يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1921 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 360|نەقىل: 9

ئېرىمدىن يىگەن بىر كاچات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
390
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى 13:34:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزۈمگە ھەيران قىلىۋاتىمەن. ئۆزۈمنىڭ جاھىللىقىغا ئۆكۈنىۋاتىمەن. ئېرىم بىلەن ئۆتكەن شۇ گۈزەل چاغلارنى ئەسلەپ كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلماقتا. يالغۇزلۇقنىڭ بۇ قەدەر ئېغىر ئازاپ ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام ئېرىمغا قىيدىماي، قېينئانام بىلەن ئۆيىمىزگە قايتىپ كىتەركەنمەن  .......

   ئاتا-ئانىمىزنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن توي قىلىدىغان بولغانلىقتىن نۇرغۇن ئەندىشىلەردىن خالىي ئەمەس ئىدىم.
باشقىلارنىڭ << بىر-بىرىنى بىلىشمەي، چۈشىنىشمەي تۇرۇپ قانداقمۇ مۇكەممەل بىر ئائىلە قۇرغىلى بولسۇن ؟ >> دىگەن گەپلىرى مىنى تىخىمۇ ئەندىشىگە سالاتتى. ئەمما، مەن يەنىلا ئاتا-ئانامنىڭ كۆڭلىنى دەپ بۇ تويغا رازىلىق بەردىم.
رازىلىق بەرمىسەممۇ مەن بۇ دۇنياغا خۇددى ھىسياتسىز تۇغۇلغاندەك 12 يىللىق مەكتەپ ھاياتىمدا بىرمۇ ئوغۇل بالىنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغانىدىم. شۇڭا كۆڭۈل ساقلىغۇدەك، تارتىشقۇدەك ئادىمىممۇ يوق ئىدى.
تويدىن كىيىن ئاتا-ئانامنىڭ چىھرىدىكى تەبەسسۇم كۈلكىنى كۆرۈپ قىلغان ئىشىمدىن مەمنۇن بولدۇم. كىيىنكى 3 يىللىق ھاياتىمىز گۈزەل بىر چۈشكىلا ئوخشايتتى. بۇ 3 يىل ئىچىدە بىرەر قىتىم گەپ تالىشىپ باققىنىمىزنى، ئۇرۇشۇپ، قىزىرىشىپ قالغىنىمىزنى بىلمەيمەن. ئېرىمنىڭ مۇئامىسىلى بەك قىزغىن ئىدى. مەنمۇ ئۇنىڭ دىگەن يىرىدىن چىقشقا تىرىشاتتىم. ئېرىم توي قىلىپ بىر يىلدىن كىيىن تۇغۇلغان قىزىمىزنى قۇچىقىغا ئېلىۋېلىپ كەمپۈتتەك تاتلىق قىزىم دەيتتى. قىزىمىز ئائىلىمىزنى تىخىمۇ چوڭ خۇشاللىققا چۆمدۈردى. ئەمما ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار دەپ قىزىمىز تۇغۇلۇپ 2 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا يەنى بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن كۈلگەن كۈلكىلىرىمىزنىڭ يىغىغا ئالمىشىپ قىلىشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز.
   شەنبە كۈنى ئىدى. بىز ئاخشام ئالدىن كىلىشىپ قويغىنىمىز بويىچە بۈگۈن ئائىلە بويىچە خەلق باغچىسىغا بىرىپ ئويناپ، دەم ئىلىپ كەلمەكچى بولغان ئىدۇق. تەييارلىقىمىز پۈتۈپ ئىشىكتىن چىقايلى دەۋاتساق ئىشىك چىكىلدى.   ئىشىكنىڭ ئالدىدا ئېرىمنىڭ ئەڭ يىقىن دوستى مۇرات قولىدا بىر ھۆججەت سومكىسىنى كۆتۈرگەن پىتى كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.  ئېرىمنىڭ خۇشاللىقتىن ئاغزى گەپكە كەلمەي قالدى.
   - ھە قېنى كىلە ئاداش، سىنى قايسى شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى. يىقىندىن بىرى قاراڭنىمۇ كۆرسەتمەس بولۇپ كەتتىڭ.
   - ئۇنى بىر دىمە ئاداش، يىقىندىن بىرى شۇنداق ئالدىراش بولۇپ كەتتىم - دىدى مۇرات ئىشىكتىن كىرىۋىتىپ ، - ۋۇي سىلەر بىر يەرگە جابدۇنغانمىتىڭلار. بولدى سىلەرنى ئاۋارە قىلماي، يولۇڭلارغا مىڭىۋىرىڭلار دىدى.
   - ۋاي ياق ئاداش. بارساقمۇ بارمىساقمۇ بولىدىغان يەر ئۇ . سەندەك تۆگە سويۇپ چاقىرىپ كەلگىلى بولمايدىغان مىھمان ئىشىكىمىز تۈۋىگە ئۆز ئايىغى بىلەن كەلگەندە بىر كۈنلۈك دەم ئىلىشىمىز دىگەن تۇرۇپ تۇرىدۇ، قېنى ئولتۇرە ئاداش ، - دىدى دە ماڭا بۇرۇلۇپ قاراپ  - سائادەت لىككىدە چاي دەملەپ چىقىڭلا، بۈگۈن مۇرات ئاغىنەم بىلەن پۇخادىن چىققۇچە پاراڭلاشمىسام بولمايدۇ  دىدى ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ.
   قولۇمدىكى قىزىمىز قەلبىنۇرنى ئاچچىق زەردە بىلەن مۇختەرگە بىرىپ ئاشخانا ئۆيگە كىردىم. تۆگە ئۆلتۈرۈپ چاقىرغىلى بولمايدىغان ئىسىل مىھمانمىش، ھەپتىدە نەچچە كۈن كىلىپ مىھمان بولۇپ كىتىدىغۇ؟ بۈگۈن ئاتايىن سىرتقا چىقىدىغان ۋاقتىمىزدا كەلمىسە بىر يىرى كەم قالىدىغان بولغىيمىتى ؟ مەن غۇدۇرىغان پىتىم چاي دەملەپ پەتنۇسقا ئىككى ئىستاكاننى قويۇپ مۇختەرگە ئىلىپ چىقىپ بەردىم، دە- قىزىمىزنىڭ قورسىقىنىڭ ئىچىپ تىپىرلاپ يىغلاۋاتقىنىنى ئاڭلىماسقا سىلىپ ياتاق ئۆيىمىزگە كىرىپ كەتتىم. ئىشىكنى شۇنداق زەردە بىلەن ياپتىمكى يىغلاۋاتقان قىزىمىز چۆچۈپ كەتكەن چىغى، بىراقلا قىقىراشقا باشلىدى. سىرتتىن بولسا مۇختەرنىڭ : -
   - خاپا بولما ئاداش، ئايالىمنىڭ سەل مىجەزى يوق تۇرىدۇ مەن بالىنى ئەكىرىپ بىرىپ چىقاي دەپلا ياتاق ئۆيگە كىردى.
   - سائادەت بۈگۈن نىمە بولدى سىلىگە، ھىچقاچان قىلمىغان قىلىقنى قىلىپ مۇراتنىڭ ئالدىدا ئىزاغا ئۆلتۈردۈڭلارغۇ مىنى دىدى مۇختەر پەس ئاۋازدا .
   - ھەپتىدە نەچچە قىتىم كىلىدىغۇ؟ بۈگۈن شەنبە بولغاندىكىن بىزنى ئارامىمىزدا دەم ئالغىلى قويسا بولمامدۇ ؟ قاچانلا قارىسا كىلىۋالىدىكەن. يا بىر توي قىلمىدى. توي قىلغان بولسىمۇ ئۆيمۇ-ئۆي سوكۇلداشتىن قۇتۇلاتتى ئەمەسمۇ ؟ دىدىم ئاۋازىمنى قويۇۋىتىپ قەستەن مۇراتنى ئاڭلىسۇن دەپ .
   - نىمە ؟ سائادەت بۇ سىلىنىڭ نىمە قىلغىنىڭلا خوتۇن. ئۆيگە كەلگەن مېھمانغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلساڭلا مەن دوستلىرىمنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى قانداق كۆتۈرۈپ يۈرەلەيمەن. بولدى قىلىڭلا ، قەلبىنۇر يىغلاپ كەتتى. قورسىقى ئىچىپ كەتكەن چىغى. مۇختەرنىڭ ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ قىلغان بۇ گىپىگە قەستەن توڭلۇق بىلەن جاۋاپ بەردىم.
   - قورسىقى ئاچسا ماڭا ئاچمايدىغاندۇ ؟ ئاشخانىغا كىرسىڭىز سۈت پاراشۇكى بار. تەڭشەپ ئىمىتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. بىلىم ئاغرىپ كەتتى بىردەم ئارام ئالىمەن.
   مۇختەر يوغان كۆزلىرىنى تىكىپ بىردەم تۇرغاندىن كىيىن چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ چىقىپ كەتتى. بىردەم ياتقاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ يىتىۋىرىشكە تاقىتىم يەتمەي،  DVD  غا پىلاستىنكا سىلىپ ئاۋازىنى بولىشىچە ئىچىۋەتتىم. تەخمىنەن 15 مىنۇتلاردىن كىيىن مۇختەر ياتاق ئۆيگە كىردى. كىرىپلا كاچىتىمغا بىرنى ئۇردى. ياتقان يىرىمدىن ئوقتەك تۇرۇپ كەتتىم ۋە ئاۋازىمنى بولىشىغا چىقىرىپ : -
   - مىنى نىمىشقا ئۇرىسىز ؟ مەن نىمە گۇناھ قىپتىمەن سىزگە. بىر ئاغىنىڭىز ئۈچۈن مىنى ئۇرامسىز ؟ دىدىم غەزەپ بىلەن، كۆزۈمدىن ياشلار تاراملاپ چۈشۈپ كەتتى. توي قىلىپ 3 يىلدىن بىرى يىگەن تۇنجى تايىقىم ھەم تۆككەن تۇنجى يىشىم ئىدى.
   - نىمىشقا دەمسە خوتۇن ؟ بۇنى ئۆزۈڭدىن سوراپ باق !. ئۆيگە كەلگەن مىھمانغا شۇنداق مۇئامىلە قىلامسە؟ مانا ئۇمۇ كۆڭلى يىرىم بولۇپ كىتىپ قالدى. بۈگۈن سىنى تۇنۇمايلا قالدىمغۇ  ...دىدى دە بىرىپ DVD نى ئۆچۈرۋەتتى.
نەچچە يىللاردىن بىرى ئامراق ئەر-خۇتۇنلاردىن بۇلۇپ كەلگەنتۇققۇ ، بىر بالىلىق بولغان خۇتۇن بىر ئاغىنىچىلىك بۇلالمامدىكەن ؟ ئاغىنىسىنىڭ ئالدىدا ئۇرغىنىنى بۇلۇپمۇ بىردىنلا سەنلەپ چۈشكىنىنى زادى قۇبۇل قىلالمىدىم.
   - ئاجىرشىمەن سىز بىلەن، بۇنداق ئۆيىڭىزنى ئۆزىڭىز تۇتۇپ ئولتۇرىۋىلىڭ دىگىنىمچە ئارقامغىمۇ قارىماي ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم.........

   ئۈچ كۈن ئىلگىرى قېيىنئانام داستىخان يۆگەپ مىنى ئىلىپ كەتكىلى، خاپا بولماڭ دەپ ئوغلى ئۈچۈن ناماقۇل بولغىلى كەلگەندە بولسا يىگەن شۇ بىر كاچات ئۈچۈن، ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىدا قىيىنئانامنى قاتتىق قىيىن ئەھۋالدا قويدۇم. بىر سائەتتىن بىرى دىگەن گەپلىرىم ئۈچۈن قىيىنئانام پەگاھقا چۈشۈپ قولىنى مەيدىسىگە قويۇپ تۇرۇپ ھەممىمىزدىن كەچۈرۈم سورىغان بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرقى << خەپ مىنى ئۇردى، ئۇنىمۇ ئۇرغىلى ئادەم چىقىپ قالار. سىلى ئانا بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەسكەنلا ......>> دىگەن بىر ئىغىز گىپىم ئۈچۈن ئۆيدىن يامغۇردەك تۆكۈلۈپ چىقىپ كەتتى. ئاتا-ئانامنىڭ قىلغان نەسىھەتلىرىگە قوپاللىق بىلەن << سىلەرنى خۇش بولسۇن دەپ سىلەر تاپقان ئادەم بىلەن توي قىلغانتىم. ئۇ مىنى خورلىسا ئۇرسا يەنە ماڭا نەسىھەت قىلامسىلەر>> دەپ يىغلاپ ئۆينى بىشىمغا كەيدىم. قېيىنئانامغا ئۇ گىپىمنىڭ ئۇنچە بەك تەسىر قىلىشىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. ئۆيىمىزدىن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئاران تەستە ئۆيىگە بىرىپتۇ دە ئوغلىنى چاقىرىپ << مەن بىلەن ئاجىرشىپ كەتمىسە، بەرگەن بىر قىتىملىق سۈتىگىمۇ رازى بولمايدىغانلىقى >> نى ئىيتىپتۇ ھەمدە يىغلاپ تۆكۈلۈپلا كىتىپتۇ.......
   ئانىسىدىن بولۇنغان گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئەتىسىلا يەنى تۈنۈگۈن بىز ئاجىرشىپ كەتتۇق. قىزىمىزنى بىرىۋەتكەنىدىم. ھەتتا يولدىشىمنىڭ << مەكتەپ يىشىغا توشقۇچە بولسىمۇ بىقىپ بەرسەڭلا بوپتىكەن >> دىگەن ئۆتۈنۈشلىرىگىمۇ پەرۋا قىلماي ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئەمما نىمىشقىدۇر بىر نەرسەم كەمدەك، يۈرىكىمنىڭ بىر پارچىسى يوقاپ كەتكەندەك بىلىندى. ئاشۇ كىچىككىنە ئىش تۈپەيلى، شۇ بىر قىتىملىق دەم ئىلىش كۈنى تۈپەيلىدىن 10 كۈن ئىچىدە ئاجىرشىپ يات ئادەملەردەك بولۇپ كىتىشىمىزنى خىيالىمغا كەلتۈرمەپتىكەنمەن. ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇياق-بۇياققا مىڭىپ ئويلىنىۋاتىمەن. ئۆزۈمنىڭ شۇ قەدەر جاھىللىق قىلغىنىمغا، قىيىنئانامغا قىلغان ھۆرمەتسىزلىكىمگە ئۆزۈمگە قاتتىق ئاچچىقىم كىلىۋاتاتتى. ياندىكى كاسىپنىڭ قەدرى يوق دىگەندەك، مۇختەر يىنىمدا بار ۋاقىتلاردا تاماقتىن كىيىن بىللە ئولتۇرۇپ قىزىمىزنى ئەركىلەتكەچ تىلىۋوزۇر كۆرەتتۇق. ھەرخىل قىزىقارلىق تىمىلار ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشاتتۇق. ناۋادا بىرەر ئىشتا مۇختەر يىڭىۋالسا مەن يەنىلا ئۇششۇقلۇق قىلىپ ئۆزۈمنىڭ دىگىنىنى راس دەپ تۇرىۋالاتتىم. مۇختەرمۇ ماڭا يول قوياتتى. شۇلارنى ئويلاپ يىغىدىن ئۆزۈمنى تۇتىۋالالمىدىم. 3 يىلدىن بىرى گۈلدەك ياشناۋاتقان ئائىلە مىنىڭ سەۋەبىم توزۇپ كەتكەنىدى. قىزىمىز يىتىم بولۇپ قالغانىدى. كاللام ئايلىنىپلا كەتتى. ئۆزۈمنىڭ بۇنچە يەڭگىللىك قىلغىنىمغا قاتتىق پۇشايمان قىلىۋاتاتتىم. يولدىشىمنى ئاغىنىسىنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراتقىنىمنى، ھەمدە ئۆزۈم زورلاپ جىدەل تىرىغىنىمنى ، قيىنئانامغا بىكار ئۇۋال قىلغىنىمنى، قىزىمنى زورلاپ تاش يۈرەكلىك بىلەن ئېرىمغا تاشلاپ بەرگىنىمنى ئويلاپ ئۆزۈمنىڭ گۆشىنى ئۆزۈم يىگۈدەك بولۇپ كەتتىم. ئىرىمدىن ئاجىرشىپ ئارلىقتا پەقەت بىر كۈنلا ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ بىر كۈن مەن ئۈچۈن بىر ئايدەك تۇيۇلۇپ كىتىۋاتاتتى. بارغانچە مەن ئۇ ئائىلىدىن ئايرىلسام بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. ئاخىرى غەيرەتكە كەلدىم. قىينانام مىنى قانچىلىك تىللىسا جىم تۇرۇپ ئائىلەمنى، شۇ بەختلىك ئائىلەمنى قايتا جانلاندۇرۇشۇم كىرەكلىكىلىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم دە دادام ئاناملارنىڭ خۇشاللىق بىلەن قوشۇلىشىدىن كىيىن مۇختەرنىڭ ئىش ئورنىغا قاراپ ماڭدىم. كۆڭلۈم بولسا خۇددى يامغۇردىن كىيىنكى سۈزۈك ئاسماندەك، شۇ يامغۇر كۆڭلۈمدىكى بارلىق ئازاپلارنى يۇيۇپ تازلىۋەتكەندەك يىپيىنىك بولۇپ قالدىم. كۆز ئالدىمدا بولسا قىزىمنىڭ سىماسى سۈرەتتەك نامايەن بولۇپ ئەتىكى گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا يول ئىچىۋاتقاندەك قىلاتتى .....

   ئاپتورى : نازپەرى
   تەھرىر : روھچىن

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 8Rank: 8

توردا
170 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
983

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى 18:22:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايىنىڭ مەزمۇنى قىسقا ۋە چىنلىقى بىلەن كىشىنى ھەقىقەتەن قىزىقتۇرىدىكەن ھەم چوڭقۇر ئويغا سالىدىكەن.
مۇشۇ دەقىقىلەردە كاللامغا مۇنداق بىر ھىكايە كېلىۋاتىدۇ. مۇشۇ ئىنكاسىمغىلا قالدۇرۋېتەي، تېمىغا يانداش بولۇپ قالار.
لوقمان ھەكىمنىڭ زامانىسىدا، شۇنداق بىر كۈنى لوقمان ھەكىمنىڭ قىزى  يېنىغا دەرد ئېيتىپ كەپتۇ. ئۆزىنىڭ بىشەم مىجەزىدىن دائىم ئېرىدىن تاياق يەيدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ مىجەزىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۆزگەرتەلمەيۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بىرەر سەۋەب قىلىش مەقسىتىدە دادىسىنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. دادىسى مېھرىبانلىق بىلەن:
-قانداق سەۋەب بولىشىدىن قەتئىي، ئېرىڭ بىلەن تاكالىشىپ قالساڭ، ئېغىزىڭنى چىڭ يۇمۇپ، ئىچىڭدە بىردىن ئونغىچە سانىغىن، ئەگەر بۇنى قىلالمىساڭ ساڭا بىر تەڭگە بېرەي، ئۆيدىكى ۋاقتىڭدا بۇ تەڭگىنى ئاغزىڭدىن چۈشۈرمە، بۇنى ھېچكىمگە تىنما دەپ جېكىلەپتۇ.
مانا شۇ تەڭگىنىڭ خاسىيىتى بىلەن، قىزىنىڭ يولدىشى ئايالىنىڭ تولىمۇ ئىشچان، كەمسۆز ۋە ئېغىر بېسىقلىقىدىن سۆيۈنۈپ ئايالىغا بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك كۆيىنىدىغان، قەدىرلەيدىغان بولۇپتۇ.

بۇ ھىكايىمۇ بىزنىڭ ئاڭلاپ ئويلىنىپ ئۇنىڭدىكى ھەقىقەتنى ئويلاپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن ئەر خوتۇنلار بىر بىرىگە يول قويۇشمايدىغان ھەتتا ھاقارەت تىللىرى، تەستەكلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. قانچە ياخشى كۆرسە شۇنچە ئاچچىقلايدۇ دىگەندەك، قارشى تەرەپ نىمە ئۈچۈن مەن ئويلىغاننى ئويلىمايدىغاندۇ دەپ ئادەتتىكىدىنمۇ بەكرەك نارازى بولىدۇ. ئەمما قارشى تەرەپنىڭ دىلىغا قاتتىق ئازار بېرىدىغان سۆزلەردىن ھەزەر ئەيلىمەك زۆرۈر. ئاياللىرىمىز ئەرلىرىمىز بىلەن تەڭ تۇرۇپ تاكالىشىشتىن، ئەرلىرىمىز ئۆيىمىزدە ئاش تاماقنى قىلىپ، كىر قاتلارنى يۇيۇپ ھالىمىزدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان مېھنەتكەش خاتۇنلىرىمىزغا قول تەگكۈزۈش ساقلانمىقى كېرەك.
ھەددىدىن زىيادە ئاچچىقلاش باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزىنى جازالاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەر خوتۇنلار ئارىسىدا ھەق-ناھەق بولمايدۇ. ئۇنى مەجبۇرىي ئايرىيمەن دىگۈچىلەر زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىدۇ خالاس.

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى 20:16:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاملاشمىغانلا ئىش قىلىپتۇ بۇ قىزمۇ ،  ئەمما لېكىن ئەركىشى قولىنى ئىتتىك قىلسا بەك نېرۋامغا تېگىدۇ ...سەل دۆترەك قىزكەن بۇ

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1430 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى 14:07:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇت يۈگرىكى ئاشقا،
ئېغىر يۈگرىكى باشقا.
دەپ ئۆزىنى ئازراق كونتۇرۇل قىلۋالغان بولسىچۇ، يەنىغۇ كېچىكسىمۇ ئەقلىنى تېپىپتۇ.

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2110
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى 19:10:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى كۈنى ئوقوپ بۇ تىمىنى،تاياق يەپ كىتەي دىگەن چاغلىرىم ئېسېمگە كېلىپ

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1430 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى 19:23:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتۇرچەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى 19:10
قايسى كۈنى ئوقوپ بۇ تىمىنى،تاياق يەپ كىتەي دىگەن چاغلى ...

ھاھاھاھاھا~~~ سادىر پالىۋاننىڭ سىڭلىسىمىتى سابىق كېلىنچەك ياكى مۇشتلاشچىمىتى

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2110
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى 19:26:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى 19:23
ھاھاھاھاھا~~~ سادىر پالىۋاننىڭ سىڭلىسىمىتى سابىق كېلى ...

ئاچچىغىمنى بەك كەلتۇرۇپ،مۇشتۇمنى بى كۆتۈرۈپ قۇيۇپ.ھېي دەپ ئېشقا كېتىپ،كەچتە ئۆيگە قايتىسام ھاي-ھاي   .بۇ گەپنى دىمەيلا بولدى

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى 10:19:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئەل-ئاغىنىلىرى ئالدىدا چوقۇم ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىش كېرەك.ئەرلەركىچىك ئىشلاردىن ىۇش بولىدۇ.بىر ئۆي دىگەندە بىر -بىرسىگە يول قۇيمىسا بىر ئۆينى تۇتقىلى  بولمايدۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1430 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:20:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نى نى ئىشلارنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، خوتۇنىدىن پەخىرلىنىپ يۈرۈيدىغان ئاشۇنداق ئەرلەر كۆرسە مۇشۇنداق تېمىنى،  ئەر كىشى دېگەننىڭ قەھرىمۇ، زەھىرىمۇ بولسا

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 8Rank: 8

توردا
170 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
983

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى 01:57:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:20
نى نى ئىشلارنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، خوتۇنىدىن پەخىرلىنىپ يۈ ...

ھوي...مونۇ قېرىغاندا قىلغان نىكاھ يارىشىپتۇ ھە. ئەدەم بوپ كېتىپتىغۇ بەزىلەر. ۋاھ ۋاھ . قەھرى بولسا دەپ...

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 19:30 , Processed in 0.285803 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش