
يېقىندىن بىرى ئاجايىپ ئىشلار يۈزبىرىۋاتىدۇ. بەزى ئىشلارنى ئەقلىمگە سىغدۇرالمايلا قالدىم، سىغدۇرالمىساممۇ ئەمىلىيەتتە يۈزبەرگەن بولغاندىكىن قۇبۇل قىلماي ئامال يوق ! تۇرمۇش ئادەمنى نىمە ئىشلارغا زورلىمايدۇ دەيسىز ؟
بېغىمدا باققان دادىسىز قالغان قۇزا تۇرۇپلا بورىدەك ھىڭگان چىش چىقىرىپ پاقالچىقىمدىن چىشلىدى، قانداق قىلاي قائىدە بويچە بولغاندا بىرنى قۇيۇپ چىشىنى تۆكىۋەتكەن بولسام يوللۇق بۇلاتتى ئەمما چىش تۆكۈپ كۆنگەن ئادەم بولمىسا قىلغىلى بولمايدىكەن. ئەقلىنى تېپىۋالا، قىلغىنىنىڭ توغرا بولمىغىننى ھېس قىلىپ قالا دەپ يۈرسەم ئۇندا قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن پاقالچىقىمنى ئۈزۈۋېتىش خىيالىدا يۈرۈپتۇ. خەيرىيەت ئاخىرى بولماي سىلكىشلەپ ئاجىرتىۋالدىم ئەمما ھەر يەردە يەنە چىشلىمەك بۇلۇپ چىشىنى چىقىرىپ يۈرگۈدەكمىش.
ئەيىپلىمىگەن ئادەم قالمىدى چىشىنى چېقىپلاۋەتسىڭىز بولماسمىدى دەپ ئەمما قۇلۇم زادى بارمىدى مىھرى-مۇھەببەتكە تولغان بۇيۈرەككە بۇنىڭ ئەكسىنى سىغدۇرغىلى بولمايدىكەن.قانسىرغان پاقالچىقىمنى سۆرەپ يۈرىمەن !

كۆيگەن بىچارىلەرنىڭ كۆپ قىسمى يالاڭ تۆش، ئۇلارنىڭ مەشۇقى ئۈچۈن بىردىن بىر پاكىتى سوقۇپ تۇرغان يۈرەك، ئەمما مەشۇققا يۈرەك كىرەك ئەمەستە. . . ئۇنداق يۈرەكنى ئاچ قالغاندا پىشۇرۇپ يىگىلى بۇلاتتىمۇ ؟ ھەمراھلىرى ئارسىدا قۇلىنىڭ چېنىپ قالغىنىدا يۈرەكنى سېتىپ بىرتال ئالتۇن يۈزۈك سالغىلى بۇلاتتىمۇ ؟ يۈرەككە ماشىنا كىلەمدۇ ؟ يۈرەككە ئۆي كىلەمدۇ ؟ ئەمما مەشۇق ئالتۇن سېلىشى، ماشىنىدا مېڭىشى، داچىلاردا ئولتۇرىشى كىرەكتە ؟ !
ئاشىقتا ئاشۇ كۆيگەن يۈرەك مەۋجۇتلا بۇلىدىكەن مەشۇقنى ھەممىگە ئېرىشتۈرىشى مۇمكىن چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسان قىلىدىغان ئىشلار. ئەمما، مەشۇققا نىسى دۇنيا كىرەك ئەمەس. چۈنكى، كۆيۈپ تۇرغان يۈرىكى بولمىسىمۇ ئاشۇ مال-دۇنيالارنى تەڭلەپ تۇرغان ئاق ماشىنىلىق شاھزادىلەر يىتەرلىك تۇرۇپتۇ .
شۇنداق قىلىپ ئاشىق قىززىق ماي يۇلىدا يۈرىكىدىن ئىرىپ لايغا چاپلىشىپ كەتتى، چۈنكى مەشۇق ئۇنىڭ كۆزئالدىدا ئاق ماشىنىق شاھزادىنىڭ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ كەتكەن ئىدى.
بۇ يالاڭ تۆشنىڭ مەشۇقىنىڭ چاچلىرىنى تاراپ قويغۇسى، پۇتلىرىنى يۇيۇپ قويغۇسى، تىرناقلىرىنى ئېلىپ قويغۇسى دىگەندەك ئەقىدىللىرىنى ئەمىلىيەتكە ئىسپاتلاش پۇرسىتى مەڭگۈ كەلمەيدۇ.
چۈنكى قىزلارغرا بىر ئەركەكنىڭ ساپ ئەقىدىسى ھەرگىز يىتەرلىك ئەمەس ! نىسى مال دۇنيا تېخىمۇ كىرەك ئەمەس ! بۇ يالاڭتۆشكە خۇشاللىق يوق چۈنكى ئۇنىڭ يۈرۈكى ئاسىيلىق قىلغان(
ئاسى يۈرەكنىڭ قانداق بۇلىدىغىنىنى بۇيەردىن كۆرۈڭ !)

ھەق-ناھەت، توغرا-خاتا، ھالال-ھارامنى ئىككى مۆرىسىكى پەرىشتىلەرنىڭ قۇلىدىكى خاتىرە دەپتەردىن قورقۇپ تۇرۇپ ئايرىيدىغان ئادەم قانچىلىك قالدى ؟
«بۇيەردە ئوغىرى يوق ھېلى قويغان نەرسە ھېلى يوق» دىگەندەك سىرتىدىن قارىماققا پەرىشتە سۈپەت كۆرۈنگەن بارچە ئادەملەرنىڭ نەچچىسىنىڭ ئىچىدە توڭگۇز قاينايدىغانلىقىنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ. ئەگەر بۇ جەمىيەتتە ھۈكۈمەت ئادەملىرىنى بۈگۈنكىدەك سىرتتا قۇرال كۈتۈرۈپ يۈرمەيدىغان بولسا كىشىلەر بىرى-بىرنى خام يەۋىتەمدىكىن دەپمۇ قالىمەن.( ھېلىمۇ پۇرسەت تاپقانلا يەردە يەپ يۈرىدۇ)
جەمىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ چىرايىغا قارىسا بىرى-بىرىگە خىرىس قىلىپلا تۇرغان، خۇددى ياقىدىن ئېلىشقا بىرە باھانە ئىزدەپ يۈرگەندەك ! ئىنسانلارنىڭ نىمە بۇلۇپ كىتىۋاتقىنىغا مەن بىرنەرسە دىيەلمەي قېلىۋاتىمەن.

جەمىيەتتە ياشاش ئۈچۈن سىرتتىكى نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا ھەم ئىشەنىچ تۇرغۇزۇشقا مۇھتاج بۇلىمىز. ئەمما ھازىر بۇنداق ئىشەنىچ جۇمۇلاڭما چۇقىسىدىن بۇلاق ئىزدىگەندەكلا بىر ئىش بۇلاپ قالدى.
تۇخۇم ئالساڭ خاشۇ چىقىپ قالغان، سۈت ئالساڭ مىلامىن چىقىپ قالغان، قىزىل كالا ئىچسەڭ ھورمۇن بايقالغان، پىچىنە-پىرەنىكتە سانائەت يىلى بايقالغان، كولباسا يىسەڭ چاشقان گۈشى بايقالغان، ئاشخانىغا كىرسەڭ ئېشەك گۈشى چىققان . . . قانداق قىلىدىغان ئىشكى. سەي كۆكتاتلاردا خېمىۋىيلىك دورا، مىۋە-چىۋىلەردە ھورمۇنلۇق دورا ئىشقىلىپ زۇۋانىڭغا كىرىدىغان ھەرقانداق نەرسىدە زەھەر يىتەرلىك تۇرۇپتۇ.
بىرىنىڭ بىر ئېغىز گىپى مىڭ تىللالىق ھىكمەتتەكلا ئېيتىلىپتۇ« جۇڭگۇچىلىقتا ھايات يۈرۈشنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە»