يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1221 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 109|ئىنكاس: 4

ئىككى شېئىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
99 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
265
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 23:50:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جاھىللارچە كۈتۈش

ئۆي،تام .دەرىزە ھەممىسى جىمجت،
ئەسىرگە چۈشۈپتۇ ئۇلار كۈتۈشكە.
سائەتمۇ ماڭمايدۇ تىمتاس شۇ قەدەر،
جۈرئەت يوق مەشتىكى ئوتقا ئۆچۈشكە.

يېلىنىپ نەچچە رەت قارىدى كىچە،
دەرىزە تۈۋىدە تۇرىدۇ ئۇيقۇ.
قۇلاققا  ئايلاندى ھەممىلا  شۇتاپ،
بىر چەتتە قېيدايدۇ ئالدانغان تۇيغۇ.

نەقەدەر ۋەھىمىلىك ھەممە نەرسىنى،
بۇ قەدەر جىمجىتلىق سۈكۈتكە قىستاش.
شۇنچىلىك تەسمىدۇر ئىشىكنى چەكمەك،
ئېيت گۈلۈم ساڭىلا خاسمىدۇر ئالداش.

مەن تۈنلىرىڭدە يانغان گۈلخانمەن

ۋىسال دېمىڭدىن ئەبەد پىنھانمەن،
بىر جېنىمنى ھەم مىڭ جان قىلغانمەن،
بېقىشلىرىڭغا يۈرەك تىلغانمەن،
ھەم تۈنلىرىڭدە يانغان گۈلخانمەن.

گۈلۈم بەرگىڭدە قارا ھىجرانىڭ،
باشتىن كەتمىدى ئوتۇ-سەۋدايىڭ،
ھىممەتكار بولغىن سېنىڭ دەۋرانىڭ،
مەن تۈنلىرىڭدە يانغان گۈلخانمەن.

زۇلفىڭ دارىدا ئېسىقلىق جېنىم،
تىرىلىمەن مىڭ .ئۆلۈپ مىڭ قېتىم.
سەن ئۆچۈن ئاقسۇن چۆللەردە قېنىم،
مەن تۈنلىرىڭدە يانغان گۈلخانمەن.

پىشايۋىنىڭدا ئۈنلىگەن دەمدەر،
ئوتلىرىڭ ئاراكۆيگەن سەمەندەر،
كوچىللىرىڭدا يۈرگەن قەلەندەر،
ھەم تۈنلىرىڭدە يانغان گۈلخانمەن.

ئەمدى قالدۇرما مىنى ئەلەمدە،
تىك ئولتۇرارمەن كەتسەم قەبرەمدە،
ئالەم ئۇخلىدى پۈتۈن سەۋرەمدە،
بىر مەنلا ئويغاق يانغان گۈلخانمەن.


Rank: 8Rank: 8

توردا
282 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
613

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى 00:00:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەدىن كىلىدىغاندۇ ئېلھام!  شىئىر يازىدىغانلار. كاللامدا ئاجايىپ تۇيغۇلار بار مىنىڭمۇ شىئىر قىلىپ يېزىۋەتكۈم كىلىدۇ

Rank: 2

توردا
439 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
1151
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى 09:09:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا مانا  دىمىدىممۇ،لاۋۇلداپ تۇردىغان گۈلخان مۇشۇندا بۇلىدۇ.ئۆچمىگەيسىز

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت[/c

Rank: 1

توردا
253 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
596
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى 08:16:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتۇرچەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى 09:09
مانا مانا  دىمىدىممۇ،لاۋۇلداپ تۇردىغان گۈلخان مۇشۇندا ...

ئۆچمەيدۇ ، ئۇ سىم -سىم يامغۇردىمۇ ئۆچمىگەن .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1005 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2806

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 13:28:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھچىن يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى 00:00
نەدىن كىلىدىغاندۇ ئېلھام!  شىئىر يازىدىغانلار. كاللامد ...

مەندەكلا ئويلاپسىز، مەنمۇ بەزىدە شۇنداق بىر تۇيغۇلارغا چۆمىلىپ كېتىمەن، شېئىرلارنى، نەسىلەرنى يازغۇم كېلىدۇ، پەقەت كېلىدۇ، لېكىن بىر مىسىرا تىزالىسام قانداق بولۇپ كېتەرمەن دەپ  قالىمەن.

ھېچنىمە  خۇشياقمايۋاتىدۇ..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 12:28 , Processed in 0.053659 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش