يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1221 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1088|ئىنكاس: 160

كىچىك كارۋات R [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
282 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
613

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 14:09:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىچىك كارۋات

ھىكايە

روھچىن


چۇڭى 250 كوي, كىچىكى 180 كوي ئىكەن، قايسىنى ئالساق بۇلا؟-خۇتۇن ! دىدى ياسىن زۇمرەتكە قاراپ
-ۋاي خۇتۇن دىمەڭە سەتلىشىپ خەخنىڭ ئالدىدا -دىدى زۇمرەت
-نىمە بۇپتۇ؟ چارشەنبە كۈنى خۇتۇنۇم بۇلىسىزغۇ؟! -
-شۇ چاشەنبە بىر كەلسۇن ئاۋۋال. كىچىكىنى ئالامدۇق بىر چاي جوزىسى ئالمىساق بولمىغۇدەك.
-پاتارمىزمۇ دىدى ياسىن كارۋاتقا قاراپ
-ئەنسىرمەڭ پاتىمىز دىدى زۇمرەت مەنلىك قاراپ
بىر مىتىلرىق كارۋاتتىن بىرنى توكلۇق ھارۋىغا بېسىپ ئىجارە ئالغان ئۆيىگە قاراپ كەتتى


ياسىن ھەرقېتىم كارۋاتقا قارىغىنىدا قېيىن ئانىسىنىڭ زۇمرەتكە «يا ھۈنۈرى يوق، يا خىزمىتى. ساڭا پۇت-قولنى سۇنۇپ ياتقۇدەك كەڭرەك كارۋاتمۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدۇ» دىگەن گىپىنى ئىسىگە ئېلىپ زۇمرەتنىڭ ئالدىدا خجىللىق ھېس قىلاتتى. لېكىن، زۇمرەت بۇ كارۋاتتىن ناھايىتى رازىدەك قىلاتتى. زۇمرەتنىڭ ياسىننىڭ باغرىغا چىڭ چۆكۈپ ياتقىنىدىن كارۋاتتىن چۈشۈپ كىتىشتىن قورقۇپ يېقىن ياتقىنىنى ياكى ياسىننىڭ باغرىغا قانماي چىڭ چاپلىشىپ ياتقىننى ياسىن ئايرىيالماي قالاتتى.
نامراتچىلىق بىركىمگە ھۆددە ئەمەس. ئۇلارنىڭ قۇلىمۇ ئۇزاردى. بىنا ئۆيگىمۇ كۆچۈپ كەلدى. لېكىن، زۇمرەت ئاشۇ كىچىك كارۋاتنى ئالماشتۇرغىلى ئۇنىمىدى. ياسىن چىڭراق تۇرغىنىدا يۇمۇق  كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئېلىپ« مەندىن يىراقراق، ئازادە ياتقۇڭىز كەلگەن بولسا ئالماشتۇرۇڭ» دىدى. ياسىن شۇۋاقىتتىلا زۇمرەتنىڭ نىمىشقا ياسىنغا يېقىن ياتىدىغانلىقىنى چۈشەندى.
ئىككى يىل بولغاندا زۇمرەت ئۆزىدەك ئوماق قىزدىن بىرنى يەڭگىپ بۇلارنىڭ ئائىلىسىگە خۇشاللىق ئاتا قىلدى. بۇ كىچىك كارۋاتنىڭ خىزمىتى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى ئوتتۇردا يىڭى كەلداخۇن ئىككى ياقىدا ئىككى پىشقەدەم ياتاتتى. ئۇلار بەزىدە بۇۋاقنى ئۇيان تارتىپ، بۇيان تارتىپ ئوتتۇر كىچىگىچە ئۇخلىمايتتى.
ياسىن كارۋاتنى ئەمدى ئالماشتۇرۇش كىرەكلىكىنى زۆرۈل دەپ قارىغان بولسىمۇ زۇمرەتنىڭ يەنە رەنجىشىدىن قورقۇپ گەپ قىلمىدى. زۇمرەتنى ئۆزى دىسە ئالماشتۇراي دەپ ئويلىغان ئىدى. لېكىن، زۇمرەت ئۇگەپنى قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئىككىنچى بالىسى قۇياشتەك يۇملاق ئۇغۇل تۇغۇلدى. ئەمدى بۇ كارۋاتقا بۇ ئائىلىنىڭ ئەزالىرى سىغمىدى ياسىن كارۋاتنى ئالماشتۇردىغان گەپنى قىلمىدى. زۇمرەت ئاشۇ كارۋاتتا ياتسىلا خاتىرجەم ئۇخلىيالايدىغاندەك قىلاتتى. ياسىن پەسكە ياتاق سېلىپ يەردە ياتتى. زۇمرەت ئىككى بالا بىلەن كارۋاتتا ياتتى .
ئۈچۈنچى بالىسى يەنە قىز تۇغۇلدى. ئەمدى كارۋاتقا زۇمرەتمۇ سىغمىدى، بالىلارمۇ كارۋاتقا كۆنۈپ كەتكەندەك قىلاتتى.  شۇنىڭ بىلەن بۇ كىچىك كارۋاتنى ئۈچ بالىغا بىرىپ زۇمرەت بىلەن ياسىن يەردە ياتتى ھېچكىم كارۋاتنى كىچىكمۇ كۆرمىدى، ئالماشتۇرۇش گىپىنىمۇ قىلمىدى.
بىرنەچچە قېتىم غىچىرلاپ قالغاندا ياسىن مىخ قېقىپ چىڭىتىپ قويدى.
بالىلار چوڭ بولدى بىر-بىردىن ئۇقۇشقا مېڭىپ ئۇيەردىن ياتلىق بۇلۇپ كەتتى.  ئوغلى توي قىلىپ سىرتتىن ئۆي ئېلىپ، ئايرىم بۇلۇپ چىقىپ كەتتى . بۇ كىچىك كارۋاتتا يەنە زۇمرەت بىلەن ياسىن قالدى. زۇمرەت يەنە ئىلگىركىدەكلا ياسىننىڭ باغرىغا چىڭ چۆكۈپ ياتاتتى ياسىن زۇمرەتنىڭ ئاقارغان چاچلىرىنى ئوڭشاپ چىرايىغا قارىغاندا زۇمرەتنىڭ چىرايىدا يىڭى توي قىلغاندەكلا خاتىرجەملىكنى ھېس قىلاتتى.
بۇ بىر جۈپلەرمۇ ھاياتلىق ئامانىتىنى تاپشۇرۇپ بىرىپ ئايرىم ئايرىم كارۋاتلىق يەرلىكلەرگە قۇيۇلدى. چوڭ قىزى كارۋاتنى بىرتۇققانلىرىغا بەرمەي ئېلىپ كەتتى ۋە كوريەنىڭ دەپ قۇيىۋالغان 2.5مىتىرلىق كارۋاتنى ئېلىۋېتىپ ئورنىغا بۇ كارۋاتنى قۇيۋالدى. ئىرىنىڭ چىرايىغا قاراپ خۇشاللىق بىلەن « سىزنى كىچىك كارۋاتقا قۇيۇپ قىستاپ قويمىغاندىمەن » دىدى ئىرى« سەن ياقتۇرغان بولساڭ مەنمۇ ياقتۇردۇم » دىدى.
ئېرى باغرىغا چىڭ چۆكۈپ ياتقان ئايالىنىڭ چىرايىغا قاراپ ھېچ قاچان ھېس قىلمىغان بەخىت ۋە خاتىرجەملىكنى ھېس قىلدى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   روھچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 14:10  


Rank: 2

توردا
439 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
1151
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 17:30:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلسە ئەمىليەتكە ناھايىتى يېقىن ھىكايىكەن
    روھچىن ھارمىغايسىز

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت[/c

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
319 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1519

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 17:46:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر ياستۇقۇم بارتى . ‏ئېسىمگە كېلىپ قالدى ، نەلەردە يۈرۈيدىكىن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
189 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
398

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:13:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايە شۇنداق يېقىشلىق ھەم تەبىئىي چىقىپتۇ.مەتبۇئاتقىمۇ بىرىڭە روھچىن ئەسەرلىرىڭىزنى....

Rank: 8Rank: 8

توردا
189 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
398

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:14:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانارنىڭ ياستۇق ھەققىدىكى ھېكايىسىنىمۇ ئاڭلىساق بولاتتى

Rank: 8Rank: 8

توردا
282 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
613

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:52:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتۇرچەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 17:30
بىلسە ئەمىليەتكە ناھايىتى يېقىن ھىكايىكەن
    روھچىن ھا ...

ئەمىلىيەتتە مىنىڭ كارۋىتىم 80 سانتىمىتىر

Rank: 8Rank: 8

توردا
282 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
613

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:53:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 17:46
‏بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر ياستۇقۇم بارتى . ‏ئېسىمگە كې ...

چوڭ ياستۇق دەپ ھىكايىدىن بىرنى يېزىۋىتىڭە

Rank: 8Rank: 8

توردا
282 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
613

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:55:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاھۇ يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:13
بۇ ھېكايە شۇنداق يېقىشلىق ھەم تەبىئىي چىقىپتۇ.مەتبۇئا ...

بۇ مەن پەقەت ئويلاپ باقمىغان ئىش ئىكەن. ئەۋەتىشكە توغرا كەلسە ژورنالغا بەرسەم مۇۋاپىق بۇلامۇ گېزىتكىمۇ ؟ ژورنالغا بىرىشكە توغرا كەلسە قايسى ژورنالغىمۇ باسا يازمىللىرىمنى ؟

Rank: 2

توردا
439 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
1151
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:57:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھچىن يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:52
ئەمىلىيەتتە مىنىڭ كارۋىتىم 80 سانتىمىتىر

تايىنلىق..... ئۇرۇندۇقتىلا ياتىمەن دىمەپسىز

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت[/c

Rank: 8Rank: 8

توردا
282 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
613

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 20:12:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتۇرچەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:57
تايىنلىق..... ئۇرۇندۇقتىلا ياتىمەن دىمەپسىز

ئوخشىمايدىغان يىرى پۇتۇمنى سۇنۇپ ياتالايمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   روھچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 20:12  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 12:09 , Processed in 0.056188 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش