يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 764|نەقىل: 36

ھىجران دېغى ـــــــــــ پوۋىست [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 22:42:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھېجران دىغى



پوۋىست



نازپەرى



مۇقەددىمە



   ئىشىكنىڭ يەڭگىل ئىچىلىشىدىن، تىخى ئۇخلاپ ئۈلگۈرمىگەن مېھرىبان بىشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى، قارىدىيۇ، قورققىنىدىن بىشىنى يوتقانغا پۈركەپ يىتىۋالدى. پۇت-قولى بەزگەك بولۇپ قالغاندەك تىترەۋاتاتتى. قاتتىق بىر قولنىڭ يوتقاننىڭ پىشىنى ئاستا قايرىشىدىن تىخىمۇ قورقۇپ كەتكەن مېھرىبان << ئانا، قۇتقۇزۇڭلار، ئادەم بارمۇ ؟ >> دەپ جېنىنىڭ بارىچە ۋارقىراشقا باشلىدى . ئەكبەر مېھرىباننىڭ ئىغىزىنى قولى بىلەن چىڭ بىسىپ تۇرىۋالدى ھەمدە ئىنتايىن پەس ئاۋازدا : - << ئۇنداق قىلماڭ مېھرىبان ، مەن ئەسكىلىق قىلغىلى كىرمىدىم. ساۋاقداشلار سىنىپتا مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ. رەيھاندىن سىزنىڭ مىجەزىڭىزنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ يوقلاپ كىردىم. ۋارقىرىماڭ ! يۈسۈپ مۇدىر ئاڭلاپ قالسا، مەن بۇ مەكتەپتىن قوغلىنىمەن. مىنىڭ قوغلىنىشىمنى خالامسىز يا ؟ >>
   مىھرىبان كۈچەپ يۇلقۇنۇپ ئەكبەرنىڭ قولىنى ئاجراتتى، دە - يەنە كۈچىنىڭ بارىچە ۋارقىرىدى.  << ئانا....>> ئەكبەر يەنە دەرھال مېھرىباننىڭ ئىغىزىنى قولى بىلەن ئىتىۋالدى.
   - ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن . ئۇنداق قىلماڭ مېھرىبان. سىزگە كۆيۈپ قالغىنىم گۇناھمۇ ؟ ناۋادا يەنە مەن بىلەن قارشىلىشىۋەرسىڭىز، ئاخىرى مەندىن ئايرىلالمايدىغان قىلىپ قويىمەن. مەكتەپتىمۇ نامىڭىز پۇر كىتىدۇ . ئەمدى ئىغىزىڭىزنى قويۇپ بىرىمەن.ناۋادا يەنە ۋارقىراشقا ئۇرۇنسىڭىز، مەن دىگەن ئوغۇل بالا، دىگىنىمنى قىلماي قويمايمەن. ئىسىڭىزدە بولسۇن. ئوقوغۇچىلار ئىشخانىسىدىكىلەرمۇ سىنىپلارغا مۇزاكىرە ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى. پەستە ھىچكىم يوق. سىز خېلى ئەقىللىق قىز، ئۆزىڭىز بىلىپ بىر ئىش قىلارسىز . ئەكبەر مىھرىباننىڭ قولىنى قويۇپ بىرىشىگە، مېھرىبان  ياتقان يىرىدىن دەرھال تۇرۇپ ئولتۇردى ھەمدە ،ئاقبالداقتەك ئىتىلىپلا كەتتى.
   - سەن نىمانچە ئىپلاس، ماڭا نىمىشقا بۇنچە يىپىشىۋالىسەن ؟ مىنى ئارامىمدا قوي. مىنىڭ كۆڭلۈمدە ياخشى كۆرگەن ئادىمىم بار، ساڭا كۆڭلۈمنى بىرەلمەيمەن دەپ ساڭا نەچچە قىتىم دىدىمغۇ؟ نىمانچە يۈزۈڭ قىلىن سىنىڭ ؟
   - نىمە دەپ تىللىسىڭىز مەيلى. ماڭا كۆڭۈل بەرمىسىڭىزمۇ ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىزلا مەن رازى. سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىم گۇناھ ئەمەستۇ ؟ ئەكبەر شۇنداق دەپلا كارىۋات ئالدىغىلا تىزلاندى. - جېنىم مېھرىبان، ئۇنداق قىلماڭ . بايا قاتتىق قوللۇق قىلىپ سالدىم . ئەمما سىزمۇ مىنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ. ماڭا پەقەت ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا ۋەدە بەرسىڭىزلا سىزنى پەقەت ئاۋارە قىلمايمەن. كۈندە چاڭىلداپ تۇرىدىغان ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىسام، ئوماق چىرايىڭىزنى كۆرۈپ تۇرساملا مەن شۇنىڭغا رازى، ماقۇل دەڭ بولامدۇ ؟ ئەكبەرنىڭ ھىلى قورقۇتۇپ تەھدىت سىلىپ، ھىلى يالۋۇرۇپ يىلىنىشلىرىدىن بىزار بولغان مېھرىبان، ئۇنىڭغا يالغاندىن بولسىمۇ ۋەدە بىرىپ قۇتۇلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدى دە ، چىرايلىق گەپ قىلىپ ئۇنى تىزراق ياتاقتىن چىقىرىۋىتىش ئۈچۈن ئامالسىز چىرايىغا ياسىما كۈلكە يۈگۈرتۈپ :-
   - ماقۇل، مەن ۋەدە بىرەي. ئەمما سىزمۇ مىنى بۇنداق قورقۇتمايسىز. سىز ياخشى بولسىڭىزلا مەنمۇ سىزگە قوپاللىق قىلماسلىققا ۋەدە بىرەي. ئەمدى تىز چىقىپ كىتىڭ. مەكتەپتىكى بالىلار كۆرۈپ قالسا ئىشنىڭ چوڭى چىقىدۇ .
   مېھرىباننىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ دىگەن گەپلىرىدىن ئېرىپ كىتەيلا دەپ قالغان ئەكبەر ئۆزىنى كونترول قىلالمىدى. دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، كارىۋاتتا يوتقاننى يىپىنچاقلاپ ئولتۇرغان مېھرىبانغا ئۆزىنى ئاتتى .
   - سىز نىمىدىگەن ياخشى. شۇڭا مىنىڭ مىھرىبانىمغۇ سىز ....
   ئەكبەرنىڭ بۇ قىلىقىدىن قورقۇپ كەتكەن مىھرىبان چىرقىراپ كەتتى.
   - ئانا ............ رەيھان قىنى سەن ؟ مىنى قۇتقۇزىۋال جىنىم دوستۇم ........

