كۆتمەك سۈپۈرگە
ھىكايە
نازپەرى
ئۈچ ئىغىزلىق ئۆيى، كىچىككىنە ئارقا ھويلىسى بار بۇ ئۆي مۇشۇ مەھەللىدىكى ئېرىدىن ياشلا تۇل قىلىپ، يالغۇز قىزىنى ناھايىتى جاپادا بىقىپ قاتارغا قوشقان گۈلسۈمخاننىڭ ئۆيى.چىنىدەك پاكىزە تازىلانغان بۇ ھويلىدا گۈلسۈمخان قىزى ئالىيە بىلەن يالغۇز ئولتۇرىدۇ. گۈلسۈمخان ئۆزى شۇنچە جاپا تارتسىمۇ، قىزى ئالىيەنى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە چىداپ ئوقۇتتى. ئالىي مەكتەپكە ئەۋەتكۈسى بار ئىدى. ئەمما ئالىيە ئۇنىماي تۇرىۋالدى.
- ئانا، ھىلىمۇ مىنى دەپ نۇرغۇن جاپالارنى تارتتىڭىز. دادام ئۆلۈپ كەتكەن 15 يىلدىن بىرى ماڭا ھەم دادا ھەم ئانا بولۇپ، مىنى مۇشۇنچىلىك ئادەم قىلىپ قاتارغا قوشتىڭىز. ئەمدى مەن سىزگە پۇتىڭىزغا پۇت، قولىڭىزغا قول بولىمەن.
گۈلسۈمخان ئالىيەنىڭ كۆيۈمچان چوڭ بولغىنىغا خۇش بولدى. ئىرىنىڭ گىپى چىقىشى بىلەن ئىچ-ئىچىدىن قاپساپ كەلگەن بىر يىغا دىمىغىنى ئىچىشتۇردى. بۇ كۆيۈمچان ئانا-بالا بۇ ئۆينىڭ تۈۋرىكى بولغان مەھمۇت ئۆلۈپ كەتكەن 15 يىلدىن بىرى مانا مۇشۇنداق بىر-بىرىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ سىردىشىپ ياشاپ كىلىۋاتاتتى. شۇنداق قىلىپ ئالىيەدەك مەكتەپ بويىچە ئەلاچى بولۇپ ئوقۇپ كىلىۋاتقان بۇ قىز شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىدىن كەلگەن چاقىرىق قەغىزىنى ئاپىسىدىن يوشۇرۇنچە بىريەرلەرگە تىقىپ قويدى. بۇ چاقىرىق قەغىزىنى ئاپىسىغا كۆرسىتىپ ئاپىسىنى يەنە ئازاپلىغۇسى يوق ئىدى.
كۈزنىڭ تاڭ سەھەردىكى سوغۇقى خىلى ئوبدانلا كۈچەپ قالغانىدى. باش توخۇ چىللىماستا سۈپۈرگىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتكەن گۈلسۈمخان << خۇش خەۋەر >> دىگىنىچە ھويلىغا ھاسىراپ كىرىپ كەلدى.
- ئىدارىدا بۈگۈن چوڭ يىغىن ئاچقانتى قىزىم، ئىدارىغا يەنە تازلىق ئىشچىسى ئالىدىكەن. سىنى تىزىملىتىپ قويدۇم. ئەمدى سەن بىلەن ئەتىگەندىن كەچكىچە بىللە ئىشلەيدىغان بولدۇم قىزىم....
- ۋاھ، نىمىدىگەن ياخشى ئانا. بۇنىڭدىن كىيىن ھەر ئىككىلىمىز ئىشلىسەك تۇرمۇشىمىزدا خىلى ياخشىلىنىش بولىدىغان بوپتۇ. ئەجەپ خۇشال بولدۇم ئانا.
- شۇنى دىمەمسەن قىزىم، ئەڭ مۇھىمى سەندەك بىر تال قىزىلگۈلۈمنى ئەتىگەندىن كەچكىچە يىنىمدىلا كۆرىدىغان بولدۇم. گۈلسۈمخان شۇنداق دەپلا ئالىيەنى قۇچاقلىۋالدى، ئانا-بالا بىردەم كۆز يىشى قىلىپ ئۆتكەن ئاچچىق-تاتلىق ئەسلىمىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن كەچلىك تاماقنى قولمۇ-قول ئىتىشىپ خۇشاللىق بىلەن يىيىشىپ ئۇخلاپ قىلىشتى.
بىر ھەپتىدىن كىيىن ئالىيە ئانىسى بىلەن بىللە ئىشقا چۈشتى. ئۇلار ئەتتىگەندە سائەت 4 بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ يىرىم سائەتكىچە تەييارلىقىنى قىلىپ 4:30 دە يولغا چىقىپ كەتسە، سائەت 8 گىچە بەل، قوللىرى تىلىپ ماغدۇرسىز پۇتلىرىنى ئاران سۆرەپ ئۆيگە كىلەتتى. ئىككى سائەت ئارام ئىلىپ يەنە چىقاتتى. يول بويىدىكى گۈللۈك، پىيادىلەر يوللىرىنىڭ تازلىقىنى قىلىشمۇ ئۇنچە ئاسانغا چۈشمەيتتى. گۈلسۈمخان بۇ ئىشنى قىلىۋاتقىلى ئۇزۇن ۋاقىت بولغاچقا كۆنۈپ قالغان بىلەن يىڭىدىن ئىشقا چۈشكەن ئالىيەگە بۇ ئىش بەك ئېغىر كىلىۋاتاتتى. ئانىسىنىڭ نەچچە يىلدىن بىرىقى چىكىۋاتقان جاپاسىنى مانا ئەمدى تولۇق ھىس قىلىۋاتاتتى. ئالىيە مەيلى قانچىلىك جاپا چەككەن بولسۇن، ئانىسى بىلەن بىللە قىلىۋاتقان بۇ ئىشىدىن رازى ئىدى. گۈلسۈمخان بىلەن ئالىيەنىڭ سۈپۈرىدىغان يىرىنىڭ ئارىسىدا پەقەت بىر ئاياللا بار بولۇپ، ئادەتتە گۈلسۈمخان ئىشىنى بالدۇر تۈگىتىپ ئالىيەگە ياردەملىشەتتى.
- ئانا، بۈگۈن ئىدارىدىن يىڭىدىن تارقاتقان سۈپۈرگەمنى كۆردىڭىزمۇ؟
- ياق نىمە بولدى قىزىم ؟
- سۈپۈرگە يوق تۇرىدۇ. ئالىيە جىددىيلەشكەنلىكتىن ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدى. ئىدارىدىن ھەر 10 كۈندە بىر قىتىم سۈپۈرگە تارقىتاتتى. تارقىتىلغان يىڭى سۈپۈرگە 10 كۈنگىچە تولا ئىشلىتىلىپ كۆتمەك بولۇپ قالاتتى. يىڭى سۈپۈرگىدە 3:30 سائەتتە ئاران تازىلاپ بولغان يولنى كۆتمەك سۈپۈرگىدە يىرىم كۈندىمۇ تازلاپ بولغىلى بولمايتتى.
- نەگە قويغانتىڭىز قىزىم؟
- ئىدارە ئالدىدىكى مەن سۈپۈرىدىغان يەردە يوغان بىر تۈپ چىنار دەرىخى بار ئىدى. نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان سۈپۈرگەمنى شۇ يەرگە قوياتتىم. بايا سۈپۈرگىنى ئىلىپ شۇ يەرگە قويۇپ قويغان. ھازىر قارىسام يوق تۇرىدۇ.
- ھە بوپتۇ قىزىم، رىسقى بار بىرەرسى ئىلىپ كەتكەن ئوخشايدۇ. ماۋۇنىڭدا سۈپۈرگەچ تۇرۇڭ. مەن ئۆيدىن ئۆتكەن ھەپتىدىكى سۈپۈرگەمنى ئىلىپ چىقاي.
- ئۇ سۈپۈرگە كۆتمەك بولۇپ كەتكەن تۇرسا...
- ياقەي، يەنە 3-4 كۈن ئىشلەتكىلى بولاتتى. ئەتىگەندە يىڭى سۈپۈرگە تارقاتقاندا ئۇنى ئۆيگە ئەكىرىۋەتكەنتىم. مىنىڭ دىگىنىمدەك قىلىڭ .
گۈلسۈمخان كۆتمەك بولۇپ كەتكەن سۈپۈرگىدە يولنى مىڭبىر جاپادا سۈپۈرۈپ بولۇپ يول ياقىسىدىكى سىمونت كۆتەككە كىلىپ ئولتۇردى. قولىنىڭ ئالقىنى زىيادە ئىچىشىۋاتاتتى. ئالقىنىنى ئىچىۋىدى، ئالىقىنىنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرى قاپىرىپ سۇ تولۇپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭغىچە ئالىيە كىلىپ گۈلسۈمخاننىڭ قولىنى كۆرۈپ قالدى.
- ئانا، قولىڭىز ......
- ھىچنىمە بولمايدۇ قىزىم.
- نىمىشقا بۇنداق قىلىسىز ؟
- ................
ئالىيە گۈلسۈمخاننى يۆلەشتۈرۈپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى. يىشى ئەمدىلا 40 قا ئۇلاشقان بۇ ئايال 55 ياشلاردىكى ئايالدەك كۆرىنەتتى. ئالىيە ئاپىسىنىڭ يىرىمى ئاقىرىپ كەتكەن ئەمما رەتلىك تارالغان چاچلىرىغا، رەھىمسىز يىللار ئەسلىمىلىرىنى مۆھۈردەك بىسىپ قويغان چوڭقۇر كەتكەن قورۇقلىرىغا، ئورۇقلۇقتىن چىقىپ قالغان زاڭاق سۆڭەكلىرىگە قاراپ كۆزىدىن تۆكۈلۈش ئالدىدا تۇرغان يىشىنى ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن باستى. شۇ كۆتمەك سۈپۈرگە ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ چەكسىز كۆيۈنىشىنىڭ سىمۋولى ئىدى.بىر كونا، بىر يىڭى سۈپۈرگىنى قولتۇقلاپ ئانىسىنى يۆلەشتۈرۈپ كىتىۋاتقان ئالىيە ئانىسىنىڭ چىھرىدىن قىزىغا بولغان چەكسىز مىھرى-مۇھەببەتنىڭ ئەكىس ساداسىنى كۆرگەندەك بولدى.
مەنبە : نازپەرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قەمبەرنىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى 12:12