مەرۋەرى ئۇزۇن بوپتىكەن تورنىڭ ئالدىدا بۇنداق ئېچىلىپ يېيىلىپ ئولتۇرۇپ باقمىغىلى، ياق تورنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، تاماق ئۈستىلى ئالدىدىمۇ شۇنداق.
يىلنىڭ بېشىدا چاپلاشقان بۇ بىر كىچىككىنە بىئارامچىلىق تا ھازىرغىچە قىيناۋاتىدۇ، ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىللە بىر يەرگە چىقىش، بالىلارنى سىرتلارغا ئەپچىقىپ ئوينىتىش، دوستلىرىم بىلەن يىغىلىشىپ ئولتۇرۇش دېگەنلەرنىڭ ھوزۇرنى سۈرۈپ باقمىغىلى دەل يېرىم يىل بوپتۇ، قىسمەتنىڭ گېپى بويىچە< ھاياتنىڭ خوۋلىقىنى كۆرمىگىلى يېرىم يىل بوپتۇ>.
جىڭ گەپ بولدى ماۋۇ، دېمىسىمۇ 2011-نىڭ ئاخىرىدىن تا ھازىرغىچە تېتىپ بىر تاماق يېمىدى بۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن تاماق ئېتىشنى ئۇنتۇپ قالغىلى خېلى بوپتىكەن، قەتئىي ئەسلىيەلمىدىم دېسە
...
تۈنۈگۈن قىسمەتنىڭ يېڭى يازمىسىنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بولۇپ ئۆتمۈشلىرىمگە قايتقاندەك بولۇپ ھاياجاندا بىر نەرسىلەرنى يازغان ئىدىم، ئەپسۇس بىر قېتىملىق ئىس- تۈتەك تازلاشتا ئۇ يازما يوق بولدى. يازمىلا يوق بولسا مەيلىتى، مەرۋەرىنىڭ خوشاللىقىمۇ تەڭ يوق بولدى، ئەسلىمىلىرى يوق بولدى، يېرىم يىلدىن بۇيان ئورنىدىن دەس تۇرۇپ يازغان ئىنكاسلىرى رەھىمسىزلەرچە يوق بولدى.
يوق بولمىدى، تېمىنى رەتلەش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان، لېكىن بۈگۈن شىركەتتە ھېسابات بوغىمىز دەپ، باش قاشلىغىلى چول يوق، شۇڭا ۋاقىتلىق تاقاپ قويۇپ تۇردۇم، مانا ئېچىۋەتتىم. مېنى قاچان چۈشىنەرسەن سەن
مەرۋەرى ئىككى كۈندىن بۇيان ئۆتمۈشلىرىگە غەرىق بولىۋاتىدۇ، بەلكىم بۇ ياخشىلىقتۇر ئىنشائاللا!
بۈگۈن تۇرۇپ شۇنى ئويلاپ قالدىم، ناۋادا مەرۋەرى تۇيۇقسىز كىشىلەر توپىدىن يۈتۈپ كەتسە قانداق بولار؟
ناۋادا مەرۋەرى يەتتە قىزلىرىمدىكى دوستلار خوش ئېيتىپ چىقىپ كەتسە قانداق بولار؟
ناۋادا مەرۋەرى يۈزسىزرەك بولسا قانداق بولار؟
ناۋادا مەرۋەرىنىڭ باغرى سەل قاتتىق بولۇپ قالسا قانداق بولار؟
ناۋادا مەرۋەرى.......................... شۇنداق بىر تەۋەكۈلچىلىك قىلىپ قالسا ئۇنىڭ تەقدىرى قانداق بولار؟
بەزىلەرگە جان لازىم ئەمەسمۇ نېمە؟ بىر كۈن ئۆيدە بولمىسام، يازغان نەرسىسىنى قارا!