مېھرىباننىڭ توختىماي پىچىرلاپ، تىپىچەكلەپ كىتىشلىرىدىن ئويغىنىپ كەتكەن رەيھان، دەرھال كىلىپ مىھرىباننىڭ يۈزلىرىنى سىلىدى.
   - مىھرىبان نىمە بولدۇڭ ؟ قارا بىسىپ قالدىمۇ نىمە ؟ كۆزۈڭنى ئاچقىنە .....
رەيھاننىڭ سىلكىپ ئويغۇتۇشلىرىدىن ئاران تەستە كۆزىنى ئاچقان مىھرىبان رەيھاننى قۇچاقلىۋالدى.
   - قارا بىسىپ قاپتۇ ئاداش، بەكلا قورقۇپ كەتتىم.
مىھرىباننىڭ قورقۇپ يىغلاپ كىتىشىدىن ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىغان رەيھان مىھرىبانغا بىردەم تەسەللىي بىرىپ چايداندىن قايناقسۇ قۇيۇپ ئىلىپ كەلدى.
   - ئىچە، ماغدۇر بولىدۇ. ئاۋال تىنىچلانغىن. ئاندىن مەن سەن بىلەن بىللە ياتاي. قورقۇتۇپ جىنىمنى چىقىرۋەتتىڭ ....


داۋامى بار، داۋاملىق يوللىنىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەمبەرنىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى 19:00  


تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
424 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
886

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى 08:40:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىزراق يازىلى ئەمدى  داۋامىنى جېق-جېق يازىلى ئادەمنى ساقلاتماي

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى 10:15:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەتتە ھىكايىلەرنىمۇ ساقلاپ ساقلاپ ئۇقۇيتۇق،ئەمدە بۇ پوۋسىتنىڭ ئاخىىرنى ئۇقۇپ  بولغىچە ئىڭەكتىن چاتاق چىقماس  ھە

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى 15:08:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جانىم  بىز  ساقلىدۇق  ئەمسە

Rank: 1

توردا
567 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
740
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى 19:40:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىنى ئاۋۇ قەمبەرنىسا دىگەن قىزنى بىلىدىغانلار بارمىدۇ؟؟؟؟؟؟؟  ئاخىرىنى تىزرەك يازسا بولاتتى

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى 23:57:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                               1-باپ
  تاڭ سەھەر قاراڭغۇلىقىدا 4 ئادەمنى سىلىپ يولغا چىققان كىچىك ماشىنا ئۇچقاندەك ئالغا ئىلگىرلىمەكتە. ماشىنا دىرىزىسىدىن كىرگەن تاڭ سەھەرنىڭ غۇر-غۇر شامىلى ئادەمگە راھەت بەخش ئەتمەكتە. مىھرىبان بىلەن رەيھان پات-پات بىر-بىرىگە قارىشىپ كۈلۈمسىرەپ قويۇشقىنىدىن باشقا، ھەممە ئاللىقانداق خىياللارغا بەنت بولغان . قاغىلىقتىن يولغا چىقىپ يەكەنگە كىلەي دەپ قالغان ۋاقىتتا ئالدىدىكى يىقىنلا يەردىكى كىچىك مەسچىتتىن ئاڭلانغان ئەزان ئاۋازى بىلەن چوڭقۇر خىياللار قاينىمىغا چۆكۈپ كەتكەن شوپۇر ئۇستام يىنىدا ئولتۇرغان رەيھاننىڭ دادىسى مۇسا قارىمغا قاراپ : -
   - قارىكا، ھەقىچان ئەتىگەندە ئۆيدە تاھارەت ئىلىۋالغان بولغىيتىلە. بولسا ئالدىمىزدىكى مۇشۇ كىچىك مەسچىتتە ناماز ئوقۇپ ماڭغان بولساق . دىدى سەمىمىيلىك بىلەن .
   - بولىدۇ شۇنداق قىلايلى. نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇۋالساق يولدىمۇ بىخەتەر بولىمىز. اللە بىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ . دىدى مەنىلىك قىلىپ .
   ئەرلەر ئىچىگە كىرىپ كەتتى. رەيھان ماشىنىنىڭ ئىچىگە قويۇپ قويغان كىچىك سومكىسىغا سىلىۋالغان بىر پارچە رەختنى مەسچىت ئالدىدىكى كىچىك تارچۇققا سىلىپ، مىھرىبان ھەم ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن ناماز ئوقۇشقا تۇتۇندى.
   ئالدى-كەينى 10 مىنۇتلاردىن كىيىن ماشىنا سىلىققىنا قوزغىلىپ يولغا چىقتى. ئەمدى ھەممىسىنىڭ ئۇيقۇسى ئىچىلىپ كەتكەن ئىدى. ئارىدىكى جىمجىتلىقنى مىھرىباننىڭ ئانىسى مەرەمنىساخان بۇزدى.
   - ۋاي قارىسىلا مۇسا قارى، مۇشۇ قىزىمنى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇتۇپتىمەن. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ كەلسە، ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر تاۋىقىغا يىزىلسا دەپ بەك ئارزۇ قىلاتتىم. ئەمما بۇ بالا مىنىڭ دىگىنىمگە ھەرگىز كۆنمەيدۇ. مۇشۇ مەكتەپنىمۇ سىلىنىڭ قىزچاق تەشۋىقات ۋارىقىدىن كۆرگەنمىش. شەخسىي مەكتەپ قانچىلىك بولار دەپ سەل ئەندىشە قىلىپ قالدىم قارىسىلا . مەرەمنىساخان ئاچىنىڭ ئىچىدىكى غەم-ئەندىشىسى چىرايىغا تىپىپ چىقتى. چىرايى بەكلا پەرىشان كۆرۈنەتتى.
   - ۋاي ئۇنى بىر سورىمىسىلا، - دىدى مۇسا قارى كەينىگە قايرىلىپ، - مۇشۇ قىزىمنى بالىنىڭ كىچىكى دەپ كۆزۈمنىڭ قارىقىغا دەسسىتىپ چوڭ قىلغانىدىم. نىمە دىسە شۇنى قىلىپ بىرىپ كۆندۈرۈپ قويۇپتىكەنمەن. ‹‹ زادى شۇ مەكتەپتە ئوقۇغىنىم ئوقۇغان ›› دەپلا تۇرىۋالدى. ئەمدى قانداق قىلاتتۇق. بىز ئىنسان پىشانىمىزغا پۈتۈلگەندىن باشقىنى كۆرۈشكە ئامالسىز ئىكەنمىز. بەلكىم بۇ بىر ياخشىلىقتۇ. كۆڭۈللىرىنى توق تۇتسىلا. قىزلىرىمىزمۇ يالغۇز ئەمەس. ‹‹ يالغۇزنىڭ يارى خۇدا ›› دەپتىكەن كونىلار. بۇ مەكتەپتە بىر يىل ئوقۇپ كەلسە، ئىككىسى بىرلىشىپ بىر ئىش قىلار.
   مۇسا قارى شۇنداق دىگىنى بىلەن ئۇنىڭمۇ ئىچىنى بىر نەرسە قوچۇۋاتقاندەك بولىۋاتاتتى. قانداق بىر دادا قىزىنى يىراق يەرگە تاشلاپ قويۇپ خاتىرجەم بولالايدۇ ؟ قانداق بىر دادا ئۆز يۈرەك پارىسىنى مۇساپىرچىلىق دەردىنى تارتقۇزۇشقا چىدايدۇ ؟ .......
   مۇسا قارى ئالدىغا قاراپ بىشىنى ماشىنا ئورۇندۇقىنىڭ يۆلەنچۈكىگە تاشلىدى ھەمدە ئېغىر ئويغا پىتىپ كەتتى. كىچىكىدىن كۆز ئالدىدىلا چوڭ بولغان بۇ ئەركە قىزىنىڭ ئەمدى باشقا يۇرتتا مۇساپىر بولىشىغا چىدىمىغانىدى. قىزىنىڭ يات شەھەردە يالغۇز قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ بۇرنىنىڭ ئۇچى ئىچىشتى، دە- كۆز جىيەكلىرى قىزاردى. مۇسا قارى دەرھال ماشىنا ئەينىكىدىن سىرتقا قارىۋالدى. تاڭ خىلى ئوبدانلا ئىتىپ قالغان. يىراقتىن تاشقورغاننىڭ تاغلىرى سۈرلۈك كۆرۈنەتتى.
   - شوپۇر ئۇستام، ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى چۈشۈرۋەتسىلە بوپتىكەن. ئەتىگەننىڭ ساپ ھاۋاسىدىن قانغۇچە بىر نەپەس ئالايلى. رەيھاننىڭ كۆل سۈيىدەك تىنىق ئاۋازى خىيالى ماشىنا ھەيدەۋاتقان شوپۇرنى خىيالدىن ئويغاتتى. شوپۇر ئالدىدىكى بىر كۇنۇپكىنى بىسىپ قويىشى رەيھان تەرەپتىكى بىر ئەينەك ئاستا پەسكە چۈشتى.
   - مەن تاغنى بەك ياخشى كۆرىمەن. دادا، ئاۋۇ قەيەرنىڭ تىغى؟
   - مەنمۇ ئىنىق بىلمەيدىكەنمەن بالام. بىلىشىمچە مۇشۇ تەرەپتە تاشقورغان بارغۇ دەيمەن . مۇسا ئاكا قىزىنىڭ ھارماي سۇئال سورايدىغان ئادىتىگە بەك ئامراق ئىدى. كىچىكىدىن باشقىلار بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ قالىدىغان، تولا سۇئال سورايدىغان رەيھانغا مۇئەللىملىرىمۇ بەك ئامراق ئىدى.
   - رەيھان قىزىم، ماشىنا ئەينىكىنى ئەمدى يىپىۋەتسەك بولامۇ؟ ئادەم ياشىنىپ قالغاندا ئاسانلا كىسەل بولۇپ قالىدىغان گەپكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېھرىبان قىزىممۇ ئاسان زۇكامداپ قىززىپ قالىدۇ. تىنى ئاجىز. ھەممىمىز ئۈچۈن ياخشى بولسۇن دىدىمغۇ .
   - بولىدۇ مەرەمنىساخان ئاچا، مەن بۇ تەرەپلىرىنى پەقەت ئويلاشماپتىمەن. شوپۇر ئۇستام خاپا بولماي ئەمدى ئىتىۋەتسىڭىز بولامدۇ ؟
   رەيھان مەرەمنىساخان ئاچا بىلەن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېغىر خىيالغا پىتىپ ئولتۇرغان مىھرىباننى خىيالدىن تارتىپ چىقارماقچى بولدى ۋە ئۇنى بوشقىنە چىمدىدى. مىھرىبان خىيالدىن ئويغىنىپ قارىۋىدى، بىر كۆزىنى قىسىپ چاقچاق قىلدى.
   - قايسى خىياللار قاينىمىدا ئۈزۈپ يۈردۈڭ دىكتور خانقىز؟ سىنىڭ مۇشۇ سالاپىتىڭ بىلەن دىكتور بولىشىڭدا گەپ يوق. ئالىي مەكتەپكە نىمىشقا بارمايسەنكىن ئۇقمىدىم. مەنغۇ تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇمىغان. ساڭا باشقىلار ئارزۇ قىلىپمۇ ئىرىشەلمەيدىغان مەكتەپتىن چاقىرىق قەغىزى كەلسە ئۇ يەرگە بارماي، مەن بىلەن مۇشۇ قەشقەرگە كەلگىنىڭگە ھەيرانمەن.
   - گەپنى ئاز قىلساڭچۇ! - مىھرىبان ئۇزۇن كىرپىكلىك چوڭ كۆزلىرى بىلەن رەيھانغا ئالىيىپ قارىدى. - ئۆيدە ئانام ئانىلىق قىلىپ قۇلاق-مىڭەمنى يەپلا كىتەتتى. ئەمدى قەشقەرگە بارساق سەن ماڭا ئانا بولىدىغان ئوخشايسەن.
   ماشىنىدا ئولتۇرغانلارقاقاقلاپ كۈلۈپ كىتىشتى. ھەتتا شوپۇرمۇ بۇ كۈلكىگە ھەمدەم بولغانىدى. مىھرىبانمۇ قىزىرىپ كۈلۈمسىرەپ يەرگە قارىدى.
   - بۇ بالىلارنىڭ مانا مۇشۇنداق بىر تۇققاندەك ئىناق ئۆتىدىغانلىقى ئۈچۈن قەشقەردە ئوقۇشىغا قوشۇلدۇم. بولمىسا مەن ھەرگىزمۇ خاتىرجەم بولالمايتتىم. مۇسا ئاكىنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلگەنىدى. بۇ ئاچچىقلىنىش بولماستىن ، ئەركە قىزىغا چىدىمىغانلىقى ئىدى. كونىلار << دادا قىزىغا، ئانا ئوغلىغا ئامراق بولىدۇ >> دىگەن گەپلىرى راست بولسا كىرەك. مۇسا قارىممۇ كىچىك قىزى رەيھانغا قالتىس ئامراق ئىدى. مەرەمنىساخان ئاچىنىڭ مىھرىبانغا ئامراقلىقىمۇ مۇسا قارىنىڭكىدىن قىلىشمايتتى.
   - ئۇنى بىر دىمىسىلە، ئەمدى بالىلىرىمىزنى قانچىلىك ۋاقىتتا بىر كۆرەرمىز دەپ يۈرىكىم سۇ . مەرەمنىساخان ئاچا شۇنداق دەپ لىچىكىنىڭ ئۇچىدا كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى. ئۇنىڭ قورۇلۇپ ، پۈرۈلۈپ كەتكەن چىرايىنى غەم بىسىپ، تىخىمۇ قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى.
   - ئانا بولدى قىلىڭە. بىزمۇ كىچىك بالا ئەمەس. 19 ياشقا كىرىپ قالدۇق. ئۆز ئىشىمىزنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزىمىز چىققۇدەك بولدۇق. ئەنسىرىمەڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە رەيھان بار تۇرسا ، - مىھرىبان بۇرۇلۇپ مۇسا قارىمغا قارىدى - مۇسا قارىكا، سىلىمۇ ئارتۇق غەم يىمىسىلە، بىز ئىككىمىز ئايرىلمىساقلا ھىچ ئىش بولمايدۇ. سىلەر بۇنداق غەم قىلىپ ئولتۇرساڭلار، بىز مەكتەپتە قانداقمۇ خاتىرجەم ئوقۇيالايمىز ؟ مىھرىباننىڭ بۇ ئۇرۇنلۇق گىپىگە رەيھان ھەممىدىن يوشۇرۇنچە باش بارمىقىنى كۆرسىتىپ كۈلۈپ قويۇش بىلەنلا كۇپايىلەندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە رەيھاننىڭمۇ گەپ قىلىشى ئارتۇقچە ئىدى.
   - قارىغاندا قىزىڭلارنى قەشقەردە بىرەر مەكتەپكە تىزىملىتىش ئۈچۈن ئىلىپ كىتىۋاتقان ئوخشايسىلەر. ئەمدى بىز نىمىمۇ قىلالايتتۇق. ئوقۇمىغاننىڭ دەردىنى بىزلا تارتىپ ئۆتۈپ كىتەيلى. بالىلار يىنىڭلاردا تۇرسىغۇ ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەكلا ئىش بولاتتى. ئەمما زاماننىڭ تەرەققىياتىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. قورسىقىدا بىلىمى بولمىسا ياشىماق تەس.
   مىھرىباننىڭ ھەم شوپۇرنىڭ ئورۇنلۇق گەپلىرى بىلەن مۇسا قارىم، مەرەمنىساخان ئاچىلارنىڭ غىمى سەل يىنىكلىگەندەك بولدى.

   يول كۆرسەتكۈچ تاختىسى ئوڭ تەرەپ يىڭىشەھەر ناھىيسىنى ئۇدۇل تەرەپ قەشقەر شەھەر ئىچىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. رەيھان 6 ياش ۋاقىتلىرىدا قەشقەرگە بىر كىلىپ كەتكەنچە بۇ ياقلارغا ئۆتۈپ باقمىغان بولغاچقا، ھەممە يەرگە تويماي قارايتتى. مىھرىبان ئانىسى مەرەمنىساخان ئاچا بىلەن ئاتۇشقا تولا كىلەتتى. ئۆتەر يولى مۇشۇ بولغاچقىمۇ ئانچە يىڭىلىق بىلىنمىدى بولغاي، يەنە شۇ بۇرۇنقى ئادىتى خىيال سۈرۈشنى داۋام قىلدى.
   يىڭىشەھەردىن 20 مىنۇتلار ئەتراپىدا ماڭغاندىن كىيىن، ماشىنا قەشقەر شەھەر ئىچىگە كىرىپ كەلدى ھەمدە سۈرئىتىنى ئاستىلاتتى.
   - ئۇكام مۇشۇ ئادرىسنى بىلسىڭىز بىزنى تايىنلىق شۇ مەكتەپكىلا ئاپىرىۋەتمەمسىز؟ كىرا ھەققىڭىزنى قوشۇپلا بىرەتتۇق.
   - ۋاي قارىكا، كىرا دەپ قاپلا. كىچىككىنە يولغا كىرا ئىلىپ يۈرمەيمىز. شوپۇر شۇنداق دەپ قىزلار ئالدىدا ئۆزىنى بىر كۆرسىتىۋالغىنىدىن پەخىرلەنگەندەك ئالدىغا قاراپ ماشىنا ھەيدەشنى داۋام قىلدى.
   - مىھرىبان قارىغىنە، ئاۋۇ ئالدىمىزدا بىر مەكتەپ بار ئىكەن. بىز مۇشۇ يەردە چۈشۈپ قىلىپ مەكتەپكە تىلىفۇن ئۇرۇپ باقايلى. يىراقلاپ كىتىپ قالمايلى يەنە.
   - بولىدۇ. مەكتەپنىڭ ماشىنىسى باردۇ ھەقىچان. كىلىپ بىزنى ئىلىپ كىتە يا. مىھرىبان، رەيھانلار شۇنداق دىيىشىپ چوڭلارغا قارىشى مۇسا قارىممۇ شوپۇرغا مەنىلىك قارىدى.
   - ئۇكام، بالىلار دىگەندەك بىزنى مۇشۇ يولنىڭ ياقىسىدا توختىتىپ قويسىڭىز يۈك-تاقىمىزنى ئىلىۋالساق مەكتەپنى بىر ئامال قىلىپ تاپارمىز.
   - ئىنىق ئادىرسىنى مەن بىلگەن بولسام چوقۇم ئاپىرىپ قوياتتىم - دىدى شوپۇر بىر قولىدا بىشىنى قاشلاپ تۇرۇپ ئامالسىز قالغانلىقىنى ئىپادىلەپ - مەنمۇ قاغىلىقتىن، قەشقەرلىك بولغان بولسام سىلەرنى ھەرگىز ئارتۇق يول ماڭغۇزمايتتىم.
   شۇنداق قىلىپ ئۇلار ماشىنىدىن چۈشۈپ قىلىپ، شوپۇر بىلەن خوشلاشتى. شوپۇر بىلەن ئالدىنقى كۈنى دىيىشىپ، كىرا ھەققىنى بىرىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، شوپۇرمۇ ئۇلارنىڭ ئىشىغا ئۇتۇق تىلەپ ماشىنىسىنى سىلىققىنە ئايلاندۇرۇپ كىتىپ قالدى.
   - مىھرىبان ماڭە، بۇ تەشۋىقات قەغىزىگە قاراپ تىلىفۇن قىلىپ باقايلى. بۇ يەردە تۇرىۋەرسەكمۇ بولماس.
   - بىز بىرىپ كىلەيلى ئانا. ئىككى قىز كىتىپ قالدى. مەرەمنىساخان ئاچا چوڭ يول ئۈستىدىلا يەنە يىغلاپ سالدى. مۇسا قارىم نىمە دىسۇن؟ بۇنداق ئەھۋالدا نىمە دەپ تەسەللىي بەرسىمۇ ئوخشاش. چۈنكى ئۆزىمۇ شۇ خىل ھىسياتتا ئازاپلىنىۋاتقانلىقتىن مەرەمنىساخان ئاچىغا تەسەللىي بىرىشكە ئاجىز ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئەر كىشى بولغاندىكىن غەيرەت قىلدى : -
   - كۆڭۈللىرىنى بۇزمىسىلا مەرەمنىساخان، بۇ بىر يىلمۇ ئۆتۈپ كىتەر. قىزلىرىمىز ھەر ئايدا يەنە قايتىدۇغۇ. ھە بولدى قىزلار كىلىۋاتىدۇ. يىغلىغانلىرىنى كۆرسە ئۇلارنىڭمۇ كۆڭلى يىرىم بولۇپ قالمىسۇن. بولدى ئۆزلىرىنى تۇتىۋالسىلا.......
   - ئادەم ئەۋەتىدىغان بولدى. ياخشىمۇ مۇشۇ مەكتەپ ئالدىدا توختاپتىكەنمىز. ئىنىق بەلگە بىرەلىدۇق،- دىدى مىھرىبان چوڭلارغا خاس ئىغىر سالاپەت بىلەن - 10 مىنۇت ساقلاپ تۇرىدىكەنمىز. ھازىرلا ماشىنا كىلىدىكەن.
   رەيھان قەشقەر شەھىرىنىڭ بۈگۈنكى يەكشەنبىسىنى تاماشا قىلىپ ئولتۇردى. ئەنە، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا كىچىك غالتەكلەردە ئانار، ئالما سىتىۋاتقانلار، ئەنە، كىچىك تەنزىلەرگە 15-20 تال پايپاقنى سىلىپ، توۋلاپ يۈرۈپ سىتىۋاتقان كىچىك بالا، << شىرىن تەمى ئېغىزدا قالمىسا بىكالىق،  تىز كىلىپ يەۋىلىڭلار خالايىق، بىر تىلىمى بىر كوي >> دەپ بىر قولىدا قوغۇن تىلىدىغان پىچاق، يەنە بىر قولىدا بىر قاراشتىلا ئادەمنىڭ شۆلگىيىنى ئىقىتىپ سۈ تەپچىپ تۇرىدىغان بەشكىرەمنىڭ تاتلىق قوغۇنى... بۇ قەدەر ھاياتى كۈچكە تولغان قىزغىن بازارنى رەيھان تۇنجى قىتىم كۆرۈشى ئىدى. قاغىلىقتىمۇ يەكشەنبە كۈنى قىزىيدىغان بازىرى بار. ئەمما بۇنىڭدەك بوينىغا يىپتا باغلانغان تەنزە ئىسىۋىلىپ پايپاق توۋلاپ ساتىدىغان، قولىدا پىچاق، قوغۇنلارنى كۆتۈرىۋىلىپ، تاتلىق گەپلىرى بىلەن خىرىدار جەلپ قىلىدىغان قوغۇنچى يوق .......
   - ۋاي نىمانچە تويماق قارايسەن. خۇددى بۇ خىل قايناق مەنزىرىنى بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغاندەك.
   - نىمىسىنى دەي، قەشقەرگە كىلىپلا بۇنداق قاينام-تاشقىنلىقنى كۆرۈپ ھەۋىسىم كەلدى. قەشقەر مىھرى ئىسسىق بىر ماكانكەن. مىھرىباننىڭ گىپىگە رەيھان سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاپ بەردى.
   - بۇنىڭدىن كىيىن بىلىمىز تىخى قانداقلىقىنى..... مىھرىباننىڭ بۇ گىپىگە رەيھان جاۋاپ قايتۇرغانمۇ بولاتتى، ئەمما ئۆزىدىن 10 مىتىرلا نىرىدا سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ كىلىۋاتقان قارا رەڭلىك سانتانانى كۆرۈپ توختاپ قالدى. سانتانانىڭ يان تەرىپىگە << قەشقەر ھۆسەينىيە تىل-تىخنىكا تەربىيلەش مەركىزى >> دەپ يىزىقلىق ئىدى.
   -مىھىر، قارا ئاۋۇ ماشىنا شۇدەك قىلامدۇ نىمە ؟
   - ھەئە شۇكەن. مىھرىبانمۇ سەل ھاياجانلانغانىدى. ئۇنىڭغىچە ماشىنا ئۇلارنىڭ يىنىغا كىلىپ توختىدى.
   - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قارىكا !
   - ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام .
ماشىنا ھەيدىگەن شوپۇر 32-33 ياشلار چامىسىدىكى ئىگىز بويلۇق، كەڭ كۆكرەكلىك، قاپقارا چاچلىرى تىك تۇرىدىغان، كۆمۈردە سىزىپ قويۇلغاندەك قارا قىشى ئاستىغا يوشۇرۇنغان نۇرلۇق كۆزى پارقىراپ تۇرىدىغان، چاسا يۈزلۈك كىلىشكەن بىر كىشى ئىدى.

   - قىنى ماشىنىغا چىقايلى. قالغان گەپنى مەكتەپكە بارغاندا دىيىشىۋالارمىز ....


1-باپنىڭ داۋامى ئەتە يوللىنىدۇ. ئارام ئالاي .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەمبەرنىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى 11:39  


تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى 07:52:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىگەندىلا ئوقىۋەتتىم،داۋامىنى ساقلاي

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
972 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى 08:41:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىزلارنى تىل تەربىيلەش مەكتىۋىدە نىمە قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرىدىكىن قېنى ؟

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى 17:07:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماشىنا مەكتەپنىڭ تولۇق ئىچىقلىق تۇرغان دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەلدى. تۆت چاسا قۇتىدەك ئۆزى كىچىك، ئەمما سىنىپ ياتاقلىرى رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ سىلىنغان بۇ شەخسىي مەكتەپ ئادەمگە كىرىشتىلا ھوزۇر بەخش ئىتەتتى. چوڭ يولدا تۇرۇپلا قارىغان كىشىگە مەكتەپ ھويلىسى ئىنىق كۆرىنەتتى. دەرۋازىنىڭ ئىككى قاسنىقىغا ئىككى قەۋەتلىك بىنا سىلىنغان بولۇپ، مەكتەپ ھويلىسىغا شۇ بىنانىڭ ئاستىدىكى دەرۋازىدىن كىرگىلى بولاتتى. دەرۋازىدىن كىرىشتە ئوڭ تەرەپ قاتار سىلىنغان 10 ئېغىزلىق ئۆي ئوغۇللار ياتىقى، سول تەرەپ قىزلار ياتىقى ئىدى. قىزلار ياتىقىنىڭ بىرىنچىسى ئوقوغۇچىلار ئىشخانىسى قىلىنغان. ئىشخانىنىڭ يىنىدا ئىچىگە تارتىپ سىلىنغان قىزلار تازلىق ئۆيى سىلىنغان. ئوغۇل قىزلار تازىلىق ئۆيىنى ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىدىغان پەلەمپەي ئايرىپ تۇراتتى. ماشىنىدىن چۈشكەن قىزلار ھەم چوڭلار دەماللىققا نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قىلىشتى.
   - ھە قىنى، ماۋۇ ئىشخانىغا كىرىپ ئارام ئالغاچ تۇرۇڭلار، - دىدى شوپۇر خۇشخۇيلۇق بىلەن، - قىزلار چوقۇم مەكتەپنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ. ياتاقلارنىمۇ خالىغانچە تاللىۋالسا بولىدۇ. ئاۋال ئىشخانىغا كىرەيلى . شوپۇر شۇنداق دىگەچ ئۇلارنى ئوقوغۇچىلار ئىشخانىسى دەپ تاختا قادالغان كىچىك ئىشخانىغا باشلىدى ، - ئادىلجان ، ھوي ئادىلجان مايەرگە چىقە، يۈك-تاقىلارنى چۈشۈرۈشكە ياردەملەش.
   ئوقوغۇچىلار ئىشخانىسى قارشى تەرىپىدىكى ئوغۇللار ياتىقىدىن ئىگىز بويلۇق، ئۇستىخانلىق 21-22 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئوغۇل بالا چىقىپ، ماشىنىدىن يۈك-تاقلارنى چۈشۈرۈپ يەنە ياتىقىغا قايتىپ كەتتى.
   ئوقوغۇچىلار ئىشخانىسى ئاددىيلا بىزەلگەن. ئىشىكتىن كىرگەن سول تەرەپتە قويۇلغان شىرە ئالدىدا كىچىككىنە بىر قىز كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتى. مۇسا قارىلارنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ لىككىدە ئورنىدىن تۇرۈپ سالام قىلدى،ئاياللار بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۈشتى.
   - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قىنى مەرھەممەت. ئولتۇرۇشسىلا. كىچىك قىز ئۇدۇلىدىكى سافادىن ئورۇن كۆرسەتتى. بىردەم تىنىچلىق-ئامانلىق سوراشقاندىن كىيىن شوپۇر كىچىك قىزغا بىر نىمىلەرنى چۈشەندۈرۈپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
   - مەن مۇشۇ مەكتەپنىڭ خەنزۇتىلى تۆۋەن سەۋىيە سىنىپىنىڭ مۇئەللىمى. تونۇشۇپ قالايلى. ئىسمىم ئامانگۇل.
   - ۋاي قىزىم، كىچىكلا تۇرىدىلا. مۇئەللىممەن دەيدىلا. ھەيران قالدۇق جۇمۇ. ئەمدى قىزلىرىمىزنى يىراقتىن ئىلىپ كەلدۇق. بۇ يەردە بىر يىل تۇرۇپ بىلىم ئالالماي قالسا يەنە بىر-بىرىمىزنىڭ چىرايىغا قارىشىپ قالساق ياخشى بولمايدۇ. مۇسا قارىم شۇنداقمۇ ؟ دىگەندەك مەرەمنىساخان ئاچىغا باش لىڭىشتىپ قويغاندىن كىيىن ئامانگۇل مۇئەللىم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ : -
    - ئاكا، خاتىرجەم بولسىلا. قارىغاندا كۆزلىرىگە بەك كىچىك كۆرۈنۈپ كەتكەن ئوخشايمەن. بۇ يىل 24 كە كىردىم. مۇشۇ مەكتەپنىڭ بىرىنچى قارار خەنزۇتىلى سىنىپى ئوقوغۇچىسى. بۇ مەكتەپكە كەلگەندە ئۆزۈمنىڭ ئىسمىنىمۇ خەنزۇچە يازالمايتتىم. بىر يىل ئوقۇپ مۇشۇنچىلىك سەۋىيەگە ئىگە بولدۇم. نەتىجەم مەكتەپ بويىچە ئالاھىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇ مەكتەپنىڭ تەلىپى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىمەن. گەرچە مەكتىپىمىز كىچىك بولسىمۇ، ئوقوغۇچى سانى ئاز بولسىمۇ، ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتىمىز. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياتىقى مەكتەپ ئىچىدە بولۇشىمۇ ئوقوغۇچىلار ئۈچۈن بىر ئەۋەزەللىك. بىلمىگەن يەرلىرى بولسا ئەتىگەن-كەچتە، دەم ئىلىش كۈنلىرىدە سورىسا، بىزمۇ بىلگىنىمىزنى ئايىمايمىز. ھە راس، قىزلار قايسى كەسىپتە ئوقۇشقا تىزىملاتماقچى ؟
   - كومپيۇتېردا ئوقۇغىلى كەلدۇق . دىدى مىھرىبان خۇشخۇيلۇق بىلەن.
   - مىنىڭچە قوش تەربىيلەنسەڭلار تىخىمۇ ياخشى بولامدىكىن. مەكتىپىمىزنىڭ يىرىم كۈن خەنزۇتىلى، يىرىم كۈن كومپيۇتېر دەرس ئۆتىدىغان بىر سىنىپى بار. شۇ سىنىپتا ئوقۇسا ھەر ئىككى تەرەپتىن تەڭ تەربىيلىنىشىڭلارغا پايدىلىق. ئامانگۇل مۇئەللىم قىزلارغا قارىدى. ئۇلارمۇ نىمە دىيىشىنى بىلەلمىگەنىدى. شۇ ئەسنادا پەرىزاتتەك ياسانغان بىر ئايال ئىككى تەخسىدە گۆشنان كۆتۈرۈپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ئەينەك ئەينەك شىرەگە قويۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
   - قىنى تاماققا مەرھەممەت قىلساڭلار. تالون يازىدىغان مۇئەللىمنىڭ ئازراق ئىشى چىقىپ قالغانلىقى ئۈچۈن بازارغا كەتكەنتى. تاماق يىگەچ ساقلىغاچ تۇرساڭلار .

   ئالسىلا-باقسىلا دىيىشىپ ئىككى تەخسە گۆشنان پاك-پاكىزە يەپ تۈگىتىلدى. ئۇلار ئامانگۇل مۇئەللىمنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن  ياتاق تاللاش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى. ياتاقلار ئىچكىرى تاشقىرى ئىككى ئىغىزدىن بولۇپ، كىيىم ئالماشتۇرۇشقا ئەپلىك ئىدى. كۆرۈپ-كۆرۈپ 7-ياتاققا كەلگەندە بۇ ياتاق ھەممەيلەنگە ياراپ قالدى.
   - تازىلىق ئۆيىدىن يىراق،  سىرتى چوڭ، ئىچى كىچىك، كىيىم ئالماشتۇرۇش ھەم ناماز ئوقۇشقا ئەپلىك ئىكەن. ھەم يولدىكى ماشىنا ئاۋازلىرىدىنمۇ خالىيراق، ئۆگىنىشكە قولايلىق ئىكەن. مۇشۇ ياتاقتا ياتسا مۇۋاپىق بولغۇدەك . مۇسا قارىمنىڭ بۇ تاللىشى مەرەمنىساخان ئاچىغىمۇ، قىزلارغىمۇ شۇنداق يارىدى. ئامانگۇل مۇئەللىم ھەم ئىككى قىزنىڭ بىردەملىك تىرىشچانلىقى بىلەن ياتاق ھاۋاسى پاكىزلاندى. ھەممەيلەن ناماز ئوقۇۋىلىش ئۈچۈن تازىلىق ئۆيىگە مىڭىشتى.
   1-باپ تۈگىدى.

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى 07:16:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى ساقلايمەن.........
«ھېجران دىغى»    ئەمەس  « ھىجران دېغى »   ئىملاغا دىققەت قىلايلى.
بىر يىل ئىچىدە خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتكىدەك سەۋىيە يارىتىپتۇ، بىر تۇرۇپ، مۇبالىغىدەك ھىس قىلدىم، يەنە بىر تۇرۇپ، تىرىشچانلىقىغا قايىل بولدۇم ئاۋۇ 24 ياشلىق مۇئەللىمە قىزنىڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   peacelife212 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى 07:19  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى 23:52 , Processed in 0.118287 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش