يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1294 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 77|ئىنكاس: 9

ئارسلان - سۈزۈك ئاكامغا جاۋاپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
314 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
677
يوللىغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 09:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سۈزۈككە جاۋاپ



سەن كىرمەستە نەچچەن كۈن قۇم چۈگۈندەك قاينىدىم ،
بەزى بولدۇم ئارسلان ، بەزى يۈردۈم مىياڭلاپ ،
قەھۋە قىزغا جاۋاپنى مۇشاقەتتە يوللىسام ،
سۇئال تاشلاپ كەپقاپسەن يەڭلىرىڭنى شىمايلاپ .

چاقچاق يېزىپ مۇنبەرنى قىزىتاي دەپ ئويلىغان ،
نى سەۋدانى سالدىڭسەن كىچىككىنە بېشىمغا .
يەتتە قىزنى ئالدىغان ئالدامچى دەپ يېزىپسەن ،
ئېرىقلارمۇ تار كەلدى سەلدەك ئاققان يېشىمغا .

سۈزۈك ئاكام دەپ يۈرۈپ چاپىنىڭنى كۈتۈردۈم ،
مەيلى سۇغۇق قەھرىتان ، مەيلى تۇمۇز ئىسسقمۇ .
قارا سۇۋاپ يۈزۈڭگە كىتىپسەنغۇ قارىداپ ،
ئەتكەن لېيىڭ لاي بولماي خام قالدىمۇ پىششىقمۇ ؟

كۈڭۈل دىگەن ساراڭكەن ،دېرىزىگە تاش ئاتتىم ،
جانان بىلەن گۈللىتەي دەپ ئويلىدىم ئۇۋامنى .
بۇنداق ئۇچۇق جار سالساڭ قىزلار مەندىن قاچمامدۇ ؟
نەدە يۈرۈپ كۆرگەنتىڭ مىنىڭ يۈرەك سودامنى ؟

ۋاي بولدىلا قاينىماي بۇران چىقىپ كەتمىسۇن ،
ئەسسالامدا ھەر كۈنى ئۇچرىشىمىز نەچچە رەت ،
ئۇسساپ قالساڭ چاي دەملەپ سۇنىدىغان كىشىڭ يوق ،
بۇسۇغامدىن كىرەلمەي توختاپ قالما تەمتىرەپ .

ئوسمانجانغا خېتىڭدىن كۈڭۈل يايراپ تۇرغاندا ،
سالامىنى چىرانىڭ قىزىلگۈلگە ئەۋەتتىڭ ،
نىرۋىسىدىن ئاداشقان دەرۋىش كەبى ئاشىقتەك ؟
سەن بىلمىگەن قىزچاقنى يەنە بىزدىن سۇرامتىڭ ؟

تاماكىدىن نەچچە تال ئۈزۈلدۈرمەي چىكىسەن ،
قېيداشلىرىڭ چىرايلىق سۆيگەن قىزىڭ سۆيمىسە .
قۇياش يىغلاپ تۇلۇنئاي مۈكۈنمەيدۇ بۇلۇتقا ،
شائىر دىگەن بىر ئۆمۈر ئەل ئىشقىدا كۆيمىسە .

ئاندا مۇندا كەپ قۇيۇپ زىرىككەندە مۇنبەرگە ،
ئۇكاڭ تۇرسام بېشىمدا نىچۈن ياڭاق چاقىسەن ؟
تەكلىپ بىلەن ئەكىرىپ تۆردىن ئۇرۇن كۆرسەتسەم ،
پىتنىخورلۇق كۈلىدە لاي سۇ بۇلۇپ ئاقىسەن .

تاغدا يولۋاس بولمىسا مايمۇن بۇپتۇ پادىشا ،
دىگەنلىرىڭ ھېلىمۇ  قاينىتىدۇ ئوغامنى ،
ئەمدى رەسمىي تالاشتىم تاغلار بولسۇن ماكانىم
مەيلى يايساڭ يېيىۋەر چوڭ يىغىمدا چاۋامنى .

2012 . 6. 03





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارسلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 09:47  


Rank: 2

توردا
461 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
1276
يوللىغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 09:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسىلان يېزىپ  قۇيۇپلا،قەلەملىردىن بەركەت ياغسۇن.
مۇشۇ شېئىر-چاخچاقلارنى يازالمىساقمۇ،ئوقۇپ ھۇزۇرلىنىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر سەنئەتمىكىن دەپ قالدىم

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
3
يوللىغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 10:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تاغىل ئارسلاننى ئىزدەپ يۈرسەم ئەسلى مەۋەدىكەن ئەمەسما....

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
78
يوللىغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 12:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسلان ئەپەندىنى دېرىزەپەرەز دەپ خاتا دەپ ساپتىمەن،ئەسلى چاقچاق دېگەننى يىرتىپ تاشلايدىكەنئەمەسمۇ

سۆزى،كۈلكىسى،يىغىسى ئەرزان قىز بولۇشتىن ساقلىنىڭ!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1051 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2872

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 13:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتتىگەندە مۇشۇنداق ئېسىل چاقچاقنى كۆرۈپ شۇنداق خۇش كەيىپ ئولتۇرغان ئادەم، نەدىكى بىر تېتىقسىز ئىنكاسلارنى ئوقۇپ كەيپىمنى بۇزۋالدىم دېسە

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 1

توردا
27 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
371
يوللىغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 14:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ياخشى  يېزىپتۇ   بۇ  چاقچاقنى،،،كۆز  تەگمىسۇن  جۇمۇ

گازىر  پۇرچاقچىلار  قېىنى

Rank: 1

توردا
313 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
453
يوللىغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 15:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئاللا  مۇنبەرنى  چاخچاقلارغا  كۆمىۋىتىدىغان بولدى بۇلار

Rank: 1

توردا
314 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
677
يوللىغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 21:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە يازىمەن دەيدۇ . ئەمدى يازسا باغقا كۈچۈپ كىتىمەن

Rank: 8Rank: 8

توردا
291 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
635

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 23:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە يازىمەن دەپ ئارسىلاننى قورقىتىۋېتىپتۇ . . . قورقمىسىلا يىگىت قولداشتەك بېقىنلىرىدىن يۈلەپ تۇرىمىز

Rank: 1

توردا
104 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
275
يوللىغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 13:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇسساپ قالساڭلار مەن چاي قۇيۇپ بىرەي،ئىچىپ ئولتۇرۇپ  يېزىڭلار -ھە؟

نورۇزنىمۇ ئۆتكۈزىۋالدۇق...باھار يەنىمۇ يېقى ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى 10:33 , Processed in 0.054505 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش