يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

قەشقەر پاراڭلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
972 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 17:57:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىركۈنى گۆش ئالغىنى كىرگەن ئىدىم. دەل شۇ ۋاقىتتا بىر سەل ياشانغان بىرەيلەن گۆش ئالغىنى كىرىپ قالدى ۋەبىركىلو گۆش ئالغان ئىدى، 200گىرام كىمىپ قالدى. ھېلىقى قاسساپ ياغدىن ئازىراق سېلىۋىدى، يەنە كىمىپ قالدى. قاسساپ يەنە جىگەردىن ئازىراق سېلىۋىدى، يەنەكىمىپ قالدى.  شۇ ۋاقىتتا ھېلىقى ئادەم تۇرۇپ كىتىپ :<قايلىسىلا ئۈكېېېېممم، ئەمدى ئى تېرىسىدىن پىشكە سەپپىرەملا؟ > دىۋىدى ھېلىقى قاسساپ تۇرۇپلا قالدى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
972 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 17:59:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆتكەن ھەپتە ھېيىتكادىن شامنى ئوقۇپ يېنىپ ئۇكامنى تاپالماي يۈرسەم، دەرۋازا ئالدىدىكى مەيداندا 13 ياشلار چامىسىدىكى بىر بالا ئويۇنچۇق ماشىنا، تاپانچا، ھەرخىل يورۇيدىغان ئويۇنچۇقلارنى سېتىۋىتىپتىكەن، ئۇكام شۇ يەردە تۇرۇپتۇ. يېنىغا بىرىپ بىللە ئويۇنچۇقلارنى كۆردۈم قىزىقىپ. بىر 30ياشلاردىكى ئانىنىڭ بالىسى بىر ئويۇنچۇقنى ئىلىپ بىرىڭ دەپ چىڭ تۇرۋالدى. ئۇ ئاچاش ئويۇنچۇق سېتىۋاتقان بالىغا قاراپ:«ئۇكام ماۋۇ ماشىنا قانچە پۇل؟». ھېلىقى بالا:«بەش كوي ئاچا، بەش كوي». ئاۋۇ ئاچاش:«ۋاي بى توۋا دىسىلە ئۇكام(نىمانداق قىممەت دىگندەك مەنىدە)»، دىسە ئاۋۇ بالا پېتىنى بۇزماي تۇرۇپ:«توۋا دىگەننى جەينىمازدا دەيدا ئاچا»، دىمەسما.12_ 13 ياش بالىنىڭ گەپتانلىقىدىن ھوزۇرلۇنۇپ كۈلىۋاپتىمەن.


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
972 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى 08:09:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگۈنكى تاماق
تۆت بۇرادەر بىر تېز تاماقخانىغا تاماق يىگىلى كىرىپ تاماقنى ساقلاپ شۇنچە ئۇزۇن ئولتۇرسىمۇ تاماق چىقماپتۇ.
ئۇلار ساقلارۋىرىشكە تاقىتى قالمىغانداندا ئۇلاردىن بىرسى مۇلازىمنى چاقىرىپ:
-ماڭا قايسا  خان! ما تاماق تىزىملىكىگە بى قايلاپ باقسا بۇگەنكى چىسلانىڭ تامىقىمىكەن يا؟؟!!!

ئايروپىلان پىراۋىسى

نۇرمال سۈرئەتتىن بەك  ئېشىپ كەتكەن ماشىنىنى  توسقان قاتناش ساقچىسى شوپۇرغا دەپتۇ؟؟:
-پىراۋەڭنى چىقىرە!
قورقۇپ كەتكەن شوپۇر پىراۋىسىنى چىقىپتۇ.
بۇنى دېمىدىم ئايروپىلاننىڭكىنى دەۋاتىمەن.!!!!
-بۇنېمە دىگىنىڭىز؟
-بايام ئۇچىۋاتمامتىڭ ؟؟

قانداق چىراغ لازىمتى.
    بىرشوپۇر كورلا تەۋەلىكىدىكى ماشىنىسىنى ھەيدەپ قەشقەرگەكىرىپ قىزىل چىراغدا توختىغاندا تۇيۇقسىز ماشىنىسى ئۆچۈپ قاپتۇ ،
يېشىل چىراغ يانغاندىمۇ ئوت ئالماپتۇ.
قاتناش ساقچىسى يۈگرەپ كىلىپ شوپۇرغا زەرد بىلەن :
-غوجووووووووووم ،سىلىگە قانداق چىراغ ياندۇرۇپ بەرسىلە ماڭىتىلە: دەپتۇ

ئەزان ياتاق

بىربالايىراق سەپەردىن  قەشقەرگە كېلىپ بىر ياتاققا ئورۇنلىشىپ ئارام ئاپتۇ..ئەتىسى ئۇخۇجايىندىن تالۇننى كۈرۈپ  چۆچۈپ كېتىپتۇ.
ئۇستام ياتاق باھاسى نىمانداق قىممەت .ئەزانراق بەرسىلە؟
خوجايىن ؛ ماڭ قايسا ئۇككوووووم . ئەزان دىگەن مەچىتتە بار ؟ كۆزلىرىنى يوغان ئاچسىا! ماۋۇ دىگەن مىمانخانا جىما!!!!

ئەتىسى ئۇبالا بەك ئەرزان ياتاققا ئورۇنلىشىپتۇ . ۋە كېچىچە ياتالماپتۇ.ئەتىسى  خوجايىندىن : -
خوجايىن بۇنېمە گەپ .كېچىچە بىر توپ چاشقانلار ۋىچىرلىشىپ چىقتى.!!دەپتۇ.خوجايىن:
-خاپوممىسىا  غۇجام  ماندا ئەزان ياتاقتا چاشقان ۋىچىرلاشماي كالا مورەشسە بولامتى.

ئاشقان پۇل

بەش دوسىت بىرئاشخانىدا تاماق يەپ قەستەن پۇل تۆلىمەي چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ قاتارلىشىپ ئىشىكتىن چىقىپتۇ.
بۇنى سەزگەن خوجايىن:
-ماڭ قايسا غوجىلىرىم!!! ما ئاشقان پۇلنى قايسىلىرى ئېلىشىلا !    دەپتۇ .
نۇمۇستىن ئۆلەي دەپ قالغان بىرسى دەرھال چىقىپ پۇلنى تۆلەپتۇ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
972 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى 18:43:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر خىزمەتدىشىمىزنى يوقلاپ 2 - دوختۇرخانىغا كىردۇق . دوختۇرخانا ئىچىدە ئادەم شۇنداق كۆپ .
دوختۇرخانا ئىچىدىن سىرتقا ماشىنىلار چىقالماي ، سىرتتىكىلىرى ئىچىگە كىرەلمەي ، ھېچكىمنىڭ ھېچكىمگە يول بەرگۈسى يوق . شۇنىڭ بىلەن ئالدى تەرەپتىكى ماشىندىن ئوتتۇرا ياشلار چامىسىدىكى بىر ئاكىمىز چۈشۈپ شوپۇرلارغا دىدى :
ماڭا قايلاشسىلا غۇجۇممممممممممم ، بۇ يەردە قەۋزىيەتتەك قاپلىشىپ تۇرماي ، بىر بىرىمىزگە ئازراق يول بىرىپ قۇيىلى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەسمەتۇللاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى 18:46  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 08:22 , Processed in 0.050314 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش