يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1893 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 226|ئىنكاس: 10

شاراپتىكى مەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
6
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى 11:54:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شارابتىكى مەن

(پارچىلار)
  كىم
1
قەدەھنىڭ   ئىچىدە ئاقىدۇ  دەريا،
لەبىنى قان ئەتتىم،قانمىدىم ئەمما.
ئەجەپمۇ سۈمۈرگۈم كەلدى بۇ كۈندە،
بىر قەدەھ شاراپچە بولسىچۇ دۇنيا.
2
جىسمىمگە سىڭىشىپ ئاقىدۇ شاراپ،
قىرغاقنى يالايدۇ،قىلىشچۈن خاراپ.
بىر چۆكۈپ،لەيلەيمەن قەدەھ ئىچىدە،
مەن-شاراپ،شاراپ-مەن،نەقەدەر ئازاپ.
3
بىر رومكا شاراپقا ئايلانسا شەھەر،
تەمىنى تەڭشەيتتىم ئۆزۈمگە قەدەر.
سۈكۈتكە ئايلىنىپ ئۆزۈمگە ماڭدىم،
يىراقلاپ قالماقتا شەھەر ۋە خەۋەر.
     4
رومكىنىڭ لەۋلىرى قان بولدى تازا،
كۈچۈمنىڭ بارىچە چىشلىدىم قاتتىق.
شېشىنىڭ سونۇقى پاتتى روھىمغا،
سۈيۈشنىڭ زەھىرى ئاچچىق،بەك ئاچچىق.
5
ئازابىم ئايلانغان شاراپقا شۇ تاپ،
رومكىنىڭ ئاغزىنى ئەتمەكتىمەن قان.
مەستلىكتىن يېشىلمەي كەلدىم بۈگۈنگە،
« كەچۈرلا »دەيمەن لېك قەلبىمدە بار سان.
6
قەدەھكە لەبىمنى تەگكۈزسەم ئەگەر،
شاراپنىڭ يۈزىدە لىغىرلايدۇ ئاي.
ئاھ ئۇرۇپ ئىشىققا سەرگەردان بولدۇم،
تېپىلماي كەلدىغۇ كۆڭلۈمدىكى جاي.
7
قۇياشقا ياش تۆكۈپ يىغلىغان دەمدە،
كېچىگە سۆرەيدۇ ھىجرانلىق ئازاپ.
ئايغىلا قارايمەن مۇڭلىنىپ غەمدە،
قەدەھكە تولدۇرۇپ ھەسرەتلىك شاراپ.
8
قۇياشتىن بىر زەررە تامسا قەلبىمگە،
ھېچ داۋا يەتمەيدۇ ئىشقى دەردىمگە.
مەن سۆيگەن نىگارىم   كەتتى يىراققا،
پەقەت شۇ شاراپلا يېتەر قەدرىمگە.
9
شاراپلا باسىدۇ ئىشىق ئوتىنى،
قۇچاقلاش نە ھۇزۇر شاراپ تۇرقىنى.
بىر چۆكۈپ، بىر لەيلەش قانداق يۈكسەكلىك،
ئاشىقلىق نېمىگە بەرگەن زوقىنى.
10
نىگارە مېنى بىر ۋىسالغا يەتكۈز،
ۋەياكى ئىشىقنىڭ شارابىن ئىچكۈز،
كېچىپلا دۇنيادىن مەن تەركى بولدۇم،
ھاياتنىڭ مەنزىلى ئەمەستۇر كەچكۇز.
11
«ساقىي» دەپ ئۆتەمدىم بۇ ھالىم خاراپ،
ياشاپلا كەلگىنىم ئۈچۈندۇر شاراپ.
ئاشىققە ۋىسالسىز ئالەم قاراڭغۇ،
كىمكىن ئۇ قەلبىمگە سالغىنى ئازاپ.
12
ئىشقىڭدا يىغلايمەن،دەريا مەسەلمەن،
روھىمنى بۇغىدۇ مەڭگۈلۈك ئازاپ.
يىغاممۇ بىكىنگەن گۈلخان ئىچىگە،
ئارزۇيۇم ئالەمدە بىر قەدەھ شاراپ.
(   شاراپ _  مەنىۋى ئوزۇق)


تارىخنىڭ چۆلىدە چىچەلىسە قۇم
ئاخىرقى ئاقكەپتەر چىشلەيدۇچۇقۇم.

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
419 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
880

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى 15:26:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى تىمىڭىزدا ئېسل ئىجادى يازمىدىن بىرنى ئېلىپ كەپسىز   يەتتە قىزلىرىمغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا  قەلىمىڭىزبەرىكەتلىك بولغاي !

Rank: 2

توردا
772 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2050
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى 17:10:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايغىلا قارايمەن مۇڭلىنىپ غەمدە،
قەدەھكە تولدۇرۇپ ھەسرەتلىك شاراپ.

      
.............................
.......................ئازاپ.

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
941 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1650
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى 17:11:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زامانتاش قەدەم مۇبارەك . قارشى ئالىمىز .

Rank: 2

توردا
772 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2050
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى 17:55:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1412 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3524

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى 19:16:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساباھ قېرىندىشىمىزنىڭ قەدەملىرىدىن گۈللەر ئۈنسۇن!
باتۇر چەۋەنداز مۇشۇ كۈندە تېمىغا ئىنكاسنى ئالامەت يازىدىغان بوپ كەتتى دېسە، گۈلى- گۈلگە زادى

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 2

توردا
772 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2050
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى 19:57:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مايسىخان يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى 19:16
ساباھ قېرىندىشىمىزنىڭ قەدەملىرىدىن گۈللەر ئۈنسۇن!
بات ...

دەيدىغان قۇرۇق گېپىمىنى قۇيۇپ يوللاپ  قۇيدۇم  شۇ،ياختۇرامىكىن بىلمىدىم

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
6
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى 10:56:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا  توردىكى  ئىسمىم  زامانتاش ئىدى...خاپا  بولماي  بۇنىڭدىمۇ ئۆزگەرتىپ قويساڭلار  بوپتىكەن...
  ئۇ  ئىسىم  بىلەن  تىزىملىتالمىدىم...

تارىخنىڭ چۆلىدە چىچەلىسە قۇم
ئاخىرقى ئاقكەپتەر چىشلەيدۇچۇقۇم.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
282 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
788
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى 14:14:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شارابقا چىلانغان كۈنلەر تەكتىدە،
ئالەمگە بەرگۈسىز  مەنالار ياتۇر.
ئىستىسەڭ كۈيۈشنى لاۋۇلداپ ئەبەد،
سەن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك گۇلخانلار ياقۇر.

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
493 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1892

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى 16:56:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا زامانتاش ، ئەسەرلىرىڭىزنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇشنى خالايمىز ، يوقاپ كەتمەي كىرىپ تۇرۇڭ

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى 07:36 , Processed in 0.054843 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش