
رۇقىيەمنىڭ ئارزۇيى
ھىكايە
روھچىن
كىريېيىۋاتقان رازىيە مۇھەممەدنىڭ قاتتىق چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قۇلىدىكى ئىشنى تاشلاپ ئۆيگەيۈگۈرۈپ كىردى. مۇھەممەدنىڭ چىرايى ئاقىرىپ كەتكەن بۇلۇپ سورىغان گەپكە جاۋاپ بىرەلمەستىن«قۇلۇقۇم، قۇلۇقۇم» دەپ تىپىرلايتتى.
رازىيە تەيياربۇلۇپ كەلگەندە مۇھەممەدنىڭ بېشىدا ئۈچ ياشلىق قىزى رۇقىيە «دادا نىمە بولدى ، دادا نىمە بولدى ؟»دەپ دادىسىدىن بەكىرەك بىئارام بۇلۇپ يىغلاپ تۇراتتى.
«كىرىپ يېتىۋىرىڭ قىزىم! دادىڭىزنىڭ قۇلىقى ئاغرىپ قاپتۇ, مەن دۇختۇرخانىغا ئاپىرىپ ئەكىلەي» دىدى. « مەنمۇ دادام بىلەن بارىمەن» دەپ يىغلاپ تۇردى رۇقىيە.
رازىيە جېق كەژلەشمەي مۇھەممەدنى دۇختۇخانىغائېلىپ كەلدى. دۇختۇر مۇھەممەدنىڭ قۇلىقىنى تەكشۈرگەندىن كىيىن «سۈۋەرەك كىرۋاپتۇ» دېدى ۋەبىرخىل سۇيۇقلۇق تېمىتىپ بەش مىنۇتلاردىن كىيىن ئۇچلۇق جۇپتەك بىلەن خېلى يۇغان سۈۋەرەكتىن بىرنى قىسىپ ئالدى.
يەردە تىپىرلاپ تۇرغان سۈۋەرەكنى رازىيە دەسسەپ مىجىۋەتتى. بۇنى كۆرگەن رۇقىيە « نىمىشقا ئۆلتۈرىسەن ؟» دەپ سورىدى «ئۆلتۈرۋەتسەك دادىڭىزنىڭ قۇلىقىغا كىرۋالالمايدۇ قىزىم » دىدى رازىيە.
ئۇلار ماشىنىغا چىقىپ بۇلۇپمۇ سۈۋەرەكنىڭ ئۈلىكىگەدەسسەپ قالغان رۇقىيەنى بىردەم ساقلىدى.
ماڭار ۋاقتىدا دۇختۇر « قىزىم دادىڭىزغا بەكئامراقكەنسىز. كەچلىكتە دادىڭىز پوسما كىيىپ قۇلىقىنى يۆگەپ ياتسۇن! بولمىساسۇۋەرەك كىرىۋالسا دادىڭىزنىڭ قۇلىقى ئاڭلىماس بۇلۇپ قالدۇ، سۈۋەرەكنى كۆرگەنيەردە ئۆلتۈر ۋېتىڭ !» دېدى. رۇقىيە بۇگەپلەرنى تۇلۇق چۈشەنگەندەك دۇختۇرنىڭچىرايىغا قاراپ تۇردى.
ئۆيگەكىلىپلا رۇقىيە ئۆزىنىڭ پوسمىسىنى دادىسىغا كېيگۈزۈپ قۇلىقىنى مەھكەم يۆگەپ قۇيۇپ «پوسمىنى ئېلىۋەتمە !بولمىسا قۇلىقىڭغا سۈۋەرەك كىرۋالىدۇ» دېدى.
ئۈچ ياشلىق بالىنىڭ تىلىنىڭ قانچىلىك چۈرۈك، تاتلىق بۇلىدىغىنىنى ھەربىر ئاتا-ئانا بىلىدۇ،مۇھەممەدنىڭ قىزىغا مەسلىگى كىلىپ چىڭ قۇچاقلاپ نەچچىنى سۆيۈپ كەتتى.
ئۇلارنىڭ كۆزى ئەمدىلا ئۇيقۇغا بېرشىغا رۇقىيە ياتىقىدا يۈگۈرۈشكە باشلىدى. مۇھەممەد بىلەن رازىيە ئالدىراپ چىقىۋىدى، رۇقىيە قۇلىغا بىردانە كاۋاپ زىخىنى ئېلىۋېلىپ گىلەمنىڭ قېتىدىكى سۈۋەرەكلەرنى قوغلاپ يۈرەتتى، كاۋاپ زىخىنىڭ ئۇچچىغا بىردانە سۈۋەرەك سانچىغلىق تۇراتتى، «قىزىم يېتىپ ئۇخلاڭ ئەمدى» دىدى رازىيە، « سۈۋەرەكنى ئۆلتۈرۋالاي،بولمىسا دادامنىڭ قۇلىقىغا كىرۋالىدۇ» دېدى رۇقىيە.
بىر كېچىسى مۇھەممەد ياتار ۋاقىتتا ئۆچۈرۋەتكەن چىراقنىڭ يۇرۇپ قالغىنىدىن ئويغىنىپ بېشىدا قاراپ ئولتۇرغان رۇقىيەنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى ۋە « قىزىم نىمە بولدىڭىز قورققۇڭىز كەلدىمۇ؟» دىدى، « قورققۇم كەلمىدى ئويغىنىپ قارىسام ئۆيدە سۈۋەرەك تۇرۇپتىكەن، سىزنىڭ قۇلىقىڭىزغا كىرۋالمىسۇن دەپ قاراپ ئولتۇردۇم» دىدى. مۇھەممەدبۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قىزىنى باغرىغا چىڭ باستى ۋە كۆزىدىن ياش چىقىپ كەتتى.
شۇندىن كىيىن رۇقىيە ئۆيدە سۈۋەرەكنى كۆرسىلا قۇلىدىكى ھەرقانداق ئىشنى تاشلاپ قوغلاپ يۈرۈپ ئۆلتۈرمىگۈچە بولدى قىلمىدى، بارا-بارا چىۋىن، پاشا دىگەندەك ھاشاراتنى كۆرسىلا ئۆلتۈرۋىتىدىغان بۇلىۋالدى. «نىمە ئىش قىلىسەن» دېسەبىرلا گەپنى تەكرارلايتتى« ئۆلتۈرۋەتمىسەم دادامنىڭ قۇلىقىغا كىرۋالىدۇ»
بەزەن تاماق ۋاقتىدا، ئۆيدە مىھمان بار ۋاقىتلاردىمۇ ھېچكىمنىڭ گىپنى ئاڭلىماي قۇلىغاپالاقنى ئېلىۋېلىپ يۈگۈرەپ يۈرىيتتى. ئۆيدىكىلەر بالىغا گەپ ئاڭلىتالمىغاندىن كىيىن ئۆينى تازىلاپ، دورا قۇيۇپ يۈرۈپ ئۆيدە ھېچقانداق ھاشارات قويمىدى. لېكىن،باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، چوڭ ئۆيلەردە ، باغچىلارغا بارسا رۇقىيەنىڭ قۇلى باشقا ئىشقا بارمايتتى. چىۋىن، كىپىنەك، چۈمۈلە قاتارلىق جانلىقلارنى كۆرگەنلا يەردەئۆلتۈرۋىتەتتى.
بىرقېتىم چوڭ ئۆيدە بىر سېرىق چاشقاننى « دادامنىڭ قۇلىقىغا كىرۋالىدۇ ئۆلتۈرۋىتىمەن»دەپ يۈگۈرۈپ يۈرۈپ چوڭلارنى كۈلدۈرۋەتكەنتى.
مۇماي «دادىسىغانىمانچە ئامراق بۇقىز» دەيتتى ھەيران بۇلۇپ، رازىيە « ئۇنى بىر دىمەڭ قىز بالىنى دادىسىغا ئامراق كىلىدۇ دەيتتى، لېكىن ھەرقانچە بولسىمۇ بۇنىڭدەك ئامراق بولماس ،بۇنىڭ كاللىسىدا دادىدىن باشقا خىيال يوقمىكىن دەيمەن » دەيتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردامۇھەممەت چوڭقۇر پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن رۇقىيەنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ كىتەتتى.
رۇقىيەئەنە شۇنداق ھاشارات يۇقىتىدىغان قەھرىمان بۇلىۋالدى، رۇقىيەنىڭ قىلغانلىرى ھەممەيلەننى تەسىرلەندۈرەتتى، رۇقىيەنىڭ گىپى چىقسىلا دادىنىڭ مىھرى ۋۇجۇتقاكەلتۈرگەن بۇ مىجەز تىلغا ئېلىنماي قالمايتتى.
رۇقىيەئاستا-ئاستا چوڭ بولدى ئەمما ئاشۇ قېتىملىق ئىشتىن يىتىلدۈرۋالغان ئادەتنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ئۇ بار يەردە ھاشاراتلارغا قىيامەت بۇلاتتى.
مەكتەپتىمۇئۇنىڭ پاكىزلىققا ئالاھىدە قارايدىغان مىجەزى تىزلا مەكتەپكە تۇنۇلدى ۋە پۈتۈن مەكتەپنىڭ تازىلىقىغا مەسئۇل بولدى.
رۇقىيەچوڭ بۇلۇپ تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ كەسىپ تاللايدىغان ۋاقىت كەلدى. مۇھەممەد بىلەن رازىيە ئۆزىنىڭ تاللىشىغا قۇيۇپ قويدى. ئەمما، رازىيەنىڭ كومپىيوتىر بىلەن ئەقلى يانفۇن قاتارلىق نەرسىلەرگەزىيادە قىززىقىشىغا قاراپ چۇقۇم كومپىيوتىرغا ئالاقىدار كەسىپنى تاللايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. ئەمما تاللىغان كەسپىنى ئۇققاندا ھەممەيلەن ھەيران قالدى.
بۇلۇپمۇمۇھەممەد قىزىنىڭ ئەسلا قىزىقىشى بولمىغان بىر كەسىپنى تاللىغىنىدىن ھەيران بۇلۇپقىزىنىڭ قۇلىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ سورىدى.
رۇقىيە « ئاشۇ كىچىدىكى سىزنىڭ قۇلىقىڭىزنى تۇتۇپ تولغىنىپ كەتكەن ھالىتىڭىز مىڭەمدە ئۇيۇپلا قاپتۇ. خېمىيە كەسپىدە ئۇقۇپ ئۈنۈملۈك دورىلارنى ئىجاد قىلىپ دادىلارنىڭ قۇلىقىغا كىرۋالدىغان ھاشاراتلارنى يۇقىتىمەن» دېدى.
مۇھەممەد ھۆل بۇلۇپ كەتكەن مەڭزىنى رۇقىيەنىڭ مەڭزىگە چىڭ يېقىپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.
تۇرمۇش كارتىنىللىرى . . .روھچىن قەلب خاتىرسىدە
ۋاقتىڭىز كۆپرەك چىققاندا ئۆتەرسىز
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا روھچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى 12:40