يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

قەشقەر پاراڭلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى 18:54:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەر شەھىرىنىڭ مەلۇم بىر كوچىسىدا تۆت بۇرادەر تاكسى توسۇپ سەپەرگە چىقىپتۇ، شوپۇر بىلەن مۇساپىنى دېيىشكەندىن كېيىن 20 يۈەنگە كېلىشىپتۇ. يېرىم يولغا كەلگەندە، گېلىغا بەلغەم قاپلىشىپ كەتكەن شوپۇر دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ سىرتقا قاراپ تۈكۈرۈپتۇ. ماشىنا سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى ۋە شامال يۆنىلىشى سەۋەبلىك كەينىدە ئولتۇرغان بىر خېرىدارغا ئازراق بەلغەم چاچراپ كېتىپتۇ. ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ زورىغا بېسىۋالغان خېرىدار مۇنداق دەپتۇ:

خېرىدار: ۋې ئۇستام، ماڭ قايسا، نېمە قىلىق ماۋا ؟ دېرىزىنىڭ سىرتىغا گارشوك بېكىتىۋالغاندەك تۈكۈردىلىيا ؟ خەپ . . .
بولدى !   ئەمدى 20 كوينىڭ ئورنىغا 15 كويلا بېرىمىز جۇما ! ! !

شوپۇر: ۋوي، خاپوممىسا دەيمە . . .  ئاندا يېرى ۋامىتى ؟ بالدۇراق دىسىلى بوممامدا دەيمە ؟ ئۇندا ۋوسا ھە بىسىلىنىڭ يۈزىگە بىردىن تۈكۈرۈپ باكاغىلا ئاپىرىۋەتمەيما ؟ ؟ ؟ ! ! !

   بىر كۈنى ماشىنىدا كېتىۋاتسام يان تەرىپىمدىن بىرەيلەن شارتلا قىپ يانداپ تاشلىدى، كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ دېرىزىنى چۈشۈرۈپ دەپ قويدۇم:
رەھمەتلىكمۇ مېنى ياندىغان، ئالدىرىماي ماڭالا ...




   بىر كۈنى ماشىندا كېتپىرىپ  قىزىل چىراغدا توختاپ تىلفۇن سۆزلىشىۋاتاتىم كۆك چىراغنىڭ يانغىنغىمۇ دىققەت قىلماپتىمەن كەينىمدىن ماشىنا سىگنال باستى ئەمدى ھەيدەي دەپ تۇرسام كەينىمدىكى ماشىنا يېنىمغا كېلىپلام (  ئادېش قاندا چىراغ لازىمتى )دەپتى نىم دىيشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم   




    قۇربان ھېيىتتا بالىلار بىلەن ھېيىت پەتىسى قىلىشتۇق . ئارىدا  قادىر ھاجى ئىسىملىك ئاغىنىمىز نىڭ ئۈيگە كىرىپ تىچ ئامانلىق سۇراپ تۇرشىمىز غىلا ئىنىسى قولىمىزغا سۇ تەڭلىدى . ئارىمىز دىن باشتا كىرگەن بىرى :
- ئاپلا ئۇكام ساڭا قول تەڭلەمەنمۇ ؟ دىسە ،ئۇممۇ دەرھاللا :
-ئەمسە دادامنى چاقىرايما



  قەشقە ھېيىتكاھنىڭ يېنىدا  ئۇزۇندىن بېرى ناۋايلىق قىلۋاتقان ئۇستام باكەندە  بىر كۈنى باشقا يۇرۇتتىن كەلگەن ئككى ئادەم ئوبۇرنى تاپالماي ھېلقى ناۋاي ئۇستامدىن سوراپتۇ    ئۇستام يېقىن ئەتراپتا ئوبۇرنى بامىدۇ دەپتۇ  ناۋاي ئۇستامنىڭ سەل ئاچچىغى كېلىپ شۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ  سولغا قايرىلىپ 50 مىتىر ماڭسىلا بۇنلىېرغا ئۆزى پۇرايدا  پۇرغان تەرەپكە قايلاپ ماڭسىلا   دەپ جاۋاب بېرىپتۇ



    قەشقەردىن خوتەنگە كىچىك ماشىنىدا  سەپەرگە چىقىپ قالدۇق . ئارىلىقتا يەكەنگە ئازقالغاندا قاتناش ئىجىراچىللىرى سۇرەت تىز دەپ توسىۋالدى . ئۆتەيدىغان رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ بولۇپ بىر گەپ قىلىۋالغۇم كەلدى  :
-باشىلىق!! ئاپشاركىنى نەگىرەك قويغان ،خاپابولماي بى دەپبەسىلە ؟؟ دىسەم
_ئىشۇ سايدا باغلاغلىق  ئاۋايلاپراق ماڭالا؟ !!
- سىللىمۇ سايغا ئۇنى قويغۇچە ،سايە چۈشىدىغان  سۈگەت قويساڭلا بولمامدا؟؟؟  



ئوردا ئالدى بازاردا ياغلىقچىلىق قىلىدىغان ھېلىقى ئاغىينىمىزنىڭ بىر قوشنىسى بار ئىكەن. بىر كۈنى بىر ئايال بەكلا ئاۋارە قىپتۇ. نەچچە ياغلىقنى سوراپتۇ، باھاسىنى كەم سورىۋېلىپ يا ئالماپتۇ. ئىچى سىقىلغان ئۇ ئاكىمىزنىڭ تاقىتى توشۇپ، قايسا ئاسىلىرى كۆسىلە، بوممىسا ھەممىنى مالىماتاڭ قىممىسا جىما؟ دېسە ئا چوكاننىڭ ئاچچىقى كېلىپ سۆزلەپلا كېتىپتۇ؟
ۋاي بۇ نېمە دېگەنلىرى؟ خېرىداغا مۇشۇندا گەپ قىغان باما؟ بىز كەممىسەكچا، پىشت بېسىپ كېتىدا جۇما سىلىنى! دېسە، ئا ئاكىمىز تەمكىنلىك بىلەن:
سىلىزەەەەە پىشت دارىسىكەنلىدە؟ دەپتىكىن قايناق بازادىكى ھەممە سەت كۈلىۋېتىپتۇدە ھېلىقى ئاچىمىز يۈزىنى ئوراپلا يولىغا راۋان بوپتۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەسمەتۇللاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى 18:55  


Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى 20:39:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسمەتۇللاھ يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى 18:54
قەشقەر شەھىرىنىڭ مەلۇم بىر كوچىسىدا تۆت بۇرادەر تاكسى  ...

سەت كۈلىپتىمەن،ھو ھو ھو  ھو  ھو  ھو  ھو  ھو  ھو  ھو  

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى 12:04:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                ئايروپىلاندا..............

            ئارانلا ئۈلگۈرۈپ ئورنۇمنى تېپىپ ئولتۇردۇم ،ئۇھ،تاس قالدى كىيمىمىزنى سالدۇرۇپ تەكشۈرگىلى.ھەر نىم بولسا ماۋۇ يېنىمدا ئۇيغۇر ئاكىمىز ئولتۇرۇپتۇ. ئۈزەمنى ئوڭشاپ بولغۇچە تۇيۇقسىز گەپ ئاچتى:
             -ئۇكام،ما قەشقەگە ماڭغانما-كۆزىدە يەرنى ئىما قىلپ سوراپ قالدى.
            -شۇنداق،شۇنداق ،ئۇزۇن بوپتىكەن بارمىغىلى بىر كۆرۈپ كىلەي دەپ،-دىدىم مەن سورىمىغانغىمۇ جاۋاپ قىلىپ.
           -بەلەن بولاپتىكەن،لېكىن ئۇكام سىلى ما بىلەتنى ئايروپىلانغا ئاغانمۇ يا پاچاققىمۇ؟
                   ئاھ خۇدا،پۇتىغا دەسسىەپ ئولتۇرۇپتىمەن ئەمەسمۇ،بۇنىڭغىمۇ شۇنچىۋالا دىيىش كىتەمدۇئەمدى،پۇتىڭنى تات دىسىلا تۈگەيتتىغۇ؟

                                   شەھەر مەركىزىدە.............

              تەرەققىيات زور  ئەمما جىمجىت، سۈكۈتكە تولغان قەشقەر ،ئەزىز ماكان.خىياللار بىلەن يولنى توسۇپ تۇرۋېلىپ ئارقامدىن چېلىنغان ماشىننىڭ سىگنالىنىمۇ ئاڭلىماپتىمەن،تۇيۇقسىز بىرى ۋارقىردى:
              -ھوي خېنىم،ما مىدىيلاپ قويمايلىما،قاپ بەلدە مەللە خېنىمنىڭ مازىرىدەك تۇماي!
                       قارىسام مىنى دەۋېتىپتۇ ،توۋۋا،مازا دىگىنىگە قارىغاندا چوقۇم كىچىك نەرسە ئەمەس،ھازىرلا بېرىپ كۆرۈپ كەلمىسەم.............

                                    مازارلىقتا.......................

            ھەقىقەتەن چوڭ مازارلىقكەن،بۇ مازارلىق ھەممىدىن ھەيۋەت ئالاھىدە چوڭ سېلىنغان مەھەللە خېنىمىنىڭ گۈمبىزىنىڭ نامىدا ئاتالغان ئىكەن،مىنى مۇشۇ گۈمبەزگە ئوخشاتقىنىنى قارا.شۇ خىياللار بىلەن گۈمبەز ئالدىدا يىغلاپ دۇئا قىلىپ تىلەك تىلەۋاتقان ئايالغا كۆزۈم چۈشتى،خاتانى توسىماق بولۇپ دەرھال بېرىپ سۆزلىدىم:
-ئاچا مازارلىقتا دۇئا قىلىپ تىلەك تىلىسە بولمايدۇ،-دەپ گەپ باشلىشمغا ئايال بىلىگە تەپتى:
-قانداق قىيسام بولتتې،مازالىقتا دۇئا قىلماي ئۇسۇل ئوينىسام بولامتى؟

                                 ئاشخانىدا................

           تۇرالغۇمنى ئورۇنلاشتۇرۋېتىپ تاماققا كىردۇق،كۆڭلۈم ئېلىشىپ تازا تاماق تاتمايتتى.ساۋاقدىشىم بەكلا زورلىدى،مىنى بىر نەرسە بۇيرۇتقۇزۇپ بولالماي تاماق تىزىملىكىنى ئوقۇپ سوراشقا باشلىدى:
                -لەغمەن ،پولا،سۇيقاش،لەمپۇڭمۇ باكەن،- ساۋاقدىشىمنىڭ قىزغىن سورىشىنىڭ ھەممىسىگە ياق دەپ بېشىمنى چايقاۋەدىم،سەل ۋاقىت ئۇزۇراپ قېلىشىغاتاماق تىزىملىغۇچى سۆز قېتىپ قويدى:
           -ماۋ ئاچام ئىشخانىغا كىرىمەن دەپ ئاشخانىغا كىرۋالدىمۇ نىمە؟


                                          ناشتىدا...............

              قىز بالا دىگەن ياتاقتا ياتمايدۇ،دەپلا ساۋاقدىشىم ئۆيگە ئېلىپ ماڭدى.ئەتىسى ئۇنىمىسام سەھرا دەپ ياراتمايۋاتامسەن دەپ ئاغزىمنى تۇۋاقلاپ،ناھىيدىكى ساۋاقدىشىم ئېلىپ كەتتى.ئۆيىدە بىر كىچە قونۇپ سەھەردە تۇرشۇمغا ئانىسى ئوخشىتىلغان پولونى دەستىخانغا ئەكەلدى.سەھەردە تاماق يەپ ئادەتلەنمىگەچكە پولونى ئېلىپ قويۇپ چۈشتە يىيىشىمنى ھازىر نان بىلەن چاي ئىچىدىغىنىمنى دىدىم.ساۋاقدىشىمنىڭ دادىسى كۈلۈپ ئولتۇرۇپ تاماققا ماندا زولاپ قالدى:
            -قايلىسلا  بالام،چۈشكىچە ئانىسىنىڭ خېتىنى بەمەيمەن،ئۆيدە با،يىگىلىرى بانى يەنە ئېتىدا.ھازىر ما ئاشقا باقسلا،ما قۇرۇق ناندىن كاچات ياخشى دەيمەن!


                                             خەلق مەيدانىدا...............

                          خەلق مەيدانىنى ئايلىنىپ ئىچىملىك ساتىدىغانلارنىڭ قويۇپ قويغان ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەچ پاراڭغا چۈشتۇق.ئۇنىڭ-بۇنىڭ گىپىنى قىلىشىپ تېما ماڭا مەركەزلىشىپ قالدى،ھەممەيلەن مىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى يۇمۇرلۇق پاراڭلىرىمنى سېغىنىپ قالغانلىقىنى ،ھازىر يەنە يىڭىلىرى بولسا دەپ بېرىشىمنى ئۆتۈندى.ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆڭلىنى دەپ ئۇدۇلۇمدا تۇرغان داھىي ماۋزىدۇڭنىڭ ھەيكىلىدىن ئىلھام ئېلىپ يۇمۇردىن بىرنى باشلىدىم:
                بۇرۇن مۇشۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ماۋزىدۇڭنىڭ ھەيكىلىنىڭ ئۇدۇلىدىكى كىچىك كوچىدا ناھايتىمۇ ئوخشايدىغان بىر لەغمەنخانا باركەنتۇق،بىر كۈنى بازارغا كىرگەن دىھقان مۇشۇ ئاشخانىدىن تازا بىر لەغمەن يەپ قايتماقچى بولۇپ كەلسە ئىشىكىنى باغلايدىغان يەر يوق،ئۇيان ئىزدەپ-بۇيان ئىزدەپ ئاخىرى بەرىبىر خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان رەھبەر بولغاندىكىن ئېغىر ئالماس دەپ يولداش ماۋزىدۇڭنىڭ ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرغان قولىغا ئىشەكنىڭ ئارغامچىسىنى چىڭ باغلاپ قويۇپ لەغمەن يىگىلى كىرىپ كىتىپتۇ.
             قوساقنى چىڭ توقلاپ،بۇرۇتىنى مايلاپ چىققان دىھقاننى قاراۋۇل غەزەپ بىلەن سۇراققا تارتىپتۇ:
-ھۇ قاپ يۈرەك نىمە ئۈچۈن قوتۇر ئىشىكىڭنى داھىي ماۋزىدۇڭنىڭ قولىغا باغلىدىڭ؟-دەپ ۋاقىرىسا،دىھقان دەرھال مۇنداق جاۋاپ بەرگۈدەك:
                  -خاپا بولمىسلا،باياتىن ئىشەكنى باغلايدىغان جاي تاپالماي يۈرسەم داھىي ماۋزىدۇڭنىڭ ھەيكىلىدىن،ئەكەل دىھقىنىم ئېشىكىڭنى مەن تۇتۇپ تۇراي،لەغمىنىڭنى يەپ چىق دىگەن سادا كەلگەنتى شۇڭا ئاغامچىنى قولىغا بېرىپ خاتىرجەم كىرىپ كەتكەنتىم......
               يۇمۇر تۈگىشى بىلەنلا كۈلكە ئاۋازى كۆتۈرۈلدى،ئەگىشىپ ئايال خوجايىننىڭ سەت ئاۋازى ئاڭلاندى:
-ئوھوش، قوپىشە ماندا يۇمۇرىڭنى باشقا يەرگە بېرىپ ئېيتىشە،ئادەمنى جان ساقلىغىلى قويۇپ..............

ھەۋەسكار مۇنبىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەسمەتۇللاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى 11:30  


Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى 21:04:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانى نەدىن تاپقانلا  دەيمەن ئارسىلانبەگ

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى 09:00:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتۇرچەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى 21:04
مانى نەدىن تاپقانلا  دەيمەن ئارسىلانبەگ

ئى بىژژدە مۇشۇ تۇغرىلىق گەپ بۇلاۋېتىپتىكەن قايسا ، ئەشەدىنلا ئوغۇرلاپ كەلدىم ئەمەسما .

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى 10:27:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسمەتۇللاھ يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى 09:00
ئى بىژژدە مۇشۇ تۇغرىلىق گەپ بۇلاۋېتىپتىكەن قايسا ، ئە ...

ئەسكەرتىپ قۇيسىلا بۇلاركىن،بولمىسا يانا تاتلىق گەپ ئاڭلاپ قالارسىلەرمىكىن

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى 17:53:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىدارىدە

بىر كۈنى موتسىكىلىت ھەيدەپ دادامنىڭ ئىدارىسىغا دادامنى ئىزدپ بارسام، ئامانلىق ساقلىغۇچىلار سورىدى:

   - كىمنى ئىزدەيتىڭلار؟

   - دادامنى؟

   -قايسى ئىشخانىدا؟

- ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشخانىسى

- ئۇنداق بولسا 3- قەۋەتكە چىقىڭلار

مەن موتسىكىلىتنى ھەيدەپ دەرۋازىدىن كىرىپ بولغاندان كېيىن، ھېلىقى قوغدىغۇچى ۋارقىرىدى.

- ھەي ئادېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېش توختاڭلا

مەن موتسىكىلىتنى توختىتىپ قارىسام، ھېلىقى ئاداش دەيدۇكى: ئادېېېېېېش 3- قەۋەتكە موتو بىلەن چىققىلى بوممايدا.

شۇندىلا مەن قورۇ ئىچىگە موتسىكىلىت ئېلىپ كېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدىم.



ئاشخانىدا

بىر خېرىدار ئاشخانىغا كىرىپ كۈتكۈچىنى چاقىرىپ دەپتۇ:

-ماڭا ئاۋۋال بىر پىيالە چاي، ئاندىن بىر تەخسە پولو ئەكېلىپ بەرسىلە.

بىر ئازدىن كېيىن كۈتكۈچى پولونى كۆتۈرۈپ كەپتۇ يۇ قولىدا چاي يوق. خېرىدار چاينى بىر ئازدىن كېيىن ئەكېلىپ بېرىدىغان ئوخشايدۇ دەپ  ئويلاپ پولۇنى يېيىشكە باشلاپتۇ. پولونى يەپ تۈگتىشكە ئاز قالغاندىمۇ يەنىلا چاي كەلمىگەچكە، خېرىدارنى ھېقىق تۇتۇپ بىئارام بولۇشقا باشلاپتۇ. چىدىيالمىغان خېرىدار كۈتكۈچىنى چاقىرىپ دەپتۇ:

  ئۇكىمەي، ماۋۇ سومكام بىلەن پولوغا قايلاپ تۇرە، مەن ئۆيگە بېرىپ بىر پىيالە چاي ئەكىلەي.





ئاپتوبۇستا

ئىككى يىلنىڭ ئالدىغۇ دەيمەن، بىر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ 3- يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتماقچى بولدۇم. بىر ياش ئوغۇل بالا بېلەتچى قىزچاقنى دەپلا ئاپتوبۇسقا چىققان چېغىۋا، بېلەتچى قىزچاق بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. شوپۇر بىر قانچە قېتىم ئۇ ئىككىسىگە قاراپ قويدى يۇ گەپ قىلمىدى. پويىز ئىستانسىسىغا يېقىنراق كەلگەندە ھېلىقى ياش بالا شوپۇر ئۇستامغا دېدى:

-ئۇستام چۈشىدىغان ئادەم بار.

- شوپۇر ھېلىقى بالىغا قاراپ قويۇپ : ھامىنى چىققاندىن كېيىن، ئاخىرقى بېكەتكىچە بېرىپ چۈشمەملا؟





بېكەتتە

بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا ئاغىنەم بىلەن ئۈرۈمچى ئۈچتاش بېكەتتىن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ قەشقەرگە قايتماقچى بولدۇق. بېكەت سىرتىدا بېلەت ئالايلى دېيىشىپ «قەشقەر، قەشقەر» دەپ توۋلاۋاتقان بىر ئاكىمىزنىڭ قېشىغا بېرىپ بېلەت باھاسىنى سورىماقچى بولدۇق.

-ئاكا بېلەت قانچە پۇل؟

-230 كوي.

-قىرغىزىستانغىمۇيا؟

ھېلىقى ئاكىمىزنىڭ چىرايى ئۆڭدى. چۈنكى سىرتتىن بېلەت سېتىۋالسا كۆزنەكتىن سېتىۋالغانغا قارىغاندا ئەرزان بولىدىغانلىقىنى ھەممىزى بىلىمىز دە.



تېلېفوندا

بىر قانچە ئاغىنىلەر بىرگە تاماق يېمەكچى بولۇپ كۆكئېرىقتىكى «قەدىمىي شەھەر» ئاشخانىسىغا يىغىلىدۇق. قارىساق بىر ئاغىنىمىزگە نەچچە تېلېفون قىلساق مانا،مانا دەپ پەقەتلا كەپ بولالمىدى.ئاڭغىچە تاماقمۇ چىقىپ بولدى،  ئارىمىزدا بىرسىنىڭ ساقلاۋېرىپ بەكرەك ئاچچىقى كەلدىمىكىن ھېلىقى ئاغىنىمىزگە تېلېفون ئالدى.

-    نۇرۇللاجوووووووووووون نەدە ئادېش سىلە؟

-    خەلق باغچىسى بېكىتىگە كەلدىم.

-    جايىڭلاردا مىدىرلىماي تۇپتۇرۇڭلار بىز تاماقنى ئېلىپ شۇ يەگىلا بارىلى.


مەنبە:مىسرانىم تور بېتىدىن نىجات قۇربان

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى 12:32:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېرىدار: ساپلا سۆڭەكلىك بولۇپ كەتتىغۇ بۇ گۆش، ئۇستام سەل تەڭشەپ ساتماملا !
قاسساپ: قوي دېگەننىڭكى سۆڭىكى بولمىسا ئۆرە تۇرمايدۇ . سۆڭەكسىز گۆشنىڭ تەمى بولمايدۇ. ئېلىۋەرسىلە تەقسىر .   
باققال: قوغۇن-تاۋۇز بولاڭخۇي، لاۋزا بولسا پۇل ئالمايمەن.   
خېرىدار: ماۋۇ قوغۇنلىرى كۇس چىقتى،تاۋۇزلىرى سوپۇندەك ئاق چىقتى قانداق قىلىمىز ؟
باققال: ئەمدى قايلىسىلا، قوغۇن-تاۋۇز دېگەننىڭ ئىچىگە كىرىپ چىققىلى بولمايدىكەن. بۇنى ياندۇرساق قانداق ساتىمىز؟
:پىچىپ قوياپلا، يەۋەتسىلە، قورساق تويىدۇ، ئۇسسۇزلۇق قانىدۇ .   
خېرىدار: بۇ سەۋزە-چامغۇرلار بەك ئۇششاق ئىكەن، ئەرزانراق بەرسىلە .
ئوتياشچى: قايلىسىلا، بەش بارماق دېگەن ئوخشاش بولمايدۇ، يەرنىڭ تېگىگە باش ئالىدىغان نەرسىكەن، ئەمدى قانداق قىلاتتۇق، سىلىمۇ ئۆي تۇتقان، بالا چوڭ قىلىپ باققان. ھەقىچان بالىلارنىڭ كىچىكلىرىنى ھەيدەپ چىقارمايدىغانلا .   
خېرىدار: بۇ ياڭاقلىرى ساپلا سېسىق-پۈچەك چىقىپ قالدى. سىلى بەك داڭلاپ قىممەت ساتقانتىلە، بۇنى قانداق قىلارمىز؟   
گۈلە-قاقچى: ئەمدى قانداق قىلىمىز دەيلا، بىزمۇ ئالىمىز، ياڭاقلىق بېغىمىز بولمىغاندىكىن. يا خەقتىن ئالغاندا سىتىغاسېلىپ تەكشۈرۈپ ئالغىلى بولمايدىكەن. بالىلار ئىچى پۇشقاندا يەر ياكى ئويناپ تۈگىتەر .
گىلەمچى: ماڭا قارسىلا ھاجىم، ماۋۇ خوتەننىڭ گىلەملىرى، بىر-ئىككى پارچە ئېلىپ ئۆيلىرىگە سېلىۋالماملا؟ پۇلىمۇ ئانچە ئۆرە ئەمەس .
خېرىدار: ئالارمىز ئالدىرىماي، بالىلارمۇ چوڭ بولىۋاتىدۇ، تويىنى قىلىدىغان چاغدا ئالارمەن، ھازىرچە قولۇم سەل قىسقا تۇرىدۇ، تۇرۇپ تۇراي.
گىلەمچى: ھاجىم ئۆزلىرىنى كەم سۇندۇرمىسىلا، بۇ گىلەملەر ئات-تۆگىگە كەلمەيدۇ. بىرەر-ئىككى مىڭ كوي دېگەن ئۇ يەردە قويسا بۇ يەردە يوق. بۇنداق گىلەملەر ھازىر ئى مۇئەللىملەرنىڭ ئۆيىدىمۇ بار جۇمۇ !
دۇكاندار: ئەجەپ قاتتىق سودا قىلىدىكەنلا، مۇئەللىم(خانىم) ئوخشىماملا ؟   
خېرىدار: بۇ دېگەن بازار، دېگەنلىرىگە ئالساق بولامتى ئەمىسە، مۇئەللىم (خانىم) دېگەننى ئۇنداق پەس كۆرۇشمىسىلە جۇمۇ، ئوقۇتقۇچى، زىيالىيغا ئۆچ بولغاچ كۆرگەن كۈنىمىز مۇشۇنچىلىك.
دۇكاندار : كادىر خەق دېگەنغىغۇ گەپ تېپىپ بەرگىلى بولمايتتى...   
ئاشخانا مۇلازىمى: ئاكىلار، لەغمەننى پۈتۈن ئەكىلەيمۇ-يېرىممۇ؟
شەھەرلىك مېھمانلار: ئۇكام بىزنى سەھرالىق كۆرۈپ قالمىغانلا، لەغمەننى پۈتۈن يەيدىغان؟ ئىككىمىزگە يېرىمدىن ئىككى ئاش، ئاش چىققۇچە بىر چىنىدىن سۆنتەڭ(لازا-ئاچچىقسۇ ۋە ئازراق قورۇما سۈيى قوشۇلغان ئاش سۈيى) ئەكەلسىلە .
ئاشخانا مۇلازىمى: (ياندىكى ئۈستەلدىكى يېزىلىق مېھمانلارغا) ھەر قايسىلىرىغىمۇ يېرىمدىن ئاش ئەكىلەمدىمەن؟
يېزىلىق مېھمانلار: يوقسۇ، ئاشنى پۈتۈن ئەكىلىۋېرىڭ، بىز شەھەرلىك ئەمەس، ئاشنى يېرىم يەپ، قورساقنىڭ چالىسىنى مەنتەڭ بىلەن تولدۇرىدىغان .
يولۇچى : بۇ جوڭبا ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس تاماققا توختىغاندەك ھەر دوقمۇشتا بىر ئاش پىشىم توختاپ تۇرىۋالىدىكەن، قانداق گەپ-بۇ؟
شوپۇر: ۋاقىت توشقاندا، ئادەم تولغاندا ماڭىمىز. ئىشلىرى ئالدىراش بولسا تاكسىغا چىقسىلا، توختىماي چېپىپ تېز يەتكۈزۈپ قويىدۇ .
   
جوڭبا شوپۇرى: ۋە تاكسىچى، ماشىناڭنى بىر يانغا تارتمامسەن، جوڭبانى ئۆتكۈزىۋالاي.   
تاكسى شوپۇرى: نەگە تارتىمەن؟ بۇ يولنى جوڭباغا مولاپ بەرمىگەن بولغىيتتى، سەن ئادەم توشۇۋاتقان بولساڭ مەنمۇ ئادەم توشۇۋاتىمەن، ئالدىمدىكى ماشىنىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
شوپۇر: ۋە ئادىشاۋوي، ھارۋاڭنى تارتمامسەن، ماشىنامنى ئۆتكۈزىۋالاي، مىڭ قېتىم سېگىنال بەرسەم خىيالىڭغا كەلمەي تۇرىسەنغۇ؟   
ھارۋىكەش: نەگە تارتىمەن، يولنىڭ ھېچ يېرى بىكار بولمىسا، يوغان نەرسەڭ باركەن، ئالدىرىساڭ ئۇچۇپ ئۆت!
شوپۇر: ھەي پوجاڭ تۇماق سەھرالىق، بۇ دېگەن ماشىنا يولى، بازارغا كىرگەندە ھارۋاڭنى دەڭگە قويۇپ كىرسەڭ بولمامدۇ؟   
ھارۋىكەش: بۇ ھارۋىدا ھەر قايسىلىرىدەك شەھەرلىك غوجاملارغا ئەكىرگەن ئوتياش-چۆنەك، قوغۇن-تاۋۇز، ئۆرۈك-شاپتۇل بار ئىدى. بازارغا يەتكۈزىۋالساق بولدى. دېھقان بازارغا بىر نەرسە ئەكىرمىسە ئاچ قېلىشالا ھەقىچان!شوپۇر: قۇلىقىڭغا بىر نېمە كىرىپ قالدىمۇ؟ نەچچە قېتىم سېگىنال بەرسەم نېمانداق ماشىنامغا يول بەرمەيسەن، ئۆلۈكىڭنى ساتاي دەمسەن ، لاي سۇ ئىچكەن سەھرالىق .   
پىيادە يولۇچى: ۋە گۇي، ماشىنام بار دەپ يوغان سۆزلىمە، بۇ دېگەن بازار يولى، ھەممىمىز ماڭىمىز، يامان بولساڭ بېسىۋەت، تويدۇم ھېچنېمىسى يوق بۇ جاندىن. كابىنكىغا چىقىۋالساڭ يولدىكى ئادەم قۇرت-قوڭغۇزدەك كۆرۈنۈۋاتامدۇ، شەيتىنىڭ كىچىك كۆرسەتمىسۇن، بىزمۇ ئادەم، دېھقان دېگەن يەرنىڭ جېنى جۇمۇ، چىدىمىساڭ چۈشۈپ ھەيدە سىيالكاڭنى ....

ئارزۇيۇم مۇنبىرى

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى 14:28:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 8Rank: 8

توردا
813 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1385

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى 16:11:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇكىرىم ئابلىز ئەسلى ناخشا ئېيىتسا، ناخشىچىلار ئېتوت ئوينىسا بولاتتىكەن.

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 10:18 , Processed in 0.072746 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش