
تۇرمۇشقاچىقىپ باققانلار بىلىدۇ. ئۇ- ئايرىم بىر دۇنيا . قېرىنداشلىرىمىز ، ئاتا-ئانىمىز ،دوست-بۇرادەرلىرىمىز بىلەن ياشاپ كەلگەن تۇرمۇشقا ئەسلا ئوخشىمايدۇ.
ئىلگىرى بىر قۇلۋاق بولغان بولساڭ ئەمدى شۇ قۇلۋاقنى ماڭدۇردىغان پالاق بۇلىسەن. ئېلگىرى ئۆگزە بولغان بولساڭ ئەمدى شۇ ئۆزىگە چىقىدىغان شۇتا بۇلىسەن. ئىلگىرى ھارۋابولغان بولساڭ ئەمدى شۇ ھارۋىنى سۆرەيدىغان ئۇلاق بۇلىسەن.
ئىلگىركى قانداقتۇرقەيداشلار، يۆلىنىۋېلىشلار، پەرۋايىغا ئالماسلار ئەمدى ئاقمايدۇ.
«مەن قىلمىساممۇ قىلىدىغان ئادەم بارغۇ» دەيدىغان گەپنىڭ ۋاقتى ئۆتتى.
كاللىڭىزدىن ئۆتمىگەننى قۇزۇقتەك چىڭ تۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ قىلىدىغان دەۋىر كەتتى.
ھەق-ناھەقنى يالىڭاچلىنىپ تۇرۇپ ئايرىپ گۇناھكار بىلەن بىگۇناھنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ ئادالەتنى ياقىلايدىغان ۋاقىت كەتتى.
ئائىلەئۇ بىر تۈپ دەرەخ ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا سىز ئۆسۈپ چوڭ بولغان شۇ دەرەخنى قۇرۇتۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئاتا-ئانىڭىز بەزى سۇ بۇلۇپ يىلتىزلارغاسىڭگەن، بەزى ئۇغۇت بۇلۇپ غوللارغا تارىغان، بەزى كەتمەن بۇلۇپ دەرەخ تۈۋىنى يۇمشاتقان، بەزى زەھەرلىك دورا بۇلۇپ دەرەخنىڭ يۇپۇرماقلىرىغا چۈشكەن قۇرتلارنى يۇقاتقان.
ئەمدىنۆۋەت سىزگە كەلدى. بەلكى بىر ئۆمۈر كەتمەن بۇلۇپ چېپىلارسىز، بۇ ئادالەتسىزلىكدەپ قارىغان بولسىڭىز چېپىلىشتىن ۋاز كەچسىڭىز بۇلىدۇ. بىراق، دەرەخ قۇرۇپ ئائىلە ۋەيران بولسامەڭزىڭىزگە شەخسىيەتچلىك مۆھۈرى بېسىلىدۇ.
نۇرغۇن ئاق ئاتلىق شاھزادىلەرنىڭ ئائىلە دەرىخىنى قۇرۇتۇپ قويماسلىق ئۈچۈن قىغ بۇلۇپ تۇپۇغا مېلىنىپ ياتقاننى كۆردۈم. نۇرغۇن بىلى قاتتىق، غۇرۇرلۇق يىگىتلەرنىڭ ئائىلە دەرىخىنىڭ كەتمىنى بۇلۇپ چېپىلىپ بىلىنى رۇسلىيالمىغۇدەك بۇلۇپ قالغىننى كۆدۈم .
«نىمىشقامۇشۇنداق دەيدۇ »دەپ يېرىم كۈن جىدەل قىلغان ئىدىم ئەمدى ئويلاپ باقسام نىمىشقا ئۇنداق دىگىننىڭ سەۋەبىنى ئۇقۇپ ئولتۇرشۇمنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.
ھارام گەپ قىلدى دەپ تىللاپ يۈرۈپتىكەنمەن، ئۆزۈمدە بىر تەبەسسۇمنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلماپتىكەنمەن.
ئىشچان،تېرىشچان، تېپىشچان(پۇل تېپىشچان ئەمەس كۆڭەلدىكىنى تېپىشچان) خۇتۇنلارغاسېلىشتۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ سۈگەت ياغىچىغا ئۇچۇراپ قالغىنىدىن ئەپسوسلىنىپ يۈرۈپتىكەنمەن، «پۇچۇق ئاياققا مايماققۇشۇق» بولغىنىنى ئويلىماپتىكەنمەن.
ئەر-ئاياللارئوتتۇرسىدا ھەق-ناھەق، توغرا-خاتا ئۇقۇمى بولمايدىغىننى ئۇقۇۋالدىم.
گۈلگەئامراق بولسىڭىز ئىككىڭلار بىللە پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرۈپ ھوزۇرلانماي بازادىن كۆتۈرۈپ كىرسىڭىز ئائىلىگە سىغمىغاننىڭ ئۈستىگە ئىككىڭلارنى پارچىلايدىغانلىقىنى ئۇنۇتماڭ !
ئايالىڭىزنىڭ بېشىغا پىيالىنى ئېتىپ يېرۋەتكەن بولسىڭىز قاندىن قورقماي سۆيۈپ قۇيالىسىڭىزلاقېيىن ئانىڭىزغا «يېقىلىپ كەتتىم» دەيدۇ.
ئايالىڭىزسىنىڭ بېشىڭىزغا پىيالە ئېتىپ يېرىۋەتسە ئۇۋىسىز قۇشقاچلارغا داتلىنىپ يۈرمىسىڭىزلا يارىڭىزغا بىر ئۆمۈر سۆيەلەيدۇ.
غەلۋەقىلسا سۈكۈت قىلىپ ئۆتكۈزىۋېتىشنى، جىدەل قىلسا گەپ ئاخىردا «خاپا بولماڭ مەن ياخشى قىلالمىدىم» دىيىشنى، جاپا تارتسا «مەجبۇرىيتىڭ» دىمەستىن «جاپاغا قويدۇم»دەپ قىچىقلاپ قۇيۇشنى، تاماق كەلسە «سىز ئۆينىڭ ئانىسى، سىزدىن بۇرۇن ئېغىزىمغائالمايمەن» دىيىشنى، بىركۈن يۇقاپ كەتسەم «سىزنى ئەنسىرتىپ قويدۇم. بۈگۈن مۇنداق ئىشلار بولدى» دەپ تەسىراتىمنى سۆزلەپ بىرىشنى، يىغلاپ كەلسە «سىز يالغۇز ئەمەس. يېنىڭىزدا مەن، ئۈستىمىزدە اللە بار »دىيىشنى ئۈگەندىم. . . ئەمما مەن ئاللا بۇرۇن ئۇشبۇ تۇرمۇشتىن قوغلانغان . . . مەن بۇلارنى كىمگە دەيمەن ؟ كىمگە ئىشلىتىمەن . . .
روھچىن قەلب خاتىرسى