بالىلارغا چوڭ كىشلەر كەبى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلساقمۇ، ئەمما چوڭلار كەبى تەلەپ قويىۋالماسلىق كېرەك ئىكەن. قىسقىسى بالىلارغا ئۆزىگە تەۋە بىر بوشلۇق بېرىپ، ئۆز ئۆزىدىن ئەتراپلىق يېتىلىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك ئىكەن. بىزنىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان تەربىيىمىز ئۆزىمىزنىڭ قىسمەن تۇرمۇش تەجرىبىلىرىمىز، مەۋجۇد تۇرۇش نەزىرىيىسى، ساغلاملىق پىسخىكىسى ۋە ئۆز ئۆزىنى قوغداش قارشى بولدىكەن.
بالىلاردىمۇ ئۆزلىرىگە خاس ئىززەت ئابروي ۋە مەسئۇلىيەت بولىدىكەن. ئىشەنمىسىڭىز 4 ياشلىق بالىنى 2 ياشلىق بالىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلسىڭىز، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە كىچىك ھىسابلىنىدىغان شۇ 4 ياشلىق بالا ئۆزىدىن كىچىك بالىغا ئىش ئۆگىتىپ كىتىشلىرىنى، ئەركىلىتىپ سۆزلەپ كېتىشلىرىنى، ئۇنى باشقۇرۇشلىرىنى، ئۇنى قوغداشلىرىنى كۆرىمىز.
مانا بۇ بالىلارنىڭ باشقىلار ئالدىدىكى ئابروي ۋە غورۇرى. ئۇلارنىڭ قەلبىدە بالىلارغا خاس ئۆزلۈك قارىشى بار، بۇنىڭغا بىز چوقۇم ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك.
