يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1921 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 654|نەقىل: 21

ئانارنىڭ كىنولىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى 22:45:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەيپىياتىم تازا جايىدا ئەمەس ، ئۆزۈمنىڭ ئامراقلىرى بىلەن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ غالجىرلىشىمنىڭ ئالدىنى ئالاي
1. 暮光之城(يېقىندىن قايتا - قايتا كۆرگەن كىنولىرىمنىڭ بىرى )
بىرىنچى بۆلۈم : گۈگۈم
سۇمرۇخ ئوتتۇرا مەكتىۋىدە ئوقۇۋاتقان ئېلزابېيلا باشقىلاردىن ئاز تولا پەرقلىنەتتى ، ئۇ ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتىكى قىزلارغا ئوخشىمىغايدىغان ، باشقىلارنىڭ دېققىتىنى تارتىشنى ياقتۇرمايدىغان ئاددى ساددا بىر قىز ئىدى ، ئاتا- ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن ، قايتا ياتلىق بولغان ئاپىسىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن دادىسىنىڭ يېنىغا كۆچۈپ كېلىدۇ ، ئۇنىڭ دادىسى چارلى ۋاشىنگىتون ئەتراپىدىكى چەت بىريامغۇرلۇق شەھەردە ياشايتتى، مۇھىتنىڭ ئالمىشىشى ئەزەلدىن تۇرمۇشقا پەرۋاسىز قارايدىغان بۇ قىزغا ھىچقاندەك تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ .


لېكىن ئېلزابىيلا ئۇ يەردە تولىمۇ سىرلىق ، خۇددى قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى موم ھەيكەللىرىدەك قاملاشقان يىگىت ئېدۋارد بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا ئۆزىمۇ ھىس قىلىپ باقمىغان غەلىتە تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ ، ئىختىيارسىز بۇ ھەممە يېرىدىن ئېسلزادىلىك چىقىپ تۇرىدىغان يىگىتكە قىزىقىش بىلەن دېققەت قىلىشقا باشلايدۇ .



ئەسلىدە ئېدۋار بىر قان شۈمۈرگىچى جەمەتىدىن بولۇپ ، ئۇلار ھايۋانات قېنىنى ئوزۇق قىلىدۇ ، بۇ خۇددى گۆشخور ھايۋانلار دۇفۇ ئستىمال قىلغىنىدەك ئۇلارغا يېتەرلىك ئېنىرگىيە تولۇقلاپ بېرەلمەيدۇ ، ئېدۋاردنىڭ كىشىنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىش ۋە كۆرۈشتەك ئالاھىدە ئىقدارى بار بولۇپ ، ئەمما  ئېلزابېيلىرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بىلەلمەيدۇ ، شۇنىڭدىلا بۇ قىز ئۇنىڭ ھاياتىدىكى خىروئىنندەك ئۇنى ئۆزىگە جەلەپ قىلىۋالىدۇ ، ئىككى ياش مانا شۇنىڭ بىلەن قانۇنىيەتكە ۋە ئېتىقادقا  قارشى بولغان مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپ كىرىدۇ .
  
بۇ كىنونى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم ، تولىمۇ كۆرۈپ كەتتىم ، خۇددى ئىككى دۇنيادىكى ئادەمنىڭ شۇنداق بىر ئورۇنلاشتۇرۇشلار بىلەن قەستەن بىر يەرگە كېلىپ قالغاندەكلا ....ئەمما ئىككىلىسنىڭ مۇھەببىتى مېنى بەك تەسىرلەندۈرىدۇ

  



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى 22:48  


جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:05:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2.بۆلۈم : يېڭى ئاي
ئېدۋارد بىلەن ئېلزابېيلىرنىڭ مۇھەببىتى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ماڭىدۇ ، لېكىن بۇ ئادەم جەمەتى بىلەن قان شۈمۈرگۈچى جەمەتنىڭ مۇھەببىتى يەنىلا توسالغۇغا ئۇچرايدۇ . ئېلزابېيلىرنىڭ 18 ياش تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇ دېققەتسىزلىكتىن قولىنى زەخمىلەندۈرىدۇ ، ئۇنىڭ قولىدىن ئاققان قان ئېدۋارد ئائىلىسىكىلەرنىڭ ئەسلىي ئەسەبىيلىكىنى قوزغاپ نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەر بولىدۇ ، ئېدۋار ئائىلىسىدىكىلەرئامالسىز  بۇ شەھەردىن ئايرىلىدۇ . ئېدۋارد كەتكەندىن كېيىن بېيلا ئۇنى ئۇنتۇپ كېتەلمەيدۇ ئەكسىچە سېغىنىشى بارغانسېرى كۈچىيىپ بارىدۇ .ئۇ ئۆزىنىڭ ھەر دائىم خەتەرگە يولۇققىنىدا ئىدۋارد بىلەن چەكسىز يېقىنلاشقىنىنى ھەتتا ئۇنىڭ يېنىدا پەيدا بولغاندەك سېزىمدا بولىدىغانلىقىنى ھىس  قىلىدۇ ، شۇندىن كېيىن ئۇ ھەرخىل خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ئېدۋاردقا بولغان سېغىنىشىنى  باسىدۇ .

بۇ چاغدا ئېدۋاردقا ئوخشاش سىرلىق يىگىت ياقۇب ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىدۇ ھەمدە ئۇنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ ھەر ۋاقىت قوغداپ ماڭىدۇ. ياقۇب بىلەن مۇناسىۋەتنىڭ قويۇقلىشىغا ئەگىشىپ بېيلا ئۇنىڭ بۆرە ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ ، بۆرە جەمەتىدىكى ئەڭ كېلىشكەن يىگىت بىلەن قان شۈمۈرگۈچ جەمەتىدىكى ئەڭ قاملاشقان يىگىت .....  بىر تەرىپى ئوت دەرياسى يەنە بىر تەرىپى دېڭىز ،ئېلزابېيلىر تولىمۇ تەس تاللاشتا قالىدۇ .



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:06  


جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
426 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
886

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:12:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچۈنچى بۈلۈمنىمۇ چۈشەندۈرۋېتىڭە . . . چۈشەنمەيلا كۆرۈپ چىققانتىم ئۈچ بۈلۈمنى

Rank: 3Rank: 3

توردا
80 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
372
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:44:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچىنجى قىسىمى تىېخى چىقىمدى ...

مەن   ئۇخلاي ....ئاللاھغا ئامانەت دوستلار

Rank: 1

توردا
22 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
156
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى 10:25:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېخى قۇربانجان بىلەن ئانارخاننىڭ كىنوسى دىسەم

ساڭا كۈلكەم بىلەن بەخت تىلەيمەن !

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2110
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى 12:50:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتە كەچ دىجۇرنىلىق قىلغاچ بى كۆرەي.رەھھھھھھھھھھھھمەت ئانارررررررررر

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
568 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
748
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى 15:21:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت كىنورىڭىز بەك ياخشىكەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى 23:14:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرۈپ بېقىشقا ئەرزىگۈدەك بىر كىنو !

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى 23:31:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3. ئاي تۇتۇلۇش

بۇ بۆلۈمدە بېيلا مۇھەببەتتە قايمۇقۇپ قالىدۇ ، بۆرە جەمەتى بىلەن قان شۈمۈرگۈچىلەر جەمەتى ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن بىر زىددىيەت پەيدا بولىدۇ .
بىر قاتار سىرلىق دىلولار يۈز بېرىشكە باشلايدۇ ، ئادەملەر يوقاپ كېتىش، ھوجۇمغا ئۇچراش ۋە ئۆلتۈرۈلۈش ۋەھاكازالار ...ئدۋارد بۇ دىلونى باشقا بىر قان شۈمۈرگۈچى جەمەتنىڭ قىلمىشى دەپ گۇمانلىنىدۇ . ئۇلار تېخىمۇ ۋەھشىي بولۇپ ئۇلارنىڭ قوشۇنى بارغانسىرى زورۇيۇپ ماڭىدۇ ، بۇ بىرىنچى بۆلۈمدە قىستۇرۇلۇپ ئۆتكەن بېيلا بىلەن زىديەتلىشىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈش كويىدا يۈرگەن ۋېكتورىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، بېيلا خەتەر ئىچىدە قالىدۇ . ئېدۋارد جەمەتى جەمىئەتنىڭ ئامانلىقى ۋە بېيلانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بۆرە ئادەم جەمەتى بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولىدۇ .
  
ئېدۋارد بىلەن ياقۇب بېيلانى ئېلىپ تاغ ئىچىدىكى بىر كىچىك ئۆيدە ئۇنى قوغدايدۇ ،  ئىككى كېلىشكەن يىگىتنىڭ مۇھەببىتى بېيلانى تەڭسلىقتە قويىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى 23:31  


جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 3Rank: 3

توردا
147 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
432
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى 03:24:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قىز باش رولچى ماڭا دەلدۈشتەك كۆرۈنگەچكە بىرىنچى بۆلۈمنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قېلىپ ياتاقداشلىرىمنىڭ قاغىشىغا كەتكەن ئىدىم ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 19:47 , Processed in 0.054999 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش