
قايغۇلۇق خەۋەر
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان سەنئىتىدىكى يىگانە پىشىۋا . چالغۇچىلارنىڭ ئۈستازى دەپ تەرىپىلەنگەن غىجەك پىرى . ۋە خەلقىمىزنىڭ قەلبىنى زىلىزىلىگە سالغان « قەدىردان ئاتام » « تەكىلىماكاندىكى چۈش » « مۇھتاج قىلمىغىن » « ھىكىم ھەسەنگە مەرسىيە » قاتارلىق ۋەكىللىك ناخشىلىرى ۋە غىجەك بىلەن ئۇنتۇلماس كۈيلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلىقنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان . 12 مۇقامنىڭ موزىكىسىنى ئورۇنلاش جەھەتتە مىسىلسىز تەسىرگە ئىگە دۇنياۋى سەۋىيىگە ئىگە سەنئەت ئۇستازى كومپازىتۇر ئەكرەم ئۆمەر (غىجەك) 2012- 6 ئاينىڭ 2- كۇنى سەھەردە بىيجىڭدا 48 يىشىدا تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتتى . بارلىق ئۇيغۇر قىرنداشلارنىڭ ۋاقىپ بۇلۇپ قىلىشىنى ئۆمىت قىلىمەن . ئۇلۇغ ئاللا ئۇستازنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلسۇن .
تۈنۈگۈن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ نىمە قىلارىمنى بىلمەي ئاخىرى قولدىن كەلگەنچە ئىككى پارچە مەرسىيەنى پۈتتۇرگەن ئىدىم بۇنىمۇ قوشۇمچە قىلىپ يوللاپ قويدۇم .
1- مەرسىيە
كۆيى بىلەن قەسىرلەر سالغان ،
ئەل كۈزىدە بىر دەپ سانالغان ،
فامىلىسى «غىجەك» ئاتالغان ،
ئۇستازىمىز كېتىپتۇ بۈگۈن .
قىرانلىققا بۈركۈتتەك قونۇپ ،
سەنئەت ئۈچۈن پەرۋانە بۇلۇپ ،
ئاڭلىغاننى ئاھاڭغا ئويۇپ ،
ئۇستازىمىز كىتىپتۇ بۈگۈن .
چالغۇچىنىڭ ساھىپقىرانى ،
كۈي مۇلكىنىڭ شاھى -تورانى ،
دۇنيا بىرىپ بولغان باھانى ،
ئۇستازىمىز كېتىپتۇ بۈگۈن .
ئەل سازىنى ئاڭلاپ قانمىغان ،
ئىجاد مىھنەت قىلىپ ھارمىغان ،
روھى جۇشقۇن جىسمى چارچىغان ،
ئۇستازىمىز كېتىپتۇ بۈگۈن .
2- مەرسىيە
مىڭ ئەسىرلىك مىراس ئۈچۈن پاسىبان ،
ياش ئىدىڭىز كۈي كۈزىدىن تامچىغان ،
نالە پەرياد ئۇرسام تاغلار ئېگىلدى ،
ئاق يۈزىنى قارا قىلدى يەر جاھان .
غىجەك سىمىدىن ئېقىپ چۈشكەن ماتەملەر ،
يۈرىگىمدە دەريا بولدى ئۆركەشلەپ ،
غىجەك سۇندى ، سۇندى ئۇيغۇر ئاسمىنى ،
قوياش كۆككە بىشىنى قويدى ئېسەدەپ ،
ئىشەنمىدىم كەتتى دىسە ئۇستازنى ،
ئىشەنمىدىم سۇندى دىسە بۇ سازنى ،
كۈلكىلىرىم ماتەم بىلەن تون كەيدى ،
پەسىل يىغلار جۇت دەيمۇ دەپ بۇ يازنى ،
نۇرى، تۇرغان ، كۆرەش مىرزات ، مۇراتنى ،
ئىلىپ كېتىپ قان ئاققان بۇ كۆزلەردىن ،
جۇدالىقنىڭ يارىلىرى پۈتمەيلا ،
ئاھ ئايرىلدۇق بۈگۈن ئەكرەم غىجەكتىن.
مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن ئۆزھال يازمىسى.