يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 402|نەقىل: 8

سەمىمى ئاگاھلاندۇرۇش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى 17:00:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئادەم بەدىنىدىكى باش، ئېغىز، كۆز، قۇلاق، قول، پۇت قاتارلىق ئەزالارنىڭ رولى ھەممىمىزگە ئايان. بىراق بىر قىسىم كىشىلىرىمىز بۇ ئەزالارنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك ۋە توغرا پايدىلانمايۋاتىدۇ. شۇ كىشىلىرىمىزگە ئاگاھلاندۇرۇش بولسۇن ئۈچۈن تۆۋەندە خۇاڭ مىننىڭ «سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇش» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى ھۇزۇرۇڭلاردا

▲ باش ئادەم بەدىنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىسمىغا جايلاشقان. ئۇ كىشىلەرنى بېشىنى ھەر زامان تىك كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە، ھەر قانداق ئادەم ئالدىدا ئەگمەسلىككە ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئادەم باش ئەگسىلا تولىمۇ بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ، ھەر قانچە بەستلىك ۋە قاۋۇل تەنلەرمۇ ئەرزىمەس بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

▲ئادەم مېڭىسىنىڭ سىغىمچانلىقى ناھايىتى چوڭ، ئۇ «خىيال دېڭىزى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مېڭە بىزنى مەسىلىلەرنى كۆپ ئويلاشقا، ھەممىنى مۇلاھىزە قىلىشقا، ئۇنى ئىلىم-پەن، زامانىۋى ئۇچۇرلار بىلەن قوراللاندۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ. مېڭە ئىشلىتىلمىسە ئوڭايلا گرانت تاشقا ئوخشاپ قالىدۇ.

▲ئادەمدە بىر ئېغىز بار. ئۇ تاماق يەيدىغان، ئۇسسۇزلۇق ئىچىدىغان، ئېچىلىپ-يېپىلىپ تۇرىدىغان بولغاچقا خېلىلا ئالدىراش. ئۇ كىشىلەرنى قۇرۇق، سەت، ئەخمىقانە گەپلەرنى قىلماسلىققا ۋە خۇشامەتچىلىك، يالاقچىلىق، تەخسىكەشلىكنى مەقسەت قىلغان گەپ-سۆزلەرنىمۇ قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرىدۇ. سۈكۈت قىلىش ئالتۇنغا باراۋەر. سۆزلىگەندە قىممەتلىك، ئەھمىيەتلىك، كىشىلەرگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان سۆزلەرنى قىلىش، ھەممىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك سۆزلەش لازىم.

▲ ئادەمدە بىر جۈپ كۆز بار. ئۇ كىشىلەرنى كۆپرەك كۆرۈشكە ۋە كۆزىتىشكە، كىشىلەر ئارىسىدىكى راست-يالغاننى، ياخشى-ياماننى، گۈزەللىك-رەزىللىكنى، ھەق-ناھەقنى ئېنىق كۆرۈشكە ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئادەم بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ، ئومۇمىي ئەھۋالنى كۆرمىسە بولمايدۇ. ئۈمىدسىز ئادەملەر كۆز ئالدىدىكى كىچىككىنە پايدىنىلا كۆرۈپ، ئىنسابىنىڭ يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمايدۇ.

▲ ئادەمدە بىر جۈپ قۇلاق بار. ئۇ ئادەملەرنى سۆزلەرنى زەن قويۇپ ئاڭلاشقا، مۇنداقلا چۈشىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى ھەر بىر ئېغىز سۆزنىڭ تېگىگە يېتىشكە ئاگاھلاندۇرىدۇ. ياخشى گەپلەر قۇلاققا ياقمىسىمۇ ئاڭلاش، يامان گەپلەر قۇلاققا ياقسىمۇ ئاڭلىماسلىق، تۇترۇقسىز گەپلەرنى بۇ قۇلاقتىن ئاڭلاپ، ئۇ قۇلاقتىن چىقىرىۋېتىش كېرەك. يېقىملىق ناخشا-مۇزىكىلارنى ئاڭلاپلا قالماي، باشقىلارنىڭ ئاھ-زارىنى، نالىسىنىمۇ ئاڭلاش كېرەك.

▲ ئادەمدە بىر جۈپ قول بار. ئۇ كىشىلەرنى كۆپرەك پايدىلىق ئىش قىلىشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئىشچان قوللىرىڭىز بىلەن بەختلىك تۇرمۇش يارىتىڭكى، رەزىل قوللار بىلەن ھەرگىز رەھىمسىزلىك قىلماڭ. قولىڭىز ئېغىزىڭىزغا تاماق سېلىپ بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىسۇن، ئۇ يەنە ئەمگەك قىلىشنىمۇ بىلسۇن.

▲ ئادەمدە بىر جۈپ پۇت بار. ئۇ كىشىلەرنى كۆپرەك ھەرىكەت قىلىشقا، كۆپرەك مېڭىشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ. پۇختا قەدەم تاشلىغاندىلا ماڭغان ھەر بىر قەدىمىڭىزدىن ئىز قالدۇرۇپ، ئۆزىڭىزگە خاس يولنى ماڭالايسىز. كىشىلىك تۇرمۇش ناھايىتى ئاستا ھەم ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇساپە، ئۇنى قەدەممۇ-قەدەم بويسۇندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، نەدىمۇ ئۇنداق بىردەم مېڭىپ، بردەم توختاپ قالىدىغان، يېرىم يولدا بەل قويۇۋېتىدىغان، تۇيۇق يوللارغا قەدەم بېسىۋېرىدىغان ئىش بولسۇن؟ بىردىنبىر يول ئۆز نىشانىڭىزغا قاراپ دادىل قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرلەش.

▲ ئادەم بەدىنىدىن كېلىدىغان بۇ ئاۋازسىز ئاگاھلاندۇرۇشلار سىزنى ئويغىتىپ، قامچىلاپ تۇرىدۇ. پەقەت سىز تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىزلا، بەدىنىڭىزدىكى بۇ ئەزالار گۈزەل كىشىلىك تۇرمۇشىڭىزدا چوقۇم سىزنىڭ كۈتكەن يېرىڭىزدىن چىقىدۇ.
   
     مەنبە:يانغىن تورى   107.4سەنئەت رادىئوسى  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باتۇرچەۋەنداز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى 17:05  


Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى 15:31:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىمەت يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى 13:29
ھەقىقەتەنمۇ  ياخشى  ئاگاھلاندۇرۇش،،،بارىكاللا

شۇ تور بەت ئارلاۋىتىپ  كۆرەپ قالغان

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى 18:05:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىمەت يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى 17:59
كۆپرەك  يېزىپ  تۇرسىلا،،بىزلەرگىمۇ  پايدىسى  بولىدىكە ...

ۋاي تاڭ ،سىزگە پايدىسى بارمىكىن يوق

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى 18:09:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىمەت يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى 18:07
بەك   بار،،،ئۆزەمدىكى  كەمچىللىكنى  تۈزۈتۋالدىمغۇ

ئادەم بولغان يەلىرى شۇ

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى 16:28:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ  رەخمەت ئوقۇپ  جىق  نەرسىلەرنى  بىلىۋالدىم

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 08:35 , Processed in 0.274751 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش