يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1294 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 116|ئىنكاس: 10

ئاسىي يۈرەك . . .R [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
291 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
635

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئاسىيلىق ئادەمنى بەك ئازاپلايدىغان ئىش .  خۇجايىنلارنىڭ قۇلى ئاسىيلىق قىلسا سېتىۋىتىدۇ.  ئەرلەرنىڭ خۇتۇنى ئاسىيلىق قىلسا تالىقىنى بىرىدۇ. ئاتا-ئانىغا باللىرى ئاسىيلىق قىلسا ئۇرىدۇ. ئەسكەرلەر قۇماندانغا ئاسىيلىق قىلسا ئېتىپ تاشلايدۇ . . . ھەرقانداق  ئاسىيلىقنىڭ ئۆزىگە لايىق جازاسى بار. ئەمما يۈرەك ئاسىيلىق قىلسىچۇ ؟
ئامال يوق ! ئۇ ئوتقا تارتسا كىرىپ كۆيىسىز، سۇغا تارتسا شۇڭغۇيسىز، يۈرەكنىڭ ئاسىيلىقىنىڭ جازاسىنى بىرەلمەستىن جازاسىنى تارتىسىز .
ئۇھ . . . !   ئۇ پىژ-پىژ ئېچىشىدۇ مۇزغا ياقالمايسىز، مەلھەم چاپلىيالمايسىز. ئۇ زىڭ-زىڭ ئاغرىيدۇ ئۇكۇل ئۇرالمايسىز، دورا ئىچەلمەيسىز. ئۇ بوك-بوك سۇقۇپ كىتىدۇ، تۇتۇۋالالمايسىز، بىر تەرەپكە ئىتتىرىپ قۇيالمايسىز.
تىنىقىڭىز توختاپلا قالمىسا سىز ئاشۇ رەھىمسىز جاللاتنىڭ قۇلى سىز ، پىرئەۋىننىڭ قۇللىرىمۇ كېچىسى تىنىچ ئۇخلىيالايتتى ئەمما سىز ئاسىي يۈرەكنى چاڭگاللاپ قارىمۇچتەك ئاچچىق خىياللاردا تاڭ  ئاتقۇزىسىز.
  مۇددەتسىز مەھكۇم جىنايەتچىمۇ ئۈچ ۋاق تاماقنى ۋاقتىدا يەيدۇ، ئەمما سىز ئېچىشىپ تۇرغان يۈرەكنىڭ ئازاۋىدا بىر يۇتۇم سۇنى گېلىڭىزدىن ئاران ئۆتكۈزىسىز.
كۆزىدىن ئايرىلغان ئەما ھاياتلىقنىڭ ھاۋاسىدىن تۇلۇپ نەپەسلىنەلەيدۇ. ئەمما، سىز ئاسىي يۈرەكنىڭ مۇجىلىشىدىن تۇنجۇقۇپ نەپەسلىنەلمەيسىز.
پالاندى تاتلىق دەريالارنىڭ سۇيىنى تېتىيالايدۇ. ئەمما سىز تۇزلۇق كۆزيېشىنىڭ تەمىنى تېتىيسىز.
‏ئەسلەشنى بىلىدۇ،ئۇنتۇشنى بىلمەيدۇ . يىغلاشنى بىلىدۇ توختاشنى بىلمەيدۇ. ئاغىرىشنى بىلىدۇ پەسىيىشنى بىلمەيدۇ. ئېشەك بولغان بولسا باغلاپ باشقۇرار ئىدىڭىز. گەپ ئاڭلىغان بولسا سۆزلاپ باشقۇرار ئىدىڭىز. لېكىن بۇيۈرەكنى قانداق باشقۇرۇش مۇمكىن.
ئادىمىيلىكىڭىز تەكرار يەرگە ئۇرۇلدى يۈرەك تارتىشقاچ سۈكۈت قىلدىڭىز. ساداقىتىڭىزخارلاندى يۈرەك تارتىشقاچ تىنمىدىڭىز، مۇھەببىتىڭىزقوغلاندى يەنە يۈرەك تارتىشقاچ سەۋىر قىلدىڭىز. سىز ئۈمۈدىڭىزنى ئۈزدىڭىز ئەمما يۈرەك ئۈمۈتۋار، سىزچىدىمىدىڭىز ئەمما يۈرەك چىدايدۇ.تىللاي دىسىڭىز يۈرەك قويمايدۇ، كىتەي دىسىڭىز يۈرەك كەتمەيدۇ. يۈرەكتە ۋىجدان يوق، يۈرەك نۇمۇسنى بىلمەيدۇ، ئۆزىنىڭ خارلانغىنىنى بىلسىمۇ يەنە تارتىشىدۇ،
باغدا باققان لالما ئىت كەبى، خىروئىنغا خۇمار بولغان چىكەرمەن كەبى، زىرائەتكە كۆنۈپ قالغان ھايۋان كەبى  يۈگۈرەيدۇ.  ئارقىسىن ئاران يىتىشكەندە بىر تىپىپلا ئېغىز بۇرنىڭىزنى قان ئىتىدۇ  قانلارنى سۈرتۈشكە ئۈلگۈرمەي يۈگۈرەيسىز !
ئاھ ! ! ! خار يۈرەك ! مەھكۇم يۈرەك ! ئاسى يۈرەك ! دۈشمەن يۈرەك ! قىينالغىنى سەن ئەمەس مەن. خارلانغىنى سەن ئەمەس مەن .
ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئىتىش بىزنىڭ ساداقىتىمىز ئىدى ئەمما سەن ئادەم ئەتمىگەنگە تازىم ئىتىسەن.
قېنى سەندىكى ئىززەت ؟! قېنى سەندىكى ھۆرمەت ؟! غۇرۇ بىلەن ھېسيات ئوتتۇردا ساراڭ بولغىنىڭدا ئاچچىقىڭنى كۆزدىن، ئاشقازاندىن ئالىسەن !
مەن سۆيگۈدىن نەپرەتلىنىمەن. مۇھەببەتتىن سەسكىنىمەن ! بىراۋلارنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشتىن ئۆلۈمدىن قاچقاندەك قاچىمەن ! چۈنكى ئادەم ئەۋلادى ۋاپاسىز . . . ئەمما بۇ يۈرەك باغلانغاندا   ئادەم ئوغلىنىڭ ۋاپاسىزلىقى بىلەن ھىساپلىشىپ ئولتۇرمايدۇ.

نا ئەھلىلەر قىسماي قۇلاققا


تاشلاپ كەتسە مىنى تۇپراققا


غۇرۇرۇمنى ساقلاپ قالماققا


ئايلىنارمەن تىكەن يانتاققا




Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
78
يوللىغان ۋاقتى: 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسىي يۈرەكلەرگە ئۇچراشتىن ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.

سۆزى،كۈلكىسى،يىغىسى ئەرزان قىز بولۇشتىن ساقلىنىڭ!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1051 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2872

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېكەر شەنبىدىكى ئېسىل سوۋغىڭىزغا بارىكاللا!
شۇنداق ئاسىيلىقتىن، ئاسىي يۈرەكنىڭ ئېگىسى بوپ قېلىشتىن، ئىتتىن خار، پوقتىن سېسىق بولۇپ، كۆپنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قېلىشتىن خۇدا ئۇرسۇن!
بىراۋلارنىڭ رىسقىغا چاڭ سالغان، بىراۋلارنى يىغلاتقان، يەنە بىراۋلارنى كۆرەڭلەتكەن بۇنداق ئاسىيلىقنىڭ ئاقىۋېتى   يەنىلا ئېغىر ئازاپ، تۈگىمەس پۇشايماندۇر!
مەن بۇ 30 نەچچە يىللىق ھايات مۇساپەمدە ئاجايىپ كىشىلەرنى كۆرگەنمەن، ئاجايىپ ئىشلارغا شاھىد بولغانمەن. ئاسىيلارغا ئۇچرىغانمەن، ئۇ ئاسىيلارنىڭ ھازىرقى دەردىنىمۇ كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن. نۇرغۇن ئاسىيلارنى ئاڭلىغانمەن ھەم شۇ ئاسىيلارنىڭ ھازىرقى كۈنىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن.
ئارىمىزدا ھېلىھەممۇ شۇنداق ئاسىيلار باركى، قىلغان ئىشىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ئامال چارىلەرنى قوللانماقتا، ئۆزلىرىنى شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن پەدازلىماقتا، ئۆزىنىڭ كۆڭۈل خۇشلىقى ئۈچۈن يەنە بىر گۇناھسىزنى يىغلاتماقتا.
شۇ ئاسىيلاردىن سورىغۇم بار، ئەگەر ساڭا بىرى شۇنداق ئاسىيلىق قىلسا، سېنىڭ رىسىقىڭغا چاڭ سالسا، سېنىڭ يۈرىكىڭنى زىدە قىلسا، سېنى يىغلاتسا، سەن قانداق قىلىسەن؟
شۇ ئاسىيلاردىن سورىغۇم بار، سىز ئەجىبا سىرتتىكى، يىراقتىكى شۇلارغا دەرت تۆككەندە، شۇلارغا ھال ئېيتقاندا، ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك پەس ئورۇندا ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلىمىدىڭىزمۇ؟ ئۆز جۆرىڭىزنىڭ گېپىنى شۇ يات كىشىگە ئېيتقاندا ئاۋۇ ئاسىي يۈرەك ھېچقانداق بولمىدىمۇ؟ سىزدە ئازراق بولسىمۇ يۈز كېلەلمەسلىك تۇيغۇسى بولمىدىمۇ؟ ئەجىبا، سىزگە بالا تۇغۇپ بەرگەن، بالىلىرىڭىزنى قاتارغا قېتىش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلىگەن، سىزنىڭ ئەتىڭىز ئۈچۈن، كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن قىينچىلىق كۈنلەرنى سىز بىلەن تەڭ ئۆتكۈزگەن، خۇشھاللىق كۈنلەردە سىز بىلەن تەڭ كۈلگەن شۇ كىشىنى يات بىراۋغا ئۇنى- بۇنى دىيىشكە قانداق تىلىڭىز باردى؟
ئانامنىڭ:
- ئېرىڭنى يامان دەپ يات بىرىگە داتلىما، قىزىم، چۈنكى ياخشى ئېرىنى ھېچكىم ساڭا ئەكىلىپ بەرمەيدۇ، شۇ يامان ئەر بىلەن يەنە بىر ئۆيدە سەن تۇرىسەن، خەققە داتلاۋەرسەڭ ئېرىڭنىڭ ئابرويى بىلەن تەڭ سېنىڭمۇ ئابرويۇڭ تۆكىلىدۇ، دەيدىغان.
ئويلاپ باقسام بەك توغرا گەپكەن، سەن شۇ ئايالىڭنىڭ ( ئېرىڭنىڭ) كىچىككىنە كەمچىلىكىنى، سەۋەنلىكىنى بىراۋلارغا داتلاپ بەردىڭ، كىم ساڭا ياخشى ئايالىنى(ئېرىنى) بەردى، كىم ساڭا مەن ساڭا ياخشى ئايال (ئەر) بولۇپ، جاپادىمۇ- ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولاي دىدى، دېمىدى. چۈنكى ئۇنىڭمۇ خاتىرجەم تۇرمۇشى بار تۇرسا، سەن ئۈچۈن، سېنىڭ دەردىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ شۇ ئەرزىمەس غېمىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۇنداق چوڭ قۇربانلىق بېرەلمەيدۇ-دە. سەن يەنە كىم بىلەن قالدىڭ، شۇ يامان خوتۇنۇڭ(ئېرىڭ) بىلەن قالدىڭ، سەن دەرت تۆككەنلەرچۇ، ئۇلارمۇ شۇ ئېرى(ئايالى) بىلەن ياشىماقتا.
ئىشقىلىپ مەيلى نىمىلا دەيلى، مەن بۇنداق پەس ئىشلارنى ئاڭلىسام، كۆرسەم جېنىمنى تىككۈم كېلىدۇ، ئاشۇنداق ئېرى بار تۇرۇپ خەقنىڭ دەردىنى ئاڭلىغان، ئېرى بار تۇرۇپ خەقنىڭ ئېرى بىلەن سۈيىنى چىقىرىپ، خەقنىڭ ئائىلىسىگە سوغۇقچىلىق ئۇرىقىنى سالغان ئاياللارنى، شۇنداق ئاياللارغا يانماي دەرت تۆككەن پەس ئەرلەرنى، سورىقى بولمىسىدى، ئاتقا سۆرىتىپ، شۇ ئاسىي يۈرەكلىرىنى تىتما- تىتما قىلۋەتكۈم كېلىدۇ.
ئائىلە دېگەندە ئانچە- مۇنچە ئۇرۇش- جىدەل، كۆڭۈلسىزلىك بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ نورمال ئىشى، نەدىمۇ كۆلنىڭ سۈيىدەك تېپتنچ تۇرمۇش بولسۇن، بۇنداق تۇرمۇش ئەڭ خەتەرلىك تۇرمۇش.
ئەمدى ئەر بولغۇچى ئايالىنىڭ كىچىككىنە گېپىنى سىغدۇرالماي، يات بىر ئايالغا دەردىنى تۆكسە، قېنى بۇ ئەرنىڭ ئەرلىكى، قېنى بىر ئايالنىڭ ئىشىنىپ ئۆزىنى تاپشۇرغان ئىشەنچىسى، قېنى بۇ ئەردىكى ۋاپادارلىق، قېنى بۇ ئەردىكى مەسئۇليەت؟!
ئايال بولغۇچى، ئېرىدىن ئازراقلا دىلى رەنجىسە يېقىنىمتى، ساۋاقدىشىمتى، كونا مۇھەببىتىمتى دەپ، ئېرىنى داتلاپ ھال ئوقۇغىلى تۇرسا........ نىمە دەيمىز، بۇنداق تۇرمۇشنى تۇتقاندىن تۇتمىسىلا، ئەر شۇ ئۆزىنى چۈشىنىدىغان ئايال بىلەن، ئايال شۇ ئۆزىنى چۈشىنىدىغان ئەر بىلەن بىللە ئۆتسە ئىش پۈتمىدىمۇ؟
لېكىن، ھەي ئاسىيلار سىلەر بۇ ئىشلارنىڭ ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەسلىكىنى، شۇ دەرت تۆككەنلەرنىڭ يېنىڭلارغا كېلىپ، بار يوقۇڭلارغا، خۇشاللىق- خاپىلىقىڭلارغا ھەمدەم بولالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرىسىلەر، ئاخىرىدا يەنىلا شۇ ئۆيدىكى ھاماقەتلەرنىڭ بىر- بىرى بىلەن قالىدىغانلىقىنى بەك بىلىسىلەر، بىلىپ تۇرۇپ شاخلاپ باقىسىلەر، بۇ شاخلاش بەدىلىگە قارىشى تەرەپنىڭ يۈرىكىنى زېدە قىلىسىلەر.
دەز كەتكەن چىنىنىڭ سۇنىشى مۇقەرەر، تۇرمۇش دەل شۇ چىنىدەك، بىر دەز كەتتىمۇ ھامان سۇنىدۇ، شۇڭا بۇ جانان چىنىنى ئېھتىيات بىلەن ئاسىراپ، دەز كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالساق، ئۆزىمىزنىڭ شۇ دەقىقىدىكى كىچىككىنە كۆڭلىنى ئەمەس، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ياخشى ئۆتكەن كۈنلەرنى، يىراق كەلگۈسىدىكى شۇ خۇشھاللىق مىنۇتلارنى ئويلاپ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ دەردىنىلا ئەمەس قارىشى تەرەپنىڭمۇ دەردىنى، كۆڭلىنى، ئەڭ مۇھىمى ئالدىمىزدا بىزگە قاراپ تۇرغان، بىز مەسئۇل بولۇشقا تېگىشلىك بولغان شۇ ئادەملەرنى، ئوماق قارا كۆزلەرنى ئويلايلى!
مەرۋەرى بۈگۈن ئەجەپ قايناپ قاپتۇ، دەپ قېلىشىڭلار مۇمكىن، ھەقىقەتەن قايناپ قالدىم. چۈنكى مەن بۇرۇنمۇ بۇنداق ئىشلارنى كۆپ ئاڭلايتتىم ھەتتا بېشىمدىنمۇ ئۆتكەن، يۈرەكلىرىمدىكى زىدىلەر ساقايماي تۇرۇپ، يېقىندا تونۇشلۇرۇم ئارىسىدىكى بەزى بىر گەپلەرنى ئاڭلاپ بەكلا ئاچچىقىم كەلدى.
بەلكىم بۇ ئىنكاسلىرىم بەزىلەرگە قاتتىق تۇيۇلىشى مۇمكىن، مەيلى قانداق تۇيۇلسۇن، مەن كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتتىم، مەندەك تۇرمۇشتا بىر قېتىم بۇرنىغا سۇ كىرگەن، بىر قېتىم شۇنداق ئاسىيلىقنىڭ دەردىنى تارتقان ئايال كىشى ئۈچۈن بۇنداق تېما بەكلا تەسىر قىلسا كېرەك، شۇڭا بەك قايناپ كېتىپ قالدىم، ئاللاھتىن ئاۋال ئۆزۈمگە ئاندىن يولدۇشۇمغا ئىنساپ تىلەيمەن، ئاللاھتىن شۇنداق ئاسىي يۈرەكلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ قالماسلىقىمىزنى ھەم ئاسىيلاردىن بوپ قالماسلىقىمىزنى تىلەيمەن!



مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 4

توردا
81 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
310
يوللىغان ۋاقتى: 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايىللىق تۇيغۇسى ئىچىدە بېشىمنى لىڭشىتتىم، ئارتۇق گەپ نەھاجەت بۇ چىن يۈرەكتىن چىن سۆزگە

Rank: 2

توردا
461 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
1276
يوللىغان ۋاقتى: 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت روھچىن،رەھمەت مەرىۋەرى ئىجابىي ئەھمىيىتى كۈچلۈك تىما ۋە ئىنكاسلىرىڭلارغا

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
313 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
453
يوللىغان ۋاقتى: 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھچىن ، سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇساملا،،، چۇڭقۇر ئويلارغا پىتىپ كىتىمەن  شۇنداق رومانتىك،   كۆڭلىڭىزدىكىنى شۇنداق ياخشى ئىپادىلەيسىز، ھەرقىتىم يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇساملا سىزنى شۇنداق كۆپ غىمى بارمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1051 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2872

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپراق520 يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى 19:13
روھچىن ، سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇساملا،،، چۇڭقۇر ئو ...

بويتاقلىقتىن باشقا ئارتۇق غېمى  يوق بۇ ئۇكامنىڭ، ئۆزىنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي كۆرگەن-بىلگىنى جىق، ئادەمنىڭ ھالىغا يېتىدىغان ئېسىل ئۇكام بۇ، ئادەم سىرداشقان ئادىمىدىن ئۆزىگە قايتالىغۇدەك تەسەللىي تاپالىسا شۇ سۆھبەت ئەڭ ئۈنۈملۈك سۆھبەت دېسە بولىدۇ. شۇ سىزنى قايىل قىلغۇدەك سۆزلەرنى قىلغان كىشىنى سۆھبەتداش دېسىڭىز بولىدۇ، روھچىن ئۇكام دەل مەن دائىملا بىرەر ئىش توغۇرلۇق مەسلىھەت سورىغىنىمدا مېنى قايىل قىلىدىغان، ماڭا ئورۇنلۇق مەسلىھەت بېرىدىغان، ئۆزى بىر ئەر كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەرلەردىكى ئورتاقلىقنى ئەسكەرتىش ئارقىلىق بەزىبىر كىچىك ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمغا ياردەم بېرىدىغان سۆھبەتدېشىم. بەزىلەر بار گېپىڭىزنى ئاڭلاپ پۈرسەت كۈتۈپ ياتقان ئوۋچىدەك ئېچىشقان يېرىڭىزگە تۇز سېپىپ سىز بىلەن تەڭ ھەقدوست توۋلاپ ئىشنىڭ يامانلىشىشىغا ئاساس سالىدىغان، ئۇنداق ئادەملەر بىلەن پاراڭلاشقاندىن كۆرە ئۆزىڭىز يالغۇز خىيال سۈرگىنىڭىز ياخشى.
مۇشۇ روھچىن ئۇكامنىڭ بېشىنى ئوڭشايدىغان ساۋاپ ئىشنى ئۆز قولۇم بىلەن قىلاي دېسەم سالامەتلىكىم زادىلا يار بەرمەيۋاتىدۇ، دېسە..ھەي..

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 1

توردا
313 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
453
يوللىغان ۋاقتى: 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى 20:21
بويتاقلىقتىن باشقا ئارتۇق غېمى  يوق بۇ ئۇكامنىڭ، ئۆزى ...

ئۇلۇغ ئاللاھ ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرگە ، چوقۇم ياخشى ئىشلارنى ئاتا قىلىدۇ!
سىز كۆڭلىڭىزدە شۇنداق ئويلىغان بولسىڭىز، ئاللاھ ئىگەم تىلىكىڭىزگە يەتكۇزگەي
ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىلاي دىگەن ئىكەنسىز، سالامەتلىگىڭىزمۇ چوقۇم ياخشى بوپ كىتىدۇ ئاللاھ خالىسا

Rank: 4

توردا
86 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
524
يوللىغان ۋاقتى: 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتە ئۇيقۇمنىڭ ئوچۇق ۋاقتىدا بىر نەرسە يازاي، كۆز ئالدىمدا ئاسىيلىق قىلىپ ھازىر قانداق كۈن كۆرۋاتقانلارنى  ئەمىليىتى بىلەن دەپ بېرەي تازا.

باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

Rank: 1

توردا
313 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
453
يوللىغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 17:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۇ ھايات بىردىنلا ئايلاندى كۈزگە،
     تۆكۈلدۈم قەلبىمگە خازانلار سىمان.
     مەن بۈگۈن ھەممىدىن بولغاندا جۇدا،
     بىر تامچە كۆز يېشىم كۆتۇردى قىيان.

     ئالدىنىپ كەپتىمەن شۇنچە يىل ئۇزاق،
     يالغان سۆيۈش ۋە ساخـتا جىلۋەڭگە.
     قىچىمۇ ساداقەت يوق ئىكەن بىلسەم،
     سۆيگۈنى كۇيلىگەن سوغۇق كۇيۈڭدە.

     سۆيگۈنىڭ ئالدىدىن قايتتىم قۇرۇق قول،
      گوياكى  قاغجىراق  جەزىرە  بولۇپ.
     يۈرەككە ئەسلىدە مۇ ھەببەت ئەمەس،
     سوغۇق كۆز ياشلا كەتكەنكەن تولۈپ.


روھچىن، بۇ شىئېر سىنىڭ يازمىڭىزغا ماسكىلىدىكەن.
   
   

  
   

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى 10:32 , Processed in 0.057228 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش