قىسمەت دېگەن نام قانداق قويۇلدى؟ قىسمەت بىلوگى قانداق قۇرۇلدى؟
بۇنىڭدىن ئۈچ يىل مۇقەددەم بىر ماقالەم جىددىي لازىم بولدى. كىتاب ئىشكاپىمنى، تور بەتلەرنى ئىزدەپ قېزىۋەتتىم، ماقالە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئىدى.
قارىغاندا ئۇ ماقالەمنى توغرا يوللىمىغان بولسام كېرەك، ياكى يوللىغان بولساممۇ، ئۆچۈرۈۋېتىلدىمۇ بىلمىدىم. ئۆزۈمنىڭ خاس يازما يازىدىغان ئورنى بولغان بولسا ئۇنداق بولماس ئىدى دەپ ئويلىدىم، خەپ دەپقالدىم.
شۇ ۋاقىتتا بىر نەچچە ئوتيۈرەك بىلوگ يېزىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى، ھەتتا كومپيۇتېرنى مەندىن ئۆگەنگەن ئىنىممۇ بىلوگ ئويناپ، نام چىقىرىپ يۈرگەن ئىدى. ئۆزۈم كەسپىي كومپيۇتېر خادىمى تۇرۇپمۇ، نېمىشقىدۇر بۇ ئىشقا قىزىقىپ كەتمەپتىمەن.
شۇنداق قىلىپ، بىلوگ ئاچماقچى بولدۇم. لېكىن، بىلوگقا قايسى نامنى قوللىنىش ئىشىدا بېشىم خېلى قاتتى.
بېشىمدىن كۆپ ئىش ئۆتكەن، تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق-سوغۇقلىرىغا قۇرداشلىرىمغا قارىغاندا كۆپرەك يولۇققان ئىدىم. شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە، توردا ئىلگىرى قوللىنىپ كەلگەن بارلىق ئىسىملىرىنى تەرك ئېتىپ، «قىسمەت» دېگەن نامنى قوللانماقچى بولدۇم، بىلوگ نامىغا شۇنى ئىشلىتىشنى قارار قىلدىم.
بىر نەچچە كۈنلۈك تەييارلىقتىن كېيىن (2009-يىلى 2-ئاينىڭ 10–كۈنى، سەيشەنبە)، qismet.blogbus.com نامىدا بىلوگ قۇرۇۋالدىم.
بىلوگ قۇرۇش مەقسىتىم تۆۋەندىكىدەك ئىدى:
قىسمەت تور مەھەللىسى-تارىخ، مەدەنىيەت، تىلشۇناسلىق، ئىجتىمائىيەت، كومپيۇتېر بىلىملىرى ۋە باشقا مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىدۇ.
سىز كۆرۈۋاتقان بۇ تور مەھەللىسىنىڭ روياپقا چىقىشىنى سۆزلىسەم، بىر پاتمان گەپ بولىدۇ. گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دېسەم، ئۇزۇندىن بېرى خاتىرىلىرىمگە، تور بەتلەرگە، گېزىت-ژۇرناللارغا بىر نەرسىلەرنى يېزىپ يۈرۈپتىمەن، كومپيۇتېردا دەرسلىك تەييارلاپ، ئوقۇغۇچىلىرىمغا ئۆتۈپ يۈرۈپتىمەن، كومپيۇتېر ساھەسىدە تىرىشىپ-تىرمىشىش جەريانىدا، ئانچە-مۇنچە ئىقتىسادقا ھەم تەشەككۈرلەرگە ئىگە بولۇپتىمەن، خېلى كۆپ تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئېرىشىپتىمەن.
خۇلاسە كالام، بىلىدىغانلىرىمدىن يازغانلىرىم، ئۆگەنگىنىمدىن ئۆگەتكىنىم تولىمۇ ئاز بوپتۇ. نۇرغۇن نەرسىلەرنى يېزىپتىمەن، ئاللا قەيەرلەردە قېلىپ يۈتۈپتۇ. نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىپتىمەن، باشقىلارغا بىلدۈرۈپ بولغىچە ئۇنتۇپ ئۈلگۈرۈپتىمەن. شۇنداق قىلىپ، ئىزلىرىم ئۆچكىلى تۇرۇپتۇ. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، چۆچۈپ ئويغاندىم، ئەمدىلىكتە بولسىمۇ كېچىكمەسمەن، دېگەن نىيەتتە، قولۇمنى كۇنۇپكا تاختىسىغا قويدۇم…
بىلوگنى ئېچىۋالدىم. دەسلەپتە، ئۆز يازمىلىرىمنى، تەرجىمە ئەسەرلىرىمنى، ئۆزۈم چوڭ بىلىدىغان بىر نەچچە ئالىمنىڭ ماڭا يارىغان ئەسەرلىرىنى يوللاپ يۈردۈم.
بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئىنى بۇرادىرىم يۈكسەل «قىسمەتكا، باشقىلارنىڭ يازمىلىرىنى باشقا تورلاردىن ئىزدەپ تېپىپ كۆرۈۋالساق، بىلوگلىرى پەقەت ئۆز يازمىلىرى ئارقىلىق زىننەتلەنسە قانداق بولار؟» دەپ ئىنكاس بېرىپ قالدى.
راسىت، مەن بۇنىڭغا دىققەت قىلىپ كەتمەپتىمەن، توغرا، شۇنداق قىلاي دېگەن ئوي بىلەن، ئۆز يازمىلىرىم بىلەنلا بىلوگ ئېچىپ كەلدىم.
بۈگۈنگە كەلگەندە، توردا تونۇشقان بۇ ئىنىم بىلەن رېئاللىقتىمۇ ئاغا-ئىنى بولۇپ، سۈيىمىزدە ئېقىپ، ئوتىمىزدا كۆيۈپ ئۆتۈۋاتىمىز.
«قىسمەت» دېگەن بۇ ئىسىم ماڭا شۇنداق بەك سىڭىپ كەتتىمىكىن تاڭ، يۈكسەل ئىنىم مېنى رېئال تۇرمۇشتىمۇ «قىسمەتكا» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىدۇ.
ئەلقىسسە، بىلوگ قۇرۇلۇپ 5 ئاي بولاي دېگەندە، شىنجاڭنىڭ تورى تاقىلىپ قالدى. بىر يىلدىن كېيىن، تور ئېچىلغان بولسىمۇ، نۇرغۇن ئاقماس سەۋەبلەر بىلەن، بىلوگنى داۋاملاشتۇرۇپ بولالمىدىم.
2011-يىلى يىل بېشىغا كەلگەندە غەيرەتكە كەلدىم بولغاي، qismet.me نامىدا مۇستەقىل تور نامى ئېلىپ، بىلوگ ئۇسلۇبىغا بىر ئايغا يېقىن ھەپىلىشىپ، بۇ خاس كەپەمنى قايتا ئېچىۋالدىم.
ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ، توردا تونۇشقان ئاكا بۇرادىرىم كۆلتېكىنمۇ بۇ سەپكە كىردى، ئىككىمىز قولىمىزدىن كېلىشىچە ئۇنى-بۇنى يېزىپ يۈردۇق.
مەن بىلىدىغان بلوگگىرلارنىڭ ئالدى 9-10 قېتىم، كەينى 1-2 قېتىم بىلوگ ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇپ چىقتى. مەن بەك جاھىلمۇ ياكى ئۇسلۇبقا بەك كۆپ كۈچ چىقارغاچ، مېھرىم چۈشۈپ قالدىمۇ بىلمىدىم، شۇ «كونا چاپان» بىلەن بۈگۈنگە قەدەر بىلوگ يېزىپ كەپتىمەن، بەزىدە 2-3 كۈندە بىر، بەزىدە 2-3 ئايدا بىر يازما يازساممۇ، ئىشقىلىپ توختاپ قالماي بۈگۈنگە كەلدىم.
مەنبە:
http://www.qismet.me
يازما مەنزىلى:
http://www.qismet.me/qismet_name.html