يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 360|نەقىل: 6

مۇڭداشمايلىمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كونا ئەزا

زۆھرەگۈل

Rank: 3Rank: 3

توردا
130 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
625
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى 10:44:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇش ئادەمنى نىمە ئىشلارغا زورلىمايدۇ دەيسىز ؟

رەھمەتۇللاھنىڭ يازمىسىدىكى مۇنۇ بىر جۈملە سۆز ماڭا بەكلا تەسىر قىلدى بولغاي، يەنە تاققا- تۇققا سۆزلەپ قالدىم.
تۇرمۇش دېگەن تۈر+مۇش= تۇرمۇش دەپ، مۇشتۇمنى شۇنچە چىڭ تۈرگەنسىرى بۇ تۇرمۇشنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ھېس قىلىۋاتىمەن. خۇددى بۇ ھاياتلىقىمدا ھەممىلا ئادەمنى خوش قىلىش، رازى قىلىش مەجبۇريىتىم باردەك، مۇشتۇمۇمنى باشقىلاردىنمۇ بەك چىڭ تۈرۈپ ياشىغانسىرى تۇرمۇش ماڭا تەتۈر قاراۋاتقاندەكلا، نىمىلا قىلسام خاتادەك، قانداقلا قىلسام خاتادەك، ھېچكىم مەندىن رازى ئەمەس.
ۋاقىت ئۇزارغانچە، تۇرمۇشۇم كونىرىغانچە كۈلكىنىڭ ئورنىنى يىغا ئالغىلى تۇردى، چوڭلار بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا، ئەر-ئاياللارقەدىناس بولغاندا، بىر- بىرىنىڭ مىجەزىنى چۈشىنىشىپ، بىر-بىرىگە يول قويۇشۇپ، خۇددى قېرىنداشلاردەك ياشايدۇ، دېگەندەك گەپلەرنى قىلىشاتتى، قارىغاندا ئۇ گەپلەر شۇ زاماننىڭ كىشىلىرىگە ماس كەلسە كېرەك، ھازىر ۋاقىت ئۇزىراپ، قەدىناس بولغانچە بىر- بىرىنىڭ كەمچىلىكىنى بەكرەك ئىزدەشنى، ئۇنىڭ ئاجىزلىقىغا بەكرەك ھۇجۇم قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ، يول قويۇش دېگەن بۇ سۆزدىن گەپ ئاچقىلى بولسۇنمۇ؟ ئايال كىشىنىڭ كىچىككىنە ئاچچىقى كېلىپ قالسا، ئەر كىشى بولغان ئادەم يانماي تەڭ تۇرۇپ، تۈگمىدەك ئىشنى، تۆگىدەك قىلۋېتىدۇ ھازىر.

تۇرمۇش ئادەمنى نىمە ئىشلارغا زورلىمايدۇ دەيسىز ؟

تۇرمۇش غەمسىز ئويناپ يۈرگەن شۇ بالىلارنى بىر كۈنلەردە پىشقان ئەر- ئاياللاردىن، مېھرىبان ئاتا- ئانىلاردىن قىلىۋېتىدۇ. تۇرمۇش ئېغىر- بېسىق ئادەمنى ئاسان چېچىلىدىغان قىلۋېتىدۇ، تۇرمۇش جىمىغۇرنى گەپدان قىلۋېتىدۇ، تۇرمۇش ئۆزىنىڭ ھەر خىل قىسمەتلىرى بىلەن سىز- بىزنى ئۆزىمىزگە ئوخشىمايدىغان بىر كىشىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.
منمۇ ئاتا- ئانامنىڭ بىر تال قىزى ئىدىم، بەش ئوغۇلنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەركىسى ئىدىم، دېگىنىم دېگەن ئىدى، ھېچنەرسىدىن غەم قىلمايتىم، ئەمما تۇرمۇش مېنى ھازىر چاچلىرىمنى ئاق ئارىلىغان، كۆزلىرىمنىڭ چۆرىسىنى قورۇق باسقان، يولدۇشۇمنىڭ نەزىرىدە تولا سۆزلەيدىغان بىر ئايالغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.
تۇرمۇش نۇرغۇن سۇمباتلىق ئاياللىرىمىزنى ئۆزىنىڭ نازاكىتىنى يوقاتقان ھالدا جەمىيئەتتە ئەرلەر بىلەن بىر قاتاردا يول تېپىپ ياشاشنى ئۆگەتتى، تۇرمۇش ئېتى ئەر، ئەمما ئەركەك ئەمەس نۇرغۇن ئەرلىرىمىزنىڭ ئۆيدە خوتۇنى تېپىپ بەرگىنىنى نۇمۇسسىزلارچە يەپ يېتىشنى ئۆگەتتى.
تۇرمۇش كىچىككىنە بالىلىرىمىزنى ھازىردىن باشلاپ ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆزى قامداشنى، ھازىردىن تۇرمۇشنىڭ جاپا- مۇشەقەتلىرىگە چىداشنى ئۆگەتتى، تۇرمۇش يەنە نۇرغۇن ئاياللىرىمىزنىڭ يۈرىكىدە ئۆچمەس يارىلارنى قالدۇردى، تۇرمۇش نۇرغۇنلىغان نارسىدىلېرىمىزنىڭ يۈرەكلىرىنى پارە- پارە قىلۋەتتى، ئىشقىلىپ بۇ تۇرمۇش ئىنساننى ھەرنىمە قىلىدىكەن، ھەرنىمىگە زورلايدىكەن. لېكىن ئىنسان يەنىلا بۇ تۇرمۇشتىن ئالدىراپ كېچەلمەيدىكەن.
   


باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى 11:17:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشتىن بىر خىل بەسىنىش تۇيغۇسى بىلەن تۇرغاندەكلا ،نىمە بوپ تۇرغانسىز
   ئۇلۇغ ئاي ،ئۇلۇغ كۈنلەردە ھەممە ئىشلىرىڭىزنىڭ ياخشى بوپ كىتىشىگە تىلەكداشمەن

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
972 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى 12:44:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە بولغانسىز دىلەيسەم ؟ چاماداننىڭ غالتىكى سىرتقا چاپمىغاندۇ ھە يەنە !  

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى 13:02:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھايات بىزلەرگە نېمىنى بەردى،
بەزىدە خۇشاللىق بەزىدە ئازاپ.
ئادەم ئۇ ئاشۇنداق تەلۋە مەۋجۇدات،
رىيازەت تارتسىمۇ تېلەيدۇ ھايات .

                            ـــــــــــــــــــــــــ ئۆمەر ھەييارم

تۇرمۇش ئادەمنى ھەرخىل يوللارغا باشلايدىكەن. بەزىلىرىگە خالىماستىن قەدەم ئېلىشقا مەجبۇر بولىدىكەنمىز. شۇنداق تۇرۇپ يەنە بىر كۈن بولسىمۇ كۈننىڭ سېرىقىنى ئارتۇقراق كۆرۈشنى خالايدىكەنمىز.

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى 17:57:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  دۇنياغا  تۆرەلدىقمۇ بىردە خوشاللىق   بىردە  خاپىلىق،بىردە  غەلبە  بىردە  مەغلۇبىيەت،بىردە  ئايرىلىش  بىردە  جەم  بولۇش،.......ئشقىلىپ   تىرىشىپ  تىرمىشىپ  ئۆتىدىكەنمىز،شۇنچە  جاپالارنى  تارتىدىكەنمىز  لىكىن  ئۇ  دۇنياغا  شۇ  پىتىلا  كىتىدىكەنمىز........ھەي  تۇر+مۇش.....

Rank: 1

توردا
44 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
60
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى 12:40:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ۋاقىت ئۇزىراپ، قەدىناس بولغانچە بىر- بىرىنىڭ كەمچىلىكىنى بەكرەك ئىزدەشنى، ئۇنىڭ ئاجىزلىقىغا بەكرەك ھۇجۇم قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ، يول قويۇش دېگەن بۇ سۆزدىن گەپ ئاچقىلى بولسۇنمۇ؟ ئايال كىشىنىڭ كىچىككىنە ئاچچىقى كېلىپ قالسا، ئەر كىشى بولغان ئادەم يانماي تەڭ تۇرۇپ، تۈگمىدەك ئىشنى، تۆگىدەك قىلۋېتىدۇ ھازىر.


سىڭلىم زۆھرە، ياشاش دېگەن« قىينىلىپ ئۆلۈش»' دېگەن بولىدىكەن ، سىز خۇشال ياشاي دىسىڭىز ئەپۇ قىلىشنى ئۆگىنىڭ كىچىككىنە ئاچچىغى كېلىش دىگەن نېمە ئۇ؟ خۇشاللىنىڭ ! ئاچچىقلانماڭ باشقىلار بىلەن تاكانلاشماڭ يېقىملىق مۇئامىلە قىلىڭ «ھە سىزنىڭ راست» دىسىڭىز كىچىكلەپ قالامسىز خاپۇلاپلا ئايرىلىپ كېتەمتىڭىز -يا .... ئەركىشى يول قويمىسا سىز يول قويۇڭ ! سىز باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا  "ئىككى ئوغلاق" دىگەننى ئوقۇغان ھە قىچان. تار كۆرۈكتە يول قويمىسا بولمايدۇ .... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hux_dil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى 12:55  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 05:25 , Processed in 0.051833 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش