يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1920 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 387|نەقىل: 10

ئۈلۈۋېلىش. . . R [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
426 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
886

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى 18:40:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۈلۈۋېلىش


ھېكايە


روھچىن



ياسىن ھاجىم ماشىنىنى كەينىگە ياندۇروپ چىقىشىغىلا يان تەرپىگە ۋاڭڭىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن بىر نەرسە چۈشتى. ماشىنىنى توختىتىپ چۈشۈپ بولغىچە كەينىدە ئولتۇرغان قىزى چىقىراپ كەتتى.


سىمىنۇت مەيداندا ياشقىنە بىر يىگىت دۈم ياتاتتى. ئېغىزىدىن، بۇرنىدىن ئاققان قان ئەتىراپقا قىزىل رەخ ياپقاندەك تارقاۋاتاتتى. بىر دەمدە ئەتىراپقا بىرمۇنچە ئادەم ئۇلاشتى، ئۈستىگە قاراپ زادى قانچىنچى قەۋەتتىن چۈشكەنلىكىنى ئۇققىلى بولمىدى. بالىنىڭ چۈشكەن يىرىگە توغرا كىلىدىغان يەردە 7-قەۋەتتە بىر دەرىزە ئۇچۇق تۇراتتى.


بىراۋلار 120گە تېلفۇن قىلدى، بىراۋلار خوجىلىق بۈلۈمگە مەلۇم قىلىشتى. ئەمما، ئاللا بۇرۇن بالىنىڭ كۆزى ئۇچۇق قالغان ئىدى. سىرتتىكىلەرمۇ بىردەمدە ئىچىگە كىرىپ بۇ رايۇننىڭ ئىچىنى ھېيتگاھ جامەنىڭ ئالدىدىكىدەك قىلىۋەتتى. ئەمما، ھېچكىم قان ئىچىدە ياتقان بالىنىڭ يېنىغا بېرىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.


ئىككى قەدەم نېرىدا بىر يانفۇن سايراپ كەتتى. بۇ ئىھتىمال شۇ بالىنىڭ قۇلىدىن چۈشكەن يانفۇن بولسا كېرەك. ياسىن ھاجىم بېرىپ يانفۇننى ئالدى. تېلفۇن ئۇرغىنى بالىنىڭ ئانىسى ئىدى. بالىنىڭ ئىسمى ئابلىكىم بۇلۇپ 23 ياشقا كىرگەن ئىككى قىزى بار ئىدى.


بىردەمدە 65 ياشلار ئەتىراپىدىكى بىر ئايال پەيدا بولدى-دە «ۋاي جېنىم بالام» دەپ قانغا ئۆزىنى ئاتتى. بالىنى قۇچاقلايتتى، يۈزلىرىگە سۆيەتتى،مەيدىسىگە مۇشتلايتتى، يەردىكى قانلارنى يىغىپ يۈزىگە، كىيىملىرىگە سۈركەيتتى، «بالامنىڭ قېنى، مىنىڭ بالامنىڭ قېنى» دەپ يەردىكى قانلارنى يالايتتى. بۇ ئايالنىڭ قىياپىتى قارىماققا قان ئىچەر ساراڭغىلار ئوخشايتتى. لېكىن بۇيەردىكىلەرنىڭ ھېچ قايسىسى بۇ ئانىنىڭ نالە-زارىغا تاقەت قىلىپ تۇرالمىدى.


بۇ بالا نىمىشقا بىنادىن تاشلاندى ؟ ئۆزى سەكرىدىمۇ ؟ نىمە سەۋەپتىن ئۆلىۋالدى ؟ نىمىشقا ئايالى بىلەن ئىككى قىزىنى ئويلىمىدى ؟ بەلكىم ئۇقۇرمەنلىرىمنىڭ كاللىسىغا بۇ سوئاللار تۇشاپ كەتتى. مەن ۋاقىتنى بىر سائەت كەينىگە ياندۇرۇپ بايان قىلىپ بىرەي!


