يەتتە قىزلىرىم تورى قانداق قۇرۇلدى؟
بىلوگىم قۇرۇلۇپ ئەتىسى (2009-يىلى 2-ئاينىڭ 11–كۈنى) مەرھۇم ئانام ۋاپاتىنىڭ 5 يىللىق خاتىرە كۈنى ئىدى. ياقا يۇرتتا ياشاۋاتقان، يۈرىكى پۇچۇلانغان قارا يېتىم بولمىش مەن بۇ كۈننى ياتاقتا يالغۇز ئۆتكۈزدۈم. ئانام بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن 26 يىل، ئانامدىن كېيىن قالغاندىن كېيىنكى قىسمەتلەرگە تويۇنغان 5 يىل كۆز ئالدىمدىن غۇۋا ئۆتۈشكە باشلىدى. ياق، چاناقلىرىمدا لىغىرلاۋاتقان ياش ئەسلىمىنى ئېنىق كۆرۈشكە يول قويمىدى.
ئانامغا دۇئا قىلدىم، پانىيدا بىز ئۈچۈنلا، بىزنىڭ غېمىمىزنى يەپلا ياشىغان شۇ ئۇلۇغ ئىنسانغا ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى تىلەپ دۇئا قىلدىم. يىغلاپ تۇرۇپ «بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئانا ۋاپات بولغان كۈن» دېگەن يازمىنى يازدىم.
ئانام رەھمىتى ئۈچۈن، يەنە بىر ئىش قىلماقچى بولۇپ، تولۇق 10 كۈن تەييارلىق قىلدىم.
شۇنداق قىلىپ، 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كاتتا مەرىكىسى نورۇز ھارپىسىدا «يەتتە قىزلىرىم خانىم-قىزلار تورى» ئىشقا كىرىشتى.
ئۆزۈم چوڭ بولغان ئۇچتۇرپانغا، ئۇچتۇرپاندىكى ئوتيۈرەك قىزلارنىڭ سەردارلىرى بولغان يەتتە قىزغا، تېخىمۇ مۇھىمى ئانام رەھمىتىگە بېغىشلانغان بۇ تور بېكەت شۇنداق دۇنياغا كەلدى.
بېكەت قۇرۇلغاندىكى تور نامى yetteqiz.com ئىدى. تور بېكەت قۇرۇلۇپلا تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا مۇيەسسەر بولدى. كۈندىن-كۈنگە مۇكەممەللىشىشكە باشلىدى.
تور بېكەتنىڭ شوئار مۇنداق ئىدى: خانىم–قىزلىرىمىزغا ئاز–تولا سىرداش بولالىساق، ئۇلار بىلەن مۇڭدىشالىساق، بىزنىڭ مەقسىتىمىز شۇ ئىدى.
قېنى بۇياققا كېلىڭ، سىردىشايلى!
بېكەت قۇرۇلۇپ نەچچە ئايدىن، شىنجاڭنىڭ تورى تاقىلىپ قالدى. بىر يىلدىن كېيىن، تور ئېچىلغاندىن كېيىن، تور نامىنىڭ تېخىمۇ قىسقا بولۇشى كۆزدە تۇتۇلۇپ، 7qiz.com نامى ئىشلىتىلدى. لېكىن، ئۇ چاغلاردا مۇنبەر قۇرۇشقا يول قويۇلمىغاچ، CMS سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ بېكەتنى ئېچىۋالدۇق. نەچچە ئايدىن كېيىن، ئەسلىدىكى مۇنبەر سىستېمىسىنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈردۇق.
ئىلگىرى تور بېكەتنى ئۆزۈم بىر قوللۇق باشقۇرۇپ كەلگەن ئىدىم. تور بېكەت قايتا ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئانچە-مۇنچە تېما يېزىپ يۈرگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا بېكەتنىڭ ئىشلىرىغا كۆپ ئارىلاشمىدىم. ئىشلىرىمنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، توغرىسى بېكىتىمىزدىكى بۇرادەرلەرگە «بېكەتنى مەن كۆرگەن كۆزدە كۆرىدۇ» دەپ ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈن، شۇنداق بولدى.
شۇ تاپتا «بېكەت تېخنىكى» دېگەن سالاھىيەتتە ياشاپ تۇرۇپتىمەن.