يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1221 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 151|ئىنكاس: 11

تەپەككۇرنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پاسسىپ تەسىردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئۇسۇلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
1
يازما
27
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى 10:02:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئامالنىڭ بېرىچە تېلىۋىزورنى ئاز كۆرۈڭ-بۇمەجبۇرلاش ئۇسۇلى.

كىشىلەر لايغەزەللىك بىلەن تېلۋىزورنىڭ ئالدىدا ۋاقىتنى خورىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ،مەسلەن مەن ۋە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەر. بىراق چاتىقى شۇكى، تېلىۋىزور كۈرۈشنىڭ مېڭىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشقا سېلىش ۋە تەپەككۇرنى قوزغىتىشتا ھىچقانچىلىك ئۈنۈمى يوق.بۇ خۇددى مۇسكۇل ئىنىرگىيىسىنىڭ ئاستا-ئاستا خوراپ كەتكىنى بىلەن بەدەننىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق چېنىقىشقا ئىشلىتىلمىگىنىگە ئوخشايدۇ. ئۇزاق مۇددەت كۆرگەندە پۈتۈن بەدىنىڭىزنىڭ ھالسىزلانغانلىقىنى ھىس قىلمىدىڭىزمۇ؟ كۆزىڭىز قۇرغاقلىشىپ، چارچايدۇ، ھەتتا بىرەر پارچە كىتاپ ئوقۇشمۇ تەس كېلىدۇ.ئۇنىڭدىن كۆرە ئارام ئالغان ۋاقىتلىرىڭىزدا بىرەر پارچە ياخشى كىتاب ئوقۇڭ.بەدىنىڭىز ئازراق چارچىغاندا مۇزىكا ئاڭلاڭ.ئائىلىڭىزدىكىلەر ياكى دوستلىرىڭىز بىلەن يىغىلغاندا تېلىۋىزورنى تاشلاپ ئۇلار بىلەن سىردىشىڭ، پاراڭلىشىڭ.بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇۋاپىق دەم ئېلىش ئۇسۇلى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئۇلارنىڭ تەپەككۇرنى قوزغىتىشتىكى رولى تېلىۋىزور كۆرگەندىكىدىن كۆپ ياخشى.

بەدەن چېنىقتۇرۇڭ.

مەن ئىلگىرى بەدەن چېنىقتۇرۇشقا سەرپ قىلغان ۋاقىتنى كىتاپ ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشكە سەرپ قىلسا تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ دەپ ئويلايتتىم.بىراق كىيىن مەن بەدەن چېنىقتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆگىنىش قىلسا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى بايقىدىم.بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق مېڭىنى سەگىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئېنىرگىيە توپلاش لازىم، شۇنداق قىلغاندا زېھنى كۈچن ئۇرغۇپ تېشىپ، دىققەتنى ئاسانلا مەركەزلەشتۈرگىلى بولىدۇ.

رېقابەت ئېڭى بولغان كىتابلارنى ئوقۇڭ.

نۇرغۇن كىشىلەر ئەسلىمە خاراكتىدىكى كىتابلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.بىراق، ئادەتتە بۇ خىلدىكى كىتابلارنىڭ ھىچقايسىسى ئەقلى تەپەككۇرنى قوزغىتالمايدۇ.ئەگەر سىز تەپەككۇرىڭىزنى كۈچەيتمەكچى ھەم يېزىقچىلىق ئىقتىدارىڭىزنى ئاشۇرماقچى بولسىڭىز ئۇنداقتا دىققەتنى مەركەزلاشتۈرەلەيدىغان كىتابلارنى ئوقۇشىڭىز لازىم. بىرەر پارچە كىلاسسك ئەسەرنى ئوقۇپ كۆرۈڭ، ئۇنىڭدىكى تىل ئېھتىياتچان، سىپايە بولۇپ سىزنىڭ دۇنيا قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، چۈشەنمىگەن يېڭى سۆزلەردىن، قېلىن ۋاراقلاردىن قورقماڭ، ۋاقىتىڭىزنى سەرپ قىلىڭ، مۇھىم مەزمۇنلارنى قايتا-قايتا ئوقۇڭ، شۇنداق قىلغاندا يازغۇچىنىڭ يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ۋە ئىدىيىسىنى تىزلا چۈشىنەلەيسىز.ئەگەر مۇشۇنداق كىتابلارنى ئوقۇشقا ئادەتلەنسىڭىز، مېنىڭچە قايتا-قايتا ئوقۇشنىڭ ھاجىتى يوق، يېڭى ئىدىيىنى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت بۇ رىقابەت سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىزنى ئەسلىمە خاراكتىرلىك رومانلارنى ئوقۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ قوزغىيالايدۇ

بالدۇر ئۇخلاپ سەھەر تۇرۇڭ.

ھىچقانداق ئىش ئۇيقۇدەك مۇھىم بولمىسا كېرەك، ۋاقتىدا ئۇخلىسىڭىز ھەم شۇنداقلا ئۇخلاش ۋاقتىڭىز 8 سائەتتىن ئېشىپ كەتمىسە سىز يېڭى تۇغۇلغاندەك ھاياتى كۈچكە تولىسىز.ئەگەر ئاخشىمى كەچ ياتسىڭىز ئەتىسى ئۇيقۇچان بولۇپ قېلىپ، دىققىتىڭىزنى يىغالمايسىز. مېنىڭ تەجىربەمگە قارىغاندا، ئەتىگەنكى ۋاقىت ھەممىدىن سەگەك ھەم ئۈنۈملۈك ۋاقىت، بالدۇرراق تۇرغاندا ئۈنۈملۈك ۋاقتىڭىزنى كۆپەيتكىلى ھەم بىر كۈنىڭىزنى روھلۇق ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ.

ئەگەر ھەقىقەتەن ئۇيقۇڭىز كەلسە پۇرسەت تېپىپ10-20مىنۇتقىچە ئۇخلىۋالسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر بۇنىڭدىن كۆپ ئۇخلىۋەتسىڭىز بېشىڭىز ئېغىرلىشىپ، كالۋادەك بولۇپ قالىسىز، ئەكسىچە قىسقا مۇددەتلىك ئارام ئىنىرگىيىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ.

ۋاقىت سەرپ قىلىپ خىيال سۈرۈڭ.

تۇرمۇش ھەمىشە بىلىپ-بىلمەيلا ئالدىراشچىلىققا تولۇپ كىتىدۇ.كەيپىياتىمىزنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بىز دىققىتىمىزنى ئاسانلىقچە مەزكەزلەشتۈرەلمەيمىز.ئازراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ خىيال سۈرۈڭ، تەپەككۇر يولىڭىزنى ئېنىق بىلىۋالغان ئاساستا ئۆزىڭىزنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئويلاڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، سىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى، نېمىنىڭ ئانچە مۇھىم ئەمەسلىكىنى بىلىۋالالايسىز.مۇھىم بولمىغان نەرسىلەرگە ئېسىلىۋېلىپ زېھنىڭىزنى بۈلىدىغان ئىشلارنى قىلماڭ.مەن ھەرگىزمۇ سىزنى چۇقۇم پۇتىڭىزنى قۇراشتۇرۇپ ئولتۇرۇپ، ئېغىزىڭىزدا بىرنىمىلەرنى دەڭ دېمەكچى ئەمەس، ئەمەلىيەتتە، سىزنى خاتىرجەم ھالدا پىكىر قىلغۇزالايدىغان ھەرقانداق ئۇسۇلنى ئۈنۈملۈك قوللانسىڭىز بولىدۇ، مەن ئادەتتە ئۈزەم يالغۇز سەيلە قىلىشنى ياقتۇرىمەن، مۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆز بار، ئەڭ ئىسىل ئىلھام سەيلە قىلىش جەريانىدا پەيدا بولىدۇ، بۇنى مەن قوللايمەن.ئامالنىڭ بېرىچە كۆپرەك ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىپ ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىقنى تېپىپ چىقىڭ.

خاتىمە

مەن تەمىنلىگەن بۇ ئامال-چارىلەر بۇرۇنمۇ بار ئىدى، شۇڭلاشقا ئۈمۈتسىزلىنىپ قالماسلىقىڭىزنى تىلەيمەن، بىراق شۇنىسى ئېنىقكى، ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە دائىملا ئەڭ ئاددى بۇلۇپ چىقىدۇ، ئەڭ قىيىنى بولسا سىزنىڭ بىلارنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش ياكى داۋاملاشتۇرالماسلىقىڭىز. ئەگەر يۇقىرقى ئاماللاردىن بەشىنى تۇلۇق ئۇرۇندىيالىسىڭىز، نەزەر دائىرىڭىز تېخىمۇ كېڭىيىپ، تېخىمۇ نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۈگىنىۋالالايسىز.

مەنبە- بۇرۇنقى تەرجىمەم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەقىدە010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى 10:08  


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1005 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2806

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى 22:45:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىناپ باقسام بولغۇدەك

ھېچنىمە  خۇشياقمايۋاتىدۇ..

Rank: 1

توردا
99 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
265
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى 23:21:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەڭ ياخشىسى دەپتەرگە يېزىۋېلىپ ئاندىن سىناپ باقاي.چۈنكى يېقىندىن بىرى كەيپىياتىم بەك پاسسىپ.ھەممە ئىشتىن قاخشاپلا يۇرىمەن،خىزمەتتىن زىرىكىمەن.بەزى ئىشلاردىن شۇنداق ئاسان بەل قۇيىۋىتىمەن.
كەيپىياتىمنى پەقەت تەڭشىيەلمىدىم.

نورۇزنىمۇ ئۆتكۈزىۋالدۇق...باھار يەنىمۇ يېقى ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1005 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2806

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى 23:27:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلخان يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى 23:21
مەن ئەڭ ياخشىسى دەپتەرگە يېزىۋېلىپ ئاندىن سىناپ باقاي. ...

ئوخشاش بوپ قاپتۇق جېنىم

ھېچنىمە  خۇشياقمايۋاتىدۇ..

Rank: 8Rank: 8

توردا
282 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
613

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى 23:33:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇتۇن خەق بىر يەرگە كەلسىلا غەيۋەت

Rank: 1

توردا
99 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
265
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى 00:27:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇتۇن خەق بىر يەرگە كەلسىلا غەيۋەت ....،.....

مەرۋەرى،  مۇنۇ يىگىتنىڭ ھالىنى بىر سۇراپ قۇيۇڭە.كۆڭلى يېرىم بوپ قاپتىمۇ  نىمە

نورۇزنىمۇ ئۆتكۈزىۋالدۇق...باھار يەنىمۇ يېقى ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
319 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1519

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى 21:58:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپەككۈرۈم ‹ ئورۇندا قەدەملەپ مارش !!!› ھالەتتە ، خېلى بولدى

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 2

توردا
439 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
1151
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 08:13:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس بۇندا قىلالىساققۇ 120ياشتىن ئېشىپراق ئۆمۈر كۆرەتتۇق

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت[/c

Rank: 1

توردا
253 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
596
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 08:55:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلخان يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى 23:21
مەن ئەڭ ياخشىسى دەپتەرگە يېزىۋېلىپ ئاندىن سىناپ باقاي. ...

ئەجەپ سەزمەي قاپتىمەنا خوشنام . بولمىسا دۇرا چايدەك تەڭشىۋىتەتتىم مەن . ئىككى ئېغىز ئالا-جوقا سۆزلەپ

Rank: 3Rank: 3

توردا
188 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
352
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 10:11:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامسا كۆيۈپ كەتمەيدىغان ئىش بولسا، ماڭا ئاۋۇ خىيال سۈرىدىغىنى بولىدىكەنتۇق....
ئۆتكەن -كەچكەنگە قاراپ بەك سۈرىۋىتەتتىم خىيالنى... ئىـــــــــۋۇ چوكان سامسا ئالغىلى كەلسە.... ئىـــــۋۇ قىز ھېلىقى ئاپتاپپەرەسكە ئەجەپ ئوخشايدىكىنا.... ئــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــەي...... خىيال...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 12:08 , Processed in 0.053404 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش