
ئاي-يىللار ياللىنىپ ئىشلەپ چىرايىدىن تۇپا ئۆچمىگەن، غۇلىدىن پىت كۆچمىگەن، يېنى پۇلغا تولمىغان، قاقاھلاپ گۈلگىنىنى كۆرگىلى بولمىغان ئاجىزلارنىڭ بىچارە قىياپىتىنى كۈزۈم كۆرمىسە . . .
ئەرنىڭ ئەرلىك ئىززىتىنى قىلماي، ئايالنىڭ ئاياللىق ھۆرمىتىنى قىلماي، ئائىلنىڭ مۇقەددەسلىكىنى كۆزگە ئىلماي، چوڭچىلىقتىن جۆرىسىگە يول قويماي، بالىلارنىڭ تەقدىرىنى ئويلىماي،ئائىلىنى ۋەيران قىلغان، نارىسىدىلەرنىڭ باغرىنى تىلغان تۇزكور ئەر- خۇتۇنلارنىڭ شەرمەندە قىياپىتىنى كۆزۈم كۆرمىسە . . .
بالىلىقتىن ئۆزگەگۇناھى بولمىغان، قەلبى ھاياتلىقنىڭ گۈلىگە تولمىغان، ئۆزىدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان، قۇرۇق سۆلەتتە تىرەك بويلىمايدىغان ئاتا –ئانىغا بالا بۇلۇپ قېلىپ، ئەر-خۇتۇن بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى سازقىلىپ چېلىپ، كۇچىدا قالغان يىتىملەرنىڭ نالە-زارلىق كۆزيېشىنى كۆزۈم كۆرمىسە . . .
ئون بالىنى چوڭ قىلىپ قاتارغا قېتىپ، بار دۇنياسىنى باللىرى ئۈچۈن سېتىپ، باللىرى چوڭ يەرلەرگەچىقىپ كىتىپ، ئاتا-ئانىنىڭ باغرىنى يىرتىپ -تىتىپ، بىرۋاق غىزا ئۈچۈن كۇچىغاچىققان، يېرىم ناننى كەچلىكى ئۈچۈن يانچۇققا تىققان ئۇلۇغۋار ئاتا-ئانىلارنىڭ بەش موچەنگە دۇئاقىلاي دەپ يۈرگەن ئىگىك بەللىرىنى كۆزۈم كۆرمىسە . . .
بىر-ئەرنىڭ نىكاھىداباغلىنىپ يۈرۈپ، ياتلارنىڭ كەينىدىن داتلىنىپ تۇرۇپ، ئىسسىق ئائىلىلەرگە زەھەرچاچقان، بىگۇناھ ئايالنىڭ باغرىغا ئوقيا ئاتقان، ئىپپەت ۋە ھايانى رەسۋالىققاساتقان، كالا ھارۋىسىغا چوچقىنى قاتقان، ئىبلىسنىڭ سۈيدۈك قاچىسىغا پاتقان شەرمەندىلەرنىڭ ئۆزگىنىڭ رىسقىغا چۆمچىيىدىغان قاسماق چىرايىنى كۆزۈم كۆرمىسە . . .
ئالدىدا ھېجىيىپ پىشىنى كۆتۈرۈپ، كەينىدىن غەيۋەت بىلەن ئۆلتۈرۈپ، بىرىنىڭ گىپىنى بىرىگە تۇشۇپ،راس گەپكە تۈمەنمىڭ يالغاننى قۇشۇپ، قېرىنداشلارنى ياتلارغا باشلايدىغان، ئاقكۆڭۈلنى ئورىغا تاشلايدىغان ، ئۇرۇقىنى سايغا تىكسە ئۈنىدىغان، غەيۋەتلا بولساھاجەتخانىغىمۇ كۈنىدىغان، گەپ ھارۋىسى لاۋزىلارنىڭ شالۇك ئېغىزىنى كۆزۈم كۆرمىسە . . .
چىرايلىقلارنى كۆرسە ئوغۇرلۇقچە مارايدىغان،ئايالىغا يامان كۆزدە قارايدىغان، ھەپتە-ھەپتىلەپ ئۆيىنى تاپالمايدىغان، ئىشتىنى تىزىنى ياپالمايدىغان، ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ بارالمايدىغان، لىكىن ئەيىپلىرىدىن تانىدىغان، نەسىھەت قىلسە بىشەملىك بىلەن يانىدىغان ........ناكەسلەرنى كۆزۈم كۆرمىسە...
ئۈزۈمنىمۇ كۆزۈم كۆرمىسە . . . ئاھ گۇناھكار كۆزلەر . . .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا روھچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى 11:31