يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 995|ئىنكاس: 4

تېلېفون زىلى ئۈچۈن قۇرئان ئايەتلىرىنى قوللىنىش توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
0
يازما
17
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 16:28:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېلېفون زىلى ئۈچۈن قۇرئان ئايەتلىرىنى قوللىنىش توغرىسىدا

105479- نومۇرلۇق سوئال
سۇئال:
تېلېفون زىلى ئۈچۈن دۇئا ياكى ئايەت ياكى ئەزاننى قوللىنىش جائىزمۇ؟
جاۋاب:
قارشى تەرەپكە تېلېفون ئۇرغاندا ئۇنىڭ ساداسى ئۈچۈن كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان ئاۋازلارنى قوللىنىدۇ: بەزىلەر  بۇ ئاۋازنىڭ قۇرئان ئايەتلىرى ياكى دۇئا ياكى ئەزان بولۇشىنى تاللىسا، بەزىلەر ئۇنىڭ مۇزىكا ياكى ناخشا بولۇشىنى تاللايدۇ.
ئەسلى ئېتىبارى بىلەن بۇ خىزمەتتىن پايدىلىنىش جائىزدۇر. ئەمما ئۇنىڭ شەرتى مەزكۇرئاۋازنىڭ  پايدىلىق ياكى  ھېچ بولمىغاندائاڭلىسا گۇناھ بولمايدىغان نەرسىلەردىن بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. شۇنىڭدەك مەزكۇر ئاۋازنىڭ ناخشا ياكى مۇزىكا بولماسلىقى لازىم. چۈنكى مۇزىكا ۋە ناخشا ئاڭلاشنىڭ ھاراملىقى ھەققىدە كەلگەن شەرىئەت دەلىللىرى شۇنى تەقەززا قىلىدۇ.
ئەمما مەزكۇر تېلېفون ئاۋازى ئۈچۈن بىرەر قارىينىڭ قىرائىتىنى تاللاش قۇرئاننى خورلىغانلىق بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش، چۈشىنىش، تىلاۋىتى بىلەن ئىبادەت قىلىش، كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن چۈشۈرگەندۇر.
ئاللاھ تائالانىڭ كالامى بولغان قۇرئان كەرىم بوش ۋاقتىمىزنى تولدۇرۇش ياكى قارىش تەرەپنى تېلېفونغا چاقىرىش ئۈچۈن قوللىنىشتىن ئەلۋەتتە ئۈستۈن ۋە ئۇلۇغدۇر. ئەزانمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. چۈنكى ئەزان ئىسلامدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ كاتتا ئىبادەت بولغان نامارنىڭ ۋاقتىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن بۇيرۇلغان چاقىرىقتۇر. ئۇنى لايىقىدا ئۇلۇغلاش لازىم. ئۇنى تېلېفون ئاۋازى سۈپىتىدە قوللىنىشتىن ئىبارەت دۇنيا ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەتكە سېلىشقا بولمايدۇ. ئەمدى دۇئاغا كەلسەك، ئىش يەنە شۇنداقتۇر. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن شەيخ سالىھ ئەلفوزان « قول تېلېفونىغا مۇزىكا ئورنىدا قۇرئان ياكى ئەزان ياكى دۇئا قويۇش مەسىلىسىگە نېمە دەيلا؟» دەپ سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىپ:« بۇ ئەزاننى، قۇرئاننى ۋە زىكىرنى خورلىغانلىقتۇر. بۇلارنى تېلېفون ئاۋازى سۈپىتىدە قوللىنىشقا بولمايدۇ. بەزىلەر ” بۇنداق قىلىش مۇزىكىدىن ياخشىغۇ“دەيدۇ. سىز مۇزىكا قويۇِشقا مەجبۇرمۇ؟ مۇزىكىنى تاشلاڭ! مۇزىكىسى يوق، قۇرئانمۇ  يوق زىلدىن بىرىنى قويۇڭ» دېگەن.
(«دەۋەت»ژۇرنىلى 2097- سان.http://bbs.kangsay.com/read.php?tid=3159

[ ayqiz بۇ يازمىنى  2010-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 18:45  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1286

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 10:54:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرسى ھەق دىگەن ، يەنە بىرى قوپۇپ زەئىپ دىگەن ، ئەمدى بۇنىمۇ جائىز دىسە.....
بىلگۈچى ئاللاھ دەپ ئولتۇراي بولدى ، ئىلىشىپ كەتتىم مەن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 12:14:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن .

Rank: 1

توردا
3 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
20
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:06:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ۋۇي كىم تاپقان گەپ ئەمدى ماۋۇ .

Rank: 2

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
0
يازما
17
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 21:43:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jahangir بۇ يازمىنى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:06 دە يوللىغان
ۋاي ۋۇي كىم تاپقان گەپ ئەمدى ماۋۇ .


سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن شەيخ سالىھ ئەلفوزان دىن كىشى بەرگەن پەتىۋاسى.مۇنبەرداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللىدىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 01:42 , Processed in 0.078679 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش