بولماي، ئاشۇ 12 ئايلىق بوۋاقنى بۇ ئۆگەي ئانا ئۆز باغرىدىن چۈشكەن پارىسىدەك كۈرۈپ بېقىپ چوڭ قىلغان ئىدى.....<<....ئوغلۇم بەك شوخ جانلىق ئىدى،  تولا ئۇرۇپ، دۈشكەلەپ، تىپىپ، دەسسەپ دەلدۈشدەك بوپ قالدى، نىمىشقا ئۇرىسىز دىسەم، مىنىمۇ قۇشۇپ ئۇرۇپ،.....>>  ئايالنىڭ كۆزلىرىدە ياش ئەگىدى. ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى، ئەر خىزمەت سىتاژىنى سېتىۋېتىپ خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلغان بۇلۇپ، دەسلەپتە ئۇ بۇ ئۇششاق چۈششەك كىچىك دۇكان ئېچىپ قىلغان ،كېيىن تۇيۇقسىزلا بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئىشلارنىمۇ قىلالمىغان، تاپقان تەرگىنى كىسەل داۋالىتىش بىلەن تۈگىگەن، ئاقىۋەتتە، ئۇنىڭ باشقا بارلىق چىقىملىرىنى ۋە ئۆينىڭ خىراجەتلىرىنى بۇ ئايال ئۆزىنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن كىرگەن مائاشىغا تايىنىپ، ئەرنى بىر تەرەپتىن داۋالىتىپ، بىر تەرەپتىن ئىككى بالىنى بېقىپ، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ كەلگەن....<<......ئاجرىشىپ كېتەي دىسەم تېخى، ساق ۋاقتىدا ئۆي تۇتۇپ، ئاغرىپ قالغاندا تاشلاپ كېتىپتۇ دەپ، خەق نىمە دەيدۇ، ئالتە يىلدىن بىرى مىنىڭ باققىنىمنى قانچىلىك جاپا تاتقىنىمنى خەق چۈشەنمەي، ئاھانەت قىلامدىكىن دەپ، ئولتۇرۇپ قالدىم، پەقەت چىدىغۇچىلىقىم قالمىدى، شۇنچىلىك قىلساممۇ، بىر ئېغىز <خۇتۇن، ساڭا ئېغىرچىلىقىمنى سەپ قويدۇم، ئىككى بالا بىلەن سىنىڭ گۈلدەك ياشلىقىڭنى نابۇت قىلدىم، سەن جاپادا قالدىڭ > دىگەن گەپلەرنى قىلچىلىق دەپ باققىنى يوق ھازىرغىچە، شۇنچىلىك تۈگىشىپ كەتتىم، بۇ يا ئۆينىڭ جاپاسىنى تاتىشىپ بىرەلمىسە، با باللىنى بېقىشىپ بىرەلمىسە، كىسەل بولغاندىكىن، كېسىلى تاتىپ، ئوبدان ئولتۇرۇپ بەسە، مەنمۇ مۇشۇ كەمگىچە ئۆي تۇتۇپ كەپتىمەن، ۋايسىماي، قاقشىماي، قاقشىساممۇ ئىچىمدە بىلىپ، باللىنى ئۇرماي، ئوبدان ئۈتۈپ بەرسە قانچىلىك خوش بۇلار ئىدىم  >>.......شۇ چاغدا، كارۋاتتىكى بۇ نىمجان ئەر قانداك كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە شۇنچىلىك قىلدىكىن، ھېلىمۇ ئوڭ قولى ئىشلىمەيدىكەن، سول قولى بىلەن يېنىدا ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان، قەلبىدىكى دەرتلىرىنى سۆزلەپ بىرىۋاتقان ئايالىغا، شۇ دەقىقىدە،  قول تەگكۈزدى، ۋاي دەپ قالدىم، ئۇنى تۇتۇپ، قوللىرىنى قارىپ تۇتۇپ بولغۇچە، ئايالنىڭ بەدەنلىرىگە يۈزلىرىگە نەچچە شاپىلاق، مۇش تەگدى، ئىچىمدە ئىسىت ، ئاپلا دەپ قالدىم، ئەمما، مەن نىمىمۇ قىلالارمەن، پەقەت، ئۇنىڭ ئىشلەيدىغان ئاشۇ شاپىلاق مۇش ئۇرۇدىغان قوللىرىنى تۇتۇۋالغان ئىدىم، ھېلىمۇ ئوڭ قولى ئىشلىمەيتى، ئوڭ قولىدا ئاسما ئۇكۇل مېڭىۋاتقان، ئۇ كارۋات ئۈستىدە يېتىۋاتقان ئىدى، بولمىسا، ئىش بار ئىكەن، خۇدايىم بىلەن ئىشەككە مۈڭگۈز بەرمىدىمۇ نىمە دەپ قالغۇسى كېلىدۇ.....بۇ ئىنسانلار روھىنىڭ ئىنژېنىرى ئايال شۇ دەقىقىدە قاتتىق خىجىلچىلىق ۋە ئۇۋالچىلىق، دەرت ئىچىدە ياشلىرىنى تۆككىنىچە كارىدۇرغا چىقىپ كەتتى. .....جىمجىتلىق ھۈكۈم سۈرەتتى، ياندىكى كارۋاتتىكى ياش بالا بىمار : << ...............ئەنۋەرجان، ئۇنداق ئاچچىقنى يامان قىلمايلى، بىز دىگەن كىسەل، بىزنىڭ قولىمىزدىن ھىچ ئىش كەلمەيدۇ،  ھالىمىزدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان ئادەمنى ئۇنداق ئۇرۇپ سۇقۇپ تىللساق دۇرۇس بولمايدۇ، ئەنۋەرجان، ئۆزىڭىزنى ئاياڭ ئەنۋەرجان.....   >> دىدى،    ئەمما، ئۇ يەنىلا ئاچچىقىنى باسالماي، بىر نىمىلەرنى دەپ ئاچچىقلاپ ،:<< مەن جىم، دىدىم  ە مەن جىم دىدىم، سۆزلىمىسىمۇ بولىدۇ، .....>> دىگەندەك گەپلەرنى قىلاتتى. قارىغاندا خۇي پەيلىرىنى ماڭا دىگەنلىكى ئۈچۈن، ئايالىنى دەققىقە ئىچى شاپىلاقلاپ ئۇرۇۋالغان بولسا كېرەك.  ئايالنىڭ بەلكىم دەرتلىرى ئىچىگە پاتماي، مىنى ئاشۇ ئەرگە يېقىن كۈرۈپ، كۆڭلىدىكىنى سۆزلىگىسى كەلگەن بۇلۇشى مۇمكىن ئىدى، ئەلۋەتتە، ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ، بىر ئايالغا نىسبەتەن ئەر تەرەپنىڭ ئۇرۇق تۇققان، ئاتا-ئانىلىرى ھىچقانداق ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا،  ھە دىسىلا باللىرىنى ئۇرۇپ، تىللاۋاتقان، يا ئۆز ھالىدىن چىقالمىغان، يا ئايالىغا بىر ئېغىز چىرايلىق گەپ قىلمىغان ، ئۇنى تىللاپ ھە دىسىلا ئۇرۇشۇپ تىللاپ، دۈشكەللەپ  ئۇرۇش جىدەل قۇرۇمايۋاتقان ئاشۇنداق ئائىلە شارائىتىدا ئادەمنىڭ قەلبى، روھى قانچىلىق ساغلام بولار ؟ ئادەمنىڭ قەلبى قانچىلىك ئەمىنلىككە ئېرىشەر ؟
    كارىدۇرغا چىقتىم، دەرىزە تۈۋىدە ئايال يىراققا بىر نۇقتىغا كۆز تىككىنىچە ئۈن-تىنسىز تۇراتتى، ئۇنىڭغا قانداق تەسەللى ئېيتىشىمنى بىلمىدىم، ئەمما، بىر نەرسە دىيىشىم كېرەك ئىدى، <<...بۇ مۇشۇنداق بوپ قالغىلى خېلى بولدىمۇ، بۇرۇن بۇنداق ئەمەستى بۇ ، نىمە بولغىنى، سىز جاپادا قاپسىز، ھېلىمۇ سەۋر قىپسىز، بەك غەيرەتلىك ئىكەنسىز،  ......نىمىسىنى دەيسىز، چىدىمىسام قانداق قىلىمەن، نەچچە قېتىم ئاجرىشىپ كېتەي دىدىم، ئەنۋەرنىڭ ئۆيدىكىلىرى سىز بولمىسىڭىز بىز قاراپ بولالمايمىز، بىر كۈنى ئوڭشىلىپ قالار دىدى، نەچچە قېتىم ئۇرۇپ ، يۈز-كۆزلىرىم كۆك، ئىشقا  بېرىپ، ئۇقۇغۇچىلارغا دەرس ئۈتۈپ، قانچىلىك خىجىلچىلىقتا قالغانلىقىمنى، قانچىلىك كۆڭلۈمنىڭ يېرىم بولغانلىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن، ........ئۆيدىكىلىرى ئانچە مۇنچە ياردەم قىلامدۇ، ئىختىسادى جەھەتتىن،  ئايال بېشىنى چايقىدى، ۋاي ياق، نەدىكىنى، ھەممىنى شۇ ئۆزەم قىلىمەن، تېىخى ئالدىنقى قېتىم قەشقەدە داۋالىتىپ، 2 ئاي ئۆتمەيلا بۇ قېتىم ئۈرۈمچىگە ئەكەلدىم، ئەمدى قانداقمۇقىلارمەنكىن تاڭ.... >> ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن ئۈمۈتسىزلىك، بىر خىل ھاياتتىن تۇيۇپ قالغاندەك ئەمما پەرزەنت ئۈچۈن ياشىمىسا بولمايدىغان ئانىلىق روھى بالقىپ تۇرغاندەك ھىس قىلدىم.
    <<.....  ۋاقتىڭىز يەتسە كىلەرسىز، بولمىسا، سىزمۇ ئالدىراش بولغاندىكىن، ھېلىمۇ يوقلاپ كەلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت....>> ئايال شۇنى دىدى، مەن يەنە يوقلاپ كېلىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ، ياتاقخانىغا كىرىپ، بىمارغا ياخشى ئارام ئېلىشىنى چىرايىمغا زورىغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، خوشلىشىپ ياتاقتىن يېنىپ چىقتىم، كۈلەي دەپمۇ كۈلەلمىدىم، لېكىن، خوشلىشىش ئالدىدا يەنىلا زورۇقۇپ، كۈلۈمسىرىمەي بولمىدى. لىفىتتىن چۈشكۈم كەلمىدى، 7 قەۋەتتىن پەلەمپەيدىن چۈشكەچ، ئۇلار ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم، ئەمما، ئويلىرىمنىڭ ئايىغى يوق ئىدى، بىمارغا ئاچچىقلىنىشنى ۋە ياكى ئازاب، دەرت ئىچىدە ئۆتىۋاتقان بۇ ئوقۇتقۇچى ئايالغا ئىچ ئاغرىتساممۇ، ئۇنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىمىنى بىلەلماي قالغان ئىدىم، ئاخىرىدا ئىچىمدە دىدىم، سىزگىمۇ خۇشاللىقلار يار بولار ، ئاينىڭ 15 قاراڭغۇ بولسا، 15 ئايدىڭ ئەمەسمۇ ؟   

    مەنبە: كۆرگىنىم ۋە ئويلىغانلىرىم
    يوللىغۇچى: بارماقلىرىم            

Rank: 2

توردا
759 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2040
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى 16:25:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئىشلار كىشى كۆڭلىنى بەكمۇ بىئارام قىلىدۇ.ئىشقىلىپ بۇ كۈنلىرىمۇ ئۈتۈپ كىتەر....
   كۆرگەن- بىلگەنلىرىڭىزنى يازغان بارماقلىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
120 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
526
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى 09:38:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزىمگە بىر نىمە كىرىپ  كەتتىمۇ،نىمە  بەك ئېتىشتى......يۈرىكىممۇ.........بىچارە ئايال ياتاقتىكىلەرنىڭ ئالدىدا،دۇستىنىڭ ئالدىدا قانچە ئىزا تارتقاندۇ،قانچىلىك بىچارە ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندۇ........توۋا....ئىككى بالىنىڭ ئاپىسى بولۇپ قالغاندىمۇ  مۇشۇنداق خورلۇق ئىچىدە ياشىسا.....ياشاشتىن ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ قالماس  -ھە.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1396 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3494

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى 10:34:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاغىرىق يېتىپمۇ يەنە شۇ مىجەزىدىن قالمىغان بولسا، ھېلىغۇ يارتا پارالىچ بوپتۇ، پۈتۈن پارالىچ بولۇپ قالسىمۇ ھەق ئىكەن دېدىم، راست گەپنى قىلغاندا مېنىڭ داداممۇ دەل مانا مۇشۇنداق ئاچچىقنىڭ يامانلىقى تۈپەيلى يۈرەكتىن مەسىلە چىقىپ ئاخىردا شۇ سەۋەپلىك يارتا پارالىچ بولۇپ قالدى، گەپنىمۇ تولۇق قىلالمايدۇ، شۇنداق تۇرۇپمۇ شۇ ئاچچىقى يەنىلا بار، گەرچە بۇ ئەردەك بىزنى، ئاپامنى ئۇرۇپ - تىللىمىغىنى بىلەن، لېكىن ئاغىرىق يېتىپمۇ يەنىلا شۇنداق ئورۇنسىز خۇيلىنىشى، ئاچچىقلىنىپ ۋاقىراپ كېتىشلىرىگە قاراپ بەكلا بىئارام بولىمەن، ئاپامغا شۇنچىلىك ئىچىم ئاغىرىيدۇ، يەتتە يىلدىن بېرى ئاپامنىڭ بىرەر قېتىم ۋايسىغىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم، دادامنىڭ  كەيپىياتى ياخشى چاغلىرىدا يېنىدا ئولتۇرۇپ چىرايلىق گەپلەر بىلەن كۆڭلىنى ياساپ قويىمەن.  ئاچچىقلىنىشنىڭ كېسەللكىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۋېتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويىمەن، لېكىن كونىلار دېگەندەك‹ سۈت بىلەن كىرگەن خۇي ئۆلگەندە› دەپ، ئۇنداق بىر ئىككى ئېغىز گەپكە مىجەزنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەسكەن.
ئاللاھ نىمە بەرسە مۇشۇنداق جاپاكەشلەرگە بەرسۇن، بۇ دەرت تارتقان ئايالنىڭ شۇ جاپالىرىنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ ئىگەم ئۆزى بەرسۇن!

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 19:33 , Processed in 0.073018 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش