يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 931|ئىنكاس: 3

بالىلار قۇرامىغا يېتىشتىن بۇرۇن بىلىشكە تېگىشلىك ئون تۈرلۈك قائىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 06:23:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلار قۇرامىغا يېتىشتىن بۇرۇن بىلىشكە تېگىشلىك ئون تۈرلۈك قائىدە

قايسى قائىدىلەر بالا تەربىيلەش قوللانمىسىدا كەم بولسا بولمايدۇ؟ ئامېرىكىنىڭ مائارىپ پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسى سېلىنا جېننى"بالىلار قۇرامىغا يېتىشتىن بۇرۇن بىلىشكە تېگىشلىك ئون تۈرلۈك قائىدە"نى خۇلاسىلەپ چىقتى ۋە مۇناسىپ تەكلىپلەرنى بەردى.

1.خۇشاللىق ئۆزى يارىتىدىغان نەرسە، ھەرگىزمۇ باشقىلار بېرىدىغان نەرسە ئەمەس.
تەكلىپ: بالىڭىزغا ئۆمۈر بويى ئىشلىتەلەيدىغان بىر تۈرلۈك قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھام بېرىڭ، مەيلى ئۇ كارغا كەلسۇن ياكى كارغا كەلمىسۇن.

2.ئاددىيغىنا بىر تەبەسسۇم باشقىلارنى شۇ بىر كۈننى خۇشال ئۆتكۈزۈش پۇرستىگە ئىگە قىلىدۇ.
تەكلىپ: بالىڭىزنىڭ خۇشال چاغلىرىدىكى كۈلكىسىنى ماختاپ تۇرۇڭ.

3.ئەدەب-ئەخلاق مەڭگۈ ئازلىق قىلمايدۇ.
تەكلىپ: "مەرھەمەت" "رەھمەت" "كەچۈرۈڭ" دېگەندەك سۆزلەر بالىڭىزنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزلىرىگە ئايلانسۇن.

4.نوقۇل ھالدا باشقىلارنىڭ سۆزنى ئاڭلاشمۇ باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدۇر.
تەكلىپ: بالىڭىز قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇنىڭ دەردىنى ئاڭلاڭ.

5.ھۆرمەت قىلىش نوقۇل كۈچلۈكلەرنىلا ھۆرمەتلەشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماي، بەلكى ئاجىزلارغىمۇ خەير-خاھلىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
تەكلىپ: بالىڭىزغا سەرگەردان ئىتلارغا نەرسە بەرگۈزۈڭ.

6.ئىلكىڭىزدىكى نەرسىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈڭ ۋە ئۇلاردىن بەھرىلىنىڭ، ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزدە يوق نەرسىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ.
تەكلىپ: بالىڭىز بىلەن بىرلىكتە كىتابلارنى تاشلاڭ، كېرەكسىز نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ قول ھۈنىرى ئىشى قىلىڭ.

7.ھەر قانداق كىشى بارلىق ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىپ كېتەلمەيدۇ، مۇنبەردە تۇرغان كىشى ھەمىشە ئەڭ ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىدۇر.
تەكلىپ: بالىڭىز ھېكايە ئېيتىۋاتقان چاغدا:"ھە، شۇنداقمۇ، ئەسلىدە مۇنداق ئىكەندە!" دەپ بېرىڭ.

8.ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان نەرسىنى قوغلىشىڭ.
تەكلىپ: بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا ئەمەس، بەلكى ئۆزى ئوقۇۋاتقان مەكتەپنى ياخشى كۆرىدىغان كۆرمەيدىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈڭ.

9.قارىماققا ئاسان قولغا كەلگەن نەرسە ھامان تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال نەرسىدۇر.
تەكلىپ: بالىڭىز بەلگىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇڭ.

10.كىشىلىك ھاياتتا نىشانغا يېتىش مۇھىم ئەمەس، بەلكى ھايات سەپىرى جەريانىدىكى بەھرىلىنىش ھەممىدىن مۇھىمدۇر.
تەكلىپ: بالىڭىزغا تاغقا يامىشىش بىلەن فونىكۇليورغا ئولتۇرۇپ تاغقا چىقىشنىڭ پەرقىنى ھېس قىلدۇرۇڭ.


كېلىش مەنبەسى: تەرمىلەر ژۇرنىلى.
مەشغۇلاتتا: جۇلالىق.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 1

توردا
3 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
8
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 13:11:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت! قەلىمىڭىز ھارمىغاي!

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 16:44:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3.ئەدەب-ئەخلاق مەڭگۈ ئازلىق قىلمايدۇ.
تەكلىپ: "مەرھەمەت" "رەھمەت" "كەچۈرۈڭ" دېگەندەك سۆزلەر بالىڭىزنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزلىرىگە ئايلانسۇن.


ئەخلاقسىز بالىلار تولىمۇ خەتەرلىكتۇر .
ئۇلۇغ اللاھدىن  قوشماقلىرىمنىڭ ئەخلاقى پەزىلەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن .

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
522 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1156

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 13:06:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدايىم بۇيرىسا مېنىڭ شاھزادەم خېلىلا ئەدەپلىك چوڭ بولۇۋاتىدۇ. " رەھمەت" بىلەن"خاپا بولماڭ" نى بەك بىلىدۇ. ھەممە پەزرەنتلەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب تىلەيلى!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 02:36 , Processed in 0.051376 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش