يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1889 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 303|ئىنكاس: 10

ئاتام ئەمەت مۇئەللىمگە بېغىشلايمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
3
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى 12:22:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام << يەتتە قىزلىرىم >> مۇنبىرىدىكى بارلىق تورداشلار سىلەرگە ئاللانىڭ سالامى بولسۈن !
شېئىرغا بولغان زور ئىشتىياق بىلەن ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان بولساممۇ نەشىرياتقا ۋە ياكى ئېنتىرنىتقا يوللاپ باقماپتىمەن . نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بىر ساۋاغدىشىمنىڭ  مەدەت بېرىشى ھەم <<يەتتە قىزلىرىم >> مۇنبىرىنى تونۇشتۇرىشى سەۋەپلىك بۈگۈن تۇنجى قېتىم بۇ يازمامنى ھەرقايسىڭىزلەرگە سۈندۇم شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزلەرنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ قىممەتلىك پىكىركۆزقاراشلىرىڭىزلارنى بېرىشىڭىزلارنى ئۈمۈت قىلىمەن  .

( رۇخسىتىمسىز يازمىلىرىمنى باشقا توربەتلەرگە كۆچۇرۇشكەبولمايدۇ )



ئالەم بەنە بولغاندىن بۇيان ،

بىرى ئۇستاز ، بىرى شاگىرتتۇر .

ئۇستازلارسىز نەدە ئالىم بار ،

ئۇستاز دىگەن بۇيۇك بىر سۆزدۇر .


مېنىڭ ئاتام مۇئەللىم ئىدى ،

نى -نى ئوغلان ،نى -نى قىزلارغا .

دەرس بەرگەن بىر ئۇستاز ئىدى ،

قاراپ قالدىم ئۆچمەس ئىزلارغا .


جاپا نەدە ؟ جاپا ئىچىدە ،

جاپالاردىن قورقماس بىر ئوغلان .

جۇت شىۋىرغان ، يامغۇرلۇق كۈندە ،

ياشاپ كەلدى گويا بىر قاپلان .


ئېگەلمىدى ئۇنىڭ بېلىنى ،

تارتقان جاپا -مۇشەقەتلىرى .

قارا چېچى ئاپپاق ئاقاردى ،

كېتىپ قالدى ياشلىق باھارى .


ئاز پۇل بىلەن ۋايسىماي ھەرگىز ،

بىزنى باققان ئىدى ھالاللاپ .

كەمبەغەل بوپ ئاتالدى لېكىن ،

مېھنىتىدىن گۈل ئۈندى يىللاپ .


مونچاق مونچاق ماڭلاي تەرىگە

گۇۋاھ ئىدىم بالا چېغىمدىن .

سۆيۈپ كەلدى قارا دوسكىنى ،

پەخىرلەندى ئاق توزانلاردىن .


بالىلارنىڭ بېشىنى سىللاپ ،

بارلىغىنى بېغىشلىغانتى .

شۇ جاپالىق يىللار ئىچىدە ،

گويا شامدەك يېنىپ كۈيەتتى .


34يىل ھايات ئاشۇنداق ،

ئۆرنەك بولدى ھەر بىر ئۇستازغا .

قار ،يامغۇردا مۇنبەردە مەزمۇت ،

تۇرالىدى ئوخشاپ يىلتىزغا .


بۈگۈن ئۇنىڭ مۇبارەك تويى ،

نامى ئۇنىڭ ھەر بىر قەلىبتە .

نام –ئاتاققا بېرىلمىدى ئۇ .....

بارالمىدى ھىچ يەر ھىچ يەرگە .


بىلىملىك بىر ئالىم ئىدىغۇ ،

ھەقىقەتنى سۆزلەپ ھارمىغان .

مەرىپەتنىڭ مەشئىلى ئۈچۈن ،

ئىلىم –پەنگە ئەسلا قانمىغان .


جەڭچى ئىدى سەپنىڭ ئالدىدا ،

نادانلىققا جەڭ ئېلان قىلغان .

كىتاپ چۈشمەس ئىدى قولىدىن ،

كىتاپ كۆرۈپ كۆزىنى يۈمغان .


كۆزلىرىمدىن ياشلار ئەگىدى ،

ئاشۇ ئۇستاز مۇئەللىم قېنى ؟

قاتتىق قولتى خاتالىققا ئۇ ،

تەربىيلىدى سېنى ۋە مېنى .


ھىچ بىر راھەت كۆرمەي تۇرۇپلا ،

كېتىپ قالدى مەڭگۈ –مەڭگۈگە .

ئۈگەتكەنتى زېرىكمەي ئاتام .

ئادىمىلىك خىسلەتنى بىزگە .


ئاللاھ چەكسىز رەھمەتلەر قىلغىن ،

جەننىتىڭنىڭ ئىشىكىڭنى ئاچ .

بىلىملىك بىر ئۇستاز كېتىپ قالدى ،

بېشىغا تاققا ئالتۇندىن تاج .


بىز  بەرمىگەن نامۇ –شۆھرەتنى ،

بەرگىن ئاڭا ھەسسە-ھەسسىلەپ .

ھۆزۇرۇڭدا شادىمان ياتسۈن ،

گۈللەر تىزدىم بۈگۈن دەستىلەپ .


ئۆمۈر چەكلىك ، يىللار چەكسىزدۈر ،

يىل كەينىدىن يىللار كېلىدۇ .

ئۇنتىلىدۇ بەزى ئادەملەر ،

ئۇنتىلمايدۇ مۇئەللىم دەيدۇ .


چۈنكى ئۇستاز بىبىھا گۆھەر ،

ئىش –ئىزلىرى گۆھەردىن ئارتۇق .

جاپالىق شۇ مېھنەت –ئەجرىگە ،

قىلالىدۇق رەھمەتنى تارتۇق .


ئەسكى چاپان كىيگەن مۇئەللىم ،

تون كىيگەزدى شاگىرتلىرىغا .

ھەسەت دىگەن ئۇنىڭغا ياتتۇر ،

ئاپىرىن دەر ماڭغان ئىزىغا .


سانسىز غۇنچە ،چېچەكلەر ئارا ،

بۇلبۇل سايرار غەمكىن سۈكۈتتە .

قارا دوسكا ،ئاپپاق توزانلار ،

غېرىپسىنىپ قالدى ئەلۋەتتە .


شۇنداق ئىسىل مۇئەللىم بۈگۈن ،

كەتتى مەڭگۈ كەلمەس دۇنياغا .

لېكىن قالدى ھەربىر شاگىرتى ،

ئىزلار سالدى ماڭغان ئىزىغا .


شۇنداق ئېسىل مۇئەللىم مېنىڭ ،

ئاتام ئىدى ئەجرىنى بەرگەن .

مەيلى ئۇستاز ،مەيلى دىخان بوپ ،

ئەجرىمىزدىن گۈللەرنى تەرگەن .


قولىمىزدا ھەقىقەت شامى ،

يىلىنجايدۇ  ئۆچمەيدۇ پەقەت .

مۇئەللىمدۇر ئاتىمىز بىزنىڭ ،

ئۇنتالمايمىز ، ئۇنتۇلماس ئەبەت .



2011-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ayqiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى 12:32  


Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
467

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى 12:50:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاسىيەت كەلگەن قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا ، سىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز !
سوزلىگەن سۆزلەر ئەمدى تەسىرقىلدىمۇ سىزگە . مۇنبەردىكى ئەزالار سىزدىن ياخشى پىكىرلەرنى ئايىمايدۇ . ساندۇق ئىچىدىكى ئىجادىيەتلىرىڭىزنى بىراقلا تۆكۈڭە .

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 2

توردا
772 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2050
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى 14:19:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ayqiz يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى 12:50
خاسىيەت كەلگەن قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا ، سىزنى قىزغىن  ...

                                                                                                      ئايقىز ھەدەمنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان باسقان قەدەملىرگىمۇ مەرھابا بولسۇن

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
6
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى 22:45:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە كىرىپلا ساۋاقدىشىمنىڭ شېئىرىنى كۆرۈپتىمەن . بەك تەسىرلەندىم . داۋاملىق يوللاپ تۇراسىز .

ئاللاھ چەكسىز رەھمەتلەر قىلغىن ،
جەننىتىڭنىڭ ئىشىكىڭنى ئاچ .
بىلىملىك بىر ئۇستاز كېتىپ قالدى ،
بېشىغا تاققا ئالتۇندىن تاج .

بۇ بىر كوبلېت تازا راۋان ئەمەسكەن مۇنداق ئۆزگەرتسەك قانداق بولا ئاتىكاچىلىق قىلىپتۇ دەپ ئويلاپ قالمىغايسىلەر .
ئاللاھ چەكسىز رەھمەتلەر قىلغىن ،
جەننىتىڭنىڭ ئىشىكىنى ئاچ .
كېتىپ قالدى بىر بىلىملىك ئۇستاز ،
بېشىغا تاقا ئالتۇندىن تاج .

ئاخىرىدا باشقۇرغۇچىنىڭ تېمىدا كۆرۈلگەن ئىملادىكى يېتەرسىزلىكلەرنى قايتا تەھرىرلەپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ruslan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى 22:47  


گۈزەللىك ئىزدىمە ،ئۇ سەندە .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
493 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1892

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى 00:11:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا خاسىيەت ، قەدىمىڭىزگە مۇبارەك !

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 1

توردا
272 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
385
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى 07:35:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ruslan يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى 22:45
مۇنبەرگە كىرىپلا ساۋاقدىشىمنىڭ شېئىرىنى كۆرۈپتىمەن .  ...

سىزنىڭ ئۆزگەرتكەن شېئىرىڭىزنىڭ 3-مىسراسىدا بىر بوغۇم ئېشىپ كىتىپتۇ.

ئاللاھ چەكسىز رەھمەتلەر قىلغىن ،
جەننىتىڭنىڭ ئىشىكىنى ئاچ .
كېتىپ قالدى بىر بىلىملىك ئۇستاز ،
بېشىغا تاقا ئالتۇندىن تاج .

..........................................

ئاللاھ چەكسىز رەھمەتلەر قىلغىن ،
جەننىتىڭنىڭ ئىشىكىنى ئاچ .
كېتىپ قالدى  بىلىملىك ئۇستاز ،
بېشىغا تاقا ئالتۇندىن تاج .


مۇشۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر مىسرادىمۇ سەل قولاشماسلىق باردەك ھىس قىلدىم.

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
272 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
385
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى 07:38:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، كىچىك تۇرۇپ ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم. ئۆزرىلىكمەن ....

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1408 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3510

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى 15:40:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ayqiz يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى 12:50
خاسىيەت كەلگەن قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا ، سىزنى قىزغىن  ...

مەرھابا خاسىيەت!
ۋاي ئايقىز ھەدە سىزگىمۇ مەرھابا، ئىنى-سىڭىللىرىڭىزنى بۇنداق تاشلىۋەتمەڭ ماقۇلمۇ

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1408 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3510

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى 15:41:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچىلار تامىغىلارنى يانچۇقتا ساقلىماي چىقىرىڭلار، بولمىسا قۇرۇپ قالىدۇ

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 8Rank: 8

توردا
65 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
98

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى 17:14:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى ياخشى چىقىپتۇ.لېكىن تىلى سەل ئاددىي ھەم  بەزى قاپىيەلەر ئاچ.مەسىلەن:
ئالەم بەنە بولغاندىن بۇيان ،

بىرى ئۇستاز ، بىرى شاگىرتتۇر .

ئۇستازلارسىز نەدە ئالىم بار ،

ئۇستاز دىگەن بۇيۇك بىر سۆزدۇر .


بۇ كۇبلىتنى :
ئالەم بىنا بولغاندىن بېرى،
بىرى ئۇستاز،بىرى شاگىرتتۇر.
ئۇستازلارسىز ئالىم نەدە بار؟
ئۇستاز دېگەن بۈيۈك بىر زاتتۇر دەپ ئۆزگەرتسەك؛

شۇنداق ئىسىل مۇئەللىم بۈگۈن ،

كەتتى مەڭگۈ كەلمەس دۇنياغا .

لېكىن قالدى ھەربىر شاگىرتى ،

ئىزلار سالدى ماڭغان ئىزىغا .
بۇ كۇبلىتىنى:
شۇنداق  ئېسىل مۇئەللىم بۈگۈن،
مەڭگۈ كەلمەس دۇنيا كەتتى.
شاگىرتى ھەم  پەرزەنتلىرىنىڭ،
ئاھۇ-زارى پەلەككە يەتتى
دېسەك ياخشىراق بولارمىكىن دەپ ئويلۇدۇم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kizilgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى 17:16  


تاشلىۋەتمە،ئۇنتۇلمايسەن،يېپىشىۋالما خار بولمايسەن.(ئا.پ.چىخوۋ)
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 14:29 , Processed in 0.057381 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش