يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1885 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 654|ئىنكاس: 28

گۈل . . . R [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
419 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
879

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى 17:08:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ئىسسىقتا تەرلەپ-پىشىپ ئاران كەلسەم دۇكاندا باشقا بىرنەرسە تۇرىدۇ. ۋىۋىكىسىغا قارىسام ئىلگىركى« تىيەن تىيەن گۈل دۇكىنى » دېگەن ۋىۋىسكا، « يىڭى دەۋىر چالغۇ ئەسۋاپلىرى» دىگەن ۋىۋىسكىغا ئالمىشىپ قاپتۇ. كاساپەت ! دېدىم ئىچىمدە ، ئەتتىگەندىن بىرى شەھەرنىڭ كۆپرەكىنى ئايلىنىپ چىقتىم. ئەجەبا، بۇ ۋىلايەت دەرىجىلىك مەكىزى شەھەردىمۇ بىر گۈل دۇكىنى تاپقىلى بولماسمۇ ؟ ئويلاپ باقسام شەھەرنىڭ يەنە بىر تەرپىدە بىر يەردە ئىككى دانە گۈل دۇكىنىنىڭ بارلىقى ئىسىمگە كەلدى-دە شۇ تەرەپكە قاراپ يول ئالدىم.
شەھەرگە چوڭ كۆلەملىك «يەرئاستى بازار» چىقىرىمىز دەمدۇ ياكى «زامانىۋى ماشىنا توختىتىش مەيدانى» دەمدۇ ئىشقلىپ يوللارنىڭ كۆپ قىسمىنى تۇسۇپ، نۇرغۇن يوللارنى تاق يۆلىنىشلىك قىلىۋەتتى. شۇندىن بىرى شەھەر ئىچىدە ماشىنا بىلەن مېڭىش ئۇبدانلا ئاۋارچلىق بولدى.
بىر يوللاردىن كىتىپ بارساڭ «تاق يۆلنىشلىك يولغا خاتا كىردى»ڭ دەپ 100 يۈۋەن جەرىمانە ئېلىۋاتقان. بىر يەردە ماشىنا قويساڭ «قائىدىگە خىلاپ توختاتتىڭ» دەپ 200 يۈۋەنلىك جەرىمانە تالۇنى يېزىۋاتقان. نۇرغۇن يەرلەردە 500 مىتىر يولنى مېڭىش ئۈچۈن قىستاڭچىلىقتىن ئۆتۈپ بولغىچە 30 مىنۇت ۋاقىت كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن يېقىندىن بىرى شەھەر ئىچىدىكى يوللارغا پىيادىلا ماڭىدىغان بولدۇم. موتو ئۇبدانلا ئەسقاتاتتى. لېكىن، مەن كىلىشىپ بۇلالمىدىم.
گۈل دۇكىنىنىڭ ئالدىغىمۇ كىلىپ قالدىم. قارىسام ئىشىكنى يۇغان بىر زەنجىر قۇلۇپ بىلەن قۇلۇپلاپ قۇيۇپتۇ. ياندىكىسىنىڭ ئىشىكى ئۇچۇقكەن ئىچىگە كىرسەم ھېچكىم يوق. ئەتىراپنى يوقلىدىم، دۇكان خوشنىلاردىن سورىدىم، ھېچكىم ئۇقمايدىكەن. ئالاھەزەل يېرىم سائەتتەك تۇرۇپ كەتتىم. كىتەي دىسەم بۇندىن باشقا يەنە نەدە گۈل دۇكىنىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن.
بىردىنلا جۇدۇنۇم ئۆرلەشكە باشلىدى، ئەجەبا بۇ خوتەن خەلقى گۈلنى گۈلقەن سېلىشتىن باشقا ئىشقا ئىشلەتمەمدۇ ؟ خوتەندە گۈلنى ياخشى كۆرۈدىغان ئادەم يوقمۇ ؟ ئۇيغۇرنىڭ ئاچقان گۈل دوكىنىغۇ يوق. خەنزۇلارنىڭ دوكىنىدىنمۇ ئەتتىگەندىن بىرى ئۈچ دۇكاننى يوقلىدىم. ھەممىسى تاقاق. ئاران ئۇچۇقتىن بىرنى تاپسام ئادەم يوق ! خەپ «خوتۇن ئالسام چوڭ قىلىپ گۈل دوكىنىدىن بىرنى ئېچىپ بەرمىسەم، ھېچكىم گۈل ئالمىسا گۈل بېقىپ بولسىمۇ ئولتۇرامىزا . . . »
دوكاننىڭ ئىچىدە توختىماي مېڭىۋاتسام، تەتەيدىن بىرسى ھىجىيىپ كىردى. توڭلىتىش ساندۇقىدىن قىزىل ئەتتىرگۈلدىن بىرنى ئالدىم ۋە ئالدىن تەييارلىۋالغان سوغاتلىق قاپقا سېلىپ ئېغىزىنى ئەتتىم.
بۇ ماڭا ئاران كەلگەن پۇسەت ئىدى. شۇڭا، بۇ قېتىم ئۇنىڭغا چۇقۇم تەسىر قالدۇرغۇدەك بىر ئىش قىلىشىم كىرەك. قىزلاردىن گۈلنى ياقتۇرمايدىغىنى بولمىسا كىرەك. قاپنىڭ ئىچىدىن چوغدەك يالقىلداپ تۇرغان ئەتتىرگۈل ۋە نەۋائى ھەزىرەتلىرىنىڭ كىتاۋى ئۇنىڭ يۈرەك باغرىنى تېتىرتەلىسە ئارزۇيۇم شۇ ئىدى.
تېلفۇننى ئالدىراش دەۋەردى تېلفۇن ئۇرغاچ مېڭىپ ئۆيگىمۇ كىلىپ قالدىم. نىمانچىۋىلا سۆزلىشىدىغاندۇ ؟ يا تىجارەتچى بولمىسا سىستىرا دىگەننىڭ ئۇنچىۋىلا كۆپ ۋاختىمۇ بولماس 40 مىنۇت بۇلۇپ قاپتۇ . شۇنداق تۇرشۇمغا تېلفۇننى قايتۇردى.
-سىزگە بىر نەرسە تەييارلىغان ئىدىم-دېدىم تەمتىرەپ.
-نېمە تەييارلىغان ئىدىڭىز ؟
-كۆرگەندە بىلىڭە ؟
-دىمىسىڭىز ئالمايمەن.
-گۈل.
-گۈل؟
-ھەئە گۈل .
- نىمە گۈل ؟
-بىرتال ئەتتىرگۈل ئىدى.
-گۈللىما ؟
-ھەئە
-نىمە قىلىمەن گۈلنى ؟قىز بالىدەكلا مىجەزىڭىز بارئىكەن. ئۇغال بالىدەك بىر ئىش قىلمامسىز ؟ بىر تال گۈلنى ماڭا سوۋغا قىلىسىز، مەن ئۇنى پۇراپ قۇلۇقۇمغا قىسىپ يۈرىمەن. قايسى جاھان، قايسى دەۋىر ھازىر قىز بالىنى قوغلىشىشقىچۇ ؟ يۈرەك، پۇل، يول كىتىدۇ. بىرتال گۈلگە قىز بالا گوللايدىغان كۈن كەتتى. باشقا گىپىڭىز بولمىسا خوش قۇيۋەتتىم.
دۇت-دۇت قىلغان ئاۋاز بىلەن تېلىفۇن ئۆزۈلدى. ئۆزۈمنى دۇنيانىڭ بىر بۇرجىكىگە تاشلىۋىتىلگەن ئەخلەتتەكلا ھېس قىلىپ قالدىم. بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدىم. قۇلۇمدىكى قاپنى دېرىزىدىن قارىتىپ ئاتتىم.
ئەستا. . .  بۇ 12-قەۋەت ئەمەسمىدى. كەينىدىنلا دېرىزىدىن قارىدىم. قاپ يولنىڭ ئوتتۇرسىغىلا چۈشكەن ئىدى. ئوقتەك كەلگەن ماشىنىدىن بىرى قاپنى مىجىپلا ئۆتۈپ كەتتى. ماشىنىنىڭ شامىلىدا گۈلنىڭ بەرگىللىرى پۇررىدە ئۇچۇپ يولغا چېچىلىپ كەتتى. گۈلدە نىمە گۇناھ ؟ گۇناھ بار دىيىلسە گۈلنىڭ قىممىتىنى ئۇقمايدىغان ھاماقەتلەردە گۇناھ ! «ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر تۇقۇمنى» دىگەندەكلا ئىش قىلدىمغۇ ؟ گۈلنىڭ چېچىلىپ ياتقان بەرگىگە قاراپ يۈرۈگۈممۇ پارچىلنىپ كىلىۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى. كەينىدىن پەسكە چۈشۈپ گۈلنىڭ بەرگىنى تىرۋالماقچى بولدۇم. بىراق، ئوقتەك ئۆتەۋاتقان ماشىنىلار بىردەمدىلا تۇزىتىپ بولغان ئىدى. ئەجەبا پارچىلانغان يۈرەكنى مۇشۇ گۈلگە ئوخشاش مەڭگۈ بىريەرگە ئەكەلگىلى بولماسمۇ ؟
گۈلنىڭ يالىڭاچ قالغان بېغىشىنى يۈرۈگۈمگە باسقان پېتى يېنىپ چىقتىم.


Rank: 8Rank: 8

توردا
771 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1295

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى 17:25:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موشۇ تېما ماۋزۇسى كەينىدىكى ئۈچ چىكىت ۋە ئۇنىڭ كەينىدىكى لاتىنچە ر ھەرىپى خۇددى مېنىڭ ئەسىرىمدەك ھې قىلدۇرىدۇ. ئۇنى چەكسەم بىر مەنىۋىي چىغىر يولغا كىرگەندەك ھېس قىلىمەن.
بۈگۈنمۇ دەل شۇنداق بولدى. مەن ر ...ھەپىدىكى مەنزىلدىن مەنىۋىي دۇنياغا كۆپ ئەھمىيەت بىرىدىغان بىر قەلىبنىڭ بايانىنى ئوقۇغاندەك بولدۇم. بايانلار چوڭقۇر، تەبئىي ۋە چىن ئىدى.....مەن 12-قەۋەتتىن چۈشۈلگەن گۈل بەرگى بىلەن تەڭلا توزوپ كىتىۋاتقاندەك بولدۇم....

تاماق ئېتىپ ئويناۋاتىمەن، مەن بىلەن بىللە ئوينايدىغانلار بارمۇ؟

Rank: 2

توردا
770 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2044
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى 17:30:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«خوتۇن ئالسام چوڭ قىلىپ گۈل دوكىنىدىن بىرنى ئېچىپ بەرمىسەم، ھېچكىم گۈل ئالمىسا گۈل بېقىپ بولسىمۇ ئولتۇرامىزا . . . »
سېستىرا قىز ئۇ تۇرقىدىن شۇ گۈلنى سوۋغا قىلدىغان يىگىتكە ماس كەلمۈگىدەك
  ئومدانراق ئۇيلىشىلى

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
565 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
734
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى 17:59:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ روھچىنغا نەدىن كىلىدىغاندۇ ھە مۇشۇنداق ئىلھاملار؟   نىمىلا يازسا شۇنداق تەسىرلىك يازىدۇ،    مەن بەك ياقتۇردۇم رەھمەت سىزگە،  دىمىسىمۇ ھازىرقى جىمىيەتتە ، گۈلنىڭ قەدرىگە يىتىدىغانلار قانچىلىك؟  ھەممىلا ئادەم پۇل-پۇللا دەيدىغان بولۇپ كەتتى، دادامنىڭ دىيشىچە ئەينى چاغدا، ئانامنى بىرتال گۈل قىزىل گۈل بىلەن تەسىرلەندۇرۇپتىكەن،   شۇ سەۋەپتىنمۇ ئىشقىلىپ دادام - ئانام ئىككىسى گۈلگە شۇنداق ئامراق ئىدى. بىزنىڭ ئۆيدە ھەر قانداق گۈل تىپىلىدۇ، قىزىلگۈل ھەرخىل ئەتتىر گۈل،،،،،،،،،

Rank: 1

توردا
272 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
385
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى 20:19:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
40 مىنۇتتىمۇ سۆزلىشىپ بولالمايدىغان قانچە ئۇزۇن پاراڭدۇ ئۇ ؟ يۈرىۋاتقانلار بولسا بىر گەپ ......

راستىنلا گۈلدە نىمە گۇناھ ؟
قىشتىمۇ بىر ساۋاقدىشىمىز يەنە بىر قىز ساۋاقدىشىمىزغا بىر تال گۈل بىلەن كۆڭلىنى بىلدۈرگەن. ئەمدى خىزمەتكە يىڭىدىن چىققان باللار ئىدى ئۇ. ئەمما مىنىڭ ئۇ قىز بالا ساۋاقدىشىم ماڭا « بىر تال گۈل بىلەن مىنى ساۋاقداشلارنىڭ ئالدىدا خىجىل قىلدى يۈزۈمنى چۈشۈردى ، ھىچ بولمىسا بىر تال ئۈزۈك سىلىپ قويمامدۇ » دەپ خاپا بولۇپ كەتكەن ئىدى. كىيىن ئۇ ئوغۇل بالا ساۋاقدىشىم « شۇ بىر تال گۈلنىمۇ باللىنىڭ ئالدىدا بەك تەس بەردىم، دىگەن گەپلىرىمنى توغرا دىدىممۇ خاتامۇ بىلەلمىدىم. ھەجەپ خىجىل بولدۇم » دىدى.
مانا مۇشۇنچىلىك ئىش . قىزلار گۈل قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان ئىكەن، ئوغۇللار ياكى ۋاز كىچىش كىرەك. ياكى شۇ قىزنىڭ تەلەپ قىلغىنىنى بىرىشى كىرەك. كۆڭۈلنىڭ ئىشىغا بىر نەرسە دىمەك تەس.

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
47 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
0
يازما
162
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى 20:35:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭدىن ئۇ ىسستىرا قىزنىڭ مەنىۋىيىتىنىڭ نەقەدەر پۈچەكلىكىنى بايقىغىلى بۇلىدۇ.
بۇ يىلقى خانىم-قىزلار بايرىمىدا بىر دەستە گۈل تاپشۇرۇۋالدىم.تۇنجى قېتىملىقى بولغاچقىمىكىن ياكى مەن ئۈزۈم گۈلنى  بەكمۇ ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈنمىكىن،ياتىقىمغا ئەكىرىپ ئۈستەلگە قۇيۇپ قويدۇم.گۈلگە ھەربىر قېتىم قارىغىنىمدا چۇڭقۇر بىر مۇھەببەتنى ھىس قىلاتتىم.گۈل ھەپتە تۇرۇپ سۇلىشىپ قۇرۇپ كەتتى.بىراق شۇنداقتىمۇ تاشلىۋىتىشكە چىدىمىدىم.ئاخىرى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى تاپشۇرۇۋالغان گۈلنى،6-ئاينىڭ 10نەچىچىسىدە قۇرۇپ-قاقشال بوپ،پەقەت ئورىغان گۈللۈك قەغىزىلا قالغان ھالەتتە تۇلىمۇ قىيماي بىر تەرەپ قىلىۋەتتىم.

يىقىلىپ چۈشتۈم،،بىچارە پۇتۇم

Rank: 8Rank: 8

توردا
771 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1295

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى 20:39:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەق قىز بالا: گۈلنى ئېلىپ يىگىتنى كەلتۈرۋالمامدۇ ئاۋال -ھە؟!!!

تاماق ئېتىپ ئويناۋاتىمەن، مەن بىلەن بىللە ئوينايدىغانلار بارمۇ؟

Rank: 1

توردا
272 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
385
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى 21:30:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى 20:39
ئەخمەق قىز بالا: گۈلنى ئېلىپ يىگىتنى كەلتۈرۋالمامدۇ ئا ...

ئاۋال كەلتۈرىۋالغان بىلەن، كىيىن بەرىبىر مىجەزى چىقىشالمايدىكەن ئەمەسمۇ ھاھاھا.....

رەھمەتۇللاھ، قەمبەرنىسادىن خاپا بولۇپ يۈرمەڭ ھە .
ھەقىقەت ئاچچىق، مىۋىسى تاتلىق شۇ.

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1405 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3507

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى 21:33:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ھاياتىمدا بىر قېتىم گۈل تاپشۇرۇپ ئېلىپ شۇنداق ھاياجانلانغان ئىدىم، بىلمىدىم بۇ ئاخىرقىسىمۇ، شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم گۈل سوۋغا قىلۋاتىمەن
بولدى، روھچىن ئۇكام ئۇنداق ھەقىقىي مۇھەببەتنى پۇل بىلەن ئۆلچەيدىغان قىزلارنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، ئاخىرى ئۆزەم ئۆلەيمەن سىزنى، ئۈرۈمچىدە بوپ قالغان بولسىڭىز بۇ كەمگە تويىڭىزنى ئويناپ بولاتتۇق، خوتەن تەرەپتە يا تونۇش يوق
ئىلھاملار توختىمىسۇن، تېمىلىرىڭىز سەر خىللىشىپ، تۇرمۇشقا يېقىن چىقىۋاتىدۇ

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1405 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3507

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى 21:33:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى 20:39
ئەخمەق قىز بالا: گۈلنى ئېلىپ يىگىتنى كەلتۈرۋالمامدۇ ئا ...

بىر تال گۈل دېسە پۇلى يوق كۆرۈپ قالغان چېغى بار بۇ ئۇكاممۇ ئالغاندىن كېيىن 9999تال ئالسىچۇ يا

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى 17:01 , Processed in 0.058075 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش