بىلمىدىم
مۇھەممەتجان راشىدىن
نە نەسىھەت -ۋەز كېرەك ھەر بالامغا ، بىلمىدىم .
بەش بالام بار ، كىم سالار چۆپنى كالامغا ، بىلمىدىم ،
ھە شۇلاردىن كىم بارار ئەمدى سامانغا ، بىلمىدىم ،
نە ئۈچۈن يۈگۈرۈك ئۇلار تەييار تائامغا ، بىلمىدىم .
يۈك يەنە قاي كۈنگىچە قاتقان چانامغا ، بىلمىدىم .
چوڭىنىڭ تۇغدى ئايالى توي قىلىپ بىر ئايدا دەل ،
توققۇز ئاي ، ئون كۈن ئىدىغۇ ئەسلى ئادەتتە قەرەل .
قىلسا بولمامدۇ ، دۆيۈزلەر ئۈشبۇ ئادەتكە ئەمەل ،
بۇ قەدەر چاققان كېلىنگە كۈندە بىر كۈلمەمدۇ ئەل .
ئۇقتۇرارمەن نېمە دەپ بۇنى ئانامغا ، بىلمىدىم .
قويدى ئوڭدامغا چىكامنى يەپ - ئىچىپ ئىككىنچىسى ،
شۇڭا ئايدا كەتتى توقسان كوي قاۋاققا نەق - نېسى ،
نەدە قالدى قول سائەت ئۇنئالغۇلار......يوقتۇر ئىسى ،
گەپلىرى ، گەپ سورىساڭ گويا پىچاق ، شەمشەربىسى .
قايسى كۈن ئاچقاي قۇلاق يۇمشاق پاراڭغا ، بىلمىدىم ؟!
بىرسىنىڭ تۇرقى ئەجەب ، دەلدۈش دىسەڭ ، دەلدۈش ئەمەس ،
چاچلىرى گەردەندە ، ئەمما ، تەرك يۇرت دەرۋىش ئەمەس .
كۈن بويى كىرمەس تالادىن ، ئۆيگە كۈچ بەرمىش ئەمەس ،
مەن ئۆزۈم شۇنداقمۇ ئەسلى يا سۆڭەك ، يا گۆش ئەمەس ،
ئۇ قاچان ئادەتلىنۇر ئەھلى سالامغا ، بىلمىدىم .
قولىدا گىتتار كېكەچ بار ، ناخشىمىش توۋلاشلىرى ،
قوشلنىلار ياپتى ئىشىك ، جاق تويدۇرۇپ ھوۋلاشلىرى .
ئەلگە ياققايمۇ ئىرغاڭلاپ ، سىلكىنىپ ئويناشلىرى ،
يوق ئۇنىڭ ئۆز سەنئىتى ، ئۆز مۈلىكىنى ئويلاشلىرى ،
شۇمىكىن ياكى يىگىت باققان زامانغا ، بىلمىدىم .
قالدى بىرسى ئىمتىھاندىن ئاقىۋەت ئويناپ يۈرۈپ ،
ئەمما ، ئۆتكۈزدۈم يەنە يالغان نومۇر جايلاپ يۈرۈپ .
كەتتى مىڭ كوي بىرلىرىنىڭ ئاغىزىنى مايلاپ يۈرۈپ ،
قاچتى مەكتەپتىن ئۇمۇ بىر يىلدا << ۋاي - ۋايلاپ >> يۈرۈپ ،
يۈك بولارمۇ مەڭگۈ ئۇ ئاجىز دولامغا ، بىلمدىدىم .