ئىنسان دۇنياغا تۆرىلىشتىن نەچچە يىل بۇرۇن تەقدىرى پىشانىسىگە پۈتۈۋىتىلگەنئىكەن. شۇڭا، ئادەم تەقدىرنىڭ سىزىقىنى بويلاپ ياشايدىكەن.


بىر ۋاقىتلاردا بۇ دۇنياغا چۈشۈرۈلدۇق، ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆز كەلگۈسىمىز ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا مەجبۇرمىز. دۇنياغا كىلىش ئىختىيارلىقىمىزدا بولمىغاندەك، قانداق ياشاشمۇ ئىختىيارلىقىمىزدا بولمايدۇ. بىزنىڭ تەقدىرىمىز تۇلا ۋاقىتتا بىز ياشىغان ئىجتىمائى مۇھىتقا باغلىنىپ كەتكەن بۇلىدۇ.


ئابلىكىم كىچىكىدىن دىنى تەربىيە بىلەن چوڭ بولغان ئەخلاقلىق، ئىرادىلىك بالا ئىدى. ئەمما ئائىلىسىنىڭ زىيادە نامراتلىقى تۈپەيلى جەمىيەتتىن بىر كىشىلىك ئۇرۇن تېپىپ مېڭىش نۇرغۇن ئادەملەرگە قارىغاندا ئابلىكىمغا تەسكە توختىدى.


«قارغۇنى كۆزىدىن ئايرىغان خۇدايىم ھاسىسىدىن ئايرىمىغان»دەك ئابلىكىمغا ئىشىنىدىغان، ئۇنىڭغا ياردەم بىرىشنى خالايدىغان ئادەملەرمۇ چىقىپ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن، دەسلىۋىدە باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلىگەن بولسا كىيىنچە شەخسى دۇكان ئېچىپ، بىرنەچچە شىركەتنىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى قىلىپ، كىيىن مۇستەقىل شىركەت قۇرۇپ دىگەندەك ئىشلارنى قىلدى. سىرتتىن قارىماققا ئەنە شۇنداق رىلىستەك مۇستەھكەم تەرەققى قىلغان بىلەن ئىچكى قىسىمدا دەردى خېلى بارئىدى.


بايىلا دېرىزىدىن سەكرەشتىن ئىلگىرى 400 مىڭ قەرىزگەدىنىگە چىگىكلىك ئىدى.


لېكىن ئۇنچىلىك قەرىزگە ئۆلۈم يۇلىنى تاللىۋالىدىغان بالا ئەمەس. ئىنساندا غۇرۇر دەيدىغان نەرسىلەرمۇ بار. بەزى ئادەملەردە غۇرۇرىنىڭ دەپسەندە بۇلىشىغا بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان ئىشلارمۇ بار.


ئابلىكىمغا مۇشۇ بىرە يىلدىن بىرى كەلگۈلۈك كەينى كەينىدىن كىلىۋەردى. نۇرغۇن پۇللارنىڭ قەرەلى تۇشۇپ پۇلنى قايتۇرالماي يۇشۇرنۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. كۆيۈشۈپ ئاشىق بۇلۇشۇپ توي قىلغان، بىرنەچچە يىل ئۆي تۇتۇپ ئىككى قىزلىق بولغان ئايالى بىلەن ئۇرۇشۇپ خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا بۇلۇشۇپ يولسىز ئاجىرشىپ كەتتى.


دۇكىنىغا كىلەلمىگەن ۋاقىت ئۇزارغانسىرى دۇكاندا قويغان بالىلار نىيتىنى بۇزۇپ ۋاكالەتچىلىكىنى قىلىۋاتقان شىركەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ ئابلىكىمنى چېقىشتۇرۇپ يۈرۈپ پىتنە پاسات تېرىپ ۋاكالەتچىلىكنى، دۇكاننى ئىگىلىۋالدى.


شۇ تاپتا ئابلىكىم قۇرسىقىغا تاماق يىگۈدەك پۇلغا مۇھتاج ئىدى. ئەمما بۇنداق ئەھۋالىنى ئاتا-ئانىسى بىرتۇققانلىرىغا زادى چاندۇرمايتتى. ئۇلار ئۇققاندىمۇ بىئارام بولغاندىن باشقا ئىش يوق ئىدى.


بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپقان ئايالى تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇردى. يانچۇقىغا تاماق پۇلىسى سېلىپ قۇيۇپ، ئەھۋال سوراپ بىر قىسىم ئاز سوممىلىق قەرىزلىرىنى تۆلىشىپ بىرىپ يۈردى. بۇنداق ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئۇ ئېغىر قەرىزدارلىق تۇيغۇسىدا قالدى. باللىرىغا بىرنەرسە قىلىپ بىرەلمىگەننى ئاز دەپ يەنە كونا ئايالىغا جېنىنى باقتۇرۋاتاتتى.


كەينى كەينىدىن كىلىۋاتقان بېسىملار ئابلىكىمنى بەرداشلىق بىرەلمىگۈدەك دەرىجىدە قىيناپ قويدى. يۈرىكى دائىم مۇجۇلۇپ تارتىشىپ تۇراتتى. بىر كۈندە بىرە ۋاق تاماق ئاران يەيتتى. ياتسىلا ھەرخىل خىياللار بېسىۋېلىپ ئۇخلىيالمايتتى. ئۇخلىغاندىمۇ بىركىملەر قوغلاپ يۈرۈپ، لايلىقلارغا پېتىپ قېلىپ، كۆزىنى ئاچالماي، تىنالماي قېلىپ دىگەندەك چۈشلەرنى كۆرۈپ قورقۇپ ئويغىنىپ كىتەتتى.


تىۋىپ تۇمۇرىنى تۇتۇپ «بېسىمىڭىز بەك ئېشىپ كىتىپتۇ تۇلا ئويلانماڭ ! تۇلا غەم يىمەڭ ! بىر كاپام ئاشقا تۇيىدۇ بۇ قۇساق. قالغىنى گۆرنىڭ تۇپىسى بىلەن تۇيىدۇ» دەپ بىرمۇنچە شەربەت بەردى. ئەمما ئەمەلى ئەھۋالنى كىم چۈشەنسۇن !


بەزى يېقىنلىرى دەرھال توي قىلىشنى، تۇرمۇشى رەتكە چۈشۈپ سالامەتلىكى بولسىمۇ ئەسلىگە كىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن، توي قىلىش ئۈچۈنمۇ ھېچ بولمىغاندا 10-15مىڭ پۇل تەييارلاش كىرەكتە ھازىر.


ئالدىنقى يىلى تېخى سومكىدا 20-30 مىڭ پۇل ئاجىرمايدىغان، ئاددىراق بولسىمۇ بىر ماشىنىسى بار، ئائىسلىسى بار بىر ئەركەك ئىدى. بىر يىل ئىچىدىلا ھەممىسى تەتۇرسىگە ئۆرۈلدى. ئانىدىن تۇغۇلما بولغاندىنمۇ ئېشىپ كەتتى. ھېچ بولمىغاندا ئانىدىن تۇغۇلغاندا قەرىزدار تۇغۇلمايدۇ-دە



دائىم ئويلايتتى« مەن ئىچىپ-چەكمەيمەن، قىمار ئوينىمايمەن، قالايمىقان ئاياللارغا پۇل خەجلەيدىغان ئادىتىممۇ يوق. ھەشەمەتچلىك تېخىمۇ يوق ! مەن پەقەت كەلگۈسۈم ئۈچۈن تىرشىۋاتقان بىر ئادەم. ھامان بىركۈنى باش كۆتۈرۈپ چىقىمەن، شۇ ۋاقىتقىچە سالامەت تۇرالىساملا بۇلاتتى» ئەمما ئۇنداق بولمىدى. باش كۆتۈرۈپ چىقالماي باش كۆتۈرپ چۈشۈپ كەتتى.


بىر يېقىنىنى ئىزدەپ مۇشۇ بىناغا چىقىۋاتقاندا تېلفۇن سايراپ كەتتى تېلفۇن قىلغىنى قىزلىرىنىڭ ئانىسى ئىدى.


-قانداق بولدى دۇكاننىڭ ئىشى دىدى


-دۇكاننى ئېلىپ قالىمەن ۋاكالەتچىلىكنى ئۆتۈنۈپ بىرىمەن


-نىمە ئۈچ يىلدىن بىرى ئاشۇ ۋاكالەتچىلىك ئۈچۈن 150 مىڭ پۇل خەجلىدىڭىز جاپا تارتتىڭىز ئەمدى پايدىسى چىقىۋاتقاندا ئۆتۈنۈپ بەرمەكچىمۇ ؟


-ئۆتۈنۈپ بەرمىسەم ئۆزۈمنىڭ شىركىتىنىڭ ئىشلىرىنى توختىتىشىم كىرەككەن. ئوخشاش مەھسۇلات ئىشلىگىنىم ئۈچۈن ۋاكالەتچىلىك توختامىغا خىلاپلىق قىپتىمەن. يەنە كىلىپ چۇقۇم 100 مىڭلىق مال بۇيرۇتىشىم كىرەككەن. 100مىڭ دەسمى بولسا ئۆزۈمنىڭ شىركىتىنىڭ راۋاجى ئۈچۈن ئىشلەتسەم ياخشى ئەمەسمۇ.


مانا شۇنداق ئۇمۇ ئۆزىنىڭ داۋلىيسىنى سۆزلىدى. ئابلىكىممۇ ئۆزىنىڭ قارىشىنى سۆزلىدى شۇندا قىلىپ بىرى-بىرىگە يول قويماي توۋلىشىش، ئىزا-ئاھانەتلەرگە بېرىپ قالدى.


ئايالى پىلمۇتتىن ئوق ئۈزگەندەك سۆزلەشكە باشلىدى:


-ھەمىشە ئاشۇندا بۇشاڭلىق قىلىسە، باللىرىڭنى قاندا باقىسە، باللىرىڭنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بولسىمۇ چىڭ تۇرمامسە، سەندەك ئەركىشىنى كۆرمىگەنمەن، ۋاي ئىسىت! نىمە كەلگۈلۈك !


ئابلىكىم دىگۈدەك گەپنىڭ ھەممىنى دېدى. ئەمما، بولدى قىلمىدى. ئاخىرى چىدىماي «باقالمىسام كەينىمنى ساتامەن يا» دىدى. «نىمە؟ سەن ئەركىشى تۇرساڭ، سىنى كىم ئالاتتى، مەن چىقسام بۇلىدۇ كۇچىغا، جالاپلىق قىلىپ سىنى، باللىنى باقسام بۇلىدۇ.


گەپ بۇيەرگە يەتكەندە ئابلىكىمنىڭ كاللىسىغا ئايالى ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان 5-6ئاي ۋاقىت چاقماق تىزلىكىدە ئۆتتى ۋە ئەندىكىپ كەتتى.  بۇ ۋاقىتتا دەل يەتتىنچى قەۋەتكە چىققان ئىدى. خۇدا بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارماقچى بولسا ھەممىسى تەق بۇلىدىكەن. يەتتىنچى قەۋەتتىكى ئادەم ئېسىلىپمۇ چىققىلى بولمايدىغان دېرىزىنىڭ ئالدىدا بىر مىتىر ئىگىزلىكتە پەلتەڭ تۇراتتى. يۈگۈرۈپ بارغانچە پەلتەڭگە چىقىپلا دېرىزىدىن ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى.


ئەزىز ئۇقۇرمەنلەر ھايات خىلمۇ-خىل، تۇمۇشمۇ شۇنداق. ئابلىكىمغا كەلگەن كەلگۈلۈك ھەممە ئادەمگە كىلىۋەرمەيدۇ. ئەسلى غۇرۇرئۇنچىۋىلا يامان بولمىسىمۇ بۇلاتتى لېكىن، بەزى ئادەملەر ئۈچۈن غۇرۇر-ۋىجدان ھاياتتىن قىممەتلىك !


ئۇ كەتتى. ئانىسى ئەقلىدىن ئاداشتى. قاچان قارىسا «بالامنىڭ قېنى» دەپ شۇيەرنى يالاپ يۈردى. ئايالى نىمە بۇلۇپ كەتكەندۇ . . . ؟ قىزلىرى دادىسىنىڭ تەقدىرىنى ئۇققاندىن كىيىن قانداق ئويلار. . . ؟


خوتەن شۇنچىلىك بار يەر. پالانى ھاجىم شاڭگاڭلىق بىر قىمارۋاز بىلەن بىر ئولتۇرۇشتا 20 مىليۇننى ئۇتتۇرۋېتىپ چىقىپ كەتتى.


پۇكۇنى ھاجىمنىڭ بالىسى ئېلىكتورۇنلۇق ئۇيۇنچۇقخانىدا بىر ھەپتىدە بىر مىليۇن 800 مىڭنى ئۇتتۇرۋەتتى.


يەنە بىر تاشچى 4- خۇتۇنىغا 450 مىڭغا بېنىز ماشىنىدىن بىرنى 800 مىڭغا داچا شەكىللىك بىنا ئۆيدىن بىرنى ئېلىپ بەردى.


يەنە بىرى دۇنيادا جەمى 80 دانە ئىشلەنگەن داڭلىق ماركىلىق ماشىنىدىن بىرنى ئەكىرىپ 48 مىليۇنغا يولغا چىقىرىپ ھەيدىدى.


بۇنداق مىساللار دىن بىر كىتاپ يېزىپ چىقىشقا بۇلىدۇ بۇلار كۆپتۈرمە بولماستىن ئەمەلى ئەھۋالنىڭ يۇمشاقلاشتۇرغان كۆرنىشى.


يۈدۇ مىھمانخانىسىغا ئىككى ھاجىم تاش سودىسى قىلغىلى كىرىپتىكەن، ئىچكىردىن چىققان پەرىزاتتەك ئىككى تەتەينى سۇلاپ بىرىپتىكەن، بىر كىچىدە 450 مىڭ پۇلنى خەجلىۋېتىپتىكەن.


«كاساپەتلە شۇنچىلىك پۇل خەجلەشكە يارايدىكەن» دەپ شۆلگەي ئېقىتىپ يۈرىمىش !


دەرھەقىقەت بۇ زىمىننىڭ تاقىتى تۇشاپ قالدى.  


قايناققا زاغىر چىلاپ قورساقنى توقلاپ 4 بالىنىڭ پۇق-سۈدىكىنى ئادالاپ باققان ئايالى سەھرادىكى ئۆيدە پاشىغا يەم بۇلۇپ ياتىدۇ، ئېرى 1200 كويلۇق ياتاقتا چەتئەللىكنى قۇچاقلاپ ياتىدۇ.


ئابلىكىمنىڭ ئارزۇيى ھازىرقى خېمىيۋىيلىك، ھورمۇنلۇق، سۇنئيلىك قاپلاپ كەتكەن يىمەك-ئىچمەك ساھەسىدىكى دولقۇنغا قارشى بارلىق نەرسىنى ئىپتىدائى ئۇسۇلدا، ئىپتىدائى ماتىرياللاردا، ئادەم قۇلى بىلەن تەييارلاپ ھەم ساپ مۇسۇلمانچە ھالال ھەم زىيانسىز مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىپ بۇ ساھەدە خاتىرجەم ماركا بەرپا قىلماقچى ئىدى.


پىلان مۇكەممەل، يول ئۇچۇق، ھەممىگە قۇدىرتى يىتىدىغان تۇرۇپ شۇ ئىشلارنى يۈرۈشتۈرگىدەك مەبلەغكە ئىگە بۇلالمىدى. بانكىلارغا يول مېڭىپ زىرىكتى، بانكىمۇ پىلانغا، ئىدىيەگە پۇل بەرمەيدىكەن، شۇ پۇلنى قايتۇرغۇدەك ئىختىزادى بولسا بىرىدىكەن. نۇرغۇن تاشچىلار بىلەن كۆرۈشتى ئەمما ئابلىكىنىڭ چۇققۇ بازاردىن چىققان نۇپۇزى بىركىمنى 50 مىڭدىن يۇقۇرى مەبلەغ سېلىشقا قايىل قىلالمىدى.


ئۇنىڭ ھاجىم دادىسى يوق، ئەمەلدار تاغىسى يوق، يۇلى بار تۇققانلىرى يوق . . . خۇدادىن ئۆزگە ھېچنىمىسى يوق، ئەمما خۇدا بۇ دۇنيادا بىر ئىش قىلىشتىن ئاخىرەتكە كىتىشىنى ئەۋزەل كۆرگەن بولسا كىرەك . . .





Rank: 1

توردا
568 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
748
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى 19:24:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھچىن سىز ھىكايىنى بەكمۇ ياخشى يازىسىز، بۇ ھىكايىمۇ شۇنداق تەسىرلىك ھەم بەك ئىچىنىشلىق چىقىپتۇ، بىر يىرى يەنى ئاۋۇ ئانىنىڭ قاننى يالىغان يىرىنى چىقىرۋەتسىڭىز قانداق بولا؟ بۇ ھالەت ئادەمگە بەك بىر خىل تۇيغۇ بىرىپ قويىدىكەن،،،،،،،،،،

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
390
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى 19:58:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7-قەۋەتتىن ئادەم بىلەن بىللە چۈشكەن تېلىفۇننىڭ ساق ئىشلىگىنىگە ھەيران قالدىم. تېخنىكىلار بەك ئىلغار بولۇپ كىتىپتۇ ھازىر.

بەزى يەرلەردە سۆزلەر جايىدا ئىشلىتىلمىگەندىن باشقا، تىما ياخشى يىزىلىپتۇ. قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تېلەيمەن !

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1703
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى 20:03:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا روھچىن ، كاللامنى زىددىيەتلىك خىياللار چىرمىۋالدى . سىز دىگەندەك بەزى مىساللارنى تۇلا ئاڭلىغانىدم . بۇ ئىشلار كۆز ئالدىمدا يۈز بەرگەندەك بىئارام بۇلۇپ كىتىپ بارىمەن دىسە ...

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى 09:39:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلىم  بەك  يېرىم .بىزنىڭ  يۇرۇتتىمۇ  بۇنداق   ئىشلار  بار.......رۇھچىن  بەك  ياخشى  يېزىپسىز

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
426 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
886

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى 09:41:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلئايىم يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى 19:24
روھچىن سىز ھىكايىنى بەكمۇ ياخشى يازىسىز، بۇ ھىكايىمۇ ش ...

بۇ ئەمىلىيەت . . . لوپتا بىر ئانىنىڭ بالىسىنىڭ قېنىنى يالىغىننى كۆرگەنمەن

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
426 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
886

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى 09:42:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەمبەرنىسا يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى 19:58
7-قەۋەتتىن ئادەم بىلەن بىللە چۈشكەن تېلىفۇننىڭ ساق ئىش ...

يانفۇن ئايرىم چۈشسە چېقىلىپ كىتىدۇ. ئەمما باشقىلارنىڭ قۇلىدا چۈشۈپ يەرگە چۈشكەندە قولدىن چىقىپ كەتسە چېقىلمايدۇ.
جايىدا ئىشلىتىلمىگەن سۆزلەرگە تەكلىۋىڭىزنى بىرىشىڭىزنى سورايمەن

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
426 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
886

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى 09:43:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسمەتۇللاھ يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى 20:03
ئاللا روھچىن ، كاللامنى زىددىيەتلىك خىياللار چىرمىۋال ...

بەزى ئىشلارغا ئاچچىق يۇتماقتىن باشقا چارە يوق

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2110
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى 10:32:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋەپ  قىلىپ  سەۋەتتە سۇ توختىتايلى

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
نادىر
0
يازما
1
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:09:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم     بۇھېكايىنى تولىمۇياختۇردۇم        رەخمەت سىزگە!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 15:46 , Processed in 0.471895 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش