يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1221 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 433|ئىنكاس: 33

قولۇڭنى تۇتقۇم بار ئىدى...R [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
282 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
613

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 01:05:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قولۇڭنى تۇتقۇم بار ئىدى



كەينىڭدىن مېڭىپ پۈتۈن بويۇڭنى كۆزىتىۋاتاتتىم گويا تۇنجى قېتىم كۆرۋاتقاندەك. ئىككى قۇلۇڭ سەل ئىگىلگەن بۇلۇپ جەينىكىڭ بىلەن بىلىڭ ئارلىقىدىن بوشلۇق ئېچىلىپ تۇراتتى گويا مىنىڭ قۇلۇمنىڭ شۇ بوشلۇقتىن كىرىپ سىنى قولتۇقلاپ مېڭىش ئۈچۈن ساقلاۋاتقاندەك تۇرۇپلا ئۆزۈمدە قۇلۇڭنى تۇتۇپ مېڭىشقا ئوتتەك بىرقىزغىنلىقنىڭ پەيدا بولغىنىنى ھېس قىلدىم. لېكىن جۈرئەت قىلالمىدىم بۇ بەختتىن مەھرۇم ئىدىم بەلكى مەھرۇم بولغىنى سەندۇرسەن ئەمما بۇنى ھېس قىلمايۋاتاتتىڭ !

ئالتە يىل نىمە دىگەن ئۇزۇن ۋاقىت لېكىن ئاشۇ ئۇزۇن ۋاقىت بىر تېمىتىم سۇنىڭ قۇمغا سىڭگىنىدەكلا تىز ئۆتۈپ كەتتى ئىككىلىمىز قىيالمايۋاتىمىز تىل ئىقرار قىلمىغان بىلەن كۆز ئىقرار قىلىۋاتىدۇ. ئوتتۇرمىزغا نىمە كىرۋالغانلىقىنى بىلەلمەيمەن ئەمما ھەقىقەتەن كۈچلۈك نەرسە ئىكەن كۆز ياشلىرىمىزنى مەجبۇرى يۇتۇپ تىللىرىمىزنىڭ گەدىنىنى بېسىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىتىپ ئايرىلماقچى بۇلىۋاتىمىز


قۇلۇڭنى بىر قېتىم تۇتۇۋالغان بولسام . . . بىلىمەن ئىلگىرى كۆپ قېتىم تۇتقان ئەمما ئىشەنگىنكى ئەسلىيەلمەيۋاتىمەن، قۇلۇڭنى پەقەت تۇتۇپ باقمىغاندەك تۇرىدۇ.


قانچىلىك سۆيۈملۈك ئىدىڭ ھە ؟ كىلىۋاتقىنىڭدا ئەتىراپىمدىكىلەرگە مەغرۇر قاراپ قۇياتتىم ئاۋۇ مىنىڭ ئايالىم دىگەندەك ! تاماقلىرىڭنىڭ تەمىدىن ئېغىزىمنى تامشىتىپ قالغاندا مۇشۇنداق تاماق چىقىرىپ بىر ئاشخانا ئاچساق تىزلا تۇنۇلۇپ كىتىمىز دەيتتىم .


ئاخشام بوينۇمغا ئېسىلىپ «مەن سەندىن ئايرىلالمايمەن قەلبىڭدىن مەڭگۈلۈك ئۇرۇن ئالغۇم بار»« دەپ يىغلاپ كەتكەنتىڭ . . . يۈرەكلىرىمىز بەرداشلىق بىرەلمىگەندە سۈنئى قېپىنى يىرتىپ چىقىپ ئەسلى جامالىنى زاھىر قىلاتتى، ئەمما بۈگۈن « ئاخشام سەندىن ئايرىلالماي مەن دىگەنتىڭىز» دېسەم سىزمۇ « مەنمۇ سەنسىز ياشىيالمايمەن» دېگەنتىڭىز دىدىڭ، «ئەمسە ئاجراشمايلى» دېسەم «بىز كىچىك بالا ئەمەس ئاجىرشىشنى قارا قىلىپ بولغانكەنمىز ئاجىرشىمىز» دىدىڭ . . .


تۆۋە خۇدايىم بىز زادى نىمىشقا ئايرىلماقچى ؟ياخشى كۆرۈشكىنىمىز ئۈچۈنما؟ زىيادە ياخشى كۆرۈشكىنىمىز ئۈچۈنمۇ؟ ئادەمنىڭ يېشى چۇڭايغانسىرى بىلمەيدىغانلىرى كۆپىيىپ قالىدىغان گەپكەن . . . مەن بىلەلمىدىم .


قۇلۇڭنى يەنە بىر قېتىم تۇتۇۋالغۇم كەلدى لېكىن سەن قىزىل ئىشىكلىك ئىشخانىغاكىرىپ كىتىپ بۇپتىكەنسەن .


قۇلاق تۈۋۈمدە ئىنچىكە ئاۋازى بىلەن تىتىرەپ توۋلاۋاتقان قۇزا ئۇيقۇمنى ئېچىۋەتتى.

-دادا نىمىشقا بۇ قۇزىنى ئۆيگە ئەكىرۋالدىڭ، ؟ دىدىم ھەيران بۇلۇپ

- ئانىسى زىيادە ئامراق چىقىۋالدى.

- نىمە ئامراق چىقسىمۇ ئايرىۋىتەمسەن ؟

- بەك ئامراق چىقىۋالسا قۇزىسىنى يالاپ قانماي قۇلاق، پۇتلىرىنى چاينىۋېتىپ سالىدۇ بۇ قۇزىسىغا چىدىماي يەپكەتكەندەكلا بىر ئىش شۇڭا قۇزىسى سەل چوڭ بولغىچە ئايرىپ باقىمىز.


ئېغىلدىن ئانىسىڭ ئاۋازى ئۆيدىن قۇزىنىڭ ئاۋازى « قۇلۇقۇمغا پەرھاد ! شىرىن !» دەپ توۋلاۋاتقاندەكلا ئاڭلىنىپ قالدى.


روھچىن قەلب خاتىرسى


Rank: 4

توردا
78 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
519
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 11:44:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆۋە خۇدايىم بىز زادى نىمىشقا ئايرىلماقچى؟ ياخشى كۆرۈشكىنىمىز ئۈچۈنما؟ زىيادە ياخشى كۆرۈشكىنىمىز ئۈچۈنمۇ؟ ئادەمنىڭ يېشى چۇڭايغانسىرى بىلمەيدىغانلىرى كۆپىيىپ قالىدىغان گەپكەن . . . مەن بىلەلمىدىم .
.............
ئايرىلىشنىڭ سەۋەپلىرى نۇرغۇن بولىدۇ، بەزىدە مانا مۇشۇنداق زىيادە ياخشى كۆرۈشلەرمۇ كۆڭۈل كۆزىنى قارىغۇ قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ بىر- بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىق، كەمچىلىكلىرىنى كۆرمەس قىلىپ قويۇپ، ئاخىرى زىيادە ياخشى كۆرۈشتىن نۇرغۇن مەسىلىلەر كۆرۈنىشكە باشلايدۇ، بەزىدە مانا مۇشۇنداق چېكىنىشكە پۈرسەتمۇ قالمايدۇ. پەقەت، بىز بىر- بىرىمىزنى زىيادە ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ نېمىشقا يەنە ئايرىلىمىز؟- دېگەن سوئال سىزنىمۇ، ئۇنىمۇ قىينايدۇ. ئەگەر بۇ ياخشى كۆرۈشتە مەسىلە بولمىسا، نېمىشقا ‹ ئايرىلىش› دېگەن بۇ دەھشەتلىك سۆز پەيدا بولىدۇ، دېمەك بىزلەر پەقەت ئۆتمۈشتىكى شۇ ياخشى كۆرۈشىمىزگە ئېسىلىۋالىمىز، شۇ ئوتتەك ياخشى كۆرۈشنىڭ قانداقتۇر بىر كۈچنىڭ تەسىرىدە ئاستا- ئاستا سۇسلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالمايمىز، بۇ زىيادە ياخشى كۆرۈشلەرنىڭ قانداقتۇر پارچىلىنىۋاتقانلىقىنى سېزەلمەيمىز، پەقەت كاللىمىزدا بىز- بىرىمىزنى زىيادە ياخشى كۆرىمىز، بىز بىر- بىرىمىزگە چىدىمايمىز، بىر- بىرىمىزدىن ئايرىلىپ ياشىيالمايمىز دەپ ئويلايمىز-يۇ، ئەمما شۇنداق بىر ئايرىلىش مىنۇتلىرى كەلگەندە، ئايرىلىش قارارىنى چىقارغاندا بولسا، بىر كۈچ يەنى شۇ مۇھەببەتنى سۇسلاشتۇرغان شۇ كۈچنىڭ سىزگە مەدەت بېرىدىغانلىقىنى، ئۆچەي دەپ قالغان شۇ ئازغىنە سۆيگۈ ئوتىنىمۇ ئۆچۈرۋېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلالمايسىز، ئاقىۋەت ئايرىلدىڭلار. مانا ئايرىلىپ ئازغىنە ۋاقىت ئۆتمەستىن، قەلبىڭلاردىكى مۇھەببەت قايتا بىخ سۈرۈشكە باشلايدۇ، سەۋەبى ھازىر سىلەرگە ئازراق ۋاقىت چىقتى، مۇھەببتىڭلارنى ئويلاشقا، مۇھەببەتنىڭ شېرىن دەملىرىنى ئويلاشقا، بىللە ئۆتكۈزگە شۇ ۋاقىتلارنى ئەسلەشكە ۋاقىت چىقتى شۇ سەۋەپتىن يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى بۇ مۇھەببەت ئوتى قايتا غەليان كۆتۈرۈشكە باشلىغاندا، قەلبىمىزنىڭ بىر يەرلىرىدە، مانا مۇشۇنداق پۇشايمان ئۈنچىلىرى يالتىرايدۇ.
ھەي..... سەل بۇرۇنراق ئۆزۈڭلارغا ئازراق ۋاقىت بېرىپ مۇشۇ ئىشلارنى بۇرۇنراق ئويلىغان بولساڭلار، قولدىن كەتكەندىن كېيىن قەدرى ئۆتۈلدىغانلىقىنى ئويلىغان بولساڭلار، ئۇنىڭ ھازىر ھېس قىلغان شۇ ئارتۇقچىلىقلىرىنى بۇرۇنراق ھېس قىلىپ ئۇنىڭ كۆزىڭىزگە سىغمىغان شۇ كەمچىلىكىنى يېپىۋەتكەن بولسىڭىز، بۇرۇنراق بۇ ئوتلۇق مۇھەببەتنى پەرۋىش قىلىپ ئۇنىڭدىن خۇش پۇراق گۈللەرنى ئېچىلدۇرغان بولساڭلار، زامانىمىزنىڭ پەرھاد- شېرىنلىرى بولۇپ قالماسمىدىڭلار؟!
چىن يۈرەكتىن چىققان چىن سۆزلەر بولغاچ مېنى بەكلا تەسىرلەندۈردى، جۆيلۈپ سالدىم، ئەيىپكە بۇيرىماڭ!




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىلەيسەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 11:45  


باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

Rank: 1

توردا
99 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
265
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 15:05:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي-ۋۇي،روھچىن،شۇنداق ياخشى  يازىسىزۇ  نىمىشقا  تىنىش بەلگىسىنى  قويماي  يازىدىغانسىز  بەزى  يەرلىرىگە،  تىنماي ئوقۇپ  تاس  قالدى  نەپسىم  يىتىشمىگىلى.   مېنى  ياشىسۇن  دىسىڭىز  تىنىش بەلگىسىنى  تۇلۇق  قۇيۇپ  يېزىڭ  جۇمۇ؟   شۇ  خاپىچىلىقتا  ئاخىرىغا  يازىدىغانلىرىمنىمۇ  يازالمىدىم  شۇ  تاپتا،   يەنە  بىر قېتم يازاي  ئەمدى ھازىر  بىر دەم  تىنىۋالاي.ئۇھھھھھھھھھھھھھھ.يۈرىگىم،

نورۇزنىمۇ ئۆتكۈزىۋالدۇق...باھار يەنىمۇ يېقى ...

Rank: 2

توردا
439 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
1151
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 09:52:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايام  بىرسى ئىككىمىزنى يازغاندەكلا بىلىندى دەيدا

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت[/c

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1933

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:47:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھچىنغا تەكلىپ: بۇ تېمىڭىزنى ھېكايە دېمەي يا نەسىر ياكى باشقىچە بىرەر تېما قويۇڭ.
قارشى تەرەپتىن مەھرۇم قالغان ۋاقىتتىلا ئۇنىڭ سەن ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھېس قىلىش، بەلكىم بۇ ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى بولسا كېرەك.
ئۇ يېنىڭدا بار ۋاقىتتا ئۇنىڭ شۇنچە مۇھىملىقىنى ھېس قىلالمىغان ئادەم ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىپ ئۇنىڭ سېنىڭ تۇرمۇشۇڭدا كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىسەن. بىراق، بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان تۇرمۇشنىڭ رېتىمى بىر قەدەم ئالدىغا سىلجىپ كەتكەن بولىدۇ. سەن بۇ بىر قەدەمنى ھەرقانچە قىلىپمۇ كەينىگە قايتۇرالمايسەن.
سەن ئۇنىڭ قاردەك پاكىز قەلبىگە مەڭگۈ يۇيۇلمايدىغان داغدىن بىرنى قالدۇرۇپ كەتتىڭ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 1

توردا
266 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
369
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 15:14:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روھچىن بارمۇ سىز؟ ھەجەپ ئۇزۇن بولدى مۇنبەردە سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى كۆرمىگىلى،   شۇنداق رومانتىك ئەسەرلەرنى يازاتتىڭىز، كىرىپ تۇرۇڭ بۈگۈن بۇ ھىكايىڭىزنى كۆرۇپ شۇنداق خوش بولدۇم ، بەك ياخشى يىزىلىپتۇ رەھمەت سىزگە، قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
319 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1519

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:06:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنقى زاماندا بىر مازار باركەن ، قاچان كىم سەۋەبتىن قۇرۇلۇپ قالغىنىنى ھىچكىم بىلمەيدىكەن ، ئەمما يىلدىن يىلغا ئۇ يەرنى ئۇلۇغلاپ ، تاۋاپ قىلىدىغانلار جىقلاشقا باشلاپتۇ ، شۇ مازارغا كىرىش ئېغىزىدا بىر ئۆمۈچۈك ياشايدىكەن ، شۇ مازارنىڭ خاسىيتىمۇ ياكى ئاللائاتاللانىڭ بۇيرىغىنىمۇ ئەيتاۋۇر ئۇ ئۆمۈچۈك  شۇ بۇلۇڭدا يۈز يىللارچە ياشاپتۇ ، بىر كۈنى بىر ئەۋلىيا شۇ مازارنىڭ نامىنى ئاڭلاپ ئۇ يەرگە بېرىپ قايتاشىدا  ئىشىكتە تور باغلاپ تۇرغان ئۆمۈچۈكنى كۆرۈپ قاپتۇ دە ئۇنىڭدىن سوراپتۇ : كۆرۈپ تۇردۇمكى سەن تولىمۇ ئۇزاق يىل بۇ خاسىيەتلىك يەردە ياشاپسەن ، سېنىڭچە كىشى ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە نىمىكەن ؟ دەپ سوراپتۇ ، ئۆمۈچۈك كۈلۈپ كېتىپ : كىشى ئېرىشەلمىگەن ۋە يوقاتقان نەرسە دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
65 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
351
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 22:22:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا ھەممىدىن  ئاۋۇ ئۆمۈچۈكنىڭ گېپى  بەكلا تەسىر قىلدى

Rank: 8Rank: 8

توردا
282 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
613

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 23:27:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلەيسەم يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 11:44
تۆۋە خۇدايىم بىز زادى نىمىشقا ئايرىلماقچى؟ ياخشى كۆرۈ ...

دىگەنلىرىڭىز ئۇرۇنلۇق ! جاھاننىڭ قىززىق يەرلىرى مۇشۇ ئىكەن. زاغىرنى قاتتىق دەپ تاشلىۋەتكەنلەر ئاچ قالغاندا قاتتىق زاغىرنىڭ دەردىدە ياش تۆكىدىغان گەپكەن

Rank: 8Rank: 8

توردا
282 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
613

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 23:27:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلخان يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 15:05
ۋاي-ۋۇي،روھچىن،شۇنداق ياخشى  يازىسىزۇ  نىمىشقا  تىنىش  ...

ئەمدى بىر ئوڭلاپ ئۇقۇغاچ تۇرۇڭە، شۇندا بۇپ قاپتۇ ئەينا . . .  بۇندىن كىيىن دىققەت قىلاي

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 12:26 , Processed in 0.054098 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش