ئەھمىيەتلىك سوۋغات
( مىكرو ھىكايە )
نازپەرى
- ئاپپا، بۈگۈن شىزنىڭ تۇغۇلگان كۈنىڭىژ. مۇبايەك بوشۇن !
ئۈچ ياشلىق ئوغلۇمنىڭ چۈچۈك تىللىرى بىلەن ئەركىلەپ تۇرۇپ ئىيىتقان تىلىكى قەلبىمنى لەرزىگە سىلىۋەتتى. ئوغلۇمغا چەكسىز مىھرى-مۇھەببىتىم بىلەن قارىدىم ھەمدە باغرىمغا مەھكەم بىسىپ تۇرۇپ :-
- ئوماق قوزىچىقىم، بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈم ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭىز ؟ دەپ سورىدىم.
- داددام تۈنۈگۈن باژاگا چىكىپ شىزگە شوۋغات ئاگان. مەنمۇ ئايدىم دىدى ئوغلۇم تاتلىق تىللىرى بىلەن .
- مىنىڭ ئوماق قوزام چوڭ بوپتۇ، ماڭا سوۋغات بەرگۈدەك بوپتۇ دىدىم ھەمدە ئوغلۇمنى دەس كۆتۈرۈپ كىرىسلوغا ئىلىپ ئۇنىڭ ھىرىپ ھالىي قالمىغۇچە سۆيۈپ چىرقىرىتىۋەتتىم. ئۇ ئاخىرى بولالماي يىغلىۋەتتى.
- ۋاي مىنىڭ قوزىچىقىم چاقچاق كۆتۈرمەيدىغان بولۇپ قاپتۇدە ، دىدىم ئۇنىڭ بۇرنىنى چىمدىپ ئەركىلىتىپ.
- ئاپپا، شىزگە ئالگان شوۋگىتىمنى كۆيۈپ بىكىڭ دىدى ئوغلۇم قولۇمدىن تارتىپ مىھمانخانا ئۆيگە ئەكىرىپ :-
- ئاپپا ، كۆژىڭىژنى چىڭ ژۇمۇڭ. مەن ھە دىمىشەم ئاشمايشىز ماكۇلمۇ ؟ مەن ماقۇل بولۇپ كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ ئولتۇردۇم.
- تۇگۇلگان كۈنىڭىژگە مۇبايەك!
تۇگۇلگان كۈنىڭىژگە مۇبايەك!
تۇگۇلگان كۈنىڭىژگە مۇبايەك!
تۇگۇلگان كۈنىڭىژگە مۇبايەك!
- ئاپپا، بۇ سوۋغىتىم ئاددىي بوشىمۇ كوبۇل كىلىڭ !
ئوغلۇمنىڭ قولىدا ئالدىنقى ھەپتە يولدىشىم تارتقان ئوغلۇم ئىككىمىزنىڭ چىملىقتا يىتىپ چۈشكەن رەسىمىمىز سىلىنغان بىر رەسىم جازىسى تۇراتتى. شۇنداق سۆيۈنۈپ كەتتىم. ئىچىمگە پاتمىغان خۇشاللىقىم كۆز يىشىم بىلەن بىللە مەڭزىمدە دومىلاشقا باشلىدى. ئۈچ ياشلىق ئوغلۇمنىڭ بۇ كىچىككىنە سوۋغىسى مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بىر سوۋغات ئىدى .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قەمبەرنىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى 08:27