ئەجەپ بولدۇم، ئەجەپ بولدۇم،
ئەجەپ بولغانغا يىغلايمەن.
ئانام تۇرۇپ، ئاتام تۇرۇپ،
غېرىپ بولغانغا يىغلايمەن.
***
يۈرەكنى ئېزىدىغان دۇتتار ئاۋازى، ناخشا تېكىستى ئەمدىلا ئىزىغا چۈشكەن قەلىپ يارىلىرىمنى تاتىلاشقا باشلىدى، كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ئېقىۋاتقان ياش تاكى بويۇنلىرىمغىچە يۇيىۋاتاتتى، ئۆزۈمنى شۇنچە تۇتۋېلىشقا تىرىشساممۇ بۇ ناخشىنىڭ تەسىر كۈچىمۇ ياكى نەچچە كۈنلەردىن يۈز بېرىۋاتقان ئاشۇ كۆڭۈلسىزلىكلەر سەۋەبىدىنمۇ، ئەيتاۋۇر بۇ كۆز ياش ماڭا بويسۇنار ئەمەس.
بوپتۇ يىغلىۋال، دىلەيسەم. ئىچىڭدىكى ئاچچىقلىرىڭ مۇشۇ ياش بىلەن چىقىپ مەڭگۈ قايتىلانمىسۇن، بارلىق ئۇقۇشماسلىقلار مۇشۇ ياش بىلەن يۇيۇلسۇن، ئاڭلاپ راست- يالغانلىقىنى ئاڭقىرالمىغان شۇ گەپلەرنى ئېقىتىپ كەتسۇن، بولمىسا يۈرىكىڭدە ئورناپ قالىدۇ، ھەر قېتىم ئېسىڭگە كەلگىنىدە ئازاپلىنىسەن، بۇنداق ئۆتكەن ئىشنى ئەسلەش بىلەن يۈرۈكىڭنى زىدە قىلىش، ئۆتكەن ئىش ئۈچۈن ھازىرىڭنى، ھازىرقى خۇشاللىقىڭنى يوق قىلىش نادانلارنىڭ، ئەخمەقلەرنىڭ ئىشى.
ئادەمنىڭ ئاجىزلىقى دەل ئۆزىدىكى خاتالىقنى، كەمچىلىكنى بايقىيالماسلىق بولسا كېرەك، مانا مۇشۇنداق ئاجىزلىق تۈپەيلى بەلكىم نۇرغۇنلىغان خاپىلىق، كۆڭۈلسىزلىكلەرگە دۇچار بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن.
ھاياتلىقنىڭ قانۇنيىتى شۇ بولسا كېرەك، تۈنۈگۈن ئاھ ئۇرۇپ يىغلىغان بىلەن، بۈگۈن قاقاھلاپ كۈلىدىغان، تۈنۈگۈن ھەممە نەرسىدىن بىزار بولغان بولساڭ، بۈگۈن ھەممە نەرسە كۆزۈڭگە شۇنداق سۆيۈملۈك كۆرۈنىدىغان، تۈنۈگۈن ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزۈپ، ئۆلۈمنى ياد ئېتىپ، نۇرغۇنلىغان بولمىغۇر خىياللارنى قىلغان بولساڭ، بۈگۈن ھاياتنىڭ نەقەدەر قىممەتلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۆزۈڭنىڭ ئەخمىقانە خىياللىرىڭدىن نەپىرەتلىنىدىغان.......
ئىنساننىڭ بېشىغا نىمىشلار كەلمەيدۇ، تۇغۇلۇپ تاكى ئۆلگۈچە بولغان قىسقىغىنە ھايات مۇساپىمىزدە قانداق قىسمەتلەرنىڭ بىزنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى كىم بىلىدۇ، بىلەلىسەك ئىدۇق ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولغان بولاتتى، ئەپسۇس، ئىشلار ئەسلىدىلا سىز، مەن ئويلىغاندەك ئۇنداق ئەمەس.
تۈنۈگۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز كۈن، دىلەيسەمنىڭ ھاياتىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى تۈنۈگۈندىن باشلاندى، دىلەيسەم ھاياتنىڭ قىممىتىنى تۈنۈگۈن يەنە بىر قېتىم چۈشىنىپ يەتتى.
<<ئەلۋىدا>> دەپ ئۆيدىن چىققان دىلەيسەم تېنىدىكى بىر كىچىك جاننىڭ مىدىرلىشى بىلەن ھاياتقا قايتىدىن قارىدى، دىلەيسەم ئانىلىق مېھرى بىلەن دۇنياغا قارىدى، ئۇ ئالدى، كەينىدىكى ئۆزى ياخشى كۆرگەن ۋە ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان شۇ كىشىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن پەرياد چېكىپ قالغان شۇ ھالىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ يەرگە تىزلاندى، يۈرەكلىرىنى تاتىلاپ تۇرۇپ يىغلىدى، دەل شۇ چاغدا بىر كىچىك جان تۇنجى قېتىم مىدىرلىدى، دىلەيسەم ئويغاندى، ئۇ خۇددى قاباھەتلىك چۈشتىن ئويغانغاندەك قورسىقىنى سىلىدى، ئۇ قولىدىكى چاماداننى سۆرىگەن پېتى بايامقى شۇم خىياللىرىدىن قايتىپ، تېپتىنچ بىر جايغا كەتمەكچى، شۇ يەردە بۇ ھاياتنىڭ تەقدىر- قىسمەتلىرى ئۈستىدە ئويلانماقچى بولدى.................