يىتىم
ھىكايە
روھچىن
كىملەربىلەن تۇنۇشۇپ قېلىش، كىملەربىلەن توي قىلىپ ئولتۇرۇپ قېلىش ئادەم ئالدىن بەلگىلاپبولمايدىغان ئىش. چوڭلارنىڭ دىيشىچە ئادەمنىڭ تەقدىرى يارىلىشتىن ئىلگىرى پۈتۈۋىتىلگەنمىش، ئادەم ھەرقانچە ئۇرۇنغان بىلەن يەنىلا خۇدانىڭ ئىرادىسى غالىپكىلەرمىش.
لېكىن ئابلىكىم بۇگەپنى ئاڭلىغان بولسىمۇ بۇ ئىشقا كەلگەندە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى كۆرەي دەپ، توختاپ قالالمىدى، ئۇنىڭ دائىم دەيدىغان گىپى «ماڭا ئامال يوق».
چوڭلارئۆز-ئارا ئادىمگەرچىلىك ئىشلىرىدا ناھايىتى ئىنچىگە قارايتتى. قۇدا بولماقچى بولغانلارنىڭ چاينى قانداق قۇيىشى، ئالدىدا قانداق ئولتۇرۇشلىرىغا قەدەر دىققەت قىلاتتى ۋە شۇ ئىش ھەركەتلىرى ئارقىلىق قۇدىسىنى چۈشەنمەكچى ۋە ئۈزىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولاتتى. بۇ قېتىممۇ قۇدا تەرەپنىڭ تاماقنى ۋاقتىدا ئەپچىقمىغانلىقى، بارىكاللىغا ئاچقان داستىرخانغا نەزەر سالماي ئولتۇرغانلىقى ۋە ئورنىدىن تۇرمىغانلىقى ئۇلارنى ئەدەپ-قائىدە ئۇقمايدىغان، قۇدىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ھارامزادە دىگەندەك ئاتاقلارغا قويدى.
چوڭلار بۇ گەپلەرنى ئۇنۇتماي تۇرغاندا، قارشى تەرەپ چوقۇم گۈل قويۇش شەرتىنى قويدى، چوڭلار خېلى پاراڭلىشىپ باققان بولسىمۇ ئۇلار گۈل قويۇپ ئاندىن توي قىلىش تەلىپىدىن يانمىدى. يەنە كىلىپ كىمنىڭ ئېغىزىدىن چىقتى، «چىمەنگۈلنىڭ ھەدىسىنى يەتتە يىل ئىلگىرى 18 مىڭ كويلۇق تويلۇق بىلەن ئەكىلىپتىكەن» دىگەن گەپ چىققاندىن كىيىن چوڭلارنىڭ 10مىڭ كويلۇق تويلۇق بىلەن توينى پۈتكۈزۈش ئارزۇيى سۇغا چىلاشتى-دە، بۇتوينى قىلىشتىن بىراقلا يالتايدى.
چوڭلار ئىككى تەرەپتە تۇرۇپ شاكال توپ ئويناۋاتقان ماھىرلارغا، ئابلىكىم بىلەن چىمەنگۈل ئىككى پالاق ئوتتۇردىكى شاكال توپقا ئوخشاپ قېلىۋاتقان ئىدى. بىرى-بىرىگە كىچىككىنىمۇ يول قويمايۋاتاتتى. چىمەنگۈل بىلەن ئابلىكىمنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى تىڭشاپ بېقىش ئىككىلا تەرەپكە ئېغىر كېلىۋاتاتتى، چىمەنگۈل گەپ قىلسا« قىز بالا بولغاندىن كېيىن ئىشىنى قىلسۇن» دەپلا سىلكىدى. ئابلىكىم گەپ قىلسا« ھېلىمۇ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى دەپ150 كىلو مىتىر يولنى بېسىپ بارىكاللىغا باردۇق، سىزنى دەپلا ئۇنداق يولسىزلىققا يول قۇيۇپ خەقكە بوزەك بۇلىۋەرگىلى بولمايدۇ» دەپ گەپنى ئۈزدى.
قانداق قىلىش كىرەك ؟ ئابلىكىم قانداق قىلىشنى بىلەلمەيتتى، ئۇنىڭغا بىردىن- بىر تەسسەللىي بولىۋاتقان نەرسە چىمەنگۈلنىڭ تېلىفۇنى ۋە ئۇچۇرى ئىدى. بىر سائەتتە بىرئۇچۇر، يا بىر قېتىم تېلفۇن كەلمىسە چۇقۇم جىدەل چىقاتتى. بۇنىڭغا تاقەت قىلالمىغان ئانا ئابلىكىمنى تىللىدى ھەرقېتىم تىللىسا يا قاقشىسا«خاپا بولماڭ» دەپ تۇرىدىغان ياۋاش-يۇمشاق بالا بۇ قېتىم « ئىشىڭنى قىلە سەن قېرى، ماڭە ئا ئۆيگە چىقىپ كەت ! سىنى كۆرگۈم يوق » دەۋەتتى.
ماشىنىغاگاز قاچىلاپ پونكىتتىن چىقىپ سائەتكە قارىۋىدى بامداتقا تېخى ئىككى يېرىم سائەت بارئىكەن، ماشىنىنى ئۇدۇل قەبرىستانلىققا ھەيدىدى. ئۇ يەردە ئالتە يىل ئىلگىرى باقى ئالەمگە سەپەر قىلىپ كەتكەن دادىسى بارئىدى.