ئاھۇنىڭ بۇ شېرى ناھايىتى ياخشى يېزىلغان بۇلۇپ،مەنمۇ ئەگىشىپ بېقىشنى لايىق كۆردۇم.
بارمىقىمدا بىر تال يۈلتۇز كۆيىۋەردى،
ئۆتكەن كۈنلەر كۆز ئالدىمدىن ئۆتۇۋەردى.
ماياك بۇلۇپ يورۇتماستىن يوللېرىمنى ،
چولپان كەبى كۆك قەھرىدە تۇرىۋەردى.
سەن بىلىسەن،سەن كۆيىسەن كۆيگىنىمگە،
ئايمۇ ھەسەت قىلار بەزەن سۆيگۇنىمگە.
يۇلتۇزمۇ ھەم ئېقىپ چۇشەر كۆزلېرىمگە،
كېچىلەردە تەنھا خىيال سۇرگىنىمگە.
كۆز ياشلېرىڭ تارام تارام بۇلۇپ دەريا،
كىرپىكلېرىڭ تۇرار ئېتىپ ماڭا ئوقيا.
ياخشىلىقتىن يامانلىق كۆپ يوللېرىمدا،
سېنى ماڭا ياراتقانمۇ ئۇلۇق خۇدا.
[
otkankunlar بۇ يازمىنى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:11 دە تەھرىرلىگەن. ]