ئەڭ ئاۋۋال سىلەرگە بىر يۇمۇر سۆزلەپ بېرەي...
شىر پادىشاھ ئورماندىكى پۈتۈن ھايۋانلارنى يىغىپ، ئۇلارنى يۇمۇر سۆزلەشكە تەكلىپ قىپتۇ.
شەرت: يۇمۇر ئىنتايىن قىزىقارلىق بولۇشى، چوقۇم ھەممە ھايۋانلار كۈلۈشى كېرەك ئىكەن. بىرەرسى كۈلمەي قالسا كاللىسىنى ئالىدىكەن.
باشتا توشقان سەھنىگە چىقىپ، ئىنتايىن قىزىقارلىق يۇمۇردىن بىرنى سۆزلەپتىكەن. پۈتۈن ھايۋانلار قورساقلىرىنى تۇتۇپ تېلىقىپ كۈلىۋاتسا، ئىشەك كۈلمەي شۈكلا تۇرۇپتۇ-دە... شىر پادىشاھ توشقاننى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپتۇ.
كىيىن بۆرە چىقىپ تايىنى يوق، لاۋزا يۇمۇر سۆزلىگەن ئىكەن. پۈتۈن ھايۋانلار كۈلمەي تۇرسا، ئىشەك ھاڭراپ كۈلۈپ كىتىپتۇ.
شىر پادىشاھ دەپتۇ.
-يې لاۋاز ئىشەك، بايام توشقان شۇنداق قىزىقارلىق يۇمۇر سۆزلىسە كۈلمەي، ئەمدى بۆرىنىڭ مۇشۇ تايىنى يوق يۇمۇرىغا كۈلىۋاتىسىنا؟
ئىشەك دەپتۇ؛
-ئالىيلىرى، توشقاننىڭ يۇمۇرىغا ئەمدى كۈلگۈم كىلىۋاتىدۇ
ئەمدى تاققا-تۇققىنى رەسمى باشلاپ كەتتۇق
ئوغرلانغان خاتىرە
20 پارچە شېئىر يازدىم. يېڭى ئۆگەنگەن ۋاقىتلار بولغاندىكىن بوغۇمى ئاز، ئاددى شېئىرلار ئىدى ئەلۋەتتە...
بىر كۈنى تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى، ئىزدىدىم چىقمىدى. ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن مەن ئۇ خاتىرەمدىن ئۈمۈتنى ئۈزۈپ تۇرسام، بىزگە خەنزۇتىلى دەرىس بىرىدىغان ئوقۇتقۇچىمىز ماڭا ئىشخانىسىنىڭ ئاچقۇچىنى بىرىپ، تارتمىدىن دەرس تەييارلىقىنى ئېلىپ كىلىشنى بۇيرىدى. مەن ئىشخانىغا كىرىپ قارىسام مېنىڭ خاتىرەم تۇرىدۇ. خۇش بولۇپ، ئەسلى مۇئەللىمىمدە ئىكەندە دەپ قاراپ باقسام، مەن يازغان شېئىرلار شۇ پېتى تۇرۇپتۇ، باشقا ۋاراقلىرىغا ئۆزىنىڭ باشقا بىر نەرسىلىرىنى يېزىپ قۇيۇپتۇ.
ئىچىم ئاچچىق بولۇپ گەپ قىلمىدىم. كۆڭلۈمدە، خەنزۇتىلى مۇئەللىمىمۇ ئەدەبىياتقا قىزىقىدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.
قول يۇيۇش
بوۋام تۈگەپ كىتىپ، يەتتە نەزىرىسىنى بەرگەندە، مەن نەزىرگە كەلگەن جامائەتنىڭ قولىغا سۇ قويۇپ بەردىمدە، ئۇ قوللارنىڭ ئارىسىدا، ئاقراق كەلگەن قولمۇ، قارىراق كەلگەن قولمۇ، بوياقچىنىڭ قولى بولسا رەڭلىك كەلگەنلىرىمۇ، جاپا تارتمىغان ئادەمنىڭ يۇمشاق قوللىرىمۇ، جاپانى يەتكۈچە تارتقان ئادەمنىڭ قاتتىق تارشىدەك قوللىرىمۇ باردە، ئۇ ئادەمنىڭ چىرايىغا قارىماي تۇرۇپمۇ شۇ قولىغا قاراپلا قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئوبدان قارىسىڭىز توغرا پەرەز قىلالايسىز.
ئۇلارنىڭ قولىنى يۇيىۋاتقان ھالىتىگە تولىمۇ دىققەت قىلدىم، ئەدەپلىك، كىبىرى يوق ئىمام، خاتىپلار، قولىنى پەس تۇتۇپ، ئىڭىشىپ تۇرۇپ، سۇنى چاچراتماي تولىمۇ سىلىق يۇيىدۇ. يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۆزى بىلىملىك، لېكىن كىبىرى بار ئادەم، بىلىنى ئەگمەي ئۆرىرەك تۇرۇپ قولىنى يىنىك يۇيۇيىدۇ، ئۇلار رەھمەتنى ئاساسى جەھەتتىن بىلمەيدۇ.
بىلىمسىز، نادان كىشىلەر، قولىنى ھاپىلا - شاپىلا، سۈيىنى باشقىلارغا چاچرىتىپ يۇيىدۇ.
ئۆزى ئىنتايىن سەمىمى ئادەملەر، ئەدەپ بىلەن قولىنى پەسرەك تۇتۇپ، سۈيىنى باشقىلارغا چاچرىتىشتىن ئىھتىيات قىلىپ يۇيىدۇ. باشلىقلار، قولىنىڭ ئالقىنى بىلەن دۈمبىسىنى يىنىك يۇيۇپلا سۈرلۈك تۇرىدۇ.
شۇڭا دىققەت قىلسىڭىز، كىشىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىش - ھەركەتلىرىدىنمۇ، ئۇلارنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش ئاسان.
بىزنىڭ ئۆيدىكى قىزىقارلىق پاراڭ
قىش كۈنلىرىنىڭ بىرى، كەچ دۇكاندىن قايتىپ ئۆيگە بارسام، ئۆيدە دادام - ئاپام، ئىككى ھەدەم ھەم يولدىشى، ھەممەيلەن تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۆيدىكىلەر بار يەردە ئەزەلدىن تېلېۋىزور كۆرمەيتتىم. (ھازىر ئېلانلاردىن باشلاپ بۇزۇلغىلى تۇردى - دە) ئالدىمدىكى تاماقنى سىرتقا چىقىپ يەي دېسەم، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كەلمىسۇن دېدىم. تاماق يەپ ئولتۇرساق تېلېۋىزوردا مۇنداق بىر كۆرۈنۈش چىقتى.
بىر ئايال ھامىلدار بولۇپ، بىردەمدە تۇغۇپ، بالىسىنى قۇچىقىغا ئېلىپ بولدى.
شۇ ۋاقىتتا تۆردە ئولتۇرغان كىچىك ھەدەمنىڭ يولدىشى
-توۋۋا ما ئايال بىردەمدە ھامىلدار بولۇپ، بىردەمدە تۇغۇپ بولدىغۇ دېگەنتى، مەن
- مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ 9 ئاي كىنو كۆرەي دېگەنما؟ دېسەم دادامدىن باشقا ھەممەيلەن پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى.
بىز كۈلۈپ توختاي دېگەندە دادامغا مېنىڭ گېپىم كېيىن تەسىر قىلغان چېغى، داداممۇ پاراققىدە كۈلۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز دادامغا قوشۇلۇپ يەنە بىر قېتىم قاتتىق كۈلۈپ كەتتۇق.
ئاپام بىلەن قىلىشقان چاقچاق
ئاكامنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ، كەچتە بۇرۇن ئۇخلىمايدىغان، ئەتىگەندە ئورنىدىن سەھەر تۇرمايدىغان ئادىتى باردە. تۇرمۇشقا چىقىرىپ قويساقمۇ ئۇ ئادىتىنى ئۆزگەرتەلمىدى.
كەچ ئۆيگە كەلسەم ئاپام ماڭا
- داداڭ ساڭا خوتۇن ئېلىپ بىرىمەن دەيدۇ، دېدى. )
نېمىشقا؟ ئەمدى تېخى 19 ياشقا كىرگەن تۇرسام دەپ سورۇدۇم. چاقچاق تەلەپپۇزىدا.. ئاپام
- ئاكاڭ كەچتە ئۆيگە بۇرۇن كەلمىسە، ئەتىگەندە تۇرمىسا، داداڭ رەنجىپ قاپتۇ. شۇڭا سېنى ئۆيلەپ قويىدىكەن. دەيدۇ. مەن
- ماقۇل ئەمسە، ھازىرچە ئۆزۈمنىڭ تاپقىنى يوق، سىلەر ياخشى قىزدىن بىرنى تېپىپ، توي تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ، توينى توختۇتۇپ، نىكاھ ئوقۇيدىغان ۋاقتىڭلارغا ماڭا تېلېفون قىلىڭلار، ۋاقتىم يەتسە باراي، دېدىم
ئاپام، يەڭگەم ئىككەيلەن بىر ھازا كۈلۈپ كەتتى.
(ئاپام - داداملارغا ھەر قانداق گېپىم بولسا دەۋىرىمەن. ئەلۋەتتە يۇقارقى دېگەنلىرىم چاقچاق)
يەنە بىر يۇمۇر
ئاپام دەيدۇ...
قېنىم بالام، جاھان بىر يەرگە باردى. ئەتراپىڭدىكى شەيئىلەرگە ئوبدان قارىغىن، بۇ جاھانمۇ ئۇزاققا بارمايدۇ.
ساڭا دىندىن خەۋىرى بار، ئىسىل قىز بالا ئېلىپ بىرىمەن. ماڭا خىزمەتچى قىز كېرەك ئەمەس. دىندا ئوقۇيدىغان ياخشى قىز بالا بولسا تونۇشقىن، بولماي قالسا مەن ئىزدەپ باقاي...سىنىڭمۇ تويۇڭنى قىلىپ، گەدىنىمدىكى يۈكنى يىنىكلىتەي
مەن دەيمەن... ئۆزۈم ياقتۇرمايدىغان بىر قىز بىلەن ئۆي تۇتۇپ قالسام، تويدىن كىيىن (再来一瓶) چىقىپ قارلارمىكىن
پوچى
قىش كۈنلىرىنىڭ ئاخىرى، قېلىن ياغقان قارلار ئېرىپ، بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدىكى يولنىڭ ئەگىمە يىرىدە ئازراق يىرىدە، قار ئېرىپ مۇز تۇتۇپ قاپتۇ. ئىشىك ئالدىغا چىقسام بىر بالا بىر ئەرچە سەيچې (مۇسابىقە ۋەلىسپىتى) دە، مۇز ئۈستىدە تورمۇز تۇتۇپ سىيرىلىپ ئويناۋاتاتتى. ئالدىمغا كىلىپ ماڭا مەغرۇر قاراپ قويۇپ، ئۇ ياقتىن سىيرىلىپ مېنىڭ ئالدىمغا كىلىشىگە مۇز ئۈستىگىلا گۈپپىدە چۈشتى.
شۇنداق كۈلكەم قىستاپ كەتكەن بولسىمۇ كۈلكەمنى زورىغا بېسىپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدۇم.
ئۇ شەلپەردەك قىزارغىنىچە ئورنىدىن تۇتۇپ ۋەلىسپىتىنى ئاستا مىنىپ كىتىپ قالدى.
كىچىك ئىدىسون
ئاكام بىلەن ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىگە بىر ئىش ئۈچۈن باردۇق. پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، ئاكامنىڭ ئاغىنىسىنىڭ كىچىك بالىسىنىڭ بۇرنىدىن ماڭقا ئېقىپ شارەك چىقىپ كەتتى. ئاكام، ــ ئاداش بالاڭلىنىڭ ئىسمى نىمە؟ ــ دىلشات، قانداق، تېخىچە بىلمەمتىڭلا؟
ــ ياق بىلەتتىم، بۇرنىدىكى شارەككە قاراپ، ئەسلى ئىسمىنى ئىدىسون قويساق توغرا بولىدىكەنتۇق، دەپ ئويلاپ قالدىم.
ھەممەيلەن - ھى... ھى ...ھى...
ئەدىپىنى بىرىش
ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمىز. بىزگە ئۇيغۇرتىلى دەرسى بىرىدىغان مۇئەللىم، ياشتا چوڭراق، بالىلارغا تولىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان يۇۋاش ئادەم ئىدى.
سىنىپىمىزدىكى ئارقا ئورۇندا ئولتۇرىدىغان بىر ئاۋاقراق كەلگەن قۇلاق كەستى، جىدەلخور بولىدىغان، مۇئەللىمنى مازاق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىپ دەرىس سۈپىتىنى بۇزدى. مۇئەللىم بىر قانچە قېتىم قاراپ قويدى، يەنە ئۆزىنى بىلمىدى.
مۇئەللىم قولىدىكى بورنى ئۇنىڭغا ئاتقانتى، ئۇ بور ئۇنىڭ بېشىغا تىگىشى بىلەن ئۇ مۇئەللىمگە ئۈنلۈكرەك غودوڭشىدى.
مۇئەللىم بېرىپلا ئۇنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ سىمۇنت يەرگە پاققىدە ئېتىپ - ھە نېمە گېپىڭ بار سېنىڭ! نىمانداق ھەددىڭدىن ئاشىسە. سەن ماڭقا تولا ھەددىڭدىن ئاشما! مەن بۇرۇن بۇ مەكتەپتە داداڭدەك، داداڭدەك ئادەملەرنى ئوقۇتقان! سەن شۇملار بارغانچە كىچىكلىشىپ كىتىپ بارىسەن، مېنى يۇۋاش چاغلاپ، ئاچچىقىمنى كەلتۈرمە! دەرىسنى ئوبدان ئاڭلا
ئۇ ئاۋاق جىدەلخورنىڭ يەردە ياتقان ھالىتى تولىمۇ بىچارە، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى غىڭ قىلماي ئاڭلايدىغان بولدى.
ئەمدى پۈتۈنلەي تۈگىدى.... يەنە يازاي دىسەم كۈلكىلىك ھەم ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان ئىشلار كۆپ ئىدى.... بىراق مۇشۇ كۈنلەردە يامان بەك ئالدىراش بوپ قالدىمغۇ تاڭ... ۋاي ئىست... بۇ ئالدىراشچىلىقلار قاچانمۇ تۈگەيدىغاندۇ دەيمەندە...