يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 193|نەقىل: 8

پەرزەنت تەربىيەسىدە بالىلارنىڭ ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كونا ئەزا

زۆھرەگۈل

Rank: 3Rank: 3

توردا
130 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
625
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى 11:27:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنت تەربىيەسىدە بالىلارنىڭ ئۈچ خىل ئىدىيىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك
پەرزەنت تەربىيىسى جەريانىدا ئاتا-ئانىلار چوقۇم بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ تەربىيە ئۇسۇلىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىلار ئۇستىلىق بىلەن بالىلارنىڭ يۈرەك-قېتىغا سىڭىپ كىرىپ، ئامال بار ئۇلارنى تولۇق چۈشىنىشى، شۇ ئارقىلىق ئۆز پەرزەنتلىرىگە ماس كېلىدىغان تەربىيە ئۇسۇلىنى تاللاپ چىقىشى كېرەك. كۆپ قىسىم بالىلاردا شۆھرەتپەرەسلىك، باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈشنى ياخشى كۆرۈش، ھەممە نەرسىگە ھەۋەس قىلىش قاتارلىق ئىدىيەلەر كۈچلۈك بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار پەرزەنت تەربىيىسى جەريانىدا بالىلارنىڭ مانا مۇشۇ ئۈچ ئىدىيىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى كېرەك.
  بالىلاردىكى شۆھرەتپەرەسلىك ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن يۇقىرىغا قاراپ ئىنتىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، مۇۋاپىق بولغان شۆھرەتپەرەسلىك بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئېشىشىغا، ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشىگە ئىنتايىن پايدىلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ شۆھرەتپەرەسلىك ئىدىيىسىنى ئۇستىلىق  بىلەن قاندۇرۇپ، بالىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا نامايەن قىلىۋېلىشىغا مەيدان ھازىرلاپ بېرىشى، شۇنداقلا ئۆز غەلبىسى ئارقىلىق خۇشاللىق تېپىشىغا پۇرسەت بېرىشى كېرەك.
بىر كۈنى بىر يېقىن دوستۇم بىلەن بالىلار توغرىلىق پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ قالدۇق. ئۇ ماڭا ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن مۇنداق بىر قىزىقارلىق ئىشنى سۆزلەپ بەردى. دوستۇمنىڭ يولدىشى بالىسىنى بالدۇراق بىر چەتئەل تىلى كۇرۇسىغا قاتناشتۇرۇپ، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە ئىقتىدارى بار يوقلۇقىنى بىلىپ بېقىشنى ئويلايدىكەن، بىراق يەنە ئەمدىلا  5 ياشقا كىرگەن بالىسىنىڭ زېرىكىشلىك سىنىپلاردا ئولتۇرۇپ، بالدۇرلا ئوقۇشتىن زېرىكىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. كېيىن يېڭىدىن بىر چەتئەل تىلى كۇرۇسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى، كىچىك بالىلارغا يېڭىچە ئۇسۇل ئارقىلىق، يەنى ئويۇن ئويناش، ئەركىن-ئازادە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق دەرس ئۆتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر سىناپ كۆرمەكچى بوپتۇ. بىراق دوستۇم ئىنتايىن شوخ، بىر مىنۇتمۇ جىم ئولتۇرالمايدىغان بۇ ئوغلىنىڭ كۇرۇسقا بېرىشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلىدىكەن، شۇنداقلا ئوغلىنى زورلاپ كۇرۇسقا ئاپىرىپ، ئۇنىڭدا قارشىلىشىش پىسخىكىسىنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشىدىنمۇ ئەنسىرەيدىكەن. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا دوستۇم ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئاخىرى ئوغلىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كۇرۇسقا بېرىشكە كۆندۈرۈپتۇ. بىر كۈنى دوستۇم بىر ئەپلىك پۇرسەت تېپىپ، ئوغلى بىلەن پاراڭلىشىپتۇ، ھەمدە ئىنتايىن بىچارە قىياپەتتە: «مەن ئېنگىلىزتىلىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن، بۇنىڭدىن كۆڭلۈم بەك يېرىم بولۇۋاتىدۇ، كۇرۇسقا قاتنىشاي دېسەم، مەندەك چوڭلار ئۈچۈن ئېچىلغان كۇرۇسلار يوقكەن. ھازىر پەقەت سەنلا ماڭا ياردەم قىلالايسەن. سەن كۇرۇسقا قاتنىشىپ، شۇ يەردە ئۆگەنگەنلىرىڭنى ئۆيگە كېلىپ، ماڭا ئۆگىتىپ قويساڭ بۇلامدۇ؟ ماڭا ياردەم قىلىشنى خالامسەن؟» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ناھايىتى تېزلا خۇشاللىق بىلەن كۇرۇسقا بېرىشقا قوشۇلۇپتۇ. شۇ كۈندىن كېيىن ئۇ كۇرۇستىن قايتىپ كېلىپلا ئۆيدە دوستۇمغا دەرس ئۆتىدىغان بوپتۇ. دوستۇممۇ ئۇنىڭغا ماسلىشىپ ئەستايىدىللىق بىلەن «دەرس ئاڭلايدىغان» بوپتۇ. دېمەك دوستۇم كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان، زىخمۇ كۆيمەيدىغان بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق مەقسىتىگە يېتىپتۇ.
  ھەر قانداق بىر بالىدا باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈش ئىدىيىسى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار چوقۇم پەرزەنتلىرىگە رىقابەتلىشىدىغان پۇرسەتلەرنى كۆپلەپ يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ھەمدە رىقابەت جەريانىدا ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى، ئۇستىلىق بىلەن دەيدەيگە سېلىشنىمۇ بىلىشى كېرەك. بۇ ئارقىلىق بالىلار ئۆز كەمچىلىكىنى تولۇقلايدۇ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى نامايەن قىلىۋالىدۇ، ھەمدە بىلىپ بىلمەي ناچار ئادەتلىرىنى تۈزۈتۈۋالىدۇ.
مېنىڭ بىر ئىنىم بار بولۇپ، ئۇ ئىشنى تولىمۇ ئاستا قىلاتتى، تاماق يېيىشى، كىيىم كىيىشىمۇ شۇنداق ئاستا بولۇپ، شۇنچە گەپ قىلىپمۇ ئۇنىڭ بۇ ئادىتىنى تۈزۈتەلمىدۇق. كېيىن تۇيۇقسىزلا ئۇنى بىرسى بىلەن بىر رىقابەتكە سېلىپ قويۇش خىيالىمغا كېلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن تۇققىنىمىزنىڭ ئىنىمدىن بىر ياش چوڭ بىر قىزىنى ئېلىپ كېلىپ، بىر مەزگىل بىزنىڭ ئۆيدە تۇرغۇزدۇم. بۇ جەرياندا مەن ھەممە ئىشتا دېگۈدەك بۇ ئىككىسىنى رىقابەتكە سېلىپ قويدۇم. «قاراپ باقايلى، قېنى كىمنىڭ ھەرىكىتى تېزكىن؟»، «كىم تاماقنى بىرىنچى بولۇپ يەپ بولىدىكىن؟»، «قايسىڭلار ھېكايە ئېيتىشقا ئۇستا؟» مانا بۇ سۇئاللارنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا ئۇلار ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالمىغان ئاساستا مۇسابىقىلىشىپ كېتەتتى. دېگەندەك بىر ئاي ئۆتمەيلا، ئىنىمنىڭ ئىزلەڭگۈلىكى ئوڭشىلىپ قالدى.               
  بالىلارنىڭ ھەممە نەرسىگە ھەۋەس قىلىشى كېيىنكى كۈنلۈكتە ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالىدۇ. بۇرۇندىن مەيدانغا كېلىۋاتقان ئىجادىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ئىجادىيەت ئىگىسىنىڭ بىرەر نەرسىگە ياكى بىرەر ھادىسىگە قىزىققانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. بىراق كۆپ ۋاقىتلاردا بالىلارنىڭ بۇ قىزىقىشلىرى ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن كۆپۈككە ئايلىنىپ كېتىدۇ. دەل شۇنداق قىزىقىش، ھەۋەس قىلىش بولغانلىقى ئۈچۈنلا بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ئامال بار بالىلارنىڭ بۇ خىلدىكى خاتالىقلىرىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۆتكۈزۋېتىشى كېرەك.
مەسىلەن، كۆپ ساندىكى بالىلار ئاتا-ئانىلىرى يېڭىلا ئېلىپ بەرگەن ئويۇنچۇقلارنى بىرەر سائەتلا ئوينايدۇ-دە، ئاندىن ئۇ ئويۇنچۇقنى تولۇق چۈشىنىپ بېقىش مەقسىتىدە، كۆپ ئۆتمەيلا ئويۇنچۇقنىڭ ئۈچەي-باغرىنى چۇۋۇۋېتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلار ئويۇنچۇق ئالغان ئاشۇ پۇلغا ئىچ ئاغرىتىپ بالىلارنى سىلكىپ سالىدۇ. ئەسلى بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەندە  ئاتا-ئانىلار خاپا بولۇپ چېچىلىپ كەتمەستىن، ئەكسىچە كۈلۈپ تۇرۇپ بالىسىغا ئويۇنچۇقنى قۇراشتۇرۇپ قويۇشنى ئېيتىش كېرەك. ئەگەر بالا ئويۇنچۇقنى ئۆزى يالغۇز قۇراشتۇرۇپ بولالمىسا، ئاتا-ئانىلار بالىغا ياردەملەشسە بولىدۇ، لېكىن ھەممىنى ئۈستىگە ئېلىۋېلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
ئەگەر بالىلار «دادا، قىزىل رەڭگە يېشىل رەڭنى ئارلاشتۇرسا قانداق رەڭ ھاسىل بولىدۇ؟»، «سۈتكە ئاچچىقسۇنى قوشسا، قانداق تەم پەيدا بولىدۇ؟» دېگەندەك سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئاتا-ئانىلار ئامال بار جاۋابىنى ئۇدۇللا بېرىۋېتىشتىن ساقلىنىش لازىم. يەنى بالىغا ئويلىنىدىغان، تەھلىل قىلىدىغان بوشلۇق ھازىرلاپ بېرىپ، جاۋابىنى ئۆزى تېپىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئەگەر شارائىت يار بەرسە بالىغا ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، نەتىجىنى ئۆزى چىقىرىدىغان پۇرسەت ھازىرلاپ بەرسە ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.      
بەزى ۋاقىتلاردا ئوخشاش بىر مەسىلىگە نىسپەتەن ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللانغان ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئۈنۈم ھاسىل بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار پەرزەنت تەربىيىسى جەريانىدا، تەربىيە ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. يەنى ئامال ئۆز بالىسىغا ماس كېلىدىغان، ئۇلار قۇبۇل قىلالايدىغان ئۇسۇللارنى قوللانغاندا، بۇ تەربىيەنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولۇش مۇمكىن.

مەنبە: ئېنتېرنىت

باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى 09:21:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنتى باردىن بىرى يوقمىكىنا

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى 16:15:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتۇرچەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى 09:21
پەرزەنتى باردىن بىرى يوقمىكىنا

پەرزەنتى بارلىرىمىز، شۇ پەرزەنتلەرنىڭ ئىمتىھانى يېقىنلىشىپ ئالدىراش بوپ قالدۇق، بۇ تېمىغا مەن چوقۇم ئىنكاس يازىمەن

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى 10:08:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
با..با    بۇ تېما بەك ياخشى چىقىپتۇ......مەنمۇ  بۇ ئۇسۇللاردىن پايدىلىناي.سىزگە كۆپ رەخمەت.ھارمىغايسىز

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى 11:14:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى 11:17:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[url=]http://image.soso.com/image.cgi?ic=one&fr=web&md=2011025216922599910&w=%BA%EC%C3%B5%B9%E5%BB%A8%CD%BC%C6%AC&pid=pic.box#cid=33[/url]

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى 11:19:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى 11:20:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى 11:20:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 06:05 , Processed in 0.056680 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش