روزا تۇتقان بىرىنچى كۈنى : ئۇ كىشى بارلىق گۇناھلىرىدىن پاكلىنىدۇ ، خۇددى ئانىدىن تۇغۇلغاندىكىدەك ھالەتتە بولىدۇ .
روزا تۇتقان ئىككىنچى كۈنى : ياراتقان ئىگىسى ۋە بارلىق پەرىشتىلەر شۇ كىشىدىن خۇرسەن بولىدۇ .
روزا تۇتقان ئۈچىنچى كۈنى : مەغرۇبتىن - مەشرۇققىچە بولغان بارلىق ئەۋلىيا - ئەنبىيالار شۇ كىشىدىن خۇرسەن بولىدۇ .
روزا تۇتقان تۆتىنجى كۈنى : كۈندۈز - ئاخشىمى قوياش بىلەن ئاي ئۇ كىشىگە مەدھىيە ئوقۇيدۇ .
روزا تۇتقان بەشىنجى كۈنى : قەبرە مەدھىيە ئوقۇيدۇ .
روزا تۇتقان ئالتىجى كۈنى : پۈتۈن كائىناتتىكى دىڭىز - دەريالار، دەل - دەرەخ ، گۈل - گىياھلار، ئۆي - ئىمارەتلەر شۇ كىشىگە دۇئا قىلىدۇ .
روزا تۇتقان يەتتىجى كۈنى : ئاللاھ پەرىشتىلىرىنى شۇ كىشى ئۈچۈن يەتتە قەۋەت دوزاخنىڭ ئىشكىنى تاقاشقا بۇيرۇيدۇ .
روزا تۇتقان سەككىزىنجى كۈنى : ئاللاھ شۇ كىشى ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى سەككىز جەننەتنىڭ دەرۋازىسىنى ئىچىشقا بۇيرۇيدۇ .
روزا تۇتقان توققۇزىنجى كۈنى : خۇددى بىر ئالتۇن تاغ بىلەن بىر كۈمۈش تاغنى سەدىقە بەرگىنىدەك ساۋاپقا ئىرىشىدۇ .
روزا تۇتقان ئونىنجى كۈنى : ئاللاھ شۇ كىشىنىڭ بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى بارلىق تىلەكلىرى ئىچىدىن ئون تىلىكىنى ئىجابەت قىلىدۇ .
روزا تۇتقان ئون بىرىنچى كۈنى : ئاللاھ ئون مۆئمىن كىشىنىڭ ساۋابىنى شۇ كىشىگە بىرىدۇ .
.روزا تۇتقان ئون ئىككىجى كۈنى : ئاللاھ شۇ كىشىنىڭ جەننەتتىكى ئورنىنى تەييار قىلىپ قويىدۇ .
روزا تۇتقان ئون ئۈچىنجى كۈنى : ئاللاھ پەرىشتىلىرىگە شۇنداق دەيدۇ ؛ سىلەر گۇۋاھ بولۇڭلاركى ، مەن بۇ بەندەمنىڭ بۇرۇن قىلغان ، بۇندىن كىيىن قىلماقچى بولغان ، ئاشكارا قىلغان ھەم يوشۇرۇن قىلغان گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىدىن ئۆتتۈم .
روزا تۇتقان ئون تۆتىنجى كۈنى : ئاسمان - زىمىنلار شۇ كىشىنىڭ گۇناھىنى تىلەيدۇ .
روزا تۇتقان ئون بەشىنجى كۈنى : ئاللاھ ئۇ كىشىگە ئاسان ئۆلۈم بىرىدۇ ، تېنىنى جېنىدىن ئاسان ئالىدۇ .
روزا تۇتقان ئون ئالتىنجى كۈنى : ئۇ كىشىنىڭ قەبرىسى جەننەتنىڭ بىر بىغىدەك كەڭرى گۈزەل بولىدۇ . قەبرە ئازابى بولمايدۇ ، خۇددى بىر ئۇخلاپ تۇرغاندەكلا بولىدۇ .
روزا تۇتقان ئون يەتتىنجى كۈنى : قەبرىدىكى سوراق ئاسان بولىدۇ ، مۇنكىر - نىكىرلەر ئۇ كىشىگە ھىممەت كۆرسىتىدۇ .
روزا تۇتقان ئون سەككىزىنجى كۈنى : ئاللاھ ئۇ كىشىنى قەبرىدە تىرىلدۈرىدۇ ، بۇ چاغدا بۇ كىشىنىڭ ھۆسنى ئون تۆت كۈنلۈك ئايدەك بولىدۇ .
روزا تۇتقان ئون توققۇزىنجى كۈنى : ئۇ كىشى ھەقىقەتەنمۇ 19 مالىك - پەرىشتىلەرنىڭ قۇرقۇتىشىدىن قۇتۇلغۇچىدۇر ، بۇ 19 پەرىشتىلەرنىڭ ئىچىدىكى 10 پەرىشتە دوزاخ پەرىشتىلىردۇر .
روزا تۇتقان يىگىرمىنجى كۈنى : ئۇ كىشىنىڭ روھىىي كەچۈرۈم ۋە مەدھىيەلەر ئىچىدە ئەرىشكە ئۆرلەيدۇ . ,
روزا تۇتقان يىگىرمە بىرىنچى كۈنى : ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ نام - ئەمەلىنى ئوڭ قولىغا بىرىشنى بۇيرۇيدۇ .
روزا تۇتقان يىگىرمە ئىككىنجى كۈنى : ئۇ كىشىنىڭ ساۋاپلىرى تارازىدا ئىغىر كىلىدۇ .
روزا تۇتقان يىگىرمە ئۈچىنجى كۈنى : ئاللاھ ئىگەم ئۇ كىشىنىڭ ھېساب- كىتابىنى تولىمۇ ئاسان قىلىپ بىرىدۇ .
روزا تۇتقان يىگىرمە تۆتىنجى كۈنى : ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ دوزاختىن 24 ئەر مۇسۇلماننى قۇتۇلدۇرۋىلىشىغا ۋەدە بىرىدۇ .
روزا تۇتقان يىگىرمە بەشىنجى كۈنى : قىيامەتتىكى سوراقتا ئاللاھ ئۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ ئاتا - ئانىسى ، بالا - چاقىلىرى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرى بىلەن تۇرغۇزىدۇ .
روزا تۇتقان يىگىرمە ئالتىنجى كۈنى : ئۇ كىشى پىلسىرات كۆۋرىكىدىن خۇددى چاقماقتەك ئۆتۈپ كىتىدۇ .
روزا تۇتقان يىگىرمە يەتتىنجى كۈنى : جەننەت پەرىشتىلىرى ئۇ كىشىنى تەخىتكە ئولتۇرغۇزۇپ ئىلىپ كىتىدۇ .
روزا تۇتقان يىگىرمە سەككىزىنجى كۈنى : ئۇ كىشى جەننەتتنىڭ خالىغان ئىشكىدىن خالىغانچە كىرىپ - چىقالايدۇ .
روزا تۇتقان يىگىرمە توققۇزىنجى كۈنى : ئۇ كىشى جەننەتتە مۇھەممەت سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسسالام ۋە ئۇنىڭ چاھارىيالىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ قوپىدۇ .
روزا تۇتقان ئوتتۇزىنجى كۈنى : بۇ كىشلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئىرىشكەن پەيغەمبەرلەر ، شېھىتلار ، راس سۆزلىگۈچلەر بىلەن بىللە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بولىدۇ .
مەنبە؛ئانا تۇپراق تورى
مەنبە