يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 623|نەقىل: 14

كۆيۈمچان باغۋەن تۇرسۇن ھەسەن مۇئەللىمگە بېلەت تاشلايلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
91 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
338
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 13:47:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۇرسۇن مۇئەللىمنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ-تەتقىقات مەركىزىدىكى بىر ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇيغۇر تىلى سىستېمىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي، ئەخلاقىي، جىسمانىي جەھەتتىكى ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، خىزمەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك. ئۇنىڭدىن باشقا تۇرسۇن مۇئەللىم ئۆز خىزمەت ئورنىدا لاياقەتلىك خىزمەتچى ھېسابلانسا، ئائىلىدە يەنە بىر لاياقەتلىك ئەر ھېسابلىنىدۇ. تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭمۇ ئەينى چاغدا بەختلىك بىر ئائىلىسى بولغان بولۇپ، بىراق تەقدىرنىڭ رەھىمسىز چاقچىقى بىلەن ئايالى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ پالەچ بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ بارلىق ئېغىر-يېنىك يۈكى شۇنداقلا ئىككى ئوغلىنىڭ ئوقۇش، تۇرمۇش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ ئۆزىگە يۈكلىنىدۇ. تۇرسۇن مۇئەللىم بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن ئايالىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىدۇ، ئۆيدە تاماق ئېتىش، كىر قات يۇيۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى ئوغلىنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، بالىلىرىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەشكىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. 2006-يىلى تۇرسۇن مۇئەللىم ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ باش مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلىنىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ زىممىسىدىكى يۈك يەنە بىر دەرىجىدە ئېغىرلايدۇ. تۇرسۇن مۇئەللىم بۇ كوللېكتىپقا باش مەسلىھەتچى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن بۇيان تا ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلاردا بولىدىغان ئۆزىنى كەمسىتىش، ھاياتقا بولغان خاتا قاراشلىرىنى يېڭىشىگە ياردەم قىلىپ، ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپى بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان ئوقۇشسىز قالغان بالىلار، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. ئاددىي-ساددا سۆز ھەرىكىتى، تەسىرلىك ئىش - ھەرىكەتلىرى بىلەن ھەممىمىزگە ئۈلگە بولۇشقا ئەرزىيدىغان تۇرسۇن ھەسەن مۇئەللىم مانا ھازىر مەكتەپنى تەسىرلەندۈرگەن شەخسلەر نامزاتىغا كىرگۈزۈلۈپتۇ. ھەممىمىز مانا بۇ مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىۋاتقان بۇ ئوقۇتقۇچىمىزغا بېلەت تاشلاشنى ئۇنتۇمايلى !
بىلەت تاشلاش ئادرېسى: http://www.xjedu.gov.cn/jgsz/sxzzgzc/pingxuan/11013.htm
تۇرسۇن ھەسەن مۇئەللمنىڭ ۋاكالەت نۇمۇرى: 051
كەڭ قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئۇستازىمىز ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە بېلەت تاشلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

Rank: 1

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
51
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 14:12:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۇرسۇنجان مۇئەللىمنى تېلىۋېزور ئىكراندا كۆپ كۆرگەن ،نۇتقىنىمۇ كۆپ ئاڭلىغان لىكىن تا ھازىرغىچە يۇزكورۇشۇش نىسىپ بولمىدى،مەن بۇ ئۇستازغا تۇلىمۇ قايىل ،ھۆرمىتىم بۇلىمۇ يۇقۇرى .ئۇ ھەقىقەتەن بىز باغۋەن ئوقۇتقۇچى ،ئۇستازلارنىڭ ئۇلگىسى بۇلۇشقا مۇناسىپ ،تۇرسۇنجان ئاكا مەن سىزگە بىر بىلەت تاشلىدىم ،سىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئۇستاز بۇلۇپ باھالىنىشىڭىزغا چىن كوڭلىمدىم ئۈمىد قىلىمەن، ئۇلۇغ ئاللا سىزگە ئۇزۇن ئومۇر ،يۇكسەك نەتىجە ئاتا قىلغان ،ئۇيغۇرمائارىپىگە بولغان مۇھەببەت شامىڭىز داۋاملىق يۇرۇپ تۇرۇشىنى تېلەيمەن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
67 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
101

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 14:39:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇن مۇئەللىم مېنىڭ قوشنام،ئايالى مېنىڭ خىزمەتدىشىم،ئۇ ھەقىقەتەن  بىر ياخشى دادا،بىر ياخشى ئەر ،شۇنداقلا بىر ياراملىق مائارىپچى.مەنمۇ تۇرسۇن مۇئەللىمگە بىر بېلەت تاشلىدىم.ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق، ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kizilgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 14:39  


تاشلىۋەتمە،ئۇنتۇلمايسەن،يېپىشىۋالما خار بولمايسەن.(ئا.پ.چىخوۋ)

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 14:56:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر بېلەت كەتتى

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 15:40:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپاكەشلەرگە تاشلىماي كىمگە تاشلايتتۇق؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 16:37:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر بېلەت كەتتى

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 18:29:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئادەمنىڭ بېلەت تاشلاش چەكلىمىسى يوقكەن، پەقەت بىر سائەت ئىچىدە قايتا تاشلىغىلى بولمايدىكەن. قاراپ باقسام تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ بېلەت سانى سەل ئارقىدىراق ئىكەن، شۇڭا دوستلارنىڭ تېزرەك ھەركەت قىلساڭلار دېگەن ئۈمىدتتىمەن

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
95 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
195

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 22:20:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپاندا بولغان " ئانىسىنى خورلاپ ، ئۇرۇپ - تىللاش " ناملىق ۋەقە توغۇرلۇق قانۇن-پۇقرا پىروگراممىسىدا بىر سان بەرگەندە ، مۇلاھىزە ۋە كۆز-قاراشقا مۇشۇ كىشىنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىپتىكەن.ئاجايىپ سۆزلەپ قويغان بۇ ئادەم شۇ چاغدا ، ئېسىمدىن چىقمىغۇدەك..
ئۇنۇڭدىن كىيىنمۇ كۆرۈپ باقمىدىم.مانا بۈگۈن ئۈشبۇ مۇنبەردە رەسىمىنى كۆرۈپلا تونۇدۇم..
مەنمۇ بىر بېلەت تاشلاي...


باغرىڭغا باش قويغاننىڭ ھەممىسىنى مېنى سۆيىدۇ دىمە.پاشىمۇ ئاۋال قونۇپ ئاندىن قېنىڭنى شورايدۇ ئەمەسمۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 23:22:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ تولۇقسىزدىكى سىياسەت ئوقۇتقۇچۇمغۇ بۇ چاچلىرىغا ئاق چۈشۈپ كېتىپتۇ دىسە ... مەن ئوقۇغاندا تېخى تويمۇ قىلمىغان ياش يىگىتتىغۇ دەيمەن ، بەك ئورۇقلاپ كېتىپتۇ ، ئاقكۆڭۈل ئوقۇتقۇچىتى بولمىسا ، ھەجەپ كېلىشمەسلىك كەپتۇ دىسە  ...مەندىن كەتتى بىر بىلەت

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى 00:03:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېلەت سانى 3- قاتاردا مېڭىۋېتىپتۇ، بىر سائەت ئۆتكۈزۈپ يەنە داۋاملىق بېلەت تاشلىسا بولىدىكەن، قېنى دوستلار ئازغىنە ۋاقتىمىزنى چىقىرىپ بۇ مېھرىبان ئۇستازغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرەيلى!

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 08:16 , Processed in 0.089235 